Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: كىمىكى تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ ئېيتسا ۋە تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلسا جەننەتكە مۇشەررەپ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بىرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىقان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئېكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان كىشى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى دەسلەپتە: «بول» دېگەن، ئىنسان شۇ سۆز بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن، ئۇنىڭ روھى بولسا ئاللاھ تائالا ياراتقان روھلاردىن بىر روھتۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى(مەريەم) يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا چاپلىغان بۆھتانلاردىن پاكتۇر. جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى، ئۇ ئىككىسىنى ھازىرمۇ مەۋجۇت دەپ ئېتىقاد قىلدى، بۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ نېمىتى ياكى ئازابىدۇر. ئۇ كىشى شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا گەرچە تائەت-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشتا كەمچىللىك سادىر بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ گەرچە بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئازابلانسىمۇ، ئاخىرىقى ئورنىنىڭ جەننەت بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ھالىتىدە ئۆلگەن كىشىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئا، ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن (يەنى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن)، ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ دەپ خەۋەر بەردى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ: كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ۋاپات بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىمسىز، توغرا يول تۇتماستىن ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغانلارنىڭ خار بولىدىغانلىقى ۋە ئىككىلى دۇنيادا زىيان تارتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
ئىبنى ئابباس بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دېگەن: نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىزچىل توسقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەۋمى بىر قانچە ئىلاھلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۋالغان، ئاللاھ تائالا كىتابىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرىۋالغان ئىلاھلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىۋالغان كىشىلەر بولسا ئەمەلىيەتتە تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بولۇپ، مۇسۇلمان ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇلارنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھۆرمەتلىگەن، شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرۇپ ئۇ تەقۋادارلارنىڭ سۈرەتلىرىنى سىزىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالدىغا ئېسىشقا بۇيرىغان، ئاقىۋەتتە كېيىنكى ئەۋلاتلار ئاللاھنى قويۇپ ئۇ سۈرەتلەرگە بۇتقا ئىبادەت قىلغاندەك ئىبادەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزدارغا مۆھلەت بەرگەن ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتكەن كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى توغرىسىدا: ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قۇياش ئىنسانلارنىڭ بېشىغا يىقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھارارىتى كۈچلۈك بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى. بۇ كۈندە ئاللاھ سايىداتقان كىشىدىن باشقا ھېچ قانداق بىر كىشى سايىدايدىغان بىر سايە تاپالمايدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىدىن بىر كىشىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزى، ئائىلىسى ۋە ماللىرى ئارقىلىق سىنايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا مۇئمىن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئاللاھ تائالانىڭ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى بېكىتىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئاندىن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۇنى قانداق يازىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى: كىمكى بىر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، قىلالمىغان بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر مەقسەت قىلغان ياخشىلىقنى قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىرگە ئوندىن ھەتتا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ياخشىلىق يازىدۇ، ياخشىلىقنىڭ زىيادە بولىشى شۇ ئىنساننىڭ دىلىدىكى ئىخلاس، سەمىيمىيەت ۋە مەنپەئەتنىڭ باشقىلارغا يېتىش نەتىجىسى بىلەن بولىدۇ. كىمكى بىر يامانلىقنى ئىرادە قىلىپ، كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يازىدۇ، ئەگەر يامانلىقنى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ياكى ئۇنى قىلىش سەۋەپلىرىنى قىلالماي تەرك قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە يىزىلمايدۇ، ئەگەر يامانلىق قىلىشقا كۈچى يەتمەي تەرك قىلغان بولسا ئۇنىڭ نىيىتىگە كۆرە يىزىلىدۇ، ئەگەر ئۇ يامانلىقنى قىلسا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر يامانلىق يىزىلىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ ئۇ چىرايلىقمۇ ياكى سەتمۇ؟، چوڭمۇ ياكى كېچىكمۇ؟، ساقمۇ ياكى كېسەلمۇ؟ دەپ شەكلىگە ۋە جىسىملىرىگە قارىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ماللىرىغا قارىمايدۇ، كۆپمۇ ياكى ئازمۇ؟ دەپ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردا پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن جازا بەرمەيدۇ ياكى مۇكاپاتلىمايدۇ، شۇنداقلا ھېساب ئالمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قارايدۇ، شۇنداقلا دىلىدىكى ئىشەنچ، تەقۋادارلىق، راستچىللىق، سەمىيمىلىك ۋە ئىخلاسقا ياكى رىياخورلۇق، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش تەرەپلىرىگە، ئىشنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغان تەرەپلىرىگە قارايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.