





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بەدىر ئۇرۇشى بىلەن ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە قاتناشقان كىشى ھەرگىز دوزاخقا كىرمەيدۇ
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بەدىر ئۇرۇشىغا ۋە ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە قاتناشقان كىشى ھەرگىز دوزاخقا كىرمەيدۇ، بۇ كاتتا بېشارەت ئۇلارنىڭ باشقىسىغا لايىق بولمايدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرگە: بۇ ئىككىسى جەننەت ئەھلى ئىچىدە پەيغەمبەرلەردىن قالسىلا ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئۈممەتلەرنىڭ قىرانلىرىدۇر، دېگەن
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنى جەننەت ئەھلىنىڭ قىران ياشلىرى، دېگەن. ھەدىس شەرھىلىگۈچى ئالىملارنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بۇ سۆزدىن مەقسەت، پەيغەمبەرلەردىن باشقا، بارلىق جەننەت ئەھلىنىڭ نەۋقىران ياشلىرى، دېمەكچى. الكهول: دېگەن الكهل، نىڭ كۆپلۈكى ئۇ 30 ياكى 34 ياشلاردىن 50 ياشقىچە بولغان كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت ئەينى زاماندا، رەسۇلۇللاھ ئۇشبۇ ھەدىسنى بايان قىلغان ۋاقىتتىكى ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرنىڭ يېشى كۆزدە تۇتۇلغان. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ ئىككى ساھابىلەرلا ئەمەس بەلكى جەننەتكە كىرگۈغچىلەرنىڭ ھەممىسى 33 ياشلىق نەۋقىران ياشلار بولىدۇ
بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىپ مۇنبەرگە چىقتى ۋە: «مېنىڭ بۇ نەۋرەم ئالى جاناپتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىركۈنى نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزى بىلەن مەسچىتكە بىرگە ئىلىپ چىقتى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېچىك ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆتۈرۈپ مۇنبەرگە چىقىپ كىشىلەرگە نەۋرىسى ھەسەننىڭ ئالى جاناپ، ئەسلى ئۇلۇغ، ئېسىل نەسەپلىك، زېمىن يۈزىدىكى ئەڭ ئېسىل ئائىلىگە نىسبەت بېرىلىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ نەۋرىسى سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلاردىن ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىشىۋاتقان ئىككى جامائەتنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى جامائەتنىڭ بىرلىشىدىغانلىقى ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر گەۋدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمانلاردىن بولغان كاتتا ئىككى جامائەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئارىدىكى تالاش-تارتىشنى تۈگىتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى، رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىدا ھېچشەك يوق. بۇ ئىش ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا خىلاپەتتىن چۈشۈپ بېرىش بىلەن ھاسىل بولغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلاردىن بولغان بۇ ئىككى جامائەت بىرلىشىپ ئۇلارنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالغان. بۇ يىل ھىجىريىنىڭ 40 ياكى 41-يىلى يەنى جامائەت بىرلەشكەن يىل دەپ ئاتالغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرسە، مېنى ياخشى كۆرگەن بولدى، ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرگەن كىشى مېنى ئۆچ كۆرگەن بولدى»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ، كىمكى ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرىدىكەن، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆچ كۆرگەن بولدى. بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىككەيلەننىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ئەتىگەن-كەچلەردە ئۇنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭغا: بۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سېنى تىرىلدۈرگەن ۋاقىتتىكى سېنىڭ بارىدىغان ئورنۇڭ دېيىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر كىشى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئەتىگەن-كەچتە ئۇنىڭغا دوزاختىن ياكى جەننەتتىن بولغان ئورنى كۆرسىتىلىپ، ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولسا، جەننەتتىكى ئورنى، دوزاخ ئەھلىدىن بولسا دوزاختىكى ئورنى كۆرسىتىلىپ، بۇ، قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا سېنى تىرىلدۈرگەن ۋاقىتتىكى سېنىڭ قارارگاھىڭ دېيىلىدۇ
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ قورغانلىرىدىن بىر قورغاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟»دېدى، ساھابىلار: ياق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى خۇددى يامغۇر تامچىسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە سىپىللىرىدىن بىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئەتراپقا قاراپ، ساھابىلارغا: «مەن كۆرگەننى كۆرەلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئارىسىغا چۈشكەن پىتنىنى، خۇددى شاقىراپ ياققان يامغۇر چۈشكەنلىكىنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن»دېدى. بۇ ھەدىس ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ھەررە ۋەقەلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەدىنىدە يۈز بەرگەن پىتنە-ئۇرۇشلارغا ئىشارەتتۇر
