





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ئاپپاق كىيىم كەيگەن، چاچ-ساقاللىرى قاپقارا، سەپەرنىڭ ئەسىرىمۇ يوق، ئارىمىزدىن ھېچ بىر كىشى تونۇمايدىغان بىر كىشى كىرىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىككى تىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تىزىغا يىقىن قىلىپ، ئىككى قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! ماڭا ئىسلام توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « ئىسلام دېگەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ، نامازنى بەرپا قىلىشىڭ، زاكاتنى ئادا قىلىشىڭ، رامىزان روزىسىنى تۇتىشىڭ ۋە يول چېقىملىرىغا قادىر بولالىساڭ ھەج-تاۋاپ قىلىشىڭدېدى»، ئۇ كىشى: راست ئېيتتىڭ دېدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بىز ئۇ كىشىنىڭ سوئالنى ئۆزى سوراپ ۋە ئۆزىنىڭ تەستىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق، دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا ئىمان توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمان دېگەن: سېنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، بارلىق كىتابلىرىغا، بارلىق ئەلچى-پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭدۇر دېدى»، ئۇ كىشى: راست ئېيتتىڭ دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا ئېھسان توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ دېمەكتۇر» دېدى. ئۇ كىشى: ماڭا قىيامەت توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت توغرىسىدا سوئال سورالغۇچى قىيامەتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغۇچىدىن بەكرەك بىلگۈچى ئەمەس دېدى». ئۇكىشى: ئۇنداقتا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن: دېدەك ئۆزىنىڭ خوجايىنىنى تۇغىدۇ، يالاڭ ئاياق، يالىڭاچ، كەمبەغەللەرنىڭ ئىگىز بىنالارنى سىلىشى قاتارلىقلاردۇر، دېدى». ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاندىن ئۇ كىشى كەتتى، مەن ئازراق تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا:« ئى ئۆمەر! سوئال سورىغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ دېدى»، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ، سىلەرگە سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى ئۈگىتىش ئۈچۈن كەلدى دېدى».
مۇسلىم رىۋايىتىئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلار بىلمەيدىغان بىر كىشىنىڭ سۈرىتىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن: ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاپپاق، چاچ-ساقاللىرى قاپقارا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېرىپ-چارچاش، چاڭ-توزاڭ، كىيىملىرى كىر ۋە چاچلىرى چۇۋۇق دېگەندىك سەپەردىن كەلگەنلىك ئالامەتلىرىمۇ يوق ئىدى، سورۇندىكىلەرنىڭ ھېچ بىرى ئۇنى تونۇمايتتى، ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئوقۇغۇچى ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام توغرىسىدا سوئال سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىسلام ئۆز ئېچىگە ئالغان، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىش، بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىش، رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، قادىر بولغان كىشى ھەج قىلىش قاتارلىق ئاساسلاردىن جاۋاپ بەردى، سوئال سورىغۇچى: راست ئېيتتىڭ دېدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن سوراپ، جاۋاپ بەرسە بىلىدىغاندەك تەستىق قىلغانلىقىدىن ھەيران قالدى، ئاندىن ئۇ كىشى ئىمان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئىمان ئۆز ئېچىگە ئالغان: ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلىقىغا، ئۇنىڭ بارلىق ئىسىم-سۈپەتلىرىگە، يارىتىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىكى يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىگە، ئاللاھ تائالانىڭ نۇردىن ياراتقان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلمايدىغان، بۇيرىقىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىدىغان ئېسىل بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆز ھوزۇرىدىن پەيغەمبەرلىرىگە نازىل قىلغان قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق كىتابلىرىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچىلەر-پەيغەمبەرلەرگە يەنى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش، بۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئۆلگەندىن كىيىن قەبىردە يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار، بەرزەخ ھاياتى، ئىنساننىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تېرىلىشى، قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئىلىنىشى، ئىنساننىڭ ئاقىۋېتىنىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز ئىلىم ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە نەرسىلەرنى بىكىتكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىرنى يازغانلىقىغا ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ خالىشى، تەقدىر قىلغان ۋە ياراتقىنى بويىنچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاندىن ئۇ كىشى ئېھسان توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىپ: «ئېھسان دېگەن گوياكى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرىدىغان دەرىجىگە يەتمىسەڭمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھ تائالا سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىرىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۆرۈش بۇ ئەڭ يۇقىرىسى. ئىككىنچى دەرىجىلىك ئالى مەرتىۋە كۈزۈتۈش. (ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش). ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىدىن سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەتنىڭ ئىلمىنى بىلىش بولسا ئاللاھ تائالا ئۆزىلا بىلىدىغان، مەخلۇقاتلاردىن ھېچ بىرى بىلمەيدىغان ھەتتا سوئال سورىغۇچىمۇ ۋە سورالغۇچىمۇ بىلمەيدىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاندىن ئۇ كىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: دېدەكلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىدىغانلىقى، ياكى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىنى قاقشىتىپ ئۇلارغا خۇددى دېدەكلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، ئاخىر زاماندا قوي باقىدىغان پادىچى، كەمبەغەللەرگە دۇنيانىڭ كەڭرى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئالى قەسىر ۋە ئىگىز بىنالارنى سىلىپ پەخىرلىنىدىغانلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن دېدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سوئال سورىغۇچىنىڭ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى، ساھابىلارغا بۇ دىننى تەلىم بېرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدە يوق بولغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ»دەپ كەلگەن.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىندا بولمىغان يىڭى بىر ئىشنى دىندا پەيدا قىلغان ياكى قۇرئان-ھەدىستىن دەلىل بولمىغان بىر ئىشنى دىندىن دەپ قىلغان كىشىنىڭ قىلمىشلىرى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ۋە ئۆز ساھىبىغا قايتۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە سىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم،، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم، ئۆز-ئارا زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقا ھەممىڭلار ئازغۇن، مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن يېمەك بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار ئاچ، مەندىن يېمەك تەلەپ قىلىڭلار، مەن سىلەرگە يېمەك بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن مەن كىيىم بەرگەندىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچ، مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەر كېچە-كۈندۈزدە خاتالىق سادىر قىلغۇچى، مەن بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىمەن، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئەگەر مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولساڭلار ھەرگىز مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىلى سىلەردىن بولغان تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمگە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دىلى پاسىق بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بولسىمۇ، مېنىڭ مۈلكىيىتىمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋۋەلىڭلار، ئاخىرىڭلار، ئىنسانلىرىڭلار، جىنلىرىڭلار ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مەيداندا توپلىشىپ بىر نەرسە سورىسا، مەن ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسەم، ئۇ يېڭنىنى دېڭىز سۈيىگە سېلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمىيىپ كەتمىگەندەك، مېنىڭ خەزىنەمدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! ھەقىقەتەن ئۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار، ئۇنى سىلەرگە ساقلاپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنى سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن، كىمكى ياخشىلىقنى تاپسا ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى ئۇنىڭ غەيرنى تاپسا ئۇ كىشى پەقەت ئۆزىگە مالامەت قىلسۇن».
