Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنىڭ ھاياتلىق، ئۆلۈم، رىزىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى بېكىتىش بىلەن بىرگە ئۇ ئىشلارنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن ئەللىك مىڭ يىل بۇرۇن پۈتىۋەتكەنلىكىنى، تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە مۇۋاپىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ. ئىنسانغا پۈتۈلگەن نەرسە خاتا يەتكەن بولمايدۇ، ئىنسانغا تەقدىردە پۈتۈلمىگەن نەرسە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى تەرك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كۇپرىغا چۈشۈپ قىلىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ناماز بولسا ئىسلام ئاساسلىرىدىن ئىككىنچى ئاساستۇر. ئىسلامدا نامازنىڭ مەقامى كاتتىدۇر. نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى بارلىق مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراپ نامازلارنىڭ ھەممىسىنى تەرك قىلغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى نەقىل قىلىنغان. شۇنىڭدەك نامازنى بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلىپ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئادا قىلمىغان كىشىمۇ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدۇ.
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بىلەن ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كاپىر، مۇناپىقلار ئارىسىدىكى ئەھدىنىڭ ناماز ئىكەنلىكى، نامازنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئانا بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر بېرىپ، كىمكى قەسەم قىلماقچى بولسا پەقەت ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسۇن، ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىسۇن دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاتا-بوۋىلار بىلەن قەسەم قىلىشتىن چەكلىگەن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن بىرى قەستەن بولسۇن ياكى باشقىلاردىن نەقىل قىلپ بولسۇن ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلمىغانلىقىنى زىكىر قىلدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلار ئارىسىدا بەزىسىنىڭ بەزىسىگە قىلغان زۇلمى توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە جاراھەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت قان-قىساس مەسىلىسىگە ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كاتتا بولغان، ئەمما سىلەرنىڭ قارىشىڭلاردا چوڭ بولمىغان بىر ئىشتا ئازابلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ بەدىنى ۋە كىيىمىنى كېچىك تەرەتتىن پاك ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن. يەنى كېچىك تەرەت قىلغاندا سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمىغان. يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى. يەنى كىشىلەر ئارىسىدا جىدەل-ماجرا، ئىختىلاپ، كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ سۆزىنى باشقىلارغا يۆتكەيتتى.
ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى يەكچەشمە دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ پەقەت ئاخىر زاماندا كىلىدۇ، ئەمما پەيغەمبىرىمىز دەججال توغرىسىدا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەر سۆزلەپ بەرمىگەن ئىشلارنى ۋە دەججالنىڭ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىشلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەنلىكتىن، كىشىلەر دەججال ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاسىيلىق قىلغان كىشىنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىدىغانلىقىنى، ھەقىقەتنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى
ئاللاھ تائالا: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار» دەپ، كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ شېرىكلەر ئاجىز-بىچارە بولۇپ ھېچ ئىشقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا ئوخشاش ئىلاھلارنى تۇتۇپ، ئۆزىگە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى ئۇلارغا قىلىشتىن چەكلىدى. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شېرىكلەرنى تونۇشتۇرۇپ: شېرىك قاراڭغۇ كېچىدە، قارا تاشنىڭ ئۈستىدە قارا چۈمۈلىنىڭ ئۆمۈلىگىنىدىنمۇ مەخپىدۇر دەپ مىساللىرىنى بايان قىلدى، ئۇ: ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا بولغىنى ئۇ نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىش، سىنىڭ: «ئاللاھ بىلەن ۋە ھاياتىم بىلەن قەسەم» دېگىنىڭ، ياكى سەۋەب قىلغۇچىغا قارىماي سەۋەبكە قارىغىنىڭ، ئىشنى ئاللاھقا قايتۇرماي: «مۇشۇ كۈچۈك بولمىغان بولسا ئوغرى كىرەتتى»، «ھويلىمىزدا بىزنى ئاگاھلاندۇرىدىغان ئۆردەك بولمىغان بولسا يات ئادەم كېرىپ ئوغرىلىق قىلاتتى» دېگىنىڭ، بىرسىنىڭ ھەمراھىغا: «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېيىشى، بىرىنىڭ: «ئاللاھ ۋە پالانى بولمىسا» دېيىشى شېرىكتۇر، «ئۇنىڭدا پالانى دىگەن گەپنى قاتمىغىن!» دېدى، ئاخىرىدا: ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسى كىچىك شېرىكتۇر، ئەگەر ئۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئىشقا تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاللاھ ئەمەس بەلكى ئادەم ياكى ئۆردەك ياكى كۈچۈك دەپ قالسا ئۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان سۆز قىلغاندا :«ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىدى. ياكى ئاللاھ تائالا خالىسا ۋە پالانى: بۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالانىڭ خالىشى ۋە ئىرادىسى مۇتلەق بولۇپ ئۇنىڭغا ھېچ كىم شېرىك بولالمايدۇ. كېيىنكى جۈملىنى باشتىكى جۈملىگە ئۇلاشتا«ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، كېيىنكى جۈملىدىكى بىر شەخسنى باشتىكى جۈملىدىكى ئاللاھ بىلەن شېرىك قىلىش ۋە ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن پالانى خالىسا دېسە بولىدۇ. بەندىنىڭ خالىشىنى ئاللاھنىڭ خالىشىغا ئەگەشتۈرۈشتە «ۋاۋ» ھەرىپىنى ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «سۈممە» ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە، ئۇ ئەگىشىپ كېلىش ۋە كېيىن كېلىشنى بىلدۈرىدۇ.