





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھقا ھەمدى-سانالەر بولسۇن!، «خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېرىنى شىكايەت قىلىپ كەلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم»، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر». سۈرە مۇجادىلە 1-ئايەت
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسەئلەبەنىڭ قىزى خەۋلە ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇبادە ئايالىغا: «سەن ماڭا ئانامنىڭ ئۇچىسىغا ئوخشاش، يەنى: سەن ماڭا ھارام» دېدى، بۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ، بولغان ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىز ئۇنىڭغا ھارام بولۇپسىز» دېدى، ئۇ ھەتتا يېنىدا ئولتۇرغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئاڭلىيالمىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا: مەن ياشىنىپ قالغان ۋاقتىمدا مېنى زىھار قىلدىمۇ؟، مەن ئۇششاق بالىلارنىڭ ھالىنى ئاللاھغا شىكايەت قىلىمەن، ئۇلارنى مەن يېنىمدا ئېلىپ قالسام ئۇلار ئاچ قالىدۇ، ئۇنىڭ قېشىدا قويۇپ قويسام ئۇلار زايا بۇلىدۇ، دېدى. بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئالغان پەيغەمبىرى بىلەن مۇنازىرلەشكەن ئايالنىڭ مۇجادىلىسىدۇر: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ». [مۇجادىلە سۈرىسى1-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن!» يەنى: ئاللاھ بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر، مەخپى ئاۋازمۇ ئاللاھنىڭ ئاڭلىشىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. «خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرىنى شىكايەت قىلدى، بەزى سۆزلىرىنى مەنمۇ ئاڭلىيالمىدىم»، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ» [سۈرە مۇجادىلە1-ئايەت]. خەۋلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىىغا كېلىپ، ئېرى توغرىسىدا شىكايەت قىلغاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ بەزى سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالا ئۇنى يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە ئاڭلاپ، يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاڭلاش بىلەن سۈپەتلىنىدىغانلىقىغا كۈچلۈك دەلىلىدۇر، بۇ دىندا زۆرۈر بولغان ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بىر ئىش، بۇنى پەقەت توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى ئىنكار قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ساھابىلارنىڭ ئايەت-ھەدىسنىڭ چۈشەنچىگە تىز كىلىدىغان ئاشكارا مەنىسىگە ئىشەنگەنلىكىنى، بۇ ئاللاھ ۋە ئەلچىسى ئۇلاردىن ۋە باشقا ئىنسانلاردىن كۈتكەن مەقسەد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ، ئېتىقاد قىلغان ئىشى خاتا بولغان بولسا ئۇلار ئۇنىڭدا ئېتىراپ قىلىنماي، ئۇلارغا توغرىسى بايان قىلىپ بېرىلەتتى، نەقىل شارائىتى تولۇق تۇرۇپ، ساھابىلارنىڭ ھېچ بىرىدىن بۇ تېكىستنى ئاشكارا مەنىسىدىن باشقا مەنىدە چۈشەنگەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ياكى زەئىپ يولدىن بولسىمۇ بىرەر ئەسەر كەلمىدى
ئەبۇ رەمسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇچىلىرىدىكى بۇ نەرسىنى ماڭا كۆرسەتسىلە، مەن تىۋىپ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر سەن كۆيۈنىدىغان ئادەمسەن، بۇنىڭ داۋالىغۇچىسى بۇنى ياراتقان زاتتۇر» دېگەن
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ رەمسە دوختۇر بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئارىسىدا ئۆرلەپ تۇرغان پەيغەمبەرلىك مۆھرىنى كۆرۈپ ئۇنى ئارتۇق خېلىتلاردىن پەيدا بولغان ئۆسمە دەپ ئويلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇنى ئۆزىنىڭ داۋالىشىنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزىگە: «ئاللاھ داۋالىغۇچىدۇر»، يەنى: «ئاللاھ كېسەلگە ھەقىقى شىپالىق ئاتا قىلغۇچى ۋە داۋالىغۇچىدۇر، سەن بولساڭ بىمارلارغا كۆيۈنىدىغان ئادەم»، يەنى: «مېھرىبانلىق قىلىدىغان ۋە كۆيۈنىدىغان ئادەم» دېدى، چۈنكى داۋالىغۇچى كېسەل بىلەن دورىنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى، ساقلىق ۋە شىپالىق ئاتا قىلىشقا قادىر بولغۇچىدۇر، ئۇ بولسىمۇ پەقەت ئاللاھتۇر
