





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېسەلدىن يۇقۇملۇنۇش، ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش يوقتۇر، ماڭا خۇش پال يارايدۇ، دېدى. ساھابىلەر: خۇش پال دېگەن نېمە؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: چىرايلىق سۆز، دېگەن».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەلنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرىسىز يۇقىدىغانلىقى ۋە بىر-بىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بولغان جاھىلىيەت ئېتىقادىنىڭ توغرا ئەمەس، باتىل ئىكەنكىلىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر ئۇچارلىق ياكى ھايۋان ياكى مېيىپلەر ياكى ساناق سانلار ياكى كۈنلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ياخشى پالدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىنسانغا ئۇنى سۆيۈندۈرىدىغان ۋە خۇرسەن قىلىدىغان ياخشى سۆزلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇ سۆز ئىنساننى رەببى ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولىدىغان قىلىدۇ.
بەرا ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلار توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇلارنى پەقەت مۇئمىنلا ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت مۇناپىقلار ئۆچ كۆرىدۇ، ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەنلەرنى ئاللاھ تائالامۇ ئۆچ كۆرىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنە ئەھلىدىن بولغان ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرۈش كامالىي ئىماننىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇنداق بولىشى: ئۇلارنىڭ دىنغا، ئىسلامغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىشتە ۋە مۇسۇلمانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلغانلىقى، ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرىنى پىدا قىلغانلىقىدىندۇر، ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈش بولسا، مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەن كىشىنى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرۈدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ مەندىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن سۈننىتىنى تۇتۇپ، بۇيرىقىغا ئەگىشىدىغان ھەمراھلىرى ۋە ياردەمچىلىرى بولدى، ھەقىقەتەن ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغاننى سۆزلەيدىغان، بۇيرۇلمىغاننى قېلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، كىم ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر، كىم ئۇلار بىلەن تىلى ئارقىلىق جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر، ئۇنىڭ كەينىدە قىچىنىڭ ئۇرۇغىچىلىكمۇ ئىمان يوق»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئۈممەتكە ئەۋەتكەن ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى ئىچىدىن ئۆزىدىن كىيىن خەلىپىلىككە يارايدىغان، يولىنى تۇتۇپ، شەرىئىتىگە ئەگىشىپ، پىرىنسىپى بىلەن ئىش قىلىدىغان تاللانغان، ئىخلاسمەن ياردەمچىلىرى بولغان، كېيىن بېرىلمىگەن نەرسى بىلەن تويۇنىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر پەيدا بولىدۇ، يەنى: ئۇلار ئۆزلىرىنى ماختىلىدىغان سۈپەتلەردىن بىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئۇنداق ئەمەس، شەرىئەتتە كەلمىگەن، بۇيرۇلغان ئىشقا خىلاپ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ. يامانلىقنى يوقىتىش ئىھتىياجى تەلەپ قىلغاندا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزغۇنچىلىق پەيدا بولمىغاندا، ئۇلار بىلەن قولى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشى ئىيمانى مۇكەممەل كىشىدۇر. يامانلىقنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى توسىيالايدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، تىلى بىلەن كۆرەش قىلغان كىشى مۆمىندۇر، يامانلىقنى يوقىتىشتا ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن قەلبى ئارقىلىق كۆرەش قىلغان كىشىمۇ مۆمىندۇر، يامان ئىشنى قەلبى بىلەن ئۆچ كۆرۈشنىڭ كەينىدە قىلچە ئىمان بولمايدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ماڭا بۇرۇن ھېچبىر پەيغەمبەرگە بىرىلمىگەن بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىك ئاتا قىلىندى. بىر ئايلىق مۇساپىدىكى دۈشمەنلىرىمنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىش بىلەن نۇسرەت بېرىلدى، زېمىننىڭ ھەممە يېرى ماڭا سەجدىگاھ ۋە پاك قىلىپ بېرىلدى. ئۈممىتىمدىن ھەر قانداق ئادەم قەيەردە نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە شۇ يەردە نامازنى ئوقۇۋەرسۇن. غەنىمەتلەر ماڭا ھالال قىلىپ بىرىلدى، مەندىن ئىلگىرىكىلەرگە ھالال قىلىنمىغان. قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم. باشقا پەيغەمبەرلەر ئۆز خەلقىگىلا ئەۋەتىلەتتى، مەن بولسام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا پەيغەمبەرلەرگە قارىغاندا بەش تۈرلۈك ئالاھىدە شەرەپ بىلەن ۋە ئىلگىركىلەردە بولمىغان پەزىلەتلەر بىلەن خاس قىلىنغان، شۇنداقلا بۇ ئۈممەتمۇ پەيغەمبىرى ئېرىشكەن شۇ پەزىلەتلەرنىڭ بىر قىسمىغا نائىل بولغان. بۇ بەش تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەر بولسا ئىككى مەشھۇر سەھىھ كىتابتا كەلگەن، بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى دۇشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلغان ۋە كۈچلەندۈرگەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن بىر ئايلىق مۇساپە يىراقلىقتا بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سېلىپ ئاجىزلاشتۇرغان ۋە دۇشمەن سېپىنى بۆلۈپ بەرگەن، بۇ رەسۇلۇللاھقا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ياردەم ۋە كۈچلەندۈرۈش، دىن دۇشمەنلىرىنى خورلاش ۋە مەغلۇپ قىلىپ بېرىش ئىدى، شەكسىزكى بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن چوڭ ياردەم بولغان. ئىككىنچىسى: ئاللا تائالا بۇ ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرگە ۋە ئۇنىڭ بەخىتلىك ئۈممىتىگە كەڭرىچىلىك قىلىپ زېمىننىڭ ھەممە يېرىنى سەجدىگاھ قىلىپ بەردى، قەيەردە ناماز ۋاقتى بولۇپ قالسا شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ناماز ئوقۇش دۇرۇس قىلىندى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئىبادەتنى چىركاۋلاردا قىلىش بەلگىلەندەك بۇ ئۈممەتكە مەسچىتتە ئوقۇش شەرت قىلىنمىدى. ئاللا تائالا يەنە بۇ ئۈممەت ئۈستىدىن پەزلى مەرھەمەت قىلىپ قېيىنچىلىق ۋە جاپانى كۆتۈرىۋەتتى. ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر پەقەت سۇ بىلەنلا تاھارەت ئالاتتى، بۇ ئۈممەت سۇ تېپىلمىغاندا توپا بىلەن تەيەممۇم قىلىشى دۇرۇس قىلىندى. كېسەل سەۋەبلىك سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغانلارمۇ تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس. ئۈچىنچى: كاپىرلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش-جەڭلەردە ئېلىنغان غەنىمەت، ئولجىلار ھالال قىلىپ بىرىلدى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بايان قىلغان شەكىلدە جەڭچىلەرگە بۆلۈپ بىرىلىدۇ، بۇمۇ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈممەتلىرىگە ھارام قىلىنغان، ئۇلار غەنىمەتنى بىر جايغا يىغاتتى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغان جىھادىنى قوبۇل قىلغان بولسا ئاسماندىن بىر ئوت چۈشۈپ غەنىمەتلەرنى كۆيدۈۈرۈپ تاشلايتتى. تورتىنچى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى قىيامەت كۈندە ئالى ماقامغا ۋە بۈيۈك شاپائەتكە ئىگە قىلدى، ئۇ كۈندە ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرمۇ مەھشەرگاھ مەيدانىدا ئارقىغا يانىدىغان كۈن، پەقەت پەيغەمبىرىمىز مەن شاپائەت قىلىمەن دەپ ئوتتۇرىغا چۈشىدۇ ۋە ئەرش ئاستىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا لايىق ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا: شاپائەت تەلەپ قىلغىن، شاپائەت قىلىش ھوقۇقى بىرىلىدۇ، سورىغىن سورىغان نەرسەڭ بىرىلىدۇ، دېيىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ بۇ ئۇزۇن كۈندە كىشىلەر ئارسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن شاپائەت ھوقۇقىنى سورايدۇ، مانا بۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى جىمى كىشىلەر قىزىقىدىغان ئالى بۈيۈك ماقام. بەشىنچى: بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى ئۆز قەۋمىگە خاس ئىدى، يەنى رايۇن، مىلەت بىلەن چەكلەنگەن، ئەمما رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتى ۋە دەۋىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمى يۈزلۈك بولۇپ، زامان ۋە رايۇن، مىللەت بىلەن چەكلەنمىگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن قىيامەتكە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۈيۈك بىر شەرىئەتتۇر. ئۇنىڭدا بىر نەرسىنى زىيادە ۋە كام قىلغۇدەك بىرەر كەمچىللىك يوق، ئىسلام شەرىئىتى ئالەمشۇمۇل تا قىيامەتكىچە قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە دىندۇر
ھارىس ئىبنى ۋەھەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چۈشمەيدىغان كىشىلەردۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا قەسەم قىلسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئورۇنلاپ بېرىدۇ. مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ دەپ ئۇلار: قوپال، ئېچى تار، تەكەببۇر كىشىلەردۇر »
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەھلى جەننىتىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى: ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بۆزەك قىلىنغۇچى، ئورۇن، مەرتىۋىسىگە پەرۋا قىلمايدىغان، دۇنيادا ئۈستۈنلۈك قازىنىشقا ھەرىكەت قىلمايدىغان، لېكىن ئۆزى ئاجىز ۋە باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك ئېتىلگۈچى كىشى بولۇپ، ئەگەر بىرەر ئىش ئۈچۈن قەسەم قىلسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ قەسەم قىلغان ئىشىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىدۇ. ئەمما دوزاخ ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرى بولسا: ئۇلار قوپال، كىشىلەرگە جاپا سالىدىغان، ئېچى قوتۇر، ھەقىقەتكە بويسۇنمايدىغان، پۈتۈن ئەقلى ماددى نەرسىلەرگە مەركەزلەشكەن، ئۆزىگە پەرز بولغان زاكاتنىمۇ ئادا قىلمايدىغان، تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەقنى رەت قىلىدىغان، ئۆزىنى كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت، ئەھلى جەننىتى بىلەن ئەھلى دوزىخىنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغانلىرىلا ئەمەس بەلكى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇ يەردە ئىككى پىرقىنىڭ بەزى سۈپەتلىرى بايان قىلىندى
ئەبۇ مۇسلىم خەۋلانى مۇنداق دەيدۇ: ماڭا سۆيۈملۈك، ئىشەنچىلىك كىشى ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ كىشى ماڭا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى، مېنىڭ قارىشىمدا بەك ئىشەنچىلىكدۇر، ئەۋپ بىن مالىك ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز توققۇز ياكى سەككىز ياكى يەتتە نەپەر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز يېڭىدىن بەيئەت قىلغان ئىدۇق، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز قولىمىزنى ئېچىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، سىلىگە نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىلەر، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيسىلەر، بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسىلەر، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىسىلەر(بىر سۆزنى مەخپى قىلدى) ئىنسانلاردىن بىر نەرسىنى سورىمايسىلەر»، مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى كۆردۈم ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچ بىر كىشىدىن ئۇنى ئېلىۋېتىڭلار دەپ سورىمايتتى».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىرقانچە ساھابىلار بىلەن بىرگە بولغان بىر سورۇندا ئۇلاردىن ئۈچ قېتىم بەيئەت قىلىشنى ۋە تۆۋەندىكى ئىشلارنى لازىم تۇتۇشقا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان: بىرىنچىسى: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك. ئىككىنچىسى: بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش. ئۈچىنچىسى: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە ياخشى ئىشلاردا بويسۇنۇش ۋە سۆزىنى ئاڭلاش. تۆتىنچى: ئېھتىياجلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھدىن سوراش، ئىنسانلاردىن بىر نەرسە سورىماسلىق دېگەن سۆزلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەس ئاۋازدا دېدى. ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قىلغان بەيئىتىگە ئەمەل قىلدى، ھەتتا ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى راۋىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇ ساھابىلاردىن بەزىسىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتگەندىمۇ ھېچ كىشىدىن ئۇنى ئېلىپ بېرىشنى سورىمايتتى، بەلكى ئۆزى ئاتتىن چۈشۈپ ئېلىپ يەنە ئېتىغا مىنەتتى.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلار بىلەن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى تولۇق ئادا قىلغۇچە ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ئۇلار يۇقارقى ئىشلارنى قىلسا، مەندىن جانلىرى، ماللىرىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئىسلامنىڭ ھەققىگە ئالاقىدار بولغان ھەقلەر بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھنىڭ ئۈستىگىدۇر».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى مۇشرىكلار بىلەن ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە، مۇشۇ شاھادەت كەلىمىسى تەقەززا قىلىدىغان بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغانغا، مېلىغا پەرز قىلىنغان زاكاتنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ئادا قىلسا، ئىسلام ئۇلارنىڭ جانلىرى، ماللىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئىسلامى ھۆكۈمدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان بىرەر جىنايەت سادىر قىلسا ئۇ ۋاقىتتا ئۆلتۈرىلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنىدە ئۇلاردىن ھېساپ ئېلىشقا ئاللاھ تائالا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ يوشۇرغان سىرلىرىنى بىلگۈچىدۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ خاتالىق ۋە ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى مەجبۇرلانغانلىق سەۋەبلىرىدىن يۈزبەرگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈممەتكە قىلغان ياخشىلىقىنىڭ جۈملىسىدىن: ئۇلارنىڭ قەستەن قىلماستىن، خاتالىق بىلەن سادىر بولغان گۇناھ-مەسىيەتلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى، ئۇنتۇلۇپ قىلىپ پەرز ئەمەللەرنى ئادا قىلالمىغان ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا، بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى لېكىن قىلالمىغان پەرز ئەمەللىرىنى ئىسىگە كەلگەندە دەرھال ئادا قىلىشى كېرەك بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە جىنايەتلەردىن مەجبۇرى قىلىنغانلىرى بولسا بۇنىمۇ ئەپۇ قىلىۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ»تەرجىمىسى:«سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).»ھەج سۈرىسى 78-ئايەت
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا پاكتۇر، پەقەت پاك نەرسىنىلا قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئەلچى ۋە پەيغەمبەرلەرنى نېمىگە بۇيرىغان بولسا، مۆمىنلەرنىمۇ شۇنىڭغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى پەيغەمبەرلەر ھالال نەرسىنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن». [سۈرە مۆئمىنىۇن 51-ئايەت]. يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى مۆئمىنلەر بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار. ئاندىن كېيىن ئۇزۇن سەپەرگە چىققان چاچلىرى چۇۋۇق ۋە چاڭ تۇزاڭ بولغان، ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئى پەرۋەردىگارىم، ئى پەرۋەردىگارىم، دەيدىغان بىر كىشىنىڭ مىسالىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىگى ھارامدىن، كىيىم-كىچىكى ھارامدىن، ھارام يىگۈزىلگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاكتۇر، گۈزەل ۋە مۇكەممەل سۈپەت ئىگىسىدۇر، بەندە ئاللا تائالاغا ھارام يول بىلەن ياكى شۈبھە بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مالنى سەدىقە قىلىش، ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش ئارقىلىق، ياكى بۇزۇلغان ئاشلىقلارنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق يېقىنلىشالمايدۇ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىگە قانداق بىر نەرسىلەرنى يېيىشنى دۇرۇس قىلغان بولسا، شۇ نەرسىنى مۆئمىن بەندىلىرىگىمۇ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە نىېمىتىگە شۈكۈر قىلغان ئاساستا يېيىشنى دۇرۇس قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا ئۆز يولىدا چىقىم قىلغۇچىلاردىن ھالال نەرسىلەرنى چىقىم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە شۇنىڭدەكلا ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەل-ئىبادەتلەردىن شەرىئەت كۆرسەتكىنىنى ئىخلاس بىلەن قىلىش گۈزەل بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى ھارامدىن ئاگاھلاندۇرۇپ بىر كىشىنىڭ مېسالىنى تىلغا ئالغان، ئۇ كىشى ھەج، جىھاد ياكى تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلىدىغان، ئىبادەت ئۈچۈن قىلىنغان بۇ سەپەردە چاچلىرى چۇۋۇق، توپا-تەرەت ھالدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرغان ھالدىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈمىد قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇلنى ھارامدىن تاپقان، يېمەك-ئىچمىكىمۇ ھارامدىن بولغانلىق سەۋەبىدىندۇر