





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇملۇقنى خىيال قىلمايتتى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېچقانداق نەرسىدىن شۇملۇق ھىس قىلمايتى. مەقسەت قىلىنغىنى جاھىليەت ئەھلىدەك بىرەر ئىشنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدىغان شەكىلدىكى شۇملۇق ھىس قىلىش بولۇپ، ئىسلام دىنى شۇملۇق ھىس قىلىش، قۇش ئۇچۇرۇپ بەلگىلەش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىشتەك ئىشلارنى چەكلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىستىخارە نامىزىنى يولغا قويغان
ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەدە قىلىپ كېچىكىپ قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىچى پۇشۇپ سىرىتقا چىققاندا، جەبرائىل ئۇنىڭغا ئۇچراشتى، جىبرائىلغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالغانلىقى توغرۇلۇق گەپ قىلغان ئىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: جەبرائىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلۇم بىر ۋاقىتتا كېلىشكە كېلىشىپ، ۋاقتى كەلگەندە جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلمىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ مەلائىكىلىرى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ» دېگەن ھالدا قولىدىكى ھاسىنى تاشلاپ، ئۇياق-بۇياققا قارىسا، كارىۋىتىنىڭ ئاستىدا بىر ئىتنىڭ كۈچۈكى تۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىت قاچان كىرىۋالدى؟» دېدى، مەن: بىلمەيمەن، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرۇپ، ئۇنى چېقارغۇزىۋەتكەندىن كېيىن، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ۋەدە قىلغان ئىدىڭ، ساڭا قاراپ ئولتۇرسام كەلمىدىڭ» دېۋىدى، جەبرائىل: مېنى كېرىشتىن ئۆيۇڭدىكى ئىت توسۇپ قويدى، بىز ئىت ۋە سۈرەت بار ئۆيگە كىرمەيمىز، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەرىشتىلەر پاك، شەرەپلىك، ئىززەتلىك، تاللانغان مەخلۇقاتلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئىت، ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ سۈرىتى بار ئۆيگە كېرىشتىن چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئىت ۋە سۈرەتلەردىن ساقلاش ھارام بولىدىغانلىرى بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما ئوۋ ئىتلىرى، زىرائەت ئىتلىرى، چارۋىغا قارايدىغان ئىتلار، شۇنىڭدەك ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان گىلەم، ياستۇق قاتارلىق نەرسىلەردىكى سۈرەت بولسا ھارام ئەمەس، پەرىشتىلەر ئۇ سەۋەپلىك كىرىشتىن چەكلەنمەيدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "كۆرپە-ياستۇقلاردىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان سۈرەتلەر بولسا، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى توغرا دەپ قارايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، بۇنداق جايلارغا پەرىشتىلەر كېرىشتىن چەكلەنمەيدۇ"، پەتھۇل بارى 10-توم 382-بەت، تۆھپەتۇل ئەھۋەزى 8-توم 72-بەت، ئوچۇق ئىشىك ئۇچرىشىشى، 85- قېتىملىق ئۇچرىشىش
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرىشتىلەر ئىت ۋە قوڭغۇراق بار كارۋانغا ھەمراھ بولمايدۇ»
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، سەپەردە ئىتنى ھەمراھ قىلغان ۋە ئۇلاغنىڭ بوينىغا قۇڭغۇراق ئاسقان كارۋانغا پەرىشتىلەرنىڭ ھەمراھ بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئابدۇرەھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۇتلار ۋە ئاتىلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاغۇتلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، تاغۇتلار جاھىلىيەتتە چۇقۇنىلىدىغان بۇتلاردۇر، چۈنكى ئۇلار ھەددىدىن ئېشىش ۋە كۇپۇرلۇقنىڭ سەۋەبىدۇر، ھەر قانداق نەرسە ئۇلۇغلاشتا ۋە باشقا ئىشلاردا چەكتىن ئاشسا، ھەددىدىن ئاشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق»، ھاققە سۈرىسى، 11-ئايەت. ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىلاھلىرى ۋە ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن قەسەم قىلاتتى، ئۇلار يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك بۇنداق قىلىشتىن چەكلەندى. ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىسشۇناسلار ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «ئاتا-ئانىلىرىڭلار بىلەن ۋە بۇتلار بىلەن قەسەم قىلماڭلار!»، «نىد» دېگەن «ئوخشىشى» دېگەن مەنادا بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن «لات»، «ئۇززا» دەك ئاللاھقا ئوخشاش چوقۇنىلىدىغان بۇتلار مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان: «دېققەت قىلىڭلار!، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئاتاڭلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەيدۇ، كىم قەسەم قىلىدىكەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن»، «ئاتاڭلار» نىڭ ئىچىگە قىرىنداشلىرىڭلارمۇ، بوۋىلىرىڭلارمۇ، باشلىقلىرىڭلارمۇ كىرىدۇ، ئادەتلەنگەن ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاتىلار خاس تىلغا ئېلىندى، «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى جىم تۇرسۇن» دېگەننىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن ياكى قەسەم قىلمىسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن» دېگەنلىكتۇر، ئۆلىمالار (ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن) ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت: قەسەم قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇلۇغلۇق پەقەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ غەيرى باراۋەر قىلىنمايدۇ، مۇسلىمنىڭ شەرھىسى، 11-توم، 105-108بەت، سۇبۇلۇس سالام، 2-توم، 545-بەت، ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ شەرھى رىيازۇس سالىھىين 6-توم، 453-بەت
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلسا، بىزدىن ئەمەس»
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، چۈنكى ئامانەت بىلەن قەسەم قىلىش، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغانلىق بولۇپ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش شېرىكتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە: «كىمكى ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولدى» دېيىلگەن، بۇ يەردىكى شېرىكتىن كىچىك شېرىك مەقسەت قىلىنىدۇ، ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش ئىنساننى دىندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ، لېكىن قەسەم قىلغۇچى قەسەم قىلىنغۇچى نەرسىنى ئۇلۇغلاپ ۋە ئىبادەت قىلىشتا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دېگەندەك ئىتىقاد قىلسا، ئۇ چاغدا چوڭ شېرىك بولىدۇ، بۇ يەردە ئامانەتتىن: ئاللاھ تائالانىڭ ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق بەندىلەرگە پەرىز قىلغان مۇھىم ئەمەللىرى مەقسەت قىلىنىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ئوقۇغان نامىزىمنىڭ ياكى تۇتقان روزامنىڭ ياكى قىلغان ھەججىمنىڭ ھەققى بىلەن دېسە، ياكى بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل بىر شەكىلدە: ئاللاھنىڭ ئامانەتلىرى بىلەن قەسەم دېگەن بولسا، بۇنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن پەقەت ئاللاھ بىلەن ياكى ئۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرەر سۈپەت بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئامانەت ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بۇيرۇقلىرىدىن ۋە بەندىلەرگە قىلغان پەرىزلىرىدىن بىرىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى، بىز ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتۇق، رەسۇلۇللاھ ئارىمىزدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرى بۇلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدۇق-دە، ئورنىمىزدىن تۇردۇق. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرىنچى بولۇپ ئىزدەپ چىقتىم، ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالمىدىم. توساتتىن باغنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقتىن باغنىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىرىدىغان بىر ئېرىقنى كۆرۈپ قالدىم، دە، تۈگۈلۈپ باغنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم. رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرىمۇ سەن، نېمە ئىش بولدى؟ دەپ سورىدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلە بىزنىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ قېلىپ، قايتىپ كەلمىدىلە، شۇڭا سىلىگە زىيان يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدۇق، مەن ئالاقزادە بولۇپ، بۇ باققا ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ كىلىپ ۋە تۈلكىدەك تۈگۈلۈپ باغقا كىردىم، قالغان كىشىلەر كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ئىككى پاي كەشىنى بېرىپ: ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن بېشارەت بەرگىن! دېدى. ئاندىن بۇ ھەدىسنىڭ ئاخىرغىچە بايان قىلدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق بىر قانچە كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ئارىدىن قوپۇپ كېتىپ، خېلى ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشقىلار تەرىپىدىن زىيان يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئالاقزادە بولدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھقا مۇناپىقلار، دىن دۈشمەنلىرى زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ساھابىلار ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى، بىرىنچى بولۇپ ئەنسىرىگەن كىشى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولدى، ئۇ ئەنسارىلاردىن بەنى نەججار قەبىلىسىنىڭ بېغىغا كېلىپ، باغنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، كىرىدىغان ئىشىك تاپالماي تۇرغاندا، باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچنى بايقاپ قېلىپ شۇ يەردىن تۈگۈلۈپ باغقا كىردى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى باغدا ئۇچراتتى، رەسۇلۇللاھ: ئەبۇ ھۇرەيرەمۇ؟ دېگەندە. ئەبۇ ھۇرەيرە: ھەئە، دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر جۇپ ئايىقىنى بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن بۇ ئىككى كەشنى ئېلىپ، بۇ باغنىڭ ئەتراپىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى چىن قەلبىدىن ئىقرار ۋە ئېتىراپ قىلغان ھالەتتە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشىگە جەننەت بىلەن خۇش-بېشارەت بەرگىن! دېدى. بۇ سۆزلەرنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشى ئېنىق، چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، بۇ بۈيۈك سۆزنىڭ مەنىسى يۇقارقىدەك بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشىدا شەك يوق. ئەمما بۇ سۆزلەرنى تىلى بىلەن دەپ قويۇپ قەلبىدە ئىشەنمىگەن بولسا ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان دېگەن: مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىل ۋە قولىدىن كىلىدىغان ئەزىيەتلەردىن سالامەت قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن: ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامى كامىل بولغان مۇسۇلمان دېگەن كىشىلەر ئۇنىڭ تىلىدىن سالامەت قالغان، كىشىلەرنى تىللىمايدىغان، لەنەت ئىيتمايدىغان، غەيۋېتىنى قىلمايدىغان، كىشىلەر ئارىسىدا قايسى تۈردىن بولسۇن ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمانلار ئۇ كىشىنىڭ قولىدىن سالامەت قالىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئىلىۋالمايدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەنمۇ ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىدۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغانغان ھەدىستە: ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاختىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟ دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، «بۇلۇتسىز تولۇن ئاي كېچىسىدە ئاينى كۆرۈشتىن قېينىلامسىلەر؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر ئاي بىلەن كۈننى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قېينالمايسىلەر» دېدى، ئاللاھ بەندە بىلەن ئۇچرىشىپ: ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سىنى باشلىق قىلىپ غەنىمەتنىڭ تۆرتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئىككىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا: «ئى پۇلان! سېنى ئىززەتلىدىم، خوجايىن قىلدىم، ئۆيلەپ قويدۇم، ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردىم، سېنى باشلىق قىلىپ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟» دەيدۇ، ئۇ: «شۇنداق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «مەن بىلەن ئۇچرىشىشنى ئويلىغانمىدىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ: «سەن مېنى ئۇنتىغاندەك مەنمۇ سېنى ئۇنتىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغىمۇ يۇقىردا دېيىلگەن سۆزلەرنى دەيدۇ، ئۇ: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سېنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، كۈچىنىڭ يىتىشىچە تەرىپلەيدۇ، ئۇ ئادەمگە: «بۇ يەردە ئاشكارا بولىدۇ، ھازىر ساڭا گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنى ئەۋەتىمىز» دەيدۇ، ئۇ ئادەم كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، ئۇ ئۆزىدىن ئۆزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، بۇ ئۈچىنچى ئىنسان بولسا ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدىغان مۇناپىقتۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلارنىڭ بەزىسى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرەمدۇق؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز چۈش ۋاقتىدا قۇياشنى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن ئالەمگە نۇر چىچىپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئاسماندا سىلەرنى قۇياشنى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، سىلەرگە شۇ قۇياشنى كۆرۈش ئۈچۈن قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېدى، ساھابىلار: «ياق» دېيىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇلۇتسىز ئاسماندا ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆرۈشتىن قىينىلامسىلەر؟»