





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرەرە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر،ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ئېسىل ۋە ياخشى كۆرىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسچىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى بايان قېلىنىدۇ، چۈنكى مەسچىتتە ناماز ئوقۇلىدۇ، ئاللاھنى ياد ئېتىپ زىكىر-تەسبىھ ئېيتىلىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قېلىنىدۇ، ئىلىم-مەرىپەت دەرسلىرى بولىدۇ، كىشىلەرگە دىنى بىلىملەردىن تەلىم بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغانلىرى يۇرتنىڭ بازارلىرى بولۇپ، بازاردا قۇرۇق سۆز، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، كۆپ قەسەم قىلىش، باشقىلارنى ئالداش، يالغان سۆزلەش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غاپىل قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «قىيامەت كۈنى كىشىلەر يالاڭئاياغ، يالىڭاچ، خەتنىسىز ھالەتتە توپلىنىدۇ». مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەرلەر ۋە ئاياللار توپلانسا ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىنمۇ قاتتىقتۇر» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئىشلار ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدىن مۇھىمدۇر» دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە كىشىلەرنى پۇتىدا ئاياغ يوق، ئۇچىسىدا كىيىم يوق، خەتنىسى قىلىنمىغان ھالەتتە توپلايدۇ، ئۇلار قەبرىسىدىن ئانىسىدىن تۇغۇلغان ھالەتتە چىقىدۇ». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەر-ئاياللار يالىڭاچ بىر-بىرىگە قارىمامدۇ؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىش ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىدنمۇ مۇھىم ۋە قاتتىقتۇر»دېگەن
ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سىلەر بىر يۇرۇتتا ۋابا كىسىلى تارالغانلىقىنى بىلسەڭلار، ئۇ يۇرۇتقا كىرمەڭلار، سىلەر ياشاۋاتقان يۇرۇتتا ۋابا تارقالغان بولسا، ئۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كەتمەڭلار
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەشەج ئابدۇلقەيسكە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت بار» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلقەيىس ئەۋلادىدىن بولغان ئەشەجگە: «سەندە ھەقىقەتەن مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىككى سۈپەت بار» دېدى، بۇنىڭ سەۋەبى: ئەشەج تەمكىن بولۇپ ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قارىدى، قەۋمى بىلەن بىرگە كېلىشكە ئالدىرمىدى، مۇلايىملىقى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشكەندە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى ئەقلىنىڭ ساغلاملىقىنى، پىكرىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى
بەجالە ئىبنى ئەبەدە:: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ مەكتۇپ يوللىدى، بىز ئۈچ سېھرىگەرنى ئۆلتۈردۇق،-دېدى. ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ھەفسەنى ئۇنىڭ دېدىكى سېھىرلەپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلدى، مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيدنى بۇيرۇدۇم، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ۋەلىدنىڭ يېنىدا بىر كىشى ئويۇن قىلىپ، بىر ئادەمنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئاجراتقاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا جۇندۇب ئەلئەزدى كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى
بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسېھرىگەرلىك ئىجتىمائى ئاپەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، چۈنكى ئۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلىكىنى ناھەق يەۋېلىش، ئەر-ئايال ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى كۇپۇرلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلاردا شەيتانلارغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش بار. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى پاكىزە، بىخەتەر، توغرا يولدا بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىردىن-بىر چارىسىنى ئۇ سېھرىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، جەمىئيەتنى ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازلاشنىڭ چارىسىنى يولغا قويدى، مانا بۇ ساھابىلار قىلغان ئىش.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىندى: ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتە شەكىلگە كىرگۈزگەندە، ئۇنى بىر مۇددەت شۇ پېتى قويۇپ قويدى. شۇ ۋاقىتتا شەيتان: «بۇ نېمىدۇ؟» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاكلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان خاراكتىردە يارىتىلغانلىقىنى بىلىپ يەتتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتە يارىتىپ، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزگەندە، ئۇنىڭغا روھ پۈۋلىمەستىن، بىر مۇددەت شۇ پېتى قويۇپ قويدى، شەيتان بۇ نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ، ئۇنىڭغا قاراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ كاۋاكلىقىنى كۆرگەندە بولسا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋەسۋەسىنى مۇداپىئە قىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغان ئاجىز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى، ياكى ئۇنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن گۇناھ ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى؛ شۇڭا ئۇنىڭغا دەرەختىن يېيىش تەرىپىدىن كەلدى، ياكى ئۇنىڭ ئىچى كاۋاك مەخلۇقنىڭ ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدى. بەزى كىشىلەر بۇ ھەدىستىكى «جەننەتتە» دېگەن سۆزنى ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىن يۈزىدىكى توپىدىن ياراتقانلىقىدەك كەلگەن مەزمۇنلار بىلەن باغلاپ چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭغا ئادەم ئەلەيھىسسالام زېمىن يۈزىدە يارىتىلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، ئۇنىڭ شەكلى روھنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن تەييار بولغىچە شۇ پىتى قويۇپ قويۇلغان، ئاندىن جەننەتكە كەلتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە روھ پۈۋدەلگەن دەپ جاۋاب بېرىلدى
نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئەتىگىنى دەججالنىڭ گېپىنى قىلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەردى، بىز ھەتتا دەججالنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالدۇق ۋە ئۇ يەرگە باردۇق، بىزنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىمىزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىگەندىن كىيىن: نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ دەپ سورىدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر ئەتىگىنى ئۆزلىرى بىزگە دەججالنىڭ گېپىنى قېلىپ ئۇنى بىر ھاقارەتلەپ ۋە بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرگەنتىلە، بىز ئۇنى خورمىزارلىقتىمىكىن دەپ گۇمان قىلدۇق، دەپ جاۋاپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: مەن سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدىن بەك قورقىمەن، ئەگەر دەججال چىققاندا مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولسام ئۇنىڭغا ئۆزۈم تېتىيمەن، ئەگەر ئاراڭلاردا بولمىسام ھەممە كىشى ئۆزى ئۆزىنى قوغدىسۇن، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئورنۇمدا ھەممە مۇسۇلمانلارنى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلايدۇ، دەججال قويۇق بۈدرە چاچلىق، كۆزى تېشىغا پولتىيىپ چىقىپ قالغان بىر يىگىت، ئۇنى خۇددى قەتەنىنىڭ ئوغلى ئابدۇلئۇززاغا ئوخشامدىكىن دەيمەن، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىم ئۇنى كۆرسە سۈرە كەھپنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن. ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر يەردىن چىقىدۇ ۋە ئوڭ-سول تەرەپ بولۇپ ھەممە يەردە پاساتچىلىق تېرىيدۇ. ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئىمانىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار» دېدى. بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ، زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىرىق كۈن تۇرىدۇ، ئۇ قىرىق كۈننىڭ بىر كۈنى بىر يىلدەك، بىر كۈنى بىر ئايدەك، بىر كۈنى بىر ھەپتىدەك قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈنىڭلاردەك بولىدۇ» دېدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھىلىقى بىر يىلدەك بولىدىغان ئۇزۇن كۈنىدە بىر كۈنلۈك نامازنى ئوقۇساق بولامدۇ؟ دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، سىلەر ئۇ كۈننى ئۆلچەپ ھەر بىر كۈندە (يىگىرمە تۆت سائەتتە) بىر كۈننىڭ نامىزىنى ئوقۇڭلار» دېدى، بىز: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ مېڭىش سۈرئىتى شامال ئىتتەرگەن كەلكۈندەك بولىدۇ، ئۇ بىر كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىدۇكى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئاسماننى يامغۇر ياغدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاسماندىن يامغۇر ياغىدۇ، زېمىننى بۇيرۇيدۇ، زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەر ئۈنىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوتلىغىلى كەتكەن چارۋىلىرى كەچتە سېمىز، يېلىنلىرى سۈتكە تولغان، توقلۇقىدىن بىقىنلىرى چىقىپ كەتكەن ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ئۇ باشقا بىر كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەي سۆزىنى رەت قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ قېشىدىن قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قەھەتچىلىك كېلىپ قوللىرىدا ھېچقانداق مال-مۈلكى قالمايدۇ، ئۇ بىر خارابىلىقتىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا: ئىچىڭدىكى بايلىقلارنى چىقارغىن دەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بايلىقلار ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن چىققاندەك ئارقىمۇ ئارقا چىقىشقا باشلايدۇ، ئاندىن ئۇ تازا ياشلىق قورامىغا يەتكەن بىر كىشىنى چاقىرىپ ئېلىپ كېلىپ ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۇرۇپ ئىككى پارچە قېلىۋېتىپ، ئۇ كىشىنى قايتا چاقىرىدۇ، ئۇ تېرىلىپ خوشال كۈلگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام دەمەشقنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئاق مۇنارغا، ئۇچىسىدا رەڭلىك كېيىم، ئىككى قولىنى پەرىشتىنىڭ قاناتلىرىغا قويغان ھالىتىدە چۈشىدۇ، ئۇ بېشىنى پەس قىلسا بېشىدىن سۇ تامچىيدۇ، بېشىنى كۆتۈرسە سۈزۈكلۈكى مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى چاچراپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ تىنىقىنى پۇراپ قالغان كاپىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئۇنىڭ تىنىقى كۆزى يەتكەن يەرگە قەدەر بارىدۇ، ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام دەججالنى ئىزدەپ ئۇنى پەلەستىندىكى "باب لۇد" دېگەن يەردە ئۇنى تېپىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلاپ قالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قېشىغا كېلىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سىلاپ، ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇ چاغدا توساتتىن ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن مەن ھېچ بىر كىشى سوقۇشۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان بىر تۈركۈم بەندىلىرىمنى چىقاردىم، سەن دەججالنىڭ پىتنىسىدىن مەن ساقلاپ قالغان بەندىلىرىمنى تۇر تېغىغا ئېلىپ چېقىپ كەتكىن دەپ ۋەھيى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يەئجۈج مەئجۈجنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەلگەنلىرى تىبېرىيە كۆلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىلىرى ئۆتكەندە، بۇ كۆلدە بىر چاغلاردا سۇ بار ئىكەنتۇق دېيىشىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇر تېغىدا قورشاۋدا قالىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرسى ئۈچۈن كالىنىڭ بىرە تال بېشى سىلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنىڭلاردىكى يۈز تىللادىن ئەلا بولۇپ قالىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يەئجۈج مەئجۈجلەرنىڭ گەردىنىگە قۇرتلارنى ئەۋەتىش بىلەن، ئۇلار خۇددى بىر كىشى ئۆلگەندەكلا ھەممىسى تەڭلا ئۆلىدۇ، ئاندىن ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇر تېغىدىن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇلار زېمىننىڭ بىر غېرىچ يېرىمۇ قالماي يەئجۈج مەئجۈجىلەرنىڭ سېسىق پۇراقلىق جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئوخشاش قۇشلارنى ئەۋەتىدۇ، ئۇ قۇشلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالا خالىغان يەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ، ئاللاھ تائالا يامغۇرنى ئەۋەتىدۇ، يامغۇر بىرەر ئۆي ۋە ياكى بىرەر چىدىرنىمۇ قويماي ھەممىسىنى تازىلاپ، زېمىننى يۇيۇپ ئەينەكتەك قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن زېمىنغا: مېۋىلىرىڭنى چىقار، بۇرۇنقى بەرىكەتلىرىڭنى قايتۇر دېيىلىدۇ، شۇ كۈنلەردە كىشىلەر ئانارنى يەپ ئۇنىڭ شۆپۈكلىرى بىلەن سايىدايدۇ، سۈتلەرگە بەرىكەت بېرىلىپ ھەتتا بىر تۆگىنىڭ سۈتى نۇرغۇن كىشىلەرگە، بىر كالىنىڭ سۈتى بىر قەبىلە كىشىلىرىگە، بىر قوينىڭ سۈتى بىر جەمەت كىشىلەرگە يېتىدۇ، ئۇلار شۇنداق ياشاۋاتقان چاغدا ئاللاھ تائالا تۇيۇقسىزلا بىر مەيىن شامالنى ئەۋەتىدۇ، شامال ئۇلارنىڭ قولتۇقلىرىنىڭ ئاستىدىن مۆمىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇلاردىن كېيىن يەر يۈزىدە ئېشەكلەردەك ئاشكارا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ئەسكى ئادەملەر قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا قىيامەت بولىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغاندەججالنىڭ چىقىشى قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلار بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن خەۋەر بەرگەن، ئىشىنىش ۋە تەستىقلاش زۆرۈر بولغان غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ، بۇ ھەدىستە دەججالنىڭ بارلىق سۈپەتلىرى ھېچ بىر مۇسۇلمانغا مەخپى قالمىغۇدەك دەرىجىدە كامىل-تولۇق بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن دەججالغا ئادەتتىن تاشقىرى بولغان كۈچ-قۇدرەتنى بەرگەن، دەججال زېمىندا مەككە، مەدىنەدىن باشقا بارلىق شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتىدۇ، ئۇنىڭ ئىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زېمىنغا چۈشىشى بىلەن بولىدۇ، ئاندىن يەئجۈج مەئجۈجىلەر ئاشكارا بولۇپ زېمىننى بۇزۇقچىلىققا تولدۇرىدۇ، بۇمۇ ھەم قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى يەئجۈج مەئجۈجىلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ، مۇشۇنداق چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر بولۇپ بولغاندىن كېيىن قىيامەت بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بارلىق مۆمىن بەندىلىرىنى ۋاپات تاپتۇرىدۇ، زېمىندا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكىلىرى قالغاندا قىيامەت بولىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددۇسىيدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكىمكى ئازراق بولسىمۇ تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ساۋاپنى زىيادە قىلىش بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، تائەت-ئىبادەتنى زىيادە قىلغانسىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بېرىدىغان ساۋاپنى زىيادە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا بېرىدىغان پەزلى-رەھمىتىنى تىز قېلىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھەدىسلەردىن ئەمەس، بۇ سۈپەتنى ئىسپاتلىغۇچى كۆپچىلىك ئەھلى-سۈننە ۋەلجامائە ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدۇر. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بار. يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار يۈگۈرۈش دېگەن سۈپەتنى ئاللاھ تائالاغا ئىسپاتلىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۇ يۈگۈرۈشنىڭ شەكلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتقا كىرمىگەن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بەندە ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غۇلاچ يىقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىمەن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا بىر غېرىچ يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر گەز مىقدارىدا يېقىنلىشىدۇ، ئەگەر بەندە پەرۋەردىگارىغا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇ بەندىسىگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشىدۇ. بەندە پەرۋەردىگارىغا مېڭىپ كەلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. (يېقىنلىشىش ۋە كېلىش) تىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۈپەت بولسا؛ ئاللاھ تائالانىڭ سابىت سۈپەتلىرىدىندۇر. بىز ئۇ ئىككى سۈپەتكە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەستىن، بىر نەرسىگە ئوخشاتماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە ئېزاھلىماستىن شۇ بويىچە ئىمان ئېيتىمىز