





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
ئىبنى ماجە، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانبىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى". پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ بۇ سۆزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: مەخلۇقنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا جۈملە "ۋ" ھەرىپى بىلەن ئۇلانسا كېچىك شېرىك بولىدىغانلىقىنى، مۇسۇلماننىڭ بۇنداق سۆزنى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئۇ كىشىنى يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگەن ھەق سۆزگە باشلاپ قويدى، ئاللاھ خالاشتا يەككە-يىگانە بولۇپ، (جۈملىدە ئالدىنقى جۈملىگە نىسبەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئۇلاشنىڭ قايسى تۈرلىرىدىن بىر تۈر بىلەن) بىر كىشىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بىر ئورۇندا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىغا سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: «ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلايدىغان تاكچىنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولغان بىر رەخت بىلەن پەردە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانلىقىدىن چېرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: قىيامەت كۈنىدە بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».
بۇرەيدە ئەلئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى گۇرۇپقا ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچراشساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۆمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى «ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلراق. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى بۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىرەر قوشۇن ئەۋەتسە ئۇلارغا بىرىلىكىنى ساقلايدىغان ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان بىرسىنى باشلىق قىلاتتى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە دۈشمەن بىلەن ئۈچراشقاندا نېمە قلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇراتتى، غەنىمەتلەردىن ئوقۇرلىماسلىق، خىيانەت قىلماسلىق، قىساس ئالماسلىق ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان كىچىك، ئاجىز، ئايال، قېرىلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيتتى. مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنى، ئىلگىركى مۇھاجىرلارغا قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، دېدى. ئەگەر ئۇلار ھىجرەت قىلىشتىن باش تارىتسا، قىشلاقلاردىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلاردىن جىزيە ئېلىشنى، ئەگەردە جىزيەنىمۇ بېرىشنى رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بىرەر قورغاننى مۇھاسىرىگە ئالغاندا مۇشرىكلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەسلىكنى، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەكىتلىدى، چۈنكى «ئارىدىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزلىرى بەرگەن ئامانلىقنى بۇزسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بىتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ ھۆكۈم قىلماسلىققا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى توغرا تاپالماسلىقى مۈمكىن، بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرى چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: دادىسى ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقا بىر ئادەمنى "بۇ مېنىڭ دادام" دەپ دەۋا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭكى دەپ دەۋا قىلغان كىشى بىزدىن (يەنى مۇسۇلمانلارىدىن) ئەمەس، ئۇنداق كىشى جەھەننەمدىن ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلاپ قويسۇن!، كىمكى باشقا بىرىنى "كاپىر" ياكى "ئاللاھنىڭ دۈشمىنى" دېسە، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەم ئۇنداق بولمىسا، بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە بۇ ئۈچ ئىشنىڭ قايسى بىرىنى قىلغان كىشىگە قاتتىق تەھدىت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن، ئۇ ئۈچ ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلغان كىشىنىڭ ھالى نېمە بولا؟، بىرىنچىسى: ئۆز دادىسىنى بىلىدىغان، نەسەبى ئېنىق تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىپ، بىلمەسكە سېلىپ دادىسىدىن باشقا بىر كىشىنى دادام دېيىش ياكى قەبىلىسىدىن تېنىپ يات بىر قەبىلىگە قېتىلىۋېلىش، ئىككىنچىسى: ئۆزىنىڭ بولمىغان بىر نەسەبنى، مال-مۈلۈكنى، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى، بىلمىگەن ئىلىم-مەرىپەتنى، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن ئۆزىدە يوق سۈپەت ۋە قابىلىيەتلەرنى يالغانچىلىق قىلىپ داۋا قىلىۋالسا، بۇ كىشىنىڭ ئازابى ناھايىتى قاتتىقتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ بۇ ئادەمدىن ئادا-جۇدا بولغان ۋە ئۇ دوزاخ ئەھلى بولغانلىقتىن ئۇنى دوزاختىن بىر ماكان تاللىۋېلىشىغا بۇيرۇغان. ئۈچىنچىسى: بىگۇناھ بىر كىشىنىكاپىر، يەھۇدى، ناسارا ياكى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دەپ تۆھمەت قىلىش. بۇنداق قىلمىشلار ۋە سۆزلەر سۈپەتلىگەن كىشىدە بولمىسا ئۆزىگە قايتىدۇ، چۈنكى ئۇ يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن يىراق بىر مۇسۇلماندىن بۇ سۈپەتلەرگە ئەڭ ھەقلىق