مۇسلىم رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە زۇلۇمنى ھارام قىلغانلىقىنى، كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھارام قىلغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە زۇلۇم قىلماسلىقىنى دېدى. ئاللاھ تائالا ھىدايەت قىلغان ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىلەردىن باشقا ھەممە كىشىلەر ئازغۇن يولدىدۇر. كىمكى ئاللاھدىن ھىدايەتنى سورىسا ئاللاھ ئۇنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە توغرا يولغا مۇشەررەپ قىلىدۇ. خەلقنىڭ ھەممىسى بارلىق ئېھتىياجلىرىدا ئاللاھ تائالاغا مۇھتاجدۇر، كىمكى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى ئادا قىلىشنى سورىسا ئۇ كىشىگە ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ. ئۇلار كېچە-كۈندۈز خاتالىق سادىر قىلىدۇ، بەندە مەغپىرەت تەلەپ قىلغاندا ئاللاھ ئۇنى ئاشكارىلىمايدۇ ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھ تائالاغا پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەقۋادار بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك تەقۋا بولسا، ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدە ھېچ نەرسىنى زىيادە قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاسىق بىر ئادەمنىڭ دىلىدەك پاسىق بولسا، ئۇلارنىڭ پاسىقلىقى ئاللاھنىڭ مۇلكىيتىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاجىز، ئاللاھقا ئېھتىياجلىق، ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر ئورۇندا ئاللاھ تائالاغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن بىھاجەتتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىنسانلىرى، جىنلىرى، ئەۋۋەلقىلىرى، كىيىنكىلىرى ھەممىسى بىر مەيداندا تۇرۇپ ئاللاھدىن مەقسەتلىرىنى سورىسا، ئاللاھ تائالا ھەر بىرىگە سورىغىنىنى بەرسە بۇ خۇددى يېڭنىنى دېڭىز سۇيىگە سىلىپ ئالسا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە كېمەيمىگەندەك ئاللاھنىڭ خەزىنىسىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەيدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل بىھاجەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ھېسابلاپ قويىدۇ، ئاندىن ئۇنى قىيامەت كۈنى ئۇلارغا تولۇقلاپ بېرىدۇ، كىمكى قىلغان ئىشىنىڭ مۇكاپىتىنى تاپسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى تائەت-ئىبادەتلەرگە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھەمدە ئېيتسۇن، كىمكى قىلغان ئىشىدا ياخشىلىقنىڭ غەيرىنى تاپسا، پەقەت ئۆزىنى زىيانغا ۋە يامانلىققا يىتەكلىگەن نەپسىگە مالامەت قىلسۇن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلىغىنىڭ كەينىگە مىنگەشكەن ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئى ئوغۇل! مەن ساڭا بىر قانچە سۆزلەرنى ئۈگىتىپ قوياي: سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھ سېنى ياد ئېتىدۇ، سەن ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ، ئاللاھنى سەن تەرەپتە تاپىسەن، بىر نەرسە سورىساڭ ئاللاھدىن سورا، ياردەم تەلەپ قىلساڭ ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن، بىلگىنكى! ئۈممەتنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا نەرسىنى مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ساڭا بىر نەرسە بىلەن زىيان يەتكۈزمەكچى بولسا ئۇلار ساڭا پەقەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان نەرسىدىن باشقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، قەلەملەر كۆتۈرۈلدى، سەھىپىلەر قۇرىدى».
تىرمىزى رىۋايىتىئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ كېچىك ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ ماڭغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ: «مەن ساڭا بىرقانچە ئىشلارنى تەلىم بىرەي، ئۇ نەرسىلەر بىلەن ئاللاھ تائالا ساڭا مەنپەئەت بىرىدۇ: ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش بىلەن ئاللاھنى ياد قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى تائەت-ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەردە تاپىدۇ، گۇناھ -مەسىيەت، ئاسىيلىقتا تاپمايدۇ. ئەگەر سەن شۇنداق قىلساڭ، ئاللاھ تائالا سېنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. سەن مۇھىم ئىشلىرىڭدا قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭ، ئاللاھ ساڭا ياردەم بېرىدۇ. بىر نەرسە سورىماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن سورا، ئۇ زات بارلىق ھاجەتمەنلەرنىڭ تېلىكىنى ئۆزى ئىجابەت قىلىدۇ. ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولساڭ، پەقەت ئاللاھدىن تەلەپ قىلغىن. سەندە شۇنداق بىر ئىشەنچ بولسۇنكى، ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان مەنپەئەتتىن باشقىنى يەتكۈزەلەلمەيدۇ. ئەگەر زېمىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى ساڭا بىر زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇغلاشسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ساڭا تەقدىر قىلغان زىياندىن باشقىنى يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھ پۈتىۋەتكەن تەقدىر قىلىۋەتكەن ئىش بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ھېكمىتى، ئىلمى ۋە تەقەززاسىغا مۇۋاپىق بولىدۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى جەننەتكە كېرىدۇ، پەقەت باش تارتقانلار بۇنىڭ سىرتىدا دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ماڭا ئىتائەت قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتىدۇ» دېدى.
