Hedayat “A fruitful harvest”
from the gardens of “ Verses and Hadiths ”
Inspiring Dawah cards that highlight the profound meanings of Quranic verses and Prophetic Hadiths. Presented in an accessible and engaging style to help Muslims gain a deeper understanding of their faith with ease.
About Hedayat
Hedayat is a platform that combines simplicity of design and ease of use
displaying the benefits derived from Verses and Hadiths in
attractive cards with unique designs.
Unique Designs
Cards with unique and attractive designs that express the content of the text
Reliable Materials
Scientifically reliable benefits reviewed by a group of scholars
Easy Browsing
You can browse the cards easily and display them effortlessly
Different Languages
Cards are available in more than 40 languages for the benefit of all
Hadith Cards
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، ئۇ ياخشىلىق ئون ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن: «‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر»دېگەن سۆزنى بايان قىلىپ بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ ساۋابىنىڭ ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر توپ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى يېنىدا ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دېسە، يەنە بەزىلىرى: ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق، مۇنداق دېمىدىمۇ؟ دەپ ئۇلارغا رەددىيە بېرەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقتى، چىرايى ئانار دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەر مۇشۇنىڭغا بۇيرۇلدۇڭلىمۇ؟، ياكى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلىمۇ؟، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سوقۇشتۇرامسىلەر؟، سىلەردىن ئىلگىركى ئۇممەتلەر مۇشۇنداق ئېزىپ كەتكەن، سىلەر بۇ يەردىكىلەردىن ھېچنىمىدە ئەمەس، بۇيرۇلغان ئىشقا قاراپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار، چەكلەنگىنىڭلاردىن يېنىڭلار» دېدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى نارازى بولغاندەك قىلىپ، بىزنىڭ بۇنىڭ يېشىدا باللىرىمىز تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ سورۇنىمىزغا بۇ بالىنى باشلاپ كىرىدۇ، دېگەندە، ئۆمەر: سىلەر بىلگەن بىر سەۋەپتىن، دېدى. بىر كۈنى مېنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ بىر سورۇنىغا ئېلىپ كىردى، مەن: ئۆمەر مېنى شۇ كۈنى ئۇلارغا كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن چاقىردى، دەپ ئويلۇدۇم. ئۆمەر: ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگەن سۆزى ھەققىدە نېمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىدى، بەزىلىرى: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ۋە ئىستىغفار ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى، بەزىلىرى بىر نەرسە دېمەي، جىم تۇرۇشتى. ئۆمەر مەندىن: ئى ئىبنى ئابباس! سەنمۇ شۇنداق دەپ قارامسەن؟ دەپ سورىدى، مەن: ياق، دېدىم. ئۇ: سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ باقايلى، ـ دېدى. مەن: بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەجىلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەجىلىنى بىلدۈرگەن. ئاللاھ: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» بۇ سېنىڭ ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتىدۇر «رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمدۇ-سانا ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېدى، ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانقىيىن ئىشلاردا ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئادىتى ئىدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى بەدرىگە قاتناشقان مويسىپىت ساھابىلەر بىلەن بىر سورۇنغا ئېلىپ كىرەتتى، بۇلارغا نىسبەتەن ئىبنى ئابباسنىڭ يېشى كىچىك ئىدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى: نىمە ئۈچۈن ئابباسنىڭ ئوغلىنى ئەكىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوغلىنى ئەكىرمەيدۇ؟ دەپ نارازى قىلدى. ئۆمەر ئۇلارغا ئىبنى ئابباسنىڭ ئىلمى ساپاسىنى، زىرەك ۋە چېچەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويماقچى بولۇپ، ئۇلارنى چاقىرىپ يىغىپ، ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگۈنۈڭدە رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر» دېگەن سۈرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلاردىن: بۇ سۈرە توغرۇلۇق نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى سۈكۈت قىلدى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر: بىزگە نۇسرەت ياكى فەتىھ ئاتا قىلىنسا گۇناھلىرىمىزغا ئىستىغفار ئېيتىشقا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق، دېيىشتى. لىكىن ئۆمەر ئۇلاردىن بۇ ئايەتنىڭ يۈزەكى سۆز مەنىسىنى ئەمەس بەلكى مەقسىدىنى سورىغان ئىدى. ئۆمەر ئىبنى ئابباستىن: سەن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگە نېمە دەپ قارايسەن؟ دەپ سورىدى، ئىبنى ئابباس: ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ئەجىلى يەنى: ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى دەپ قارايمەن. ئاللاھ ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەندە» دېگىنى، يەنى: مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، ئۇ پەتھى ئەجىلىڭنىڭ ئالامىتى، «رەببىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن! ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر». ئۆمەر: بۇ ئايەتنى مەنمۇ سەندەك چۈشىنىمەن، دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى نامايەن بولدى
زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» [سۈرە تەكاسۇر 8-ئايەت] دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، زۇبەير: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزنىڭ تۇرمۇش كۆچۈرۋاتقىنىمىز سۇ بىلەن خورمىدىن ئىبارەت بولغان ئىككى قارا نەرسە تۇرسا، قايسى نېمەتتىن سوئال قىلىنىمىز؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ھازىر نېمەتلىنىۋاتقان بۇ ئىككى نەرسىدىن چوقۇم سوئال-سوراق قىلىنىسىلەر» دېدى.
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ئايەت نازىل بولغاندا: ﴿ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ*﴾ تەرجىمىسى: «ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر». يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ شۈكىرسىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ بۇنىڭدىن سورىلىسىلەر. زۇبەير بىن ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قايسى نېمەتتىن سوئال-سوراق قىلىنىمىز؟! بىز نېمەتلىنىۋاتقىنىمىز سوئال سورالغىدەك نەرسە ئەمەس، ئۇ نەرسىلەر خۇرما بىلەن سۇدىن ئىبارەتقۇ؟دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەر ياشاۋاتقان مۇشۇ ھالەتتىكى نېمەتلەردىن سوئال سوراق قىلىنىسىلەر، سۇ بىلەن خورما بولسا ئاللاھنىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بولغان بىر نېمەتتۇر» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماندىن بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىك بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان» دېدى، شۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۇنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «سۈرە پاتىھە ۋە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى ئايەتلىرىدىن ئىبارەت سەندىن ئىلگىرى ھېچقانداق پەيغەمبەرگە بېرىلىپ باقمىغان ئىككى نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن، سەن بۇ ئايەتلەردىن بىرەر ھەرىپنى ئوقۇيدىغانلا بولساڭ چوقۇم سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۈستى تەرەپتىن، يەنى ئاسمان تەرىپىدىن قۇرۇلۇشنىڭ ياغىچى سۇندۇرۇلغاندا چىقىدىغان ئاۋازدەك ياكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدەك قاتتىق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېشىنى كۆتۈرۈپ: «بۇ ئاسماننىڭ بۈگۈن ئىچىلغان بىر ئىشىكى بولۇپ، بۇرۇن ئېچىلىپ باقمىغان دېدى»، ئۇ ئىشىكتىن بىر پەرىشتە چۈشتى، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: «بۇ پەرىشتە بۇنىڭدىن بۇرۇن زېمىنغا چۈشۈپ باقمىغان، پەقەت بۈگۈنلا چۈشتى» دېدى، ئۇ پەرىشتە كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام قىلىپ: «قوش نۇر بىلەن خوش بىشارەت ئالغىن» دېدى، ئىككىسىدىن ھەر بىرى ئۆز ساھىبىنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ياكى مەنىسىنى ئويلانغاندا ۋە ياخشى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇ ئايەت ئۆز ساھىبىنى توغرا يولغا باشلايدىغان بولغاچقا ئۇلارنى ئىككى نۇر دەپ ئاتىغان ئىدى، بۇ ئىككى نۇرنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە بېرىلمىگەن بۇ ئىككى ئايەتكە خاس قىلغانلىقى: بۇ ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا ئايەتلەردە تىپىلمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ، بىرىنچى نۇر بولسا پاتىھە سۈرىسى، ئىككىنچى نۇر بولسا بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتتۇر، بۇ ئۈممەتدىن بىر مۆمىن كىشى مۇشۇ ئىككى ئايەتنى ئوقۇيدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇ ئايەتلەردە تەلەپ قىلىنغان نەرسىلەرنى بېرىدۇ، «بۇ ئىككى ئايەت ساڭا بېرىلدى، سەندىن ئىلگىركى ھېچ بىر پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن» دېدى
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى سۈرە كەھپىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ياد ئالسا دەججالدىن ساقلىنىدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە:«سۈرە كەھپنىڭ ئاخىرىدىن ياد ئالسا دېيىلگەن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت ياد قىلسا، ئىككى تۈرلۈك رىۋايەتكە ئاساسەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ۋە يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن دەججال ئۇ كىشىگە زېيان يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قېلىنىدۇ، ئەبۇ جەھىل: «ئاراڭلاردا مۇھەممەدنىڭ يۈزى توپىغا مېلىنىشىنى خالامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇ جەھىل: «لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەمكى مۇھەممەدنىڭ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەم گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىگە كېلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئەبۇ جەھىل گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىۋىتىپ، تۇيۇقسىز كەينىگە داجىپ ئىككى قولى بىلەن ساقلاندى، «ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورالغاندا، ئەبۇ جەھىل: مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئوت لاۋىلداپ تۇرغان ئورەك، قورقۇنۇچ، ۋە قاناتلار پەيدا بولدى» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇ ماڭا يېقىنلاشقان بولسا ئۇنى پەرىشتىلەر پارچە-پارچە قېلىۋەتكەن بولاتتى»، ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا ئايەت نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا بۇيرىغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]، ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن، يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15-16]. ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى)نى چاقىرىمىز[18]. (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». راۋىلاردىن بىرى بولغان ئۇبەيدۇللاھ ھەدىسىدە: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىر قانچە ئىشقا بۇيرىدى. ئابدۇل ئەئلا دېگەن يەنە بىر راۋى: ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17]، يەنى: «ئۆز قەۋمىنى» دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ جەھىل بىر كۈنى يارەنلىرىگە: «مۇھەممەد ئاراڭلاردا، سىلەر كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان يەردە ناماز ئوقۇپ، توپىغا سەجدە قىلامدۇ؟» دېدى، ئۇلار: «ھەئە» دېيىشتى، ئەبۇجەھىل لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەگەر مۇھەممەدنىڭ سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئۇنىڭ گەدىنىگە دەسسەيمەن ياكى يۈزىنى توپىغا مىلەيمەن» دېدى. بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ گەدىنىگە دەسسەش ئۈچۈن يېقىنلىشىۋاتقاندا ئۇلار ئەبۇ جەھىلنىڭ ئۇشتۇمتۇت قورقۇپ كەينىگە يانغانلىقىنى، ئىككى قولىنى سوزۇپ بىر نەرسىدىن ساقلانغاندەك قېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، يارەنلىرى ئۇنىڭدىن: [ساڭا نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى، ئەبۇجەھىل ئۇلارغا: مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نىڭ گەدىنىگە دەسسىمەكچى بولغىنىدا ئۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى قورقۇتۇپ قاچۇرغان ئوتقا تولغان بىر ئورەكنى ۋە قاناتلارنى ۋە قورقۇنۇچلۇق ئىشنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خەۋەر بېرىپ: «ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە يېقىنلاشقان بولسا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ ئەزالىرىنى پارچە، پارچە قىلىۋەتكەن بولاتتى» دېدى. ئاللاھ تائالا ئايەت بۇ ئايەتلەرنى نازىل قىلدى: «شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ[6ـ7].(ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن)[8]. ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟[9ـ10]ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا[11]، ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟)[12] ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە)[13]،ئەبۇ جەھىل، ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟[14]ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز[15 ـ 16].ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن![17] بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز[18].(بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن». ئايەتتىكى ئىنساندىن ئەبۇ جەھىل مەقسەت قېلىنغان، ئۇ ئۆزىنى بىھاجەت دەپ ئويلاپ كۇپردا، ئاسىيلىقتا ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئاشتى، «ئى مۇھەممەد! بۇ كاپىرنىڭ بارىدىغان جايى سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىگىدۇر(جەھەننەمگىدۇر)، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرتلىك ئازابىنى تېتىتىدۇ، ئى مۇھەممەد! ماڭا دېگىنە!، ئەبۇ جەھىل ئۆزى ھەقتىن يۈز ئۆرۈپ، ھەقنى ئىنكار قىلىپ، سېنى كەبىنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇشتىن چەكلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولامدۇ؟ قارىمامسەن! مۇھەممەد توغرا يولدا، كىشىلەرنى تەقۋادارلىققا بۇيرىسا، ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەۋەتىلگەن ھەقنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىسە، ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە، ئەبۇ جەھىل ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەبۇ جەھىل ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشى، تىللىشى، ئازار يەتكۈزىشى قاتارلىق ناچار قىلمىشىدىن يانسۇن!، بىز ئۇنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە تاشلايمىز، مۇشۇ يالغانچى، گۇناھكار كاللىنىڭ ئىگىسى بولغان ئەبۇ جەھىل شۇ ۋاختىدا ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى، قەۋمىنى ياردەم بېرىشكە چاقىرسۇن، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى چاقىرسا، بىزمۇ جەھەننەمنىڭ قوپال، قاتتىق قول پەرىشتىلىرىنى چاقىرىمىز، ئى مۇھەممەد! ئۇ كاپىرغا بۇيسۇنۇپ كەبىدە ناماز ئوقۇشنى تاشلىما، ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن، تائەت-ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يېقىنلاشقىن»
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇئمىن پورتۇقالغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى تاتلىق ۋە تەمىمۇ تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق، قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشپۇراق، تەمى ئاچچىق، قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق ئاچچىق تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ تۈرىنى بايان قىلىپ بەردى: بىرىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان مۇئمىن دېگەن؛ رەڭگى چېرايلىق، تەمى تاتلىق ۋە خۇشپۇراق پورتىقال مېۋىسىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ، ئۇ كىشى ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۇ كىشىدىن مەنپەئەت ئالىدۇ. ئىككىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇئمىن، بۇ كىشى خورمىغا ئوخشايدۇ، خورمىنىڭ پۇرىقى يوق، تەمى تاتلىق بولىدۇ، خۇددى خورما كىشىلەرگە خۇش پۇراق بىرەلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ تەمىدە تاتلىق بىر تەمنى ئۆز ئېچىگە ئالغاندەك، مۇئمىننىڭ دىلىمۇ ئىماننى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئۈچىنچى تۈردىكى: قۇرئان ئوقۇيالايدىغان مۇناپىق، ئۇ رەيھان گۈلگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، ئىمان بىلەن دىلى تۈزەلمىگەن، قۇرئان روھى بويىنچە ئەمەل قىلمىغان، كىشىلەر ئارىسىدا مۇئمىندەك كۆرۈنىدۇ، پۇرىقىنىڭ تاتلىق بولىشى ئوقۇغان تىلاۋېتىگە ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىق بولىشى يوشۇرغان كۆپرىغا ئوخشايدۇ. تۆتىنچى تۈرى: قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇناپىق، بۇ توڭ تاۋۇزغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھېچ بىر پۇرىقىمۇ يوق، تەمى ئاچچىق، پۇرىقىنىڭ بولماسلىقى قۇرئان ئوقۇيالماسلىقىغا ئوخشايدۇ، تەمىنىڭ ئاچچىقلىقى يوشۇرغان كۇپىرنىڭ زەھىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئېچى ئىماندىن خالى، سېرتقى كۆرۈنىشىدىمۇ مەنپەئەت يوق، بەلكى ئۇ ھەر تەرەپتىن زىيانلىقتۇر.
ئەبۇ ئابدۇراھمان سۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى.
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن قۇرئان كەرىمدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە، ئۇلار مۇشۇ ئون ئايەتتىكى ئىلىمنى ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ئۆزلەشتۈرمىگىچە باشقا ئايەتلەرگە ئۆتمەيتتى، ئۇلار ئىلىمنى ئەمەل بىلەن بىرگە ئۈگۈنەتتى.