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەۋلادى مېنى يالغانغا چېقىرىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، مېنى دەشنام قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش ئۇنىڭغا لايىق ئەمەستى، ئادەم ئەۋلادىنىڭ مېنى يالغانغا چىقىرىشى ئۇنىڭ: ئاللاھ تائالا مەن ئۆلگەندىن كېيىن مېنى دەسلەپتە پەيدا قىلغاندەك تىرگۈزەلمەيدۇ دېگەن سۆزى، ئۇنى قايتىدىن تېرگۈزۈش دەسلەپتە پەيدا قىلىشتىن ئاسان ئەمەسمۇ؟. ئادەم ئەۋلادىنىڭ ماڭا دەشنەم قىلىشى بولسا ئۇنىڭ: ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيىشىدۇر، مەن يەككە-يىگانە، ھەممە ماڭا ئېھتىياجلىق، مەن بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، ھېچ كىشى ماڭا تەڭداش بولالمايدۇ».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشرىكلار ۋە كاپىرلار توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلىقى، ئاللاھنى ناقىس، ئەيىپلىك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنداق قىلىشنىڭ ئۇلارغا لايىق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانى يالغانغا چېقىرىشى: ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دەسلەپتە يوقلۇقتىن پەيدا قىلغاندەك ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى زات ئۇلارنى ئۆلگەندىن كىيىن قايتىدىن تىرگۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، بەلكى بۇ ئاۋۋالقىسىدىن ئاساندۇر، ئاللاھ تائالاغا نىسبەتەن يېڭىدىن پەيدا قىلىش ۋە ئۆلگەندىن كېيىن قايتىدىن تېرگۈزۈش ئىشى ئوخشاش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا دەشنام قىلىشى: ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىم، سۈپەت، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە يەككە-يىگانە، ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ھېچ كىشىگە ئېھتىياجلىق بولمايدىغانلىقى، ھەممىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، ئاللاھ بىر كىشىنىڭ ئاتىسى بولمىغانلىقىنى، ھېچ بىر كىشىنىڭمۇ بالىسى بولمىغانلىقىنى، ئوخشاشلىقتا، باراۋەرلىكتە ھېچ كىشىنىڭ ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كۇرسى دېگەن ئىككى پۇتنى قويۇدىغان ئورۇندۇر. ئەرىشنىڭ بۈيۇكلىكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ
ئىبنى خۇزەيمە"تەۋھىد" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ"سۈننەت"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكۇرسى دېگەن ئىككى پۇتنى قويۇدىغان ئورۇندۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ئۆزىگە نىسبەت بەرگەن كۇرسى بولسا، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورنىدۇر. كۇرسى توغرىسىدا ئىبنى ئابباس بايان قىلغان بۇ مەنادىكى ئەسەر، ئەھلى سۈننەنىڭ ئىچىدىكى مەشھۇر ۋە ئىلگىكىلەردىن ساقلىنىپ كەلگەن مەنادۇر. ئەمما ئۇنىڭدىن: كۇرسىنىڭ مەناسى ئىلىم، دەپ كەلگەن رىۋايەت بولسا، ئىلگىكىلەردىن ساقلىنىپ كەلمىگەن. شۇنىڭدەك، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان: كۇرسى دېگەن ئەرشىنىڭ ئۆزىدۇر، دېگەن گەپمۇ ئاجىز ۋە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەھىھ بولمىغان گەپتۇر.«ئەرشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم مۆلچەرلىيەلمەيدۇ» يەنى: ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۆزى لايىق رەۋىشتە قارار ئالغان ئەرش ناھايىتى كاتتا مەخلۇقتۇر، ئەمما ئۇنىڭ ھەجمىنىڭ مىقدارى ۋە ئۇنىڭ كەڭرىلىكىنى بولسا، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمنى دۈشمەن تۇتىسا مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئىلان قىلىمەن، بەندەم مەن پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ، بەندەم ماڭا نەپلە ئىبادەت بىلەن يېقىنلىشىۋەرسە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى بولىمەن، كۆرىدىغان كۆزى بولىمەن، تۇتىدىغان قولى بولىمەن، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئەگەر مەندىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا بېرىمەن، مەندىن پاناھلىق سورىسا ئۇنىڭغا پاناھلىق بېرىمەن، ھىچ ئىشىمدا مۇئمىننىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، ئۇ ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، مەن رەنجىتىشنى خالىمايمەن» دېدى.