، يەنى: ئاي تولۇق توشۇپ ئاسماندا ئاشكارا بولسا، سىلەرنى ئاينى كۆرۈشتىن چەكلەپ قويىدىغان بۇلۇت بولمىسا، ئاشۇ ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن سىلەر بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىشىپ، قىستىلىشىپ قېيىنچىلىق ھاسىل بولامدۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار: «ياق» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم!، سىلەر قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە قېينالمىغاندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرۈشتىمۇ قىينالمايسىلەر»، يەنى: قۇياش بىلەن ئاينى كۆرۈشتە شەك ۋە تالاش-تارتىش قىلمىغاندەك، ئاللاھنى كۆرۈش ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ، ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمايدۇ، بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلمايسىلەر، ئىختىلاپمۇ قىلمايسىلەر، ئوخشۇتۇش ئوچۇق-ئاشكارىلىقى شەك قىلمىغۇدەك دەرىجىدە دەپ قاراپ پەقەت كۆرۈشتىلا بولدى، كۆرۈشنىڭ باشقا كەيپىياتىدا، كۆرۈلگۈچىدە بولمىدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن پاكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پۇلان! مەن سېنى ئۆز قەۋمىڭدە ئالاھىدە گىپى ئۆتىدىغان قىلمىدىممۇ؟، ئۆز جىنسىڭدىن جۈپ ئاتا قىلىپ تۇرمۇشلۇق قىلمىدىممۇ؟، جۈپتىڭ بىلەن سىنىڭ ئاراڭدا ئۈنسى-ئۈلپەت، مېھرى-مۇھەببەت قىلمىدىممۇ؟، ساڭا ئات-تۆگىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەرمىدىممۇ؟، سېنى قەۋمىڭگە باشلىق قىلىپ، غەنىمەتنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغان قىلمىدىممۇ؟ (جاھىلىيەتتە قەبىلە باشلىقلىرى غەنىمەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئالاتتى)» دەيدۇ، بەندە بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىقرار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا: «ماڭا ئۇچرىشىشنى بىلەمتىڭ؟» دەيدۇ، ئۇ: «ياق» دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: «سەن مىنى ئۇنتۇغاندەك مەنمۇ سىنى ئۇنتۇيمەن» دەيدۇ، يەنى سەن دۇنيادا ماڭا ئىتائەت قىلىشنى تاشلىغاندەك، بۈگۈن سېنى رەھمىتىمدىن يىراق قىلىمەن. ئۇنتۇش بۇ يەردە بىلىشنى خالىماسلىقتۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىزنى ئۇنۇتقاندەك بىزمۇ سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، مەڭگۈلۈك ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئىككىنچى بىر بەندە بىلەن ئۇچرىشىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بىرىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچراشقاندىكى سوئالى ۋە ئۇ ئادەمنىڭ جاۋابىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن ئاللاھ ئۈچىنچى ئىنسان بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇ ئادەمگىمۇ يۇقىرقى سوئالنى دەيدۇ، ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم!، مەن ساڭا، سىنىڭ كىتابلىرىڭغا، پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم، ناماز ئوقۇدۇم، روزا تۇتتۇم، زاكات بەردىم» دەپ، ئۆزىنى كۈچى يىتىدىغان ھەممە نەرسە بىلەن ماختايدۇ، ئاللاھ تائالا: «ئۇنداقتا بۇ يەردە»، يەنى: سەن ئۆزۈڭنى بىر مۇنچە ماختىغان بولساڭ، ساڭا ئەمەللىرىڭنى گۇۋاھچى تۇرغۇزۇپ كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە توختاپ تۇر» دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ھازىر ساڭا گۇۋاھچى ئېلىپ كىلىمىز» دېيىلىدۇ، ئۇ كۆڭلىدە: «ماڭا كىم گۇۋاھچى بولىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئېغىزى پىچەتلىنىپ، ئۇ ئادەمنىڭ يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرىغا: «سۆزلەڭلار» دېيىلىدۇ، يوتىسى، گۆشى ۋە ئۇستىخانلىرى ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشلىرىنى سۆزلەيدۇ، بۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئۈزۈر ئېيىتماسلىقى ئۈچۈندۇر، يەنى: ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كۆپ بولغاچقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى ئىسىلغىدەك ئۆزرە قالمىغۇدەك دەرىجىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى سۆزلىتىدۇ، بۇ ئۈچىنچى بەندە ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچرىغان مۇناپىقتۇر
