





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاجىز، ياشانغان، قۇل، دېدەك ۋە پەقەت خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر،- دېدى، جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى،- دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا مۇنداق دېدى: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلار خەتنى ياخشى ئوقۇيالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قۇرئاننى بىر شىۋىدە ئوقۇڭلار دېسەم ئوقۇيالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىلى ئىمالە ياكى زەۋەرگە ئادەتلەنگەن، يەنە بەزىلەرنىڭ تىلى ئىدغام ياكى ئىزھارغا كۆنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى موماي، بوۋايلار بار، بۇلارنىڭ تەلىم ئېلىشى قېيىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ئوغۇل-قىزلار بار، بۇلارمۇ ھەم كىچىكلىكىدىن تەلىم ئېلىشقا قادىر ئەمەس، بىر قىسىم ئوتتۇر ياش خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرمۇ بار، دېدې، ۋە رەسۇلۇللاھ بۇنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ئاسان شىۋە بىلەن ئوقۇسۇن، دېگەن. ئالىملار يەتتە شىۋىنى بەلگىلەشتە كۆپ بەس-مۇنازىرە قىلغان. ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئەڭ كۈشلۈكى، ئۇ «ھەرىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئەرەب شىۋىلىرى، دېگەن كۆز قاراش. قۇرئان كەرىم دەسلەپتە نازىل بولغاندا ئەرەبلەرگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن بۇ شىۋىلەر بىلەن نازىل بولغان. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرى بىلەن جىدەل-ماجرا، تالاش-تارتىش بىلەن ئىدى، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا شىۋە، لەھجىسى بار ئىدى، بىر قەبىلىنىڭ شىۋىسىدا بار سۆز يەنە بىرىنىڭ شىۋىسىدە يوق ئىدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان، ئىسلام دىنى سەۋەپلىك ئارىدىكى ئاداۋەت، دۈشمەنلىك يوقالغان، ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ بىر-بىرىگە يېقىنلاشقان. شۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق ئەرەبلەرنى بىر شىۋە، بىر لەھجىگە بىرلىككە كەلتۈرگەن. قۇرئان ئوقۇشتا يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇرەيش شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ، قالغان بارلىق شىۋىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە باشقا شىۋىلەردە يېزىلغان ئايەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن
جۇندۇپ ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار مايىل بولمىغاندا (يەنى چۈشىنىشتە ئىختىلاپلىشىپ قالساڭلار) قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولغاندا ئوقۇڭلار، قەلبىڭلار قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈش ۋە ئوقۇشقا مايىل بولمىغان ۋاقىتتا، مايىل بولماسلىقنىڭ يامانلىققا ئېلىپ بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇشتىن تۇرۇپ كىتىڭلار، بۇنىڭ بىر مەنىسى: قۇرئان كەرىمدىن ھۆكمى ئېنىق بولغان ئايەتلەرگە چىڭ ئېسىلىڭلار، ئىختىلاپقا ئېلىپ بارىدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلىرى كەلسە، ئۇنىڭغا چوڭقۇر چۆكۈشتىن يېراق بولۇڭلار دېگەن بولىدۇ. يەنە بىر مەنىسى: قەلبىڭلار قۇرئان ئوقۇشقا يۈزلەنگەندە ئوقۇڭلار، زېرىكىش ۋە مايىل بولماسلىق ھالەتلىرى بولۇپ قالسا، تۇرۇپ كېتىپ جۇشقۇن ۋە قەلبىڭلار مايىل بولغاندا ئوقۇشقا يۈزلىنىڭلار دېگەن بولىدۇ. نامازدىمۇ ئىش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، دەسلەپكى مەنىسىنىڭ توغرا بولۇش ئىھتىمالغا يىقىندۇر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئەگەر بىر ئەر ئايالىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالسا، تالاق ئەمەس» دەيتتى ۋە ئاللاھ ئېيتتى: {ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار}[ئەھزاب سۈرىسى: 21-ئايەت]
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەسەرنىڭ مەنىسى: ئەگەر ئەر ئايالىغا: سەن ماڭا ھارام دېسە، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزنى قىلسا، بۇ تالاق بىلەن ھارام قىلىنغانغا ئوخشاش ئەمەس، ئېنىقكى، بۇ سۆز قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭدا قەسەمنىڭ كەپپارىتى بار، ئاللاھ تائالا دېگەندەك: {ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئاللاھ سىلەرگە (كەپپارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى} [تەھرىم سۈرىسى 1-2 - ئايەت]، يەنى مائىدە سۈرىسىدە تىلغا ئالغاندەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قەسەمدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن كەپپارەت ئادا قىلىشنى يولغا قويدى.
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئاز بولسىمۇ بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىس بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئىلمىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇ كىشى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ياكى چاقىرغان نەرسىنى بىلگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شەرىئىتىمىزغا زىت بولمىغان ھالەتتىكى بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى ئۆزىگە قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىسۇن دېدى.
مىقدام بىن مەدىكەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دىققەت قىلىڭلار! بىر ئادەمگە مەن بايان قىلغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ كىشى ياستىقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار دەيدۇ، بىز ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھارام قىلغان نەرسىلەرمۇ ھۆكۈمدە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاشتۇر».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت يېقىنلاشقان ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم كىشىلەر سورۇن تۈزەپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ياستۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بىر ھەدىس يەتسە، ئۇ ئادەم: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئايرىيدىغانغا قۇرئان كەرىم كۇپايە قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە ھالال دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىمىز، ھارام دەپ بىكىتىلگەن نەرسىلەردىن يىراق بولىمىز دەيدۇ، دەپ خەۋەر بەردى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ھەدىسلىرىدە چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان ھەر قانداق نەرسىنىڭ ھۆكۈمدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلغان نەرسىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رەببىنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.
ئىرباز بىن سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا تۇرۇپ بىزگە شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللىرىمىز ئۆرتىنىپ، كۆزىمىزدىن ياشلار قۇيۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگە گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىلا، بىزگە سىلىدىن كېيىن چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەتنى قىلسىلا دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭغا چېڭ ئېسىلىڭلار، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن بەك ھەزەر قىلىڭلار، ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا شۇنداق بىر ۋەز-نەسىھەت قىلدىكى، ئۇنىڭدىن دىللار ئۆرتىنىپ، كۆزلەردىن ياشلار قۇيۇلدى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەز-نەسىھەتنى ناھايتى بەك كۈچلۈك قىلغانلىقىنى كۆرگەندە بۇنى گويا خوشلىشىدىغاندەك بىر ۋەز-نەسىھەتكە ئوخشىتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن، چېڭ ئېسىلىدىغان بىر ۋەسىيەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ۋاجىپلارنى ئادا قىلىش ۋە ھارام ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ» دېدى. سىلەرگە رەھبەر بولغانلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىش، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل يەنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاددى بىر كىشى-رەھبەر بولسا ياكى ھۆكۈمرانلىق قىلسىمۇ پىتنە-پاسات پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قارشى چىقماي، باش تارتماي ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەردىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەر مەندىن كېيىن نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئىختىلاپتىن چېقىشنىڭ يولىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ؛ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن توغرا يول تۇتقان ئەبۇ بەكىر سىددىق، ئۆمەر بىن خەتتاب، ئوسمان بىن ئەپپان، ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىق ئىز باسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ يولىغا چېڭ ئېسىلىش، (يەنى سۈننەتتە مۇستەھكەم تۇرۇشنى لازىم تۇتۇش). دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى ۋە ھەر قانداق بىدئەتنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدى.
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سۆزلىگەن سۆزلەرنى يازماڭلار، كىمكى مەندىن قۇرئان ئايىتىدىن باشقا سۆزلەرنى يازغان بولسا ئۇنى ئۆچۈرىۋەتسۇن، مەن سۆزلىگەن ھەدىسلەرنى كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرسەڭلار گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى مەندىن قەستەن يالغاننى سۆزلەيدىكەن، دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلىسۇن» ھەدىس راۋىلىرىدىن بىرى بولغان ھەممام ئىبنى مۇنەببىھ قەستەن يالغان سۆزلىگەن بولسا دېدىمىكى دەپ ئويلايمەن دەيدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزى سۆزلىگەن نەرسىلەرنى يېزىشتىن چەكلىگەن، قۇرئاندىن باشقا نەرسىلەرنى يازغان بولسا ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرىغان، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىدىن ھەدىس بايان قىلىشقا رۇخسەت قىلغان، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلغاندا سەھىھ بولغان ھەدىسلەرنى تاللاپ يەتكۈزسە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى شەرت قىلغان، ئۇلارنى ئۆزىگە قەستەن يالغان سۆزلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ بۇنىڭ جازاسىنىڭ جەھەننەمدە كۆيۈش بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن چەكلىمە كېيىن ئەمەلدىن قالغان، ئۇنداق بولىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ ئەۋۋىلىدە ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلىگەن، ھەدىس كۆپ بولۇپ ئۇنىڭ بەزىسىنى ياد قىلىپ بولالمايدىغان بولغاندا يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:«ئەبۇ شاھقا يېزىپ بېرىڭلار» چۈنكى ئۇ كىشى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈنمۇ يېزىشقا رۇخسەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۆزىدىن ھەدىسنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان، ئەگەر يازمىسا ئىلىم كېتىپ قالاتتى. بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ھەدىسنى يېزىشتىن چەكلەشتىكى مەقسەت بولسا، ھەدىسنى قۇرئان بىلەن بىر ۋاراقچىغا يازسا قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىپ، كېيىن ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر. بەزى ئۆلىمالار: چەكلىمە قۇرئان نازىل بولىۋاتقان دەۋرىگە خاس، قۇرئاننىڭ باشقا سۆزلەرگە ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چەكلىگەن، كېيىن رۇخسەت قىلغان دەيدۇ، بىرىنچى ئېھتىماللىق؛ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېقىنراقتۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇسا، ئۇ كىشى دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق كىشى سۆزدىن ياكى ئىش-ھەرىكەتتىن ئۇزىنىڭ نامىدىن قەستەن يالغاننى توقۇپ ئۇنىڭغا نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنى دوزاخ بولىدىغانلىقى، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ يالغاننى سۆزلىگەنلىكىنىڭ جازاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمنىڭ ئاخىرىدا بىر قىسىم كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى تىڭشىماڭلار، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭلار».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتكە يېقىن ئۈممىتىنىڭ ئاخىرىدا بىر تۈرلۈك كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چېقىپ يالغاننى توقۇپ ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچ كىشى دېمىگەن سۆزلەرنى دەيدىغانلىقى، يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر بىلەن خەۋەر بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ توقۇلما-يالغان ھەدىسلىرى كۆڭلىمىزگە ئورناپ قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتىن ئاجىز كىلىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇش-قوپۇش قىلماسلىققا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماسلىققا بۇيرىدى.