





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا، مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن سۆيۈملۈكراكتۇر
ئىبنى ئەبى شەيبە"مۇسەننىپ" ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئابدۇرەززاق"مۇسەننىپ ئابدۇرەززاق"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەيدۇ: مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچكەندىن، بىر ئىش يۈز بىرىدۇ دېگەن ئاساستا ئاللاھ تائالا نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىش ماڭا سۆيۈملۈكراق. بۇ يەردە ئاللاھ نامىدىن يالغان قەسەم ئىچىشنى مەخلۇق نامىدىن راس قەسەم ئىچىشتىن ئەۋزەل كۆردى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشتا گۈزەل تەۋھىد ئەقىدىسى بولغان، گەرچە ئۇ يالغانچىلىق بولسىمۇ، ئەمما مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلىش راسچىللىق پەزىلىتى بىلەن ناچار شېرىك ئەقىدىسى بار. تەۋھىد ئەقىدىسى راسچىللىق پەزىلىتىدىن يۇقىرى ۋە بۈيۈكتۇر. يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى شېرىك ئەقىدىنىڭ گۇناھىدىن تۆۋەن ۋە يەڭگىلدۇر
ئەبى سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: سىلەردىن ئىلگىركىلەرنىڭ ئىزىغا پەيمۇ-پەي ئەگىشىسىلەر، ھەتتاكى ئۇلار كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ شۇ يەرگىچە ئەگىشىسىلەر. ساھابىلار: يەھۇدى، ناسارالارنى مەقسەت قىلىۋاتاملا ئى رەسۇلۇللاھ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇلار بولماي كىم؟ دەپ جاۋاب بەردى
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئۈممەت ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنى دىنى، سىياسى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە شۇنداق دورايدۇكى، خۇددى يا ئوقلىرىنىڭ پەيلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغاندەك شۇ دەرىجىدە دورايدۇ. بۇ تەقلىدچىلىك ۋە دورامچىلىقنى يەنىمۇ تەكىتلەش يۈزىسىدىن رەسۇلۇللاھ: ئەگەردە ئۇلار تار ۋە قاراڭغۇ بولغان كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا كىرسىمۇ، بۇ ئۈممەت شۇ يەرگە قەدەر كىرىپ باقىدۇ، دېگەن. ساھابىلار: «ئىلگىركىلەر» دېگەن سۆزدىن كىمنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، يەنى يەھۇدى ناسارالار مەقسەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا سورالغاندا، ھە-ئە دەپ جاۋاب بەرگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى توغرا يولغا چاقىرىدىكەن ئۇ كىشىگە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىر-ساۋاپلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئازغۇنلۇققا ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناھى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى سۆزى ۋە ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن توغرا يولغا باشلىغان، ھەق يولغا قىزىقتۇرغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلىگەن كىشىگە، توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىمكى كىشىلەرنى سۆزى ياكى ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق باتىلغا، يامانلىققا، گۇناھ-مەسىيەتكە، خاتالىققا ياكى ھالال بولمىغان ئىشلارغا باشلاپ قويىدىكەن، ئۇ كىشىگە يامانلىققا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ خاتالىقى يېزىلىدۇ، ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنىڭ رەسۇلۇللاھتىن بايان قىلىنغان، ئاللاھنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى توغرۇلۇق كەلگەن بىر ھەدىسنى قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى كۆرگەندە، غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەن: ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئۇچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان
ئىبنى ئەبى ئاسىم"سۈننە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئابدۇرەززاق"مۇسەننىپ ئابدۇرەززاق"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۆزىنىڭ دەرسىگە قاتنىشىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئەيىپلىدى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى توغرۇلۇق ھەدىسلەرنى ئاڭلىغاندا بۇنى قوبۇل قىلالماي قورققىنىدىن تىترەپ كېتىدۇ. رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ يول ئارقىلىق كەلگەن ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىلىرىدىن چۈشەنگنىگە قارىتا تېگىشلىك ئىمان ئېيتماستىن ئۇ مەنىلەرنى ئاللاھ تائالا مەقسەت قىلغان مەنىلەردىن باشقا مەنىلەرگە قارىتىشقا ئۇرىنىدۇ. بۇ مۆمىن كىشى شەك قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى، كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان، ئۇچارلىقتىن، ھايۋانلاردىن، تۈرلۈك ئەيىپلەرگە دۇچار بولغان مېيىپلەردىن، تۈرلۈك سانلاردىن ياكى كۈنلەردىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ(يەنى بۇ ئىشتا ياخشىلىق يوق دەيتتى) قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەقىقەتەن شۇم پال ئېلىش شېرىك، چۈنكى ھەر قانداق ياخشىلىقنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، ھەر قانداق يامانلىقىنىمۇ ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ دەپئى قىلىدۇ. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە شۇم پالدىن بىر نەرسە كىلىپ قالىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى، لېكىن ئىنسان شۇم پالنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەرنى قىلىش بىلەن يوق قىلىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن شىخخىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بەنى ئامىرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى.
ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانبىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار كېلىپلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياقتۇرمايدىغان بەزى سۆزلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ماختىغىلى تۇردى. ئۇلار: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئىگىمىز، خوجىمىز ئاللاھ»دېدى. ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىنىڭ تولۇق خوجايىنىدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر. ئۇلار: سىلە مەرتىۋە، شەرەپ، ئالاھىدىلىك ۋە ئۈستۈنلۈك جەھەتتە بىزنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىمىز، دېدى . مەرتىۋە، ئۈستۈنلۈك جەھەتتە ئەڭ كاتتىمىز، ئاتا-ئېھساننى ھەممىدىن كۆپ قىلغۇچى دېدى. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزلىرى ئادەتلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا، زىيادە تەكەللۇپ قىلماسلىققا بۇيرىدى، چۈنكى زىيادە تەكەللۇپ قىلغاندا شەيتان ئازدۇرۇپ چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشكە، ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ ھارام قىلغان شېرىك ۋە ئۇنىڭ ۋاستىلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بىرىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ قىيامەت كۈنى» ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېلىپ سەجدە قىلىدۇ ۋە ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ، بىرىنچى قېتىمدىلا شاپائەت تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭغا: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ. خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانقىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېلىپ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۈيۈك شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا دەيدۇ: ئى مۇھەممەد! سۆزۈڭگە قۇلاق سېلىنىدۇ، خالىغىنىڭنى سورىغىن، سورىغان نەرسەڭ بېرىلىدۇ. شاپائەت تىلىگىن، شاپائەت قىلىش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە تۆگىسىدە ئولتۇرۇپ:«ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» دېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پىندىقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تاش تېرىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ:«مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى:«ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى».
ئىبنى ماجە، نىسائى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋىدالىشىش ھەججىدە چوڭ شەيتانغا تاش ئاتىدىغان قۇربان ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شەيتانغا ئاتىدىغان تاشنى تېرىشكە بۇيرىدى، ئۇ يەتتە تال تاش تېرىپ كەلدى، ئۇ تاشلارنىڭ ھەجىمى پىندىقدەك ياكى نوقۇتتەك چوڭلۇڭقتا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «چوڭ-كېچىكلىكى مۇشۇنداق تاشلارنى ئېتىڭلار». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىنى ئىشلاردا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش، قاتتىقلىق قىلىش ۋە بەك ئاشۇرىۋېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭمۇ دىنى ئىشلاردا بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، قاتتىقلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل يۇقۇش، قۇشلاردىن، ھۇقۇشتىن، مەددىدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى. مۇسلىم: «ئاينىڭ چىقىش ئورۇنلىرىدىن ۋە ئېزىتقۇدىن شۇم پال ئېلىش يوق» دېگەن سۆزلەرنى ئارتۇق رىۋايەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانجاھىلىيەتتە دەلىلگە تايانمايدىغان ۋەھىمىلەر ۋە خۇراپىيلىقلار ئەۋج ئالغان بولغاچقا ئىسلام ئەگەشكۈچىلەرنى بۇنداق قۇرۇق گەپلەردىن ساقلاشنى ئىرادە قىلىپ، ھەدىستە بايان قىلىنغان بۇ ئىشلاردىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىنى ئېنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ قۇشلار بىلەن شۇم پال ئېلىشقا ئوخشاش بەزىلىرىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى ئىنكار قىلدى، چۈنكى ياخشىلىقلارنى پەقەت ئاللاھلا كەلتۈرىدۇ ۋە يامانلىقلارنىمۇ پەقەت ئاللاھلا قايتۇرىدۇ