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندا، يەنى كىمكى دۇئادىن ھەدىستە بايان قىلىنغان مۇشۇ سۆزلەرنى مۇئەززىن ئەزاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىكار بولغاندا دېسە، ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار...بۇ دۇئا مۇئەززىن ئەزاننى قايتىلاپ بىكار بولغاندىن كېيىن بولىدۇ. مۇكەممەل چاقىرىق؛ ئەزان چاقىرىق دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭدا كىشىلەرنى نامازغا چاقىرىش بار، مۇكەممەل دەپ ئاتىلىشى: ئىمان ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەت مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەزاننىڭ ئەۋۋىلى تەكبىر، ئۇنىڭدا ئىسلامنىڭ ئاۋۋالقى رۇكنى بولغان ئىككى شاھادەت بار، ئاندىن نامازغا چاقىرىق ئاخىرى يەنە تەكبىر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئوقۇلغۇچى ناماز دېگەن سۆز ئىككى تۈرلۈك مەنانى ئىپادىلەيدۇ: بىرىنچى: ھازىر ئوقۇلىدىغان ناماز، ئىككىنچىسى: ھېچقانداق بىر مىللەت ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدىغان، ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتەلمەيدىغان ئاسمان-زېمىننىڭ مەۋجۇت بولىشى بىلەن دائىم ئوقۇلىدىغان نامازدىن ئىبارەت، ۋەسىلە دېگەن غەيرىگە يېقىنلىشىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولغان ۋەسىلە دېگەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەت، بۇ يەردە ۋەسىلىدىن: جەننەتتىكى ئالى ئورۇن مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ مەنا ئىمام مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاستىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «ئەگەر ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ دېگىنىنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇت ئېيتىڭلار، ئاندىن مەن ئۈچۈن ۋەسىلە سوراڭلار، چۈنكى ۋەسىلە جەننەتتىكى بىر ئورۇن بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا بەندىگە بېرىلىدۇ، شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن.» پەزىلەت دېگەن: باشقا كىشىلەردىن يۇقىرى بولغان ئالاھىدە مەرتىۋە بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقا كىشىلەردىن ئارتۇق قىلغىن دېگەن بولىدۇ، قىيامەت كۈنى كىشىلەر قەبرىدىن قوزغىلىپ ھېساب مەيدانىغا توپلانغاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختىلىنىدىغان مەرتىۋىگە يەتكۈزگىن، ماختىلىنىدىغان مەرتىۋە دېگەن: ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ تۈرلىرىدىن بولغان ماختىلىنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئېشلىتىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ھۆكۈم قىلىنىدىغان ۋاقىتتىكى چوڭ شاپائەت مەقسەت قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختايدۇ، قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنىڭ ھەشىر مەيدانىدا تۇرىشى ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇش ئۇلارغا قېيىن بولىدۇ، ئۇلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەت تىلەشنى ۋە مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن خالاس قىلىشنى ئۆتىنىدۇ، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزۈر ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆزۈر ئېيتىدۇ، شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قېشىغىمۇ كېلىدۇ، ئاندىن كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن بۇنىڭغا ھەقلىق» دەپ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا بېرىپ سەجدە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا گۈزەل مەدھىيىلەر ئىلھام قېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا: بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىسەن، دېيىلىدۇ. ئۇ كىشىلەرگە شاپائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى ئاسان بولىدۇ، سەن ۋەدە قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا بېرىشنى ۋەدە قىلغان چوڭ شاپائەتنى بەرگىن، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا نەپلە (ئىبادەت) بولۇشى ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيىلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر» ئىسرا سۈرىسى 79-ئايەت. ئۇنىڭغا مەن شاپائەت قىلىمەن يەنى ئۇ كىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتى بېكىتىلىنىدۇ، مۇشۇ دۇئا بىلەن شاپائەتكە ھەقلىق بولىدۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى قىيامەت كۈنىدە تاپىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نېمەتلىرى چەكسىز جەننەتكە كىرىشىگە ياكى مەرتىۋېسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىغا ياكى دوزاختىن قۇتۇلىشىغا شاپائەت قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە دەپ ئاتىلىشى، ئۇ كۈندە چوڭ ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىدىن تۇرىدىغانلىقى، كىشىلەرگە گۇۋاھ بولىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ھېساب ئورنىدا تۇرۇشى قاتارلىق ئىشلار بولىدۇ