





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، جىنلار ئوتنىڭ يالقۇنىدىن يارىتىلغان، ئادەم بولسا سىلەرگە سۈپەتلەپ بېرىلگەن نەرسىدىن«يەنى لايدىن» يارىتىلغان
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە مەخلۇقاتلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان ۋە چوڭچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما جىن بولسا ئوتتىن يارتىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تەنتەك، بۇزغۇنچى ۋە تاجاۋۇزچى دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقى، ئادەم بولسا سىلەرگە بايان قىلىنغاندەك، چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن يارتىلغان. چۈنكى توپا لايغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن ساپال بولىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام يۇقىرىدىكى سۈپەتلىك لايدىن يارىتىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئۇلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، تۇققاندارچىلىق ئورنىدىن تۇرۇپ راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى. رەھىم: مەن سىلى بىلەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دىدى، ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېدى، تۇققانچىلىق: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، ئى پەرۋەردىگارىم! دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئەگەر خالىساڭلار: «سىلەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟» دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار، دېدى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ: تۇققانچىلىق قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، ئۇنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىمەن، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن» يەنى بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارتىپ ئاياغلاشقاندا دېگەن سۆزى ئۇ ئىشنىڭ چەكلىك ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى چەكسىز، بىر ئىش يەنە بىر ئىشتىن ئۇنى توسۇپ قالالمىسىمۇ، بىراق ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات بۇ ۋەقەلىك ئۈچۈن بىر ۋاقىت تاللىغان، دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى ئۆز خاھىشىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە، قايسى ۋاقىتتا نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. «يارتىپ بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزدىن ھەممە نەرسىنى يارتىپ بولدى، دېگەنلىك چىقمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرى ئىزچىل بارلىققا كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى، تەقدىر قىلىشى، لەۋھۇل مەھپۇزدا پۇتىشى ئىلگىرى ئۆتكەن. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى ئاساسىدا ئۇ بارلىققا كەلگەن. ھەر قانداق نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە بولىدۇ، ئاندىن تەقدىر قىلىنىدۇ ۋە لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلىدۇ، ئاندىن خاھىشى بولغاندا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. «رەھىم راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى» تۇققانچىلىق گەرچە مەنىۋى نەرسى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مەنسۇپ تۇرۇش، سۆزلەشلەر ھەقىقەت مەنىسىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئىنساننىڭ ئەقلى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۈر قىلماي سۆز مەنىسىگە قاراپ چۈشۈنۈش كېرەك، مەنالىرىنى بۇرمىلاشنى ئالىملار رەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەدىستىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار كېيىدىغاندەك پاختا، تېرە ۋە باشقا نەرسىلەردىن تىكىلگەن كېيىمى بار، دېگەن مەنالار چىقمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھېچ شەيئى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئەمەستۇر». يەنە سىلە-رەھىم: «مەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دېدى» بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئورۇندۇر، پاناھ تىلىگۈچى ئەڭ بۈيۈك ئورۇندا پاناھ تىلىگەن، يۇقارقى ئىبارىلەر سىلە-رەھىمىنى ئۇلاپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. سىلە-رەھىمىنى ئۈزۈپ قويۇش: قىلىۋاتقان ياخشىلىقلارنى ئۈزۈش دېگەن مەنىدە. سىلە-رەھىمىنى ئۇلاش: ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىھرىبانلىق قىلىش، يېقىن تۇرۇش، قېيىنچىلىقلاردا ياردەم بېرىش، بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ۋە ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۋېتىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلاردا ئۇلارنى يېتەكلەشتەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېگەندە، رەھىم: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى» كىمىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا رەھمىتىنى چۈشۈرگەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ، شەكسىزكى ئاخىرەتتە پىردەۋىس جەننىتىدىن پەرۋەردىگارىغا يېقىن بىر ئورۇندىن ئورۇن ئالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن جەننەتتە ئاخىرلىشىدۇ. كىمىكى سىلە-رەھىمىنى ئۈزسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن رەھمىتىنى ئۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رەھمىتىنى ئۈزگەن كىشى بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولۇپ، قوغلاندى قىلىنغان شەيتان بىلەن بىللە بولىدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدىغان چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ، بەزىلەر بەدىنىگە تىكەن سۈركەشكەن ھالدا سالامەت ئۆتىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۆمىنلەر دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار: ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ بەندىلىرىدىن دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ. مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىدا كۆيدۈرگىلى تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. يەنى ئۆت بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىگىچە، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ، ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھاياتلىق سۈيى دېگەن نېمە؟دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ يۇيۇنغان سۇلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇ سۇدىن زىرائەت كۆكلىگەندەك قايتىدىن كۆكلەيدۇ»دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «جىلغا ئەتراپىدا زىرائەتلەر ئۈنگەندەك كۆكلەيدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ».ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانقىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك بەرپا قىلىدۇ، كۆۋرۈك ئەتراپىدا قاتتىق تىكەنلەر بولۇپ، كىشىلەرنى ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە بۇيرۇيدۇ، بەزىلەر دوزاخقا چۈشۈپ كەتمەستىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ تېرىسىنى تىكەن سۈرىۋەتسىمۇ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن ھېساب ئېلىپ جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلىنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ بولغاندا، مۆمىنلەر جەننەتتە دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ: دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى جەننەتتە تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى بويىچە كۆيدۈرگىلى تۇرغان ئىكەن، يەنى بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىنى، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ. مۆمىنلەر ئۇلارغا شاپائەت قىلىپ ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ئۇ سۇغا چۆمۈلگەن كىشى خۇددى جىلغا ئەتراپىغا ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەردەك قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ». ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن، ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى بىلەن، ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى. رىۋايەت قىلغۇچىغا: مۇشۇنچىلىكمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ھەئە، بۇ دۇئانى قىلسا، شەيتان: «ئۇ قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېدى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدكە كىرگەندە: «ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى، يەنى: سۈپەت، ئەھۋال، زاتىدا ئۇلۇغ بولغان ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىمەن، ئۇنىڭ بىلەن پاناھ تىلەيمەن ۋە قوغدىنىمەن، دەيتتى. «ئۇنىڭ ئېسىل يۈزى» دېگەن، نېمىتى تۈگىمەس سىخى، چەكسىز ئېسىل دېگەن مەنىدە. «ئېسىل» دېگەن سۆزمۇ ياخشىلىق، پەزىلەت ۋە ئالىجانابلىقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [يۈز» دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئۆزگەرتمەي، بىكار قىلماي ۋە ئوخشاتماي ئىسپاتلاش كېرەك. «ئەبەدىي پادىشاھلىقى بىلەن قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن» يەنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەزەلى پاكىت-ھۆججىتى ياكى قەدىمى ھۆكۈمرانلىقى دېگەن مەنىدە. «قوغلاندى شەيتاندىن» ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغان، ئاقار يۇلتۇزلار بىلەن سوقۇلغان شەيتاندىن دېگەن مەنىدە. «مۇشۇنچىلىكمۇ؟، ھەئە» رىۋايەتچىلەردىن بىرى شەيخىدىن: «ساڭا بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇنچىلىك قىسمى يەتتىمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: ھەئە، دېدى. ياكى بۇ سۆزدىن، شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن بۇ زىكىرلەر يېتەرلىكمۇ ياكى بولمىسا باشقا زىكىرلەرمۇ بارمۇ؟ دېمەكچى بولىشىمۇ مومكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رىۋايەتچى: ھەئە، دېدى، ۋە: «مەسجىدكە كىرگەن كىشى بۇ دۇئانى ئوقۇسا، شەيتان: «بۇ كىرگۈچى قالغان كۈنىدە مېنىڭ يامانلىقىمدىن ھىمايە قىلىندى» دەيدۇ، دېگەن
مۇغىرە ئىبنى شۇئبىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، سەئىد ئىبنى ئۇبادە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مەن ئايالىم بىلەن بىر ئەر كىشىنى بىنورمال ھالەتتە كۆرۈپ قالسام، كەچۈرمەستىن قىلىچ بىلەن كاللىسىنى ئېلىۋېتىمەن دېگەن خەۋەر رەسۇلۇللاھقا يەتكەندە، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر سەئىدنىڭ كۈنلۈكچىلكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر! ئاللاھغا قەسەمكى، مەن سەئىدكە قارىغاندا بەك كۈنلەيمەن، ئاللاھ مەندىنمۇ بەك كۈنلەيدۇ. ئاللاھ كۈنلىگەنلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا-يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. ئاللاھتەك ئۆزرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات مەۋجۇت ئەمەس، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئاللاھتەك ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانسەئىد ئىبنى ئۇبادە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مەن ئايالىم بىلەن بىر ئەر كىشىنى بىنورمال ھالەتتە كۆرۈپ قالسام، قىلىچنىڭ بېسى بىلەن كاللىسىنى ئېلىۋېتىمەن، يەنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەستىقلاپ، ئۆزىنىڭ سەئىدتىنمۇ كۈنلەمچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھدىنمۇ بەكرەك كۈنلەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئاللاھنىڭ كۈنلىشى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ماس كېلىدىغان خاس سۈپەتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، مەخلۇقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن؛ ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلىش، رازى بولۇش...دېگەندەك سۈپەتلىرىدە ھېچبىر مەخلۇق ئورتاق بولالمايدۇ. (يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئىسىم-سۈپەتلەردە ئۆز زاتى ئىلاھىغا لايىق رەۋىشتە سۈپەتلىنىدۇ. ئىسىم ۋە سۈپەتلەردە ھېچ ئوخشىشى يوق) شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن پاھىشە ئىشلارنى ھارام قىلغان. يەنى ئاللاھ كۈنلىگەنلىك جەھەتىدىن بەندىلىرىنى پاھىشىلەرگە يېقىنلىشىشتىن چەكلىگەن. پاھىشە دېگەن زىناغا ئوخشاش پاك قەلب ۋە ساغلام ئەقىللەردە قەبىھ تۇيۇلىدىغان ئىشلاردىن ئىبارەت. ئاشكارا: دېگەن سۆزدىن مەقسەت، ئاشكارا قىلىنغان ۋە سىرتقى ئەزالار قىلغان ئىشلار. يوشۇرۇن: دېگەندىن مەقسەت، مەخپى قىلىنغان ۋە قەلبگە تەۋە ئىشلاردۇر. «ئاللاھتىنمۇ ئۆزرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات مەۋجۇت يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن».يەنى ئىنسانلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى پەيغەمبەرلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. «ئاللاھتەك ماختاشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر زات يوق، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلغان»يەنى ئاللاھ مۇتلەق كامالەتكە ئىگە زاتتۇر، شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلار ھوزۇرلىنىدىغان بارلىق نېمەتلىرىنى سېخىلىق بىلەن ئاتا قىلغان، ئۇلار ماختىسا ئاللاھ رازى بولىدۇ. ئىنسانلار ئاللاھنى قانچىلىق ماختاپ كەتسە تېگىشلىك ھەققىنى بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنى ئۆزى مەدھىيىلىگەن، ۋە ئاللاھنى كۆپ مەدھىيىلەپ جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرىشقان بەندىلىرىگە جەننەتنى ۋەدە قىلغان، چۈنكى جەننەت نېمەتلەرنىڭ ئەڭ يۈكسىكىدۇر
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەۋىرچانراق ھىچكىم يوق. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دىسىمۇ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ۋە رېزىق بېرىپ تۇرىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاڭلىغان ئازارلارغا ئاللاھ تائالادىنمۇ سەبىرچانراق ھېچكىم يوق» يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بەك سەۋىرىچان، چۈنكى گۈزەل سۈپەتلىرىدىن بىرى «سەۋىرچان»، گۇناھكار بەندىلەرنى جازالاشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بۇ ئىسىم «الحليم» دېگەن سۈپەتنىڭ مەنىسىگە يېقىن، ئەمما بۇ سۈپىتى جازادىن ئۆتىۋېتىشتە كۈچلۈكرەك. «مۇشرىكلارنىڭ ئازالىرىغا» ئازار دېگەن سۆز تىل ئىستىمالىدا زىيان ۋە خاپىلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىدىكى نەرسىلەرگە قارىتىلغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەندىلىرى ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، دېگەن. «ئى مۇھەممەد كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ» سۈرە ئال ئىمران176-ئايەت. يەنە ھەدىس قۇدىسىيدا: « ئى بەندىلىرىم! سىلەر پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر، زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ ماڭا زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر» دەپ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بەلكى ئاللاھقا ئازار بىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. «مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېيشىدۇ، يەنى: ئادەم بالىسى ئاللاھنىڭ بالىسى بار، ئىبادەتتە شېرىكى بار دېگەندەك بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئازار بەرگەن ۋە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھ يەككە يىگانەدۇر، ئىبادەت ئۇنىڭغىلا لايىقتۇر. «ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ، رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ» يەنى ئۇلار گۇناھ قىلغان تەقدىردىمۇ ئۇلارغا نىئمىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا تىللاش ۋە ئەيىپلەش بىلەن تۇزكورلۇق قىلسىمۇ، پاك ئاللاھقا نالايىق سۈپەتلەرنى چاپلىسىمۇ، پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلسىمۇ، بۇيرۇقلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرسىمۇ، چەكلىگەن ئىشلارنى قىلسىمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارغا تېنىنى ساغلام قىلىش بىلەن، كېسەللىرىگە شىپا بېرىش بىلەن، كېچە-كۈندۈز ھەر خىل خەۋىپلەردىن ساقلاش بىلەن، ئاسمان ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بېرىش بىلەن ياخشىلىقىنى ئۈزمەيدۇ. مانا بۇ سەۋىرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئەڭ يۈقىرى چېكىدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز: «بەقىئ غەرقەد» قەبرىستانلىقىغا بىر ئادەمنى يەرلىككە قويغىلى چىقتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى، بىزمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىدە ئولتۇردۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھاسا بىلەن يەرنى جىجاپ تۇرۇپ: «ھەر بىرىڭلارنىڭ دوزاختىكى ۋە جەننەتتىكى ئورنى بېكىتىلىپ بولدى» دېدى، ساھابىلار: «ئى رەسۇلۇللاھ!، ئۇنداقتا بىز پۈتۈلگەن تەقدىرىمىزگە تايانمايلىمۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەمەل قىلىڭلار، ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈلگەن يولدا ماڭىدۇ» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابىلار بىر كىشىنىڭ مېيىتىنى يەرلىكتە قويۇش ئۈچۈن مەدىنىنىڭ قەبرىستانلىقىغا چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا بىر ھاسا بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى تۆۋەن سىلىپ، يەرنى جىجىلاپ، غەمكىن پىكىر قىلغاندەك ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ تەقدىرلىرىنى پۈتىۋەتتى، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى ۋە دوزاختىكى ئورۇنلىرىنى بېكىتىۋەتتى» دېدى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: «بەختسىز بەختسىز بولىدىغان، بەختلىك بەخىتلىك بولىدىغان، جەننەتكە كىرىدىغانلار جەننەتكە، دوزاخقا كىرىدىغانلار دوزاخقا كېرىدىغان بولۇپ تەقدىر ۋە ھۆكۈم ئىلگىرىلا بەلگىلىنىپ بولغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىمىز؟، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تەقدىرى بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەمەل قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بولىدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «ئەمەل قىلىڭلار، ئاللاھ تەقدىر قىلغان ياخشىلىق-يامانلىققا يۆلىنىۋالماي، بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە ئەمەل قىلىڭلار، جەننەت ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخمۇ ئەمەل بىلەن قولغا كېلىدۇ، دوزاخقا دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، جەننەتكە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلغانلار كىرىدۇ، ھەر بىر ئىنسانغا ئۆزىگە پۈتۈلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ، بەخىتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا سائادەتمەن كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسان قىلىدۇ، بەختسىز كىشىلەرگە ئاللاھ بەخىتسىز كىشىلەرنىڭ ئەمىلىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىراۋنىڭ ئايالىنى بۇزۇپ ياكى قۇلىنى ئالداپ ئۆزىگە قارىتىۋالسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىر ئايال بىلەن ئېرىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئايالنىڭ يېنىدا يولدىشىنىڭ ئەسكىلىكى، ئەخلاقىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئايالغا يولدىشىنى ئۆچ قىلسا، ئۇ ئايال يولدىشىغا ئېتائەت قىلماي تالاق تەلەپ قىلىش ياكى خۇلئى يولى ئارقىلىق يولدىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ياكى بىر كىشىنىڭ قۇلىنى بۇزۇپ، قۇل بىلەن بىرگە پىلان تۈزۈپ ئۇنى خوجايىنىغا بويسۇنمايدىغان ۋە ناچار مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىز ۋە پرىنسىپىمىزدا ئەمەس بەلكى ئۇلار شەيتاننىڭ قىلىقىنى قىلغۇچىلاردۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالچە كىيىم كىيىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرەنچە كىيىم كىيىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەرلەردىن ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلار شۇنىڭدەك ئاياللاردىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بىلەن لەنەت قىلىنغانلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر قايسىسىنى ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان تەبىئەت، ئالاھىدىلىك بىلەن ياراتتى. ئەرلەرنىڭ تەبىئىتى يارىتىلىش، مىجەز-خۇلۇق، كۈچ-قۇۋۋەت، دىن ۋە ئىجتىمائى ئىشلاردا ئاياللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ئاياللارمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئەرلەرگە ئوخشىمايدۇ، ھەر قانداق بىر شەخس ئەرلەرنى ئاياللارغا ياكى ئاياللارنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىلىشقا ئورۇنىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە قانۇنىغا قارشى چىققان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىش ۋە ئۇلارغا قانۇن بەلگىلەشتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زاتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تېكستتە لەنەت ئېيتىشتىن ئىبارەت بولغان قاتتىق ئازاب بايان قىلىنغان. لەنەت بولسا: ئەرنىڭ ئايالغا ۋە ئايالنىڭ ئەرگە ئوخشىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يېراق بولۇشى ۋە قوغلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