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەسئەم قەبىلىسىگە بىر قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سەجدە قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىن جانلىرىنى ساقلاپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشرىك دەپ ئويلاپ قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا يېرىم دىيەتتىن بېرىشكە بۇيرىدى ۋە: «مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەرقانداق مۇسۇلماندىن ئادا-جۇدادۇرمەن» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مورىسىدىن چىققان تۈتۈننى كۆرمىگەي» دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر بۆلۈك قوشۇننى خەسئەم قەبىلىسىدىن بولغان بىر جامائەتكە ئەۋەتتى چۈنكى ئۇلار كاپىر ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ سەجدە قىلغان ھالەتتە تۇردى، لېكىن مۇسۇلمانلار ئۇلارنى مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشرىك دەپ ئويلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بېرىلىدىغان دىيەتنىڭ يېرىمىنى بەردى، چۈنكى ئۇلار كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆلۈمگە سەۋەپ بولدى، ئىسلام شەرىئىتى مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنىڭ شەھرىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قىلىشىنى چەكلىدى، مۇسۇلمان كاپىر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ تۈتۈنلىرى ئۇچرىشىشتىن چەكلىدى يەنى كاپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھلىدىن ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تۈتۈنلىرىنى كۆرىدىغان دەرىجىدە يېقىن تۇرۇشتىن چەكلىدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىبنى جەدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرەتتى بۇ ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن دەپ باقمىدى» دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرەيشلەرنىڭ كاتىۋاشلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ بىن جەدئاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن خەۋەر بەردى. ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىسكىنلەرگە يېمەك بېرىش ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ئىسلام رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئاللاھقا ئىشەنمەي كاپىر بولۇپ، بىر كۈنمۇ: رەببىم! قىيامەت كۈنى مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈم قىلغىن»دېمىسە، بۇ ياخشىلىقلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇ كىشىگە پايدىسى بولمايدۇ.
زەيد بىن خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈدەيبىيەدە يامغۇر ياققان كېچىسى ئەتتىگەندە بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بېرىپ، نامازدىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى:«رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دېدى، ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«بەندىلىرىمنىڭ بەزىلىرى ماڭا ئىشىنىپ ۋە ماڭا كاپىر بولۇپ تاڭ ئاتقۇزدى، ئەمما ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دېگەنلەر ماڭا ئىشەندى ۋە يۇلتۇزلارغا كاپىر بولدى، ئەمما پالانى يۇلتۇز پالانى جايغا كەلگەندە يامغۇر ياغىدۇ دېگەنلەر ماڭا كاپىر بولدى ۋە يۇلتۇزغا ئىشەندى»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككىگە يېقىن بولغان جايدىكى ھۈدەيبىيە دېگەن جايدا كېچىدە يامغۇر ياققاندىن كېيىن ئەتتىگەندە بامدات نامىزىنى ئوقۇدى. نامازنى ئادا قىلىپ سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۇلاردىن سورىدى: «رەببىڭلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟»دەپ سورىدى. ئۇلار: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا يامغۇر ياغقاندا ئىنسانلارنىڭ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ بىر قىسمى مۇئمىن، يەنە بىر قىسمى كاپىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما: ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دەپ يامغۇرنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرگەنلەر ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتنى ياراتقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئىشلىرىغا شېرىك قىلمىغانلاردۇر. ئەمما: پالانى يۇلتۇز پالانى جايغا كەلگەندە يامغۇرغا ئېرىشىمىز دېگەنلەر ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچى ۋە يۇلتۇزلارغا ئىشەنگۈچىدۇر، يامغۇرنىڭ يېغىشىنى يۇلتۇزلارغا نىسبەت بېرىش بولسا كېچىك شېرىكتۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ تائالا شەرىئەتتىمۇ ۋە تەقدىردىمۇ يۇلتۇزنى يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەپ قىلمىدى. ئەمما يامغۇرنىڭ يېغىشىنى ۋە زېمىندا يۈز بەرگەن باشقا ھادىسىلەرنى يۇلتۇزلارنىڭ ئۇپۇقتا ھەرىكەتلىنىشى ۋە چۈشۈپ كېتىشىگە نىسبەت بېرىپ، يۇلتۇزنى بۇنىڭ ھەقىقى قىلغۇچىسى دەپ ئېتىقاد قىلسا ، ئۇ كىشى ئىسلامدىن چېقىپ كېتىدىغان ھەقىقى كاپىر بولىدۇ.