





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئايغا قارىدى يەنى تولۇن ئايقا قاراپ مۇنداق دېدى:«سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار» ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].
بىرلىككە كەلگەنساھابىلار بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يەردە بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر قىيامەت كۈنىدە رەببىنى ھېچ قانداق توسالغۇسىز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇلار رەببىنى كۆرىدىغاندا قېيىنچىلىق تارتمايدۇ، چارچىمايدۇ، قىستىلىشىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، ئۇ ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭلار، بۇ ئىش قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ھەتتا ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قويۇپ بەرمەيدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ» تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام گۇناھ-مەسىيەت،شېرىك، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدا زۇلۇم قىلىپ ھەددىدىن ئېشىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى كېچىكتۈرىدۇ، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، مال-دۇنياسىنى كۆپ قىلىدۇ، ئۇنى جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ، شۇنداقتىمۇ تەۋبە قىلمىسا، ئۇنى مەھكەم تۇتىدۇكى ھەرگىز قويىۋەتمەيدۇ، زۇلۇمنى كۆپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بوش قويمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:«وَكَذَلِكَ أَخْذُ رَبِّكَ إِذَا أَخَذَ الْقُرَى وَهِيَ ظَالِمَةٌ إِنَّ أَخْذَهُ أَلِيمٌ شَدِيدٌ»تەرجىمىسى:«پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102-ئايەت].
ئەبى ھەيياج ئەسەدىي مۇنداق دەيدۇ: ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ھەر قانداق بۇت-ھەيكەل يەنى روھ مۇجەسسەملەشكەن بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن ھېچ بىرىنى قالدۇرماي يوق قىلىش ۋە ئىزىنى قويماسلىققا بۇيرۇپ باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى. ئېگىز قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بولسا ئۇنى تۈزلىۋېتىشكە، ئۈستىدە گۈمبەز بولسا ئۆرىۋېتىشكە زېمىندىن بىر غېرىچتىن ئارتۇق بولغاننى تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىتتى.
ئىمران بىن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇشلارنىڭ ئۇچىشىغا كۆرە ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بېكىتكەن، رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن، سىھېر قىلغان ياكى قىلدۇرغان، بىر نەرسىلەرنى چېگىپ ئۇنىڭغا سېھر قىلغان، رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ھاجىتىنى سوراپ ئۇنىڭ گىپىگە ئىشەنگەن كىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەق دىنغا ئىنكار قىلغان بولدى».
بەززار رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىدىن بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ بەزى ئەمەللەرنى قىلغانلىرىنى «ئۇلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز ئارقىلىق جازاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ ئىشلاردىن: بىرىنچى: «كىمكى قۇش ئۇچۇرسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلار قۇش ئۇچۇرسا» دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: جاھىلەت دەۋرىدە سەپەر، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلارنى باشلايدىغان ۋاقىتتا، قۇشنى قويۇپ بېرەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپكە ئۇچسا بۇنىڭدىن ياخشىلىق بولىدۇ دەپ ئىشنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپكە ئۇچسا، بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ۋاز كىچەتتى. بۇ تۈردىكى ئىشلارنى ئۆزى قىلسىمۇ ياكى باشقىلارغا قىلدۇرسىمۇ توغرا بولمايدۇ. كۆزى كۆرگەن ۋە قۇلىقى ئاڭلىغان ھەر قانداق قۇش، ھايۋان، بالا-قازاغا ئۇچرىغان، سان-سېپىر، كۈنلەر ۋە ئايلار قاتارلىق نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىش بۇنىڭ قاتارىغا كېرىدۇ. ئىككىنچىسى: رەمبال-پالچىلىق قىلغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىشەنگەن: يەنى ئاستىرنۇمىيە ئىلمى ۋە باشقا ۋاستىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غەيىپنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ياكى غەيىپنى بىلىمەن دەيدىغان رەمبال-پالچىلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋە ئۇلارنىڭ غەيىپنى بىلىمەن دېگەن سۆزىگە كۆرە، ئۇلارنىڭ دېگەن سۆزلىرىگە ئىشەنگەن كىشى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ھەق دىنغا كاپىر بولغان بولدى. ئۈچىنچى: سېھر قىلغان ياكى قىلدۇرغان: يەنى بىر ئىنسانغا پايدا ياكى زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزى سېھرگەرلىك قىلغان ياكى باشقىلارنى ئۆزى ئۈچۈن سېھرىگەرلىك قىلدۇرغان، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن چېگىك چىگىپ ئۇنىڭغا ھارام-شېرىك ئارىلاشقان بىر نەرسىلەرنى ئوقۇپ سۇپ-كۆش قىلىپ سېھر قىلغان كىشى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاستۇرنومىيە ئىلمىنى ئۈگەنسە، ئوربېتلارنى كۈزىتىش، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى، كېرىش-چېقىشلىرىنى زېمىندا يۈز بېرىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەر يەنى پالانىنىڭ ئۆلىمى ياكى ھاياتى ياكى كېسەل بولىشى دېگەندەك كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا دەلىل قىلسا، سېھردىن مەلۇم مىقداردا بىر نەرسە ئۈگەنگەن بولدى، بۇ ئىلىمنى قانچە كۆپ ئۈگەنگەنسىرى سېھرىدىنمۇ شۇنچە كۆپ ئۈگەنگەن بولىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقماسلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈش
ئابدۇرەززاق"مۇسەننىپ ئابدۇرەززاق"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە چوڭ گۇناھلاردىن دەپ قارىلىدىغان بىر قانچە گۇناھنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى، ئاللاھ تائالاغا ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىقتا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈش، بۇنى بىرىنچى قېتىمدا كەلتۈرىشى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭى بولغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈش ئاللاھ تائالاغا قارىتا يامان گۇمان قىلغانلىق ۋە كەڭ رەھمىتىگە كۆز يۇمغانلىقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئۇ كەلگەنگە قەدەر قورقماسلىق، ئىنساننىڭ چوڭ غەپلەتتە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھەدىستە چوڭ گۇناھلارنى تۆرتكە يىغىپ خۇلاسىلەش ئەمەس، بەلكى بىر قىسمىنى بايان قىلىشتۇر، ھەقىقەتتە چوڭ گۇناھ تۈرىگە كىرىدىغان بۇنىڭدىن باشقا ئىشلارمۇ بار
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە شاخچىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتۇر، ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىماننىڭ نۇرغۇن شاخچا ۋە كۆپ خىسلەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمەللەرنى، سۆزلەرنى ۋە ئېتىقادلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئىماننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ ئەۋزەل بولغىنى :«ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزدۇر» ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلىپ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىبادەتلەرگە ھەقلىق بولغان يەككە-يىگانە بىر ئىلاھتۇر. ئىماننىڭ ئەڭ ئاددىسى: يولدىن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايانىڭ ئىماننىڭ بىر پارچىسىى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ھايا دېگەن ئىنساننى گۈزەل ئىشلارنى قىلىشقا ۋە قەبىھ ئىشلارنى تەرك قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.
ئەبى بەشىير ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى بەزى سەپەرلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ چۈشكەن جايلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ:«تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بەزى سەپەرلىرىدە ، كىشىلەر ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىر قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىشىلەرنى ئەۋەتىپ: «تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى ۋە ئاياغ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇنداق بولىشى: ئۇلار بۇنداق نەرسىلەرنى كۆز تەگمىسۇن دەپ تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۈزىۋېتىشكە بۇيرىدى، چۈنكى كۆز تېگىشتىن بولغان ھېچ بىر ئىشنى ئۇ نەرسىلەر قايتۇرالمايدۇ، پايدا-زىيان ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.