





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇكەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەلبىنى ئاللاھدىن باشقا بىر نەرسىگە باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىگە تاپشۇرىدۇ»
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ قەلبى بىلەن ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ياكى ھەر ئىككىسى بىلەن بىر نەرسىگە بۇرۇلۇپ، ئۇ نەرسىدىن پايدا-مەنپەئەت ئۈمىد قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىسىگە تاپشۇرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھقا باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھتىن باشقىغا باغلىسا، ئاللاھ ئۇ كىشى خار قىلىپ قەلبىنى باغلىغان شۇ نەرسىگە تاشلاپ قويىدۇ
تارىق بىن ئەشيەم ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مىلى، قېنى ھارام بولىدۇ، (يەنى قوغدىلىنىدۇ) ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى تىلى بىلەن گۇۋاھلىق ئېيتىپ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېسە» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەئبۇد بەرھەق يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئىسلام دىنىدىن باشقا بارلىق دىنلاردىن ئادا-جۇدا بولسا، مۇسۇلمانلارغا ئۇ كىشىنىڭ جېنى ۋە مىلى ھارام بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ سىرتقى ئەمىلىگە قارايمىز، ئىسلام قانۇنىدىكى ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش ۋە مېلىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ بولغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمىغانلا بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جىنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ھېسابىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سەمىمى بولسا ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ساختىلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭغا كۆرە جازا بېرىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ، زېمىن ئەھلىگە رەھمەت قىلساڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات رەھىم قىلىدۇ».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: باشقىلارغا مېھرىبان بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا مۇۋاپىق ھالدا (ئۆزىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان) مەرھەمىتى بىلەن رەھمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زېمىندىكى ئىنسان، ھايۋان، ئۇچارقۇش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى بارلىق جانلىقلارغا رەھىمدىل بولغان كىشىلەرنى ئاللاھ تائالا مۇكاپاتلاپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رەمبال-پالچىلار توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ» دېدى، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا سۆزلىگەن سۆزلىرى توغرا چىقىدىكەنغۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« توغرا چىققان سۆز بولسا جىن ئاسماندىن ئوغۇرلاپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا مىكيان كوكۇلدىغاندەك دەپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ توغرا سۆزگە يۈزدىن ئارتۇق يالغاننى ئارىلاشتۇرىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلماڭلار، ئاڭلىماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى چوڭايتىۋەتمەڭلار دېدى. ساھابىلار: بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۆزى توغرا چىقىپ قالىدىكەنغۇ؟ خۇددى غەيبى ئىشتىن خەۋەر بېرىپ پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنىدە مۇنداق ئىش بولىدۇ، دېسە، ئۇ ئىش ئۇلارنىڭ سۆزىگە مۇۋاپىق كىلىپ يۈز بېرىدىكەنغۇ دېگەندە. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جىن ئاسماننىڭ خەۋىرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغاننى رەمبال-پالچىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا ئىلىپ چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، رەمبال-پالچىلار جىن يەتكۈزگەن بۇ سۆزگە يۈز يالغاننى قېتىپ ئاڭلىتىدۇ دېدى».
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ئۇلاققا مىنگەشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز بىن جەبەل!» دېدى، مۇئاز: خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاپ مۇنداق دېدى:«ھەر قانداق بىر كىشى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ چىن دىلىدىن گۇۋاھلىق بەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا سالمايدۇ» مۇئاز: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇ سۆزنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىپ خۇش بىشارەت بىرەيمۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ ھازىر خەۋەر بەرمىگىن »دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى بايان قىلىپ بەرگەن.
بىرلىككە كەلگەنمۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئۇلاغدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىگە مىنگىشىپ كېتىۋاتقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: ئى مۇئاز؟ دەپ تكرار ئۈچ قېتىم چاقىردى، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت دەيدىغان سۆزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. ئۈچ قېتىملىق چاقىرىقنىڭ ھەممىسىگە، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خوش ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! خىزمەتلىرىگە ھازىرمەن، سىلىگە جاۋاپ بېرىش بىلەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن دەپ جاۋاپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلى دەپ چىن دىلىدىن سەمىيمىلىك بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ شۇ ھالەتتە ۋاپات بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزمەيدۇ دېدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىشىلەرنى خۇرسەن قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ ياخشىلىقتىن خوش بىشارەت بىرىشنى سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىپ، ئەمەلنى ئاز قىلىشىدىن ئەنسىرەپ خەۋەر بەرگىلى رۇخسەت قىلمىدى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ھەدىسنى سۆزلىمىدى، ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ جىنايىتىگە چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى خەۋەر بەردى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئاللاھ تائالا ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ، مۇنداق دەيدۇ: «كىم ماڭا دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، كىم مەندىن بىر نەرسە سورىسا، سورىغىنىنى بېرىمەن، كىم مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن؟دەيدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھەر كېچىسى كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ بەندىلىرىنى ئۆزىگە دۇئا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنى خالىغان نەرسىسىنى سوراشقا قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئۇلارغا سورىغىنىنى بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئىستىغپار ئېيتىپ خاتالىقلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى سوراشقا بۇيرىغانلىقى، ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىدى، يەنى ناماز ئوقۇغۇچى قىبلىگە قاراپ قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەندى، چۈنكى ئۇ شېرىكنىڭ يوللىرىدىندۇر.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر
بىرلىككە كەلگەنمۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا كۆرگەن نەقىش، سۈرەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۈرەت قويۇشتىكى سەۋەپلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەھۋالىنى بايان قىلغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى كىشىدىن بىرسى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇ يەردە ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئۇنىڭ سۈرەتلىرىنى تىكلەيتتى». بۇنداق قىلغۇچى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ قىلمىشى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە رامىزان روزىسىنى تۇتىشتىن ئىبارەت».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىسلامنىڭ بەش ئاساسنى بەش تۈرۈكنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇستەھكەم بىر بىناغا ئوخشاتتى، ئىسلامنىڭ قالغان ئەمەللىرىنى بىنانى تولۇقلايدىغان باشقا تولۇقلىمىلارغا ئوخشاتتى. بۇ ئاساسلارنىڭ بىرىنچىسى: ئىككى شاھادەت كەلىمىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، بۇ ئىككىسى بىر ئاساس بولۇپ، بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسان بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى؛ ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى، ئىبادەتكە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكىگە ئېشىنىپ ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ دەيدۇ. ئىككىنچى ئاساس: نامازنى بەرپا قىلىش؛ ئۇ بولسىمۇ بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان: بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام ۋە خۇپتەن نامىزىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتۇر. ئۈچىنچى ئاساس: مالدىن پەرز قىلىنغان زاكاتنى ئايرىش، ئۇ ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، ھەر قانداق مالنىڭ مىقدارى شەرىئەتتە بېكىتكەن مىقدارغا يەتسە ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن مىقدارنى زاكاتقا ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىشتۇر. تۆتىنچى ئاساس: ھەج قىلىش، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەككىدە تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولىدىغان پائالىيەتلەرنى ئادا قىلىشتۇر. بەشىنچى ئاساس: رامىزان روزىسى تۇتۇش، ئۇ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن ئەتتىگەندە تاڭ يورىغاندىن باشلاپ، كەچتە كۈن پاتقۇچە يىمەك-ئېچمەك ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشتۇر.