





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى جۇھەينە قەبىلىسىدىن ھۇرەقە جەمەتىگە ئەۋەتتى. ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىگە سەھەر ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇب قىلدۇق. بىر ئەنسارى بىلەن ئىككىمىز بىر ئادەمنى قوغلاپ يېتىشىۋېلىپ، ئارىغا ئېلىۋالغان چېغىمىزدا، ئۇ: لائىلاھە ئىللەللاھ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق»، دېۋىدى، ئەنسارى توختىدى، لېكىن مەن نەيزەم بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. مەدىنىگە كەلگەن چاغدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ: ئى ئۇسامە! ئۇنى: «لائىلاھە ئىللاللاھ» دېگەندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتىڭمۇ؟ دەپ سورىدى. مەن: ئۇ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېدى، دېگىنىمدە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىنى قايتاـ قايتا تەكرارلىدى. ھەتتا مەن ئۆز ـ ئۆزەمگە: شۇ كۈندىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولمىغان بولسامچۇ! دەپ كەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لا ئىللاھە ئىللەللاھ» دەپ تۇرسا ئۆلتۈرىۋەتتىڭمۇ؟ دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ قورالدىن قورقۇپ شۇنداق دېگەن تۇرسا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: چىن دىلىدىن دېدىمۇ ياكى قورقۇپ دېدىمۇ، سەن بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ باقتىڭمۇ؟! دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغانىدى، مەن ئۆز-ئۆزەمگە: بۈگۈنگە قەدەر مۇسۇلمان بولمىغان بولسامچۇ، دەپ كەتتىم. جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر توپ مۇشرىكلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا مۇسۇلمانلاردىن بىر قوشۇن ئەۋەتتى، ئۇلار جەڭگاھ تۈزۈپ جەڭ باشلاندى، مۇشرىكلاردىن بىرى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن خالىغىنىنى پەيلەپ تۇرۇپ ئۆلتۈرەتتى. مۇسۇلمانلاردىن بىرى «بىز ئۇنى ئۇسامە شۇ دەيتتۇق» ئۇنى ئۇشتۇمتۇت تۇتىۋېلىپ كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىچىنى كۆتۈرگەندە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە زەپەر خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن جەڭ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، ئۇ كىشى جەڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى ۋە بۇ ۋەقەلىكنىمۇ بايان قىلىپ بەردى. رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى چاقىرىتتى ۋە ئۇنىڭدىن: نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈردۈڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇ مۇسۇلمانلارغا كۆپ تالاپەت يەتكۈزدى، پالانچى، پالانچىنى ئۆلتۈرۋەتتى، دەپ بىر قانچە كىشىنى ساناپ بەردى، ئۇ: مەن ئۇنى تۇتىۋالغاندا قىلىچنى كۆرۈپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى، دېگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېدى. ئۇ كىشى: ھەئە، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېدى. ئۇ كىشى ئى رەسۇلۇللاھ ماڭا ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسىلا، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: قىيامەت كۈنىدە ئۇ: لا ئىلاھە ئىللەللاھ، دېگەن سۆز بىلەن كەلسە سەن نېمەمۇ قىلارسەن؟ دېگەن بۇ سۆزنى كۆپ تەكرارلىدى
مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇسامە ئىبنى زەيدنى بىر قوشۇنغا قۇماندان قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلار گىرەلىشىپ جەڭ قىلدى، شۇ ئارىدا مۇشرىكلاردىن بىرى قاچتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇسامە ۋە بىر ئەنسارى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قوغلىدى، ئۇنىڭغا يىتىشىۋالغاندا ئۇ مۇشرىك: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېدى. ئەنسارى بولسا: ئۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن قولىنى تارتتى، ئەمما ئۇسامە ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئۇلار مەدىنىگە قايىتقاندا بۇ خەۋەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇسامەگە: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسىمۇ ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېگەندە. ئۇسامە: شۇنداق، ئەمما ئۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېدى، ئى رەسۇلۇللاھ، دېدى. رەسۇلۇللاھ: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېسىمۇ ئۆلتۈرۋەتتىڭمۇ؟ دېگەندە. ئۇسامە: شۇنداق، ئەمما ئۇ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەن، ئۇ مۇسۇلمانلاردىن كۆپ كىشىلەرنى يارىلاندۇردى، پالانچى پالانچىلارنى ئۆلتۈرۋەتتى، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا: سەن بۇنداق جەزىملەشتۈرگۈدەك ئۇنىڭ قەلبىنى يېرىپ باققانمىدىڭ؟ قىيامەت كۈنىدە ئۇ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ كەلسە سەن نېمىمۇ قىلارسەن، ئۇ كۈندە «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ كەلسە، تەۋھىد كەلىمىسىنى ئېيتقان كىشىنى نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈردۈڭ دەپ سورالساڭ، كىم ساڭا شاپائەت قىلار، كىم سنى قوغدا ۋە مۇداپىئە قىلار، دېدى. ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن بۇندىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي، بۈگۈن مۇسۇلمان بولغان بولسامچۇ، دەپ ئارزۇ قىلىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئىلگىرى مۇسۇلمان بولماي بۈگۈن ئىسلامغا كىرگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇ، بۇ قىلمىشىنى مۇسۇلمان تۇرۇپ قىلغان. شەرىئەت قائىدىسىدە: مۇسۇلمان بولۇش، ئىلگىرى قىلىنغان گۇناھلارنىڭ تامامىسىنى يۇيىدۇ
ئەبۇ مۇسا ئابدۇللاھ ئىبنى قەيىس ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، مۇسىبەت يەتكەندە ۋارقىراپ-جاقىرايدىغان، قاتتىق نالە - پەرياد قىلغانلىقتىن چاچلىرىنى يۇلىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولغانلىقتىن كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىدىغان ئاياللاردىن ئادا - جۇدادۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا بەرگەن ۋە ئۇ ئېلىپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە ئاللاھ تائالاغا تەئەللۇقتۇر. بۇنىڭدا تاكامۇللاشقان بىر ھېكمەت مەۋجۇتتۇر. قانداق بىر كىشى بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ، بەندىلەر ئۈچۈن تۇرغۇزغان پايدا - مەنپەئەت، ياخشىلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى بولغان قازا ۋە قەدىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەندەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ: قانداق بىر ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە ئاچچىقى كەلسە ۋە ئۇنىڭدىن نالە - پەرياد قىلسا، ئۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماختالغان يولىدا ۋە تەلەپ قىلىنغان سۈننىتى ئۈستىدە ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يىتىپ قالسا، نالە - پەرياد قىلىدىغان ئادەملەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماددى دۇنياغا باغلانغۇچىلار بولۇپ، ھاياتتا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەبىر قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابى ۋە رازىلىقىنى كۆزلىمەيدۇ. ئىمانى ئاجىزلاپ، مۇسىبەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمىگەن، بۇ ئىش ئۇنى تاكى قەلبىدە نارازى بولۇش ياكى ئۇنى ئاغزاكى ئىپادىلەپ؛ يىغلاش، ۋەيلۇن دەۋزەخى ۋە ۋەيرانچىلىق بىلەن بەت دۇئا قىلىش ياكى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەپ؛ چاچلىرىنى يۇلۇش ۋە كىيىملىرىنى يىرتىشقا ئوخشاش جاھىلىيەت ئادەتلىرىنى قايتىدىن تىرىلدۈرگەن كىشىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادا - جۇدادۇر. ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولسا، ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە باش ئېگىدۇ. ۋە ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر. (سۈرە بەقەرە 156-157-ئايەتلەر)
ئەبى بەرزەتەل ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرىپ قىلدى، ئۈگەنگەن ئىلىمىگە قانچىلىك ئەمەل قىلدى، مال-دۇنياسىنى قەيەردىن تاپتى ۋە نېمە ئىشلارغا چېقىم قىلدى، جىسمىنى نېمە ئىشلار بىلەن خورۇتتى؟ بۇنىڭدىن سورىلىدۇ؟».
