





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈرە كەھپىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ياد ئالسا دەججالدىن ساقلىنىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە:«سۈرە كەھپنىڭ ئاخىرىدىن ياد ئالسا دېيىلگەن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت ياد قىلسا، ئىككى تۈرلۈك رىۋايەتكە ئاساسەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ۋە يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن دەججال ئۇ كىشىگە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى يېنىدا ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دېسە، يەنە بەزىلىرى: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتى، چىرايى ئانار دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟، ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟، سىلەردىن ئىلگىركى ئۇممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە ئەمەس، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن مەغرىبتىن چىقمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، كۈن مەغرىپتىن چىققاندا، بۇنى كۆرۈپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيىتىدۇ، ئاشۇ﴿لاَ يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ، أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ» [سۈرە ئەنئام 158-ئايەت]. ئەلۋەتتە ئىككى كىشى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىر كىشى سۈتلۈك تۆگۈسىنى سېغىپ ئېچمەكچى بولىدۇ، سۈتىنى سېغىپ ئېچەلمەي قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ ئېچىدىغان كۆلنى قىرلاپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ يۇتماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈننىڭ مەشرىقتىن چىقماستىن مەغرىبتىن چېقىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بەردى، كىشىلەر بۇنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا كاپىرنىڭ ئىمانى مەنپەئەت بەرمەيدۇ، شۇنداقلا، ئۇ ۋاقىتتا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەر ۋە تەۋبىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ تۇيۇقسىز بولىدىغانلىقى، ھەتتا قىيامەت بولغاندا كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ھايات ئىشلىرى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالى بىلەن بولىدۇ. ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچى سودا -سېتىق قىلىش ئۈچۈن رەختلىرىنى يايىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سودا پۈتمەي تۇرۇپ ۋە رەختلىرىنى قاتلىماي تۇرۇپ قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنى سېغىپ سۈتىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى سۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆلىنى قىرلاپ بولۇپ سۈيىنى ئېچەلمەستىن قىيامەت بولىدۇ. بىر كىشى قولىدىكى يېمەكنى ئېغىزىغا كۆتۈرۈپ ئاغزىغا سالماستىن قىيامەت بولىدۇ.
ئەبى سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆلۈم قىيامەت كۈنى سېمىز قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرلىدۇ ، بىر چاقىرغۇچى نىدا قىلىپ: ئى جەننەت ئەھلى! جەننەت ئەھلى بوينىنى سوزۇپ چاقىرغان تەرەپكە قارايدۇ، بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن، ئاندىن : ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ قارايدۇ، ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟دەيدۇ، ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ. ئاندىن: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىي ھايات بار. ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، مەڭگۈ ئازاب بار، دەيدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ: «وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ» تەرجىمىسى: «ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر»ئۇلار دۇنيا ئەھلىنىڭ غاپىللىرىدۇر«وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ»، «(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت].
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆلۈمنىڭ ئالا قوچقارنىڭ شەكلىدە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئى جەننەت ئەھلى! دەپ چاقىرىلىدۇ، ئۇلار بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى ئۈستۈن قىلىپ قارىشىدۇ. ئۇلارغا: بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرگەن ۋە تونۇغان ئىدى. ئاندىن بىر چاقىرغۇچى :ئى دوزاخ ئەھلى! دەپ چاقىرىدۇ، دوزاخ ئەھلى بويۇنلىرىنى سوزۇپ، باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىشىدۇ. بۇنى تونۇمسىلەر؟ دەيدۇ. ئۇلار: ھەئە، بۇ ئۆلۈم دەيدۇ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرگەن. ئۇ قوچقار بوغۇزلىنىدۇ ئاندىن بىر چاقىرغۇچى: ئى جەننەت ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد جەننەتتە قالىسىلەر، ئى دوزاخ ئەھلى! ئۆلۈم يوق، ئەبەدىل ئەبەد دوزاختا قالىسىلەر دەيدۇ. ئۇ بولسا مۇئمىنلەرنىڭ چەكسىز نېمەتتە بولىدىغانلىقى ۋە كاپىرلارنىڭ دەرتلىك ئازابتا بولىشى ئۈچۈندۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: :«وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لاَ يُؤْمِنُونَ» تەرجىمىسى:«ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر(قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر» [سۈرە مەريەم 39-ئايەت]. قىيامەت كۈنىدە جەننەت ئەھلى بىلەن دوزاخ ئەھلىنىڭ ئارىسى ئايرىلىدۇ، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ بارىدىغان جايىغا بارىدۇ، ئۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ. يامان ئىش قىلغۇچى دۇنيادا ياخشى ئىش قىلمىغانلىقىغا، ياخشىلىقنى ئاز قىلغۇچى ياخشىلىقتىن زىيادە قىلمىغانلىقىغا ھەسىرەتلىنىپ پۇشايمان قىلىدۇ،
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى كىتابلار ئىبرانىي تىلدا تەۋرات ئوقۇپ ئۇنى مۇسۇلمانلارغا ئەرەپ تىلىدا چۈشەندۈرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلىماڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار، «بىز ئاللاھقا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق دەڭلار» [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يەھۇدىيلار ئۆز تىلى بولغان ئىبرانىي تىلىدا تەۋرات ئوقۇياتتى، ئۇنى ئەرەپ تىلىدا چۈشەندۈرەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن راست بىلەن يالغان بىلىنمىگەن سۆزلەردە شۇنداق بولىدۇ. ئۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالا بىزنى بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ۋە بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە نازىل بولغان كىتاپلارغىمۇ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان، لېكىن بىزگە شەرىئىتىمىز ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىپ بەرمىسە، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىن بىزگە ھىكايە قىلىپ بەرگەن سۆزلىرىنىڭ قايسسى توغرا ۋە قايسىسى خاتا بۇنى بىلەلمەيمىز. ئاۋاز قوشمايمىز، جىم تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىنى تەستىق قىلمايمىز، ئىنكارمۇ قىلمايمىز، بەلكىم توغرا بولۇپ قالسا، ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالمىغايمىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز». [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقىنى بىلمەيتتى».
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بايان قىلىشىچە: قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نازىل بولۇپ تۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغانغا قەدەر سۈرىنىڭ ئايرىلغانلىقى ۋە تۈگىگەنلىكىنى بىلمەيتتى، بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىيم نازىل بولغاندا ئىلگىرىكى سۈرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، يېڭى سۈرە ئۈچۈن باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم قۇرئان ئوقۇغۇچى، قارىغا، ئۇنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلغۇچىغا ۋە قۇرئاننى ياد قىلغۇچىغا جەننەتكە كىرگەندە: قۇرئان ئوقۇغىن، شۇنىڭ بىلەن جەننەتتىكى يۇقىرى دەرىجىگە ئۆرلىگىن، دۇنيادا ئالدىرماي تەرتىل بىلەن قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندەك، قۇرئان تىلاۋەت قىلغىن، سىنىڭ ئورنۇڭ سەن ئوقۇغان ئەڭ ئاخىرىقى ئايەتكىچە بولىدۇ دېيىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
ئەبۇ ئابدۇراھمان سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى.
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە، ئۇلار مۇشۇ ئون ئايەتتىكى ئىلىمنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىگىچە باشقا ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتى، ئۇلار ئىلىمنى ئەمەل بىلەن بىرگە ئۈگۈنەتتى.
ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇنزىرنىڭ ئاتىسى! ئاللاھنىڭ كىتابىدىن سەن بىلەن بولغان ئەڭ كاتتا ئايەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھاياتلىقى ئەبەدىيدۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر»دېدىم. [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ مەيدەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ :«ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئى ئابا مۇنزىر! ئىلىم ساڭا ئاسان بوپتۇ» دېدى.
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ كاتتا ئايەت قايسى؟دەپ سورىدى، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىشتە ئىككىلىنىپ، ئاندىن ئۇ ئايەتەل كۇرسى دېدى، «الله لا إله إلا هو الحي القيوم»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى قوللاپ، ئۇنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇپ: ئۇنىڭدا ئىلىم-ھېكمەتنىڭ تولغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى، ئۇنىڭغا بۇ ئىلىم بىلەن بەختلىك ۋە ئۇنىڭغا ئىلىمنىڭ ئاسان بولىشىغا دۇئا قىلدى.