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقى، پەقەت باش تارتقانلارنىڭ كىرمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن-ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىم باش تارتىدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: «كىمكى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئىتائەت قىلىدىكەن جەننەتكە كىردى، كىمكى ئاسىيلىق قىلىدىكەن، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىكەن، ناچار ئەمەللىرى بىلەن جەننەتكە كېرىشتىن باش تارتتى دېدى».
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشى كاپىرلاردىن ياكى پاسىقلاردىن ياكى ياخشى كىشىلەردىن بولغان بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالىدىكەن (يەنى ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغان، ئېتىقاد، ئىبادەت ياكى ئادەت قاتارلىق ئىشلاردا) ئۇ كىشى شۇلاردىن بولىدۇ، چۈنكى تاشقى قىياپەتتە ئۇلارغا ئوخشىۋىلىش، مەنىۋىي تەرەپتىنمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. شەكسىزكى، بىر قەۋىمگە ئوخشىۋېلىش بولسا، ئۇلارغا قايىل بولغانلىق ۋە ھەۋەسلەنگەنلىكتىن كېلىپ چېقىدۇ، بۇ ئىش ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشكە، ھۆرمەتلەشكە ۋە ئۇلارغا تايىنىشقا ئىلىپ بارىدۇ. شۇنداقلا، ئىنساننى مەنىۋىي ئىشلاردا ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن گۇناھنىڭ كاتتىسىدىن سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى چوڭ شېرىكتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھقا ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك قىلىش، باراۋەر قىلىش ۋە ئوخشىشىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى سادىر قىلغۇچى تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ئەگەر ساھىبى تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى پىقىرچىلىقتىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە شېرىك بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلتۈرىۋېتىشىدۇر، بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ھارام بولۇپ، تۇغقاندارچىلىقى بولغان كىشىنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك قاتىلنىڭ مەقسىدى ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك بولىشىدىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈش بولسا بۇنىڭ جىنايىتى تىخىمۇ ئېغىردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ئۆزىنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتۇر، خوشنىسىنىڭ ئايالىنى گوللاپ، ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتۇر. ھەرقانداق يات ئايال بىلەن زىنا قىلىش ھارام بولسىمۇ لېكىن شەرىئەت ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ياخشى ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلغان خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.
ئەبۇ ئەييۇپ ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشى بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ، يولدا ئۇچرىشىپ قالسا، بىرى ئۇ تەرەپكە يەنە بىرى بۇ تەرەپكە قاراپ ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ. ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەڭ ياخشىسى دەسلەپتە سالام قىلغىنىدۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان كىشىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ تەتۈر قارىشىپ، ئۇچرىشىپ قالغاندا بىر-بىرىگە سالام قىلماي ۋە سۆز قىلماي يۈرىشىدىن چەكلىدى. ئاداۋەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاداۋەتنى يوق قىلىپ، كۆڭلىنى كەڭرى تۇتۇپ دەسلەپتە سالامنى باشلىغىنىدۇر. ئەمما شەخسى ئۆچ-ئاداۋەت بولماستىن، ئاللاھ بارىسىدا بىدئەتچى، ئاسىي، مۇناپىقلارنى ۋە يامان ھەمراھلارنى تەرك قىلىشنىڭ بولسا ئېنىق بەلگىلىمىسى يوق، بۇ تۈردىكى تەرك قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋىي مەنپەئەتكە قارىتا بولۇپ، خاتالىق تۈزەلسە چەكلىمە يوق بولىدۇ.
ئەبى سىرمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى زىيان يەتكۈزىدىكەن ئاللاھ تائالامۇ شۇنىڭ بىلەن زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانغا جېنىدا، مېلىدا ياكى ئەھلى-ئەۋلادلىرىدا ھەر قانداق بىر ئىشتا زىيان يەتكۈزۈش ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىلغان ئىشىنىڭ تۈرى بىلەن جازالايدۇ.