





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۈنلەيدۇ، مۇئمىنمۇ كۈنلەيدۇ، ئاللاھنىڭ كۈنلىشى بولسا، مۇئمىننىڭ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشقا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلەيدىغانلىقى، غەزەپلىنىدىغانلىقى، ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كۈنلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، مۆمىن كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھارام قىلغان زىنا، بەچچىۋازلىق، ئوغۇرلۇق، ھاراق ئېچىش قاتارلىق پاھىشە ئىشلارغا يېقىنلىشىشىدىن ئىبارەتتۇر.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ: "ياق، كەبە بىلەن قەسەم!" دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە: «ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغىن، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى، چۈنكى قەسەم دېگەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئۇلۇغلۇق يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر، قەسەم پەقەت ئاللاھ بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەسەم كېچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ئەگەر قەسەم قىلغۇچى ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلىنغان نەرسىنى ئاللاھنى ئۇلۇغلىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئۇلۇغلىۋەتسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ چوڭ شېرىكنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى، مەن جامائەتنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشىنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرپ، مەن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋەتسەمكەن دەپ كەتتىم».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ نامازغا كېلىشكە سۇسلۇق قىلىشىدىن بولۇپمۇ خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىغا كەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىلگەن بولسا ئېدى، كېچىك بالا ئۆمىلىگەنگە ئوخشاش ئۆمىلەپ بولسىمۇ جامائەتكە كېلەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتەرگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن بىرگە جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ (ئۇلارنڭ سادىر قىلغان خاتالىقى بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قېتىپ كۆيدۈرىۋېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۆيدە نامازغا كەلمىگەن ئەرلەردىن باشقا گۇناھسىز، ئۈزۈرلۇك كىشىلەر، ياشانغانلار، كېسەللەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىغان.
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرى قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولغان ۋە مازارلىقلارنى نامازئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان كىشىلەردۇر».
ئەھمەد رىۋايىتىپەيغەمبەر ئەلەيھەسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيامەت بولغاندا زېمىندا ھايات بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مازارلىققا ياكى قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەھمۇد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك ئەنسىرەيدىغان نەرسەم كېچىك شېرىك»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كېچىك شېرىك دېگەن نېمە؟دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رىيا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قىلغان ئەمەللىرى بىلەن جازا-مۇكاپاتلىغاندا، :سىلەر دۇنيادا ماڭا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلاردىن بىرەر مۇكاپات تاپالامسىلەر قاراپ بىقىڭلار؟ دەيدۇ».
ئەھمەد رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغان ئىشنىڭ كېچىك شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەر بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىپ قىلىدىغان رىيا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىيامەت كۈنىدە رىيا قىلغۇچىلار ئۇچرايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتىن خەۋەر بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:«سىلەر دۇنيادا ئەمەلنى كىمنى رازى قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدا سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا بېرىدىغان ئەجىر-ساۋاپ بارمۇ؟ قاراپ بىقىڭلار» دېيىلىدۇ.
ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن بۇ ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «ئۇلار ھاخام ۋە پوپلارنى مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى، ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» مەن: بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتۇق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ئۇلۇغ ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇ ئايەتلەردە يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ قىسىسىلىرى سۆزلەنگەن ئىدى. ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا: «ئۇلار ئالىملرىنى ۋە پەرزگاھ راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئالىملىرى چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنغان دېيىلگەن» بۇ ئايەتنىڭ مەنىلرىنى ئۇدەي ئىبنى ھاتەم چۈشىنەلمىگەن، ئۇ، ئىبادەت دېگەن رۇكۇئ ۋە سەجدىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: راھىب ۋە پوپلارغا ئىبادەت قىلىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى ھالدا قانۇن چىقارسا، ھالالنى ھارام قىلسا، ھارامنى ھالال قىلسا ئۇ ئىشلاردا بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا سەدىقىنى پەرز قىلغانلىقىنى، سەدىقە ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، پەقىرلىرىغا بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەردە يوقتۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ۋە دىن ئۈگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يەمەندە ناسارالاردىن ئىبارەت ئەھلى كىتابقا دۇچ كېلىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار بولىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا ئاۋۋال ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلاش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلارنى ئاۋۋال ئەقىدىنى توغرىلاپ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ كەلىمە بىلەن ئىسلام دىنىغا كېرىدۇ، ئۇلار بۇنىڭغا بويسۇنسا، ئۇلارنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، چۈنكى ناماز بولسا تەۋھىددىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار نامازنى ئادا قىلسا، ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ماللىرىنىڭ زاكىتىنى كەمبەغەللىرىگە بېرىشكە بۇيرىدى، شۇنداقلا، زاكاتنى ئالغاندا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى زاكاتتا ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئوتتۇرۇھاللىرىنى ئالسا ۋاجىپ ئادا تاپىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بەددۇئاسىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن زۇلۇمدىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى مەزلۇمنىڭ دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ.
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ئۆزىنى ماختىغاندا ياكى سۈپەتلىگەندە، خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى ئۇچۇرغاندەك، بەك ئۈچۈرۈپ شەرئى بەلگىلىمىدىن ھالقىپ، چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ياكى ئاللاھ تائالاغا خاس بولغان سۈپەت ۋە ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن ياكى غەيىپنى بىلىدۇ ياكى دۇئادا ئاللاھ بىلەن بىرگە ھاجەت سورىلىدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىر بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دېيىشكە بۇيرىدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قىيامەت كۈنىدە سىلىنىڭ شاپائەتلىرى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى كىم؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئەبۇ ھۈرەيرە! سەندىن ئىلگىرى بۇ توغرىدا ھېچ كىشى بىر نەرسە سورىمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي: «قىيامەت كۈنىدە مېنىڭ شاپائىتىم بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشى چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىدۇر» دېدى.
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەڭ بەختلىك بولىدىغان كىشىنىڭ: «چىن قەلبىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان» يەنى پەقەت ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر دېگەن، شېرىكتىن ۋە رىيادىن سالامەت قالغان كىشى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.