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەمەندىن ئاشلانغان تىرىگە يۆگەلگەن ئازغىنە ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتتى، ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەردىن ئۇيەينە ئىبنى بەدىر، ئەقرەئ ئىبنى ھابىس، زەيد ئەلخەيىل، تورتىنچىسى ئەلقەمە ياكى ئامىر ئىنبى تۇپەيىل قاتارلىق كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى. ساھابىلەر ئىچىدىن بىر كىشى: ئۇلارغا قارىغاندا بىز ھەقلىق ئىدۇق دېدى. بۇ سۆز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكەندە مۇنداق دېدى: مەن يەر يۈزىدىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىشەنچىلىك بەندىسى، كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. ئۇلار ئىچىدىن ئورا كۆز، مەڭزى دومباق، دۇقا پىشانە، بومبا ساقال، چېچى چۈشۈرۋېتىلگەن، كىيىمىنى«ئىزارىنى» تۈرىۋالغان بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئېسىت ساڭا مەن زېمىن يۈزىدىكى ئاللاھتىن ئەڭ قورققۇچى ئەمەسمۇ؟ دېگەندە ئۇ كىشى ئارقىغا قاراپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا خالىد ئىبنى ۋەلىد: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بوينىغا ئۇرمايمۇ؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. ئەبۇ سەئىد دەيدۇ: ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاراپ: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر. يەنە مۇنداق دېدى دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبنى دەۋەت، زاكات يىغىش، مۇسۇلمانلار ئارسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ھۆكۈم قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ يەمەنگە ئەۋەتتى، بۇ ھەججەتۇل ۋىدائدىن ئىلگىرى ئىدى. ئاندىن ئەلى يەمەندىن رەسۇلۇللاھ بىلەن مەككىدە ھەج ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ ئۈچراشتى، ئەلى ئۆزى كېلىشتىن ئىلگىرى رەسۇلۇللاھقا توپىلىرىدىن تازلانمىغان بىر ئالتۇن رودىسىنى ئەۋەتكەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئالتۇن رودىسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تورت نەپەر كىشىگە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن بۆلۈپ بەردى، چۈنكى ئۇلار قەبىلە بېشى بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىسلامغا كېرىشى بىلەن قەۋمىمۇ ئىسلامغا كېرەتتى. شۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى ئىسلامغا قىزىقتۇرۇپ، قەلبىنى مايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئالتۇن رودىسىنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگەن ئىدى. مۇسۇلمان بولۇپ بولغانلار بولسا ئۇلارنىڭ ئەقىدە-ئىمانىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن بىرەتتى. شۇنداقلا ھەم بۇ ئالتۇن رودىسى ئومۇمى غەنىمەتتىن بولماستىن، رەسۇلۇللاھنىڭ تېگىشلىكى بولغان بەشتەن بىرىدىن ئىدى، ئالىملار بۇ ئالتۇننىڭ ئومۇمى غەنىمەتتىن بولىشىنى يىراق سانىغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالتۇننى يۇقىرىقى تورت نەپەر كىشىگە بەرگەندە مۇسۇلمانلار توپىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇلارغا قارىغاندا بۇ ئالتۇنغا بىز ھەقلىق ئىدۇق، دېگەندە رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: مەن ئاسماندىكى زاتنىڭ «ئىشەنچىلىك بەندىسى» كېچە-كۈندۈز ماڭا ۋەھىي كېلىپ تۇرىدىغان تۇرسا، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر. يەنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىگە مېنى ئىشىنىپ تاللىغان تۇرسا سەن ۋە ساڭا ئوخشاش ئازغۇن پىتنەخورلار ئەرزىمەس ئازغىنە دۇنيالىق نەرسىلەردە ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟ ئۇ مالنى ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەندەك ھەقلىق كىشىلەرگە بېرىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسىلەر؟ دېدى. «ئاسماندىكى زات» دېگەن بۇ سۆز ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرىدىن ئۈستۈن، بۈيۈك ئىكەنلىكىگە دەلىل، يەنە بۇ جۈملە «ئاسماندىكى زات» ئاسماندىكى ئاللاھ تائالا دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ يەردە «فى» ئىچىدە دېگەن رەۋىش سۆزىنىڭ مەنىسى، «على» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە، چۈنكى ئەرەبلەر تۆۋەندىكى مىساللاردا «فى» نى «على» مەنىسىدە ئىشلەتكەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئى مۇشرىكلار» يەر يۈزىدە خالىغىنىڭلارچە يۈرۈڭلار. ھەممىڭلارنى خورما دەرىخىغا ئاسىمەن، دېگەن ئايەتلەردىكى ئىككى ئورۇندا «فى» ئۈستىدە دېگەن مەنىدە كەلگەن، زېمىن ئۈستىدە، خورما ئۈستىگە دېگەندەك، شۇنىڭدەك يۇقارقى «فى السماء» دېگەن سۆزىمۇ ئاسماندىكى ئەرىش ئۈستىدە دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىدىكى مەنىگە ئوخشاش، «ئى كۇففارلار ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟» «ياكى ئاسماندىكى زاتنىڭ سىلەرگە تاش ياغدۇرۇشىدىن قورقمامسىلەر؟» دېگەن ئايەتلەر. شۇ ئەسنادا مۇسۇلمانلار توپىدىن كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن ئاستىغا پېتىپ كەتكەن، مەڭزىنىڭ سۆڭەكلىرى مۈڭگۈز كەبى چىقىپ تۇرغان، پىشانىسى دۇقا، بومبا ساقال، چېچىنى ئېلىۋتكەن، كىيمىنى ئوشۇقىنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋالغان بىر كىشى تۇرۇپ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئاللاھتىن قورققىن! دېدى. رەسۇلۇللاھ: ۋاي ئىسىت ساڭا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئاللاھتىن قورقايدىغىنى مەن ئەمەسمۇ؟ دېدى. يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ بويسۇنۇش، قورقۇشقا ئەڭ لايىق كىشى ئىدى. تائەت-ئىبادەتنى گۇناھ دەپ تونۇش ئازغۇنلۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسى، بۇ پىتنىخور كشىى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەقسىماتىنى ئادالەتسىزلىك، گۇناھ دەپ تونىۋالغانلىقتىن ئۆزىنى تەقۋادارلىققا بۇيرۇغۇچى سۈپىدە تۇتۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە «ئاللاھتىن قورققىن» دېگەن. ھالبۇكى رەسۇلۇللاھنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى تەقۋادارلىق ۋە كاتتا ئىبادەتنىڭ ئۆزى، ئىدى. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش ئۈچۈن بەرگەن ئىدى. بۇ كىشى قايىتماقچى بولغاندا، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ مەن ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىۋەتمەيمۇ؟ دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ياق ئۇنداق قىلما، ئۇ ناماز ئوقۇيدىغان بولىشى مۇمكىن، دېدى. خالىد ئىبنى ۋەلىد: كۆپلىگەن كىشىلەر ناماز ئوقۇيدۇ ئەمما تىلى بىلەن دىلى باشقىچە، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ: مەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىچ-باغرىنى يېرىش ئۈچۈن كەلمىدىم، دېدى. يەنى: مەن كىشىلەرنىڭ تاشقى ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمەن، ئىچكى ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچى، ھېسابىنى ئۆزى سورايدۇ، دېگەن. يەنە بىر ئىبارىدە خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئورنىدا ئۆمەر ئىدى دەپ كەلگەن. ئاندىن ئۇ كىشى كېتىۋاتقاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاراپ مۇنداق دېگەن: بۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تائىپە چىقىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىزچىل ئوقۇيدىغان، لېكىن كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدىغان، دىندىن خۇددى يا ئوقى ئوۋدىن تىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك چىقىپ كىتىدىغان كىشىلەر، ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمەن. بۇ يەردە مەقسەت، بۇ ئازغۇن كىشىنىڭ تۈرىدىكى كىشىلەردىن چىقىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاش يول تۇتىدۇ، قۇرئاننى كۆپ ئوقۇغانلىقتىن ۋە يادقا ئالغانلىقتىن ئۇنى ناھايىتى ئاسان ئوقۇيدۇ، بىراق ئۇ قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئوزۇق بەرمەيدۇ، قۇرئاننى ئاللاھنىڭ مەقسەت-مۇرادى بىلەن چۈشەنمەيدۇ، ئازغۇن نادان بولغانلىقتىن بەلكى مەنالىرىن بۇرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دىندىن خۇددى ئۇ دىنغا بۇرۇن كىرىپ باقمىغاندەكلا، تەسىرلەنمەيلا، تىز ۋە ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بولسا ئۇلارنىڭ دىنغا كىرگىنى بىلەن ئىمان قەلبىگە مۇستەھكەم ئورنىمىغانلىقىدىن، دىننى توغرا چۈشەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ بۇتپەرەس كاپىرلارغا چېقىلمايدۇ، دەپ رەسۇلۇللاھ ئالدىن خەۋەر بەرگەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئەگەردە ئۇلارنىڭ زامانىدا مەن ھايات بولسام ئۇلارنى سەمۇد قەۋمى ئۆلتۈرۈلگەندەك ئۆلتۈرىمەن، يەنى تامامىسىنى ئۆلتۈرۈپ نەسلىنى قۇرتىۋېتىمەن، دېگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇنازىرىلىشىپ قالدى، مۇسا ئادەمگە دىدىكى: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ. ئۇنىڭغا ئادەم دىدىكى: ئى مۇسا! ئاللاھ تائالا سىنى ئۆزىنىڭ كالامى بىلەن تاللىدى ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يىزىپ بەردى. ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟ شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يىڭىۋالدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام داۋلىلىشىپ قالدى، يەنى: ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزىنىڭ دەلىلىنى قارشى تەرەپنىڭ ئالدىغا قويدى، بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن بولغان بولىشى ياكى چۈشىدە بولغان بولىشىمۇ مومكىن، چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشلىرى ۋەھىيدۇر. بۇنىڭدەك (غەيىپكە مۇناسىۋەتلىك) ئىشلارنى شۇ پېتى قوبۇل قىلىش زۆرۈر، ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. «مۇسا ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن بىزنىڭ ئاتىمىز تۇرۇپ، ئىشىمىزنى ئوڭۇشسىز قىلىپ، بىزنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتتىڭ» دېدى، يەنى: سەن جەننەتتىن چىقىرىلىشىڭغا سەۋەپ بولغان خاتالىق ئارقىلىق ئىشىمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقىغا ۋە ھەممىمىزنىڭ ئادىشىشىمىزغا سەۋەبچى بولدۇڭ، ئاندىن بىزمۇ شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا دۇچ كەلدۇق. ئۇنىڭغا ئادەم دېدىكى: «ئى مۇسا! ئاللاھ سىنى ئۆزىنىڭ كالامىغا تاللىدى»، يەنى: ئاللاھ تائالا سىنى تاللاپ ئۆزىنىڭ كالامىنى ئاڭلاتتى. ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدىن مۇسانى تاللىغان بۇ ئىش بولسا: ئاللاھ تائالا مۇساغا ئۆزىنىڭ كالامىنى بىۋاستە ئاڭلاتقانلىقى ئىدى. «ۋە ساڭا ئۆز قولى بىلەن ۋەھىينى يېزىپ بەردى»، يەنى: ساڭا تەۋراتنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ بەردى. ۋە بىزمۇ بۇ ئىشقا، ئۇنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىن، يوققا چىقارماستىن، ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقا ئىشقا ئوخشاتماستىن ئىشىنىشىمىز زۆرۈر. «ئاللاھ تائالا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل بۇرۇن ماڭا تەقدىر قىلىپ پۈتۈۋەتكەن ئىشقا ماڭا تاپا - تەنە قىلامسەن؟»، يەنى: ماڭا ئاللاھ تائالا لەۋھىلمەھفۇزدا ۋە تەۋراتنىڭ سەھىپىلىرى ۋە تاختايلىرىدا مىنى يارىتىشتىن قىرىق