





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋالاتتىم، قۇرەيشلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ : سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەندە ۋە كۆڭلى خوش بولغاندا سۆزلەيدىغان تۇرسا؟دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختاپ قالدىم، بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى.
ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتىئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر سۆزنى يېزىش ئارقىلىق ئېسىمدە تۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ يازاتتىم، قۇرەيشتىن بىر قىسىم كىشىلەر مېنى ئۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەممە نەرسىنى يازامسەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئىنسان، ئاچچىغى كەلگەن ۋە كۆڭلى خوش ھالەتلەردە سۆزلەيدۇ. شۇنداقلا، بەزىدە خاتا كېتىدىغان تۇرسا؟ دېۋىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشتىن توختىدىم. ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بارمىقى بىلەن ئېغىزىغا ئىشارەت قىلىپ: «يازغىن، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! بۇ ئېغىزدىن خۇرسەنلىك بولسۇن ياكى ئاچچىغى كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن ھەرقانداق ھالەتتە پەقەت ھەق سۆز چېقىدۇ» دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا یَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰۤ * إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ» [سۈرە نەجىم 3-4-ئايەتلەر].
«ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت».
رواه البخاري ومسلمپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ بەش ئاساسنى بەش تۈرۈكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇستەھكەم بىر بىناغا ئوخشاتتى، ئىسلامنىڭ قالغان ئەمەللىرىنى بىنانى تولۇقلايدىغان باشقا تولۇقلىمىلارغا ئوخشاتتى. بۇ ئاساسلارنىڭ بىرىنچىسى: ئىككى شاھادەت كەلىمىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، بۇ ئىككىسى بىر ئاساس بولۇپ، بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسان بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، ئىبادەتكە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىگە ئېشىنىپ ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ دەيدۇ. ئىككىنچى ئاساس: نامازنى بەرپا قىلىش؛ ئۇ بولسىمۇ بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان: بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتۇر. ئۈچىنچى ئاساس: مالدىن پەرز قىلىنغان زاكاتنى ئايرىش، ئۇ ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ھەر قانداق مالنىڭ مىقدارى شەرىئەتتە بېكىتكەن مىقدارغا يەتسە ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن مىقدارنى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىشتۇر. تۆتىنچى ئاساس: ھەج قىلىش، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەككىدە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولىدىغان پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر. بەشىنچى ئاساس: رامىزان روزىسى تۇتۇش، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن ئەتتىگەندە تاڭ يورىغاندىن باشلاپ، كەچتە كۈن پاتقۇچە يىمەك-ئېچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر.
مەن: ئى ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! ماڭا ئىسلامدا بىر سۆزنى دەپ بەرسىلە، مەن ئۇ سۆز توغرىسىدا سىلىدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايمەن دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئاللاھقا ئىشەندىم دەپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سۆزنىڭ تەقەززاسى بىلەن مۇستەھكەم تۇرغىن».
مۇسلىم رىۋايىتىساھابىلاردىن سۇپيان بىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئىسلامنىڭ ئومۇمى مەنىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان بىر سۆزنى تەلىم بېرىشنى، ئۇ سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچ كىشىدىن سورىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنى بىر بىلدىم، ھەقىقەتەن ئاللاھنى مېنىڭ رەببىم، ئىلاھىم، ياراتقۇچۇم، ھېچ شېرىكى بولمىغان ھەق مەبۇدۇم» دېگىن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىپ، ئاللاھقا بويسۇنۇپ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى نەساراسى بولسۇن، مېنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، مەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەي ئۆلۇپ كەتسە، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ يەھۇدىيسى بولسۇن ياكى خىرىستىيانلىرى بولسۇن ياكى باشقا ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بولسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چاقىرىقىنى ئاڭلاپ، پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەي، ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغان دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ، دېدى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەكىراتتىكى ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىگە بىر پارچە رەختنى يېپىپ قويدى، نەپەس ئېلىش قېيىن بولغاندا ئۇنىڭ يۈزىدىن رەختنى ئېلىۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ھالەتتە تۇرۇپ: « ئاللاھ تائالا يەھۇدىي، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى ئىبادەتخانا قىلىۋالدى» دەپ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ساھابىلارنى ئاگاھلاندۇردى.
بىرلىككە كەلگەنئائىشە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە شۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىگە بىر پارچە رەخت يېپىپ قويۇلدى، سەكرات سەۋەبىدىن نەپەس ئېلىش قېيىن بولغاندا رەختنى ئېلىۋەتتى، مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ھالەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا يەھۇدىي، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرى ئۈستىگە ئىبادەتخانا ياسىغان»، ئەگەر بۇ ئىش خەتەرلىك بولمىغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەكراتتىكى ھالەتتە بۇنى زىكىر قىلمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىپ سېلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇ يەھۇدىي ناسارالارنىڭ قىلمىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئبەد قىلمىسلا، پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرىۋالغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى».
ئەھمەد رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەببىگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەت-تەزىم قىلىپ باش ئۇرىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاش قىلىپ قويماسلىنى سورىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىغانلىقى ۋە قوغلايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ قەبرىسىنى چوقۇنىدىغان ئورۇن قىلىۋىلىش، قەبرىگە چوقۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: دۇنيادا مۇسىبەت قانچە ئېغىر بولسا، ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇنى مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ، كىمىكى ئۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلىپ رازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. كىمىكى مۇسىبەتكە نارازى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە رىسۇلۇللاھ: مۆمىن كىشىنىڭ مال ۋە جانلىرىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاب بىرىدۇ، مۇسىبەت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى قانچىكى ئېغىر بولسا بىرىلىدىغان ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ، دەپ بايان قىلدى. يەنە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىر كىشىگە مۇسىبەتنىڭ كېلىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى ياخشى كۆرگەنلىكىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشى شەكسىز يۈز بىرىدۇ. لېكىن ياخشى سەبىر قىلسا ۋە رازى بولسا ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرشىدۇ، ساۋاب نېمە دېگەن ياخشى مۇكاپات. كىمىكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنى ئۆچ كۆرسە ۋە نارازى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىبى يىتەرلىك جازادۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن شېرىكلەرنىڭ شېرىكچىلىكىدىن بىھاجەتمەن، كىمكى قىلغان ئەمىلىدە ماڭا باشقا بېرىنى شېرىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنى ۋە ئەمىلىنى شېرىكىگە تاشلاپ قويىمەن».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ شېرىكلەرنىڭ شېرىكلىكىدىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ھەرقانداق نەرسىدىن بىھاجەتتۇر. ئىنسان تائەت-ئەمەللەرنى قىلىپ ئۇنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئەمەلنى تاشلىۋېتىدۇ، ئۇ كىشىدىن قوبۇل قىلمايدۇ، ئۇنى ساھىبىغا قايتۇرىۋېتىدۇ. ئەمەلنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئەمەللەردىن پەقەت ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىنغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «مەن سىلەردىن بېرىڭلار بىلەن دوست بولغانلىقىم توغرىسىدا ئاللاھقا ئۆزۈمنى پاكلايمەن،-يەنى مەن سىلەردىن بىرىڭلارنى دوست تۇتمىدىم- ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتقاندەك، دوست تۇتتى، ئەگەر مەن ئۈممىتىمدىن بىرىنى دوست تۇتماقچى بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى دوست تۇتاتتىم. دىققەت قىلىڭلار! سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى. دىققەت قىلىڭلار! سىلەر قەبرىستانلىقنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالماڭلار، مەن سىلەرنى ئۇنىڭدىن چەكلەيمەن».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنىنى بايان قىلىپ ياخشى كۆرۈشتىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئېرىشكەندەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا دوستى بولۇشنى رەت قىلدى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ئاللاھنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى، ئۇلۇغلىقى ۋە ئاللاھنى ھەقىقى تونۇشقا توشۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ سۆيگۈسى سىغمايدۇ. ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا دوستى بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دوستى بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ھەددىدىن ئېشىپ كىتىشتىن ئاگاھلاندۇردى، خۇددى يەھۇدىي-ناسارالار ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا ھەددىدىن ئېشىپ، ئاللاھنى قويۇپ قەبرە ساھىبىغا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئۇلارنىڭ قەبرىسىگە گۈمبەز قاتۇرۇپ قەبرىستانلىقنى مەسچىت ۋە مەئبەد قىلىۋالغانلىقىدىن ئىبارەت شېرىك ئىشلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىشتىن چەكلىدى.