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ: «كىم مېنىڭ يىقىن بەندەمگە ئەزىيەت بەرسە، دۈشمەن تۇتىسا، ئۆچ كۆرسە، مەنمۇ ئۇ كىشىنى ئۆچ كۆرىمەن، ئۇنى دۈشمەن تۇتىمەن ۋە ئۇرۇش ئىلان قىلىمەن. ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىسى دېگەن: تەقۋادار مۇئمىن كىشىدۇر، بەندە ئۆزىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن ئاللاھقا بولغان يېقىنلىق نەسىبىسىنى ئالىدۇ. مۇسۇلمان ئۆز رەببىگە ئۇ پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتتىنمۇ ياخشىراق بىر ئىش بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە تائەت-ئىبادەتلەرنى قىلىپ، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن قول ئۇزۇشنى ۋاجىپ قىلدى، مۇسۇلمان پەرز ئەمەللەر بىلەن بىرگە نەپلە ئەمەللەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق رەببىگە يېقىنلىشىدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ كىشىنىڭ تۆت ئەزاسىنى توغرا يولدا قوللىنىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ: ئۇنىڭ ئاڭلاش ئەزاسىنى توغرىلايدۇ، پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان نەرسىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ كۆزىنى توغرىلايدۇ، ئۇ كىشى پەقەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان نەرسىگە قارايدۇ. قولىنى توغرىلايدۇ، قولى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدۇ. پۇتىنى توغرىلايدۇ، پۇتى بىلەن پەقەت ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە ياخشىلىق بولغان يوللاردا ماڭىدۇ. مۇشۇنىڭ بىلەن ئاللاھدىن بىر نەرسە سورىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە سورىغىنىنى بېرىدۇ، دۇئا قىلسا دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ، ئەگەر ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىسە، ئاللاھنىڭ ھىمايىسىنى ئىزدەپ ئىلتىجا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى پاناھلىقىغا ئالىدۇ، ئەندىشە قىلغان ئىشلاردىن ھىمايە قىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھىچ ئىشىمدا مۇئمىنگە رەھمەت قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغاندا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمىدىم، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمدە دەرت-ئەلەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۆچ كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇئمىننىڭ دەرت تارتىشىنى ياقتۇرمايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ»، بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگەنگە قەدەر، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ،- دېدى. بەزىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ! تۆگىنىڭچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تۆگىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىكتە تۆگىلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىنىدۇ، تۆگىلەر ئەڭ تولۇق ھالەتتە، بىر بوتىلاقنىمۇ يوقىتىپ قويماستىن، ئۇ كىشىنى دەسسەپ ۋە چىشلەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان تۆگىلەر چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى تۆگىلەرگە قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. تۆگىنى سۇغارغان كۈنى ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ مۇھتاجلارغا بېرىشمۇ تۆگىسى بار كىشىنىڭ ئادا قىلىشىغا تېگىشلىك ھەقتۇر، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! كالا ۋە قويلارچۇ؟ ـ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: كالا ۋە قوينىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ كىشى بارلىق كالا ـ قويلانىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىلىدۇ، ئۇ كالا ۋە قويلار بىرسىمۇ كەم بولمايدۇ، ئىچىدە مۈڭگۈزى ئەگرى ياكى مۈڭگۈزى يوق ۋە ياكى مۈڭگۈزى سۇنۇقلىرى تېپىلمايدۇ، كالا ۋە قويلار ئۇ كىشىنى مۈڭگۈزلىرى بىلەن ئۈسۈپ، تۇياقلىرى بىلەن دەسسەپ ئۆتىدۇ، بېشىدا ئۆتۈپ بولغان كالا–قويلار چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى كالا–قويلارغا قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتچۇ؟ ـ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئات ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. بىرسى ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىگە ئەجىر ئېلىپ كېلىدۇ. گۇناھ ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باقىدۇ. بۇنداق ئات ئۆز ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ. ھاجەتتىن چىقىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن باقىدۇ ھەمدە ئۇ ئاتنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بۇنداق ئات ئىگىسىنىڭ گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. ئەجىر ئېلىپ كېلىدىغان ئاتنى ئىگىسى ئىسلام ئەھلى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئاتىۋېتىدۇ. ئۇ ئات ئوتلاقلاردا قانچىلىك ئوت-چۆپ يېسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. قانچىلىك تېزەكلىسە ياكى قانچىلىك سىيسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. ھەتتا باغلاقلىق يېرىدىن ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن-بۇ دۆڭگە چىپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ تائالا كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ئات ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، ئېتىنى سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ تائالا ئەجىر بېرىدۇ، ـ دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئېشەكلەرچۇ؟ دەپ سوراشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ماڭا ئېشەكلەر توغرىسىدا بۇ مول مەزمۇنلۇق ئايەتتىن باشقا ئايرىم ۋەھيى چۈشمىدى، دېگەن: «كىمىكى زەررە چاغلىق ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ ئەجرىنى كۆرىدۇ، كىمىكى زەررە چاغلىق يامانلىق قىلسا ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» ئايەت
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئالتۇن ياكى كۈمۈشكە ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ زاكىتىنى بەرمەيدىكەن، قىيامەت كۈنى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، ئۇ كىشى جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، بىر كۈنى ئەللىك مىڭ يىلغا توغرا كېلىدىغان شۇ كۈنلەردە، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن لېگەنلەر ياسىلىپ، جەھەننەم ئوتلىرى بىلەن قىزىتىلىپ، ئۇ كىشىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ، لېگەنلەر سوۋۇپ قالسا، قايتا قىزىتىلىپ تۇرىدۇ. ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرگە ھەر قانداق ئەھۋالدا زاكات كېلىدۇ. ئەگەر زاكاتنى بەرمىسە ئۇ كىشىنىڭ جازاسى يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ بايان قىلغان شەكىلدە بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: تۆگىنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ شۇنداق، دېگەن، تۆگىسى بار كىشى ئاللاھ تائالا ۋاجىپ قىلغان زاكاتنى ۋە تۆگىنى سۇغارغان كۈنى ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىپ مۇھتاجلارغا بېرىشتەك ھەقلەرنى ئادا قىلمايدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىككە تاشلىنىدۇ. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدسىتە: تۆگىلەر ئۇ كۈندە شۇ قەدەر چوڭكى، ئىگىسىنى دەسسەپ ئازابلاشتا ئېغىر ۋە كۈشلۈك بولۇپ پەيدا بولىدۇ. بېشىدا ئۆتۈپ بولغان تۆگىلەر چۆگىلەپ كېلىپ، ئارقىدىكى تۆگىلەرگە قوشۇلۇپ، توختىماستىن ئايلىنىپ دەسسەپ تۇرىدۇ. بۇ ئىبارىنىڭ مەنىسى: بۇ كىشى بەندىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ، جەننەت ياكى دوزاخقا بولغان يولىنى كۆرگۈچە، ئەللىك مىڭ يىل ئىزچىل ئازابلىنىدۇ،- دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! كالا ۋە قويلارچۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: كالا ۋە قوينىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىمۇ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشى بارلىق كالا-قويلانىڭ ئالدىغا كەڭ كەتكەن بىر تۈزلەڭلىككە تاشلاپ بېرىلىدۇ، كالا، قوي ھەققىنى ئادا قىلمىغان كىشىگە تۆگىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان كىشىگە دېيىلگەن گەپلەر دېيىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئازابلاش ئېغىر بولۇش ئۈچۈن كالا-قويلار تولۇق مۈڭگۈزلۈك بولىدۇ،- دېدى. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتچۇ؟ دەپ سوراشتى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم: ئات ئۈچ تۈرلۈك بۆلىدۇ، بىرسى ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ، يەنە بىرسى ئىگىسىگە ئەجىر ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. ئاندىن بۇ ئۈچ تۈرنى بايان قىلىپ بەردى. بىرىنچى تۈرى: گۇناھ ئېلىپ كېلىدىغان ئات، ئۇنى ئىگىسى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باقىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئات ئۆز ئىگىسىگە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشى ئاتنى پەخىرلىنىش، رىيا قىلىش ۋە ياكى ئىسلام ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن باققان، قىيامەت كۈنى بۇ كىشىگە ئېغىر گۇناھ بولىدۇ. ئەمما ئىككىنچى تۈرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۇ بولسىمۇ ھاجەتتىن چىقىدىغان ئات، ئىگىسى ئۇنى ئاللاھ يولىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلىغان، ھەمدە ئۇ ئاتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يەنى بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئات بېقىپ، ئۇنىڭ بالىسى ۋە سۈتلىرىدىن پايدىلانسا، يۈك ئارتسا، كىراغا ئىشلەتسە ۋە شۇ ئىشلار ئارقىلىق كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىمىسا، يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بولسا بۇنداق ئات ئىگىسىنى پېقىرلىقتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك بىر نەرسىسى بار تۇرۇپ، يەنە كىشىلەردىن خەيىر-ئىھسان تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر. «ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ھەقلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئاتنى ئاللاھ يولىدا مىنسە، ھاجىتى چۈشكەندە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتماي لايىقىدا يۈك ئارتىپ ماڭسا، ئاتنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ھەر تۈرلۈك تەھلىكىدىن ساقلىسا، ئات بۇ كىشىنى پېقىرلىقتىن ساقلايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۈچىنچى تۈرىنى مۇنداق بايان قىلغان: ئەجىر ئېلىپ كېلىدىغان ئات: ئۇنى ئىگىسى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يايلاققا باغلىغان بولۇپ، ئۇ ئات يايلاقلاردا قانچىلىك ئوت-چۆپ يېسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. قانچىلىك تېزەكلىسە ياكى قانچىلىك سىيسە، ئىگىسىگە شۇنچىلىك ئەجىر بولىدۇ. ھەتتا ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن بۇ دۆڭگە چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ كۆپ ئەجىر بېرىدۇ. ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ، دېدى. يۇقارقى سۆزنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد ئۈچۈن تەييارلىغان، مەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسى جىھاد قىلسۇن ياكى ئۇ ئات بىلەن باشقىلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ئاتىۋەتسۇن، ئۇنىڭغىمۇ ئاللاھ تائالا ئوخشاشلا ئەجىر بېرىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ: كىمىكى مۇجاھىدنى قۇراللاندۇرسا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، دېگەن. بۇ كىشى ئېتىنى جىھاد ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان بولغاچقا، ئاتنىڭ يېگەن، ئىچكەن، تىزەكلىگەن ۋە سىيگەن ھەر بىر ئىشىگە ئاللاھ تائالا ئەجىر-ساۋاب يازىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ تائالا ھېچبىر بەندىسىگە زۇلۇم قىلمايدۇ» دېگەن. «ھەتتا ئارغامچىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇ دۆڭدىن بۇ دۆڭگە چېپىپ يۈرگەن چاغلىرىدىكى ھەر بىر ئىزىغا ۋە ھەر بىر تېزىكىگە ئاللاھ كۆپ ئەجىر بېرىدۇ» يەنى بىر ئورۇندا ئوتلاش ئۈچۈن ۋە قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باغلاپ قويۇلغان ئارقاننى ئۈزۈپ يىراق ئورۇنلارغا ئوتلاش ئۈچۈن كەتكەن بولسا ئاللاھ تائالا ئات ئىگىسىگە ھەر بىر ئىزى، تىزىگى ۋە سۈيدۈكىنىڭ سانىنىڭ مىقدارىدا ئەجىر بېرىدۇ. «ئىگىسىنىڭ ئاتنى سۇغۇرۇش نىيىتى يوق تۇرۇپمۇ، سۇ بويىدىن ئۆتكۈزىۋاتقاندا، ئات ئۆزى ئىچىۋالغان سۈيىگىمۇ ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ» يەنى ئ دەريا ياكى ئېرىقلاردىن ئىگىسى سۇغۇرۇشنى نىيەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئات ئۆزى سۇ ئىچىۋالسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئەجىر بېرىدۇ. چۈنكى بۇ كىشى ئىلگىرى ئېتىنى ئاللاھ يولىدا، دەپ نىيەت قىلغان، نىيەتنى ھەر بىر ئىشتا ئايرىم-ئايرىم قايتىلاش زۆرۈل، شەرىت ئەمەس. بۇ كىشى ئۆيدىن چىققاندا باشقا ئىشقا نىيەت قىلمىغانلا بولسا ئىلگىرى قىلغان نىيىتى ھىساب بولىدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! ئېشەكلەرچۇ؟ دەپ سوراشتى. يەنى ئېشەكلەرنىڭ ھۆكمى يۇقارقى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ھايۋانلار ھۆكمىدە بولامدۇ ياكى ئاتنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ، دەپ سورىغاندا. رەسۇلۇللاھ: ماڭا ئېشەك ھەققىدە بۇ مول مەزمۇنلۇق ئايەتتىن باشقا ئايەت نازىل بولمىدى، دېگەن. «كىمىكى زەررەچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمىكى زەررەچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغان. يەنى ئېشەك ھەققىدە ئوچۇق بىر ئايەت نازىل بولمىدى، لىكىن بۇ ئايەت ھەممە ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايەت، دېگەن. ھەقىقەتەن بۇ ئايەت بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى ئەڭ ئەرزىمەس، زەررىچىلىك نەرسىگە ئىنسان جازالانسا ياكى مۇكاپات بېرىلسە ئۇنىڭدىن كاتتا ۋە چوڭ بولغان ئىشلاردا ئەلۋەتتە جازا-مۇكاپات ئېغىر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇ قىيامەت كۈنىدە ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى، يامان ئىشلىرى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ئايان بولىدۇ، ئۇلار ئۆزى بىلەن قىلغان يامان ئىشلىرى ئارىسىدا مەشرىق بىلەن مەغرىبنىڭ ئارىسىدەك ئۇزۇن مۇساپە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» ئال ئىمران سۈرىسى 30- ئايەت
ئۇقبە ئىبنى ئامىر ئەل جۇھەنەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر توپ كىشىلەر كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بۇ كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ كىشى بوينىغا تۇمار ئېسىۋاپتۇ» دېدى، ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:«كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».
ئەھمەد رىۋايىتىئون كىشىلىك بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىدىن ئىسلامغا ۋە ھەقكە ئەگىشىش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى، ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بوينىدا تۇمار بار ئىكەن دېدى، تۇمار دېگەن: كۆز تېگىش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوينىغا ئېسىۋالىدىغان تېرىدىن قاپلانغان ياكى يىپكە تېزىلغان كۆز مۇنچاق دېگەندەك نەرسىلەر. ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە تۇمار ئېسىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».