تىرمىزى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئىنسانلاردىن ھەر بىر كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن سورالماي تۇرۇپ ھېساپ مەيدانىدىن جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئۆتۈپ كەتمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. بىرىنچى: ھاياتىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئاخىرلاشتۇردى؟. ئىككىنچى: ئۈگەنگەن ئىلمى بىلەن ئاللاھ رازىلىقىنى تەلەپ قىلدىمۇ؟، بىلگىنىگە يارىشا ئەمەل قىلدىمۇ؟، ئىلىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزدىمۇ؟. ئۈچىنچى: مال-دۇنيانى قەيەردىن تاپتى، ھالالدىنمۇ ياكى ھارامدىنمۇ؟، مالنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ ياكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلدىمۇ؟. تۆتىنچى: جىسمىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ساقلىقىنى، ياشلىقىنى نېمە ئىشلار بىلەن يوق قىلدى ۋە نېمىگە سەرپ قىلدى؟.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىدۇ» دېگەن ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ: مەن مەنسەپنى پەقەت ئاشۇ كۈنىلا ياخشى كۆرگەنتىم، مېنىڭ ئىسمىم تولىنىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە بېشىمنى سوزۇپ باقتىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە: «قورغان قولغا چۈشكەنگە قەدەر ئالغا قاراپ ئاتلان، ئۇيان-بۇيانغا قارىما» شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى بىر ئاز مېڭىپ بولۇپ، ئاندىن جايىدا توختاپ قارىماستىن يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: ئى پەيغەمبەر بۇلار بىلەن نېمە ئاساستا جەڭ قىلىمەن؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر جەڭ قىلغىن، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا قانلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ، ئىچكى سىرلىرى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ» دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ خەيبەر كۈنى: «بۇ بايراقنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمگە بېرىمەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق غەلىبە ئاتا قىلىپ خەيبەرنىڭ بەزى قورغانلىرى ئازات بولىدۇ» دېگەن. ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ: مەن مەنسەپنى پەقەت ئاشۇ كۈنىلا ياخشى كۆرگەنتىم، مېنىڭ ئىسمىم تولىنىپ قالارمىكى دېگەن ئۈمىدتە بېشىمنى سوزۇپ باقتىم. شۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنى چاقىرىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىگە: «قورغان قولغا چۈشكەنگە قەدەر ئالغا قاراپ ئاتلان، ئۇيان-بۇيانغا قارىما» دېگەن ئىدى. سەۋەب باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالمىسۇن دېمەكچى ئىدى. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلى بىر ئاز مېڭىپ بولۇپ، خىلاپلىق ھالىتى يۈز بېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قارىماستىن يۇقىرى ئاۋازى بىلەن: ئى پەيغەمبەر! بۇلار بىلەن نېمە ئاساستا جەڭ قىلىمەن؟دېگەندە، رەسۇلۇللاھ:«بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە قەدەر جەڭ قىلغىن، ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا قانلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە چېقىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن. ھەقتىن مەقسەت جانغا جان ۋە زاكات مەقسەتتۇر. ئەگەر راسچتىل ئىمان ئېيتقان بولسا دۇنيادا پايدا قىلغاندەك ئاخىرەتتە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولمىسا مەنپەئەتى بولمايدۇ، بەلكى مۇناپىق بولۇپ دوزاخقا يىقىلىدۇ.
نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن يەتكەن زەرەر ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئىشلارنى بىر پۈتۈن بەدەنگە مىسال قىلىپ، خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىتما بىلەن بىئارام بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ بەردى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «يۈزلىرىگە ئۇرۇپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، جاھىلىيەتتىكىدەك نالە-پەرياد قىلغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھنىڭ ئالغىنى ۋە بەرگىنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدا تولۇق بىر ھىكمەت ۋە ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بار. بۇ ئىشلارغا ئىتىراز بىلدۈرگۈچى ياكى قارشىلاشقۇچى، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرىغا ئىتىراز بىلدۈرگەن بولىدۇ، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلىرى مەنپەئەت ۋە ھىكمەتدۇر، ئادالەت ۋە ياخشىلىقنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ ھەدىستە، كىمىكى ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە نارازى بولسا ۋە سەۋرسىزلىك قىلسا رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ كۆرسەتمىسىگە قارشى ئىش تۇتقان بولىدۇ، توغرا يولدىن چەتنىگەن، يوقسۇزلۇق، كېسەللىك يەتكەندە زارلانغۇچىلارنىڭ، چىدامسىزلارنىڭ يولىنى تۇتقان بولىدۇ، ھەقىقەتەن بۇلار ھاياتى دۇنياغا باغلانغان، يەتكەن مۇسىبەتكە ئاللاھ تائالادىن ساۋاب-ئەجىر كۈتمەيدىغان كىشىلەردۇر. رەسۇلۇللاھ ئىمانى ئاجىز، مۇسىبەتكە سەۋر قىلالمايدىغانلاردىن بىزار، ئۇلار مۇسىبەت يەتكەندە قەلبىدىكى نارازىلىقنى نال-پەرياد، كېيىملىرىنى يىرتىش، يۈزلىرىگە ئۇرۇش ئارقىلىق سىرتىغا چىقىرىدۇ، بۇلار ھەممىىسى جاھىلىيەتنىڭ قىلمىشلىرى. ھالبۇكى ئاللاھ تائالانىڭ دوستلىرى بولسا مۇسىبەت يەتكەندە تەقدىرگە تەن بېرىپ: «بىز ئەلىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» دەيدۇ. ئەھلى سۇننەت مەزھىبىدە مۇسۇلمان گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن، گەرچە ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭ گۇناھ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەقتە كۆپ سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ ئۇ ھەدىسلەرنىڭ يۈزەكى مەنىسىدە بۇنداق چوڭ گۇناھلارنى قىلغانلار ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن «مۇسىبەت يەتكەندە يۈزلىرىگە ئۇرۇپ كېيىملىرىنى يىرتىپ يىغلىغانلار بىزدىن ئەمەس» دېگەن ھەدىس ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار. بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ئىيمان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ، بىرى: ئىيمان ئېيىتقان كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، يەنە بىرى: دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالمايدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىيمانى مۇكەممەل بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىپ ماڭغان بولسا، بۇ ئىيمان ئۇ كىشىنى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. يەنە ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: ھەر بىر نەرسىنىڭ شەرىت ۋە چەكلىمىلىرى بولىدۇ، شەرىتلىرى تولۇق تېپىلىپ، چەكلىمىلەردىن خالى بولغاندا ئۇ نەرسە مۇكەممەل بولغان بولىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭغا بىر مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، شەرىئەت بىر گۇناھقا جازا بەلگىلىگەن بولسا، ئۇ گۇناھنى قىلغۇچى جازاغا تارتىلىشى ئۈچۈن بۇنى چەكلەيدىغان چەكلىگۈچى بولماسلىقى كېرەك، ئۇ چەكلىگۈچى بولسىمۇ ئىماندۇر، ئىمان ئىگىسىنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشتىن ساقلايدۇ ۋە چەكلەيدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولۇڭ، ئاللاھدىن ياردەم سوراڭ، ئاجىز بولماڭ، ئەگەر سىزگە بىر ئىش يەتسە، ئەگەر ئۇنداق، بۇنداق قىلغان بولسام بوپتىكەن دېمەڭ، لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغىنى بولدى، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ دەڭ، "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنىڭ ھەممىسىدە ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىمانى، ئىرادىسى كۈچلۈك، مال-دۇنياسى كۆپ ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ئۈستۈن بولغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرگە: ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھدىن ياردەم سوراپ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى دۇنيادا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشتىن چىكىنىش، ھورۇنلۇق قىلىش، بوشاڭلىق قىلىش ۋە ئېغىر بولىۋېلىشتىن چەكلىدى. مۇئمىن ئىش-ئەمەللەرنى قىلىشتا تېرىشچانلىق قىلسا، سەۋەپلەرنى قىلسا، ئاللاھدىن ياردەم سوراش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن ياخشىلىقنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشى ھەممە ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەك، شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئاللاھ تائالانىڭ تاللىغىنى ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر بالا-مۇسىبەت يەتسە، تۆۋەندىكى سۆزنى دېمىسۇن: ئەگەر مەن مۇنداق، مۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتىكەن دېمىسۇن. "ئەگەر" دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئىشىغا يول ئاچىدۇ". بۇنىڭدا يوقالغان نەرسىگە ھەسىرەتلىنىپ تەقدىرگە قارشى چىقىش بولىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇپ، رازى بولۇپ: «ئاللاھنىڭ تەقدىرى، ئاللاھ خالىغان ئىشنى قىلدى» دېسۇن. ئەگەر چەكلەنگەن ئىش يۈز بېرىپ قالسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ تەقەززاسى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ خالىغاننى قىلغۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ ھۆكمى قايتۇرۇلمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىگە بىرسى قوشۇمچە قىلالمايدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززابتىن ئاگاھلاندۇرغان، بىلىۋىلىڭلاركى، ئۇ يەكچەشمە، پەرۋەردىگارىڭلار يەكچەشمە ئەمەس. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئارىسىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممىتىنى مەسىھ دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان، چۈنكى ئۇلار دەججالنىڭ چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ، ئۈممىتىگە ئۇنىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. بۇ ھەدىستە ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى بايان قىلىندى، ئاللاھ تائالا بۇ سۈپەتتىن پاكتۇر. شۇنىڭدەك دەججالنىڭ يەنە بىر سۈپىتى ئىككى كۆزى ئارىسىغا «ك ف ر» دەپ يېزىلغان
ئەبۇ ۋاقىد ئەل لەيسىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۇنەين ئۇرىشىغا چىققاندا، مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان«زاتى ئەنۋات» دەپ ئاتىلىدىغان بىر دەرەخىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، بەزى ساھابىلار: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزگىمۇ مۇشرىكلارنىڭ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان دەرىخىگە ئوخشاش بىر دەرەخ قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ پاكتۇر!، بۇ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدۇ، مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەلۋەتتە سىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىغا ئەگىشىسىلەر»
تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۈنەين ئۇرىشىغا چىقتى، ھۈنەين دېگەن مەككە بىلەن تائىپ شەھرىنىڭ ئارىسىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان بەزى ساھابىلار بار ئېدى. ئۇلار" زاتى ئەنۋات" دەپ ئاتىلىدىغان مۇشرىكلار ئۇلۇغلاپ، بەرىكەت تىلەپ، قوراللىرىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئېسىپ قويىدىغان بىر دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ قوراللىرىنى ئېسىپ قويىدىغان ۋە بەرىكەت تىلەيدىغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر دەرەخنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇلار بۇنداق قىلسا توغرا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ ۋە ئاللاھنى ئۇلوغلاپ سۇبھانەللاھ دەپ تەسبىھ ئېيتتى ۋە بۇ سۆزىنىڭ خۇددى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى دېىڭىزدىن ئۆتكەندە مۇشرىكلارنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىنى كۆرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھىغا ئوخشاش بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ئۇلار بۇتقا چوقۇنىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىگىمۇ چوقۇنۇش ئۈچۈن مۇشرىكلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بىر بۇت تىكلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكتۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئۇممەتنىڭ يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇممەتنى بۇنداق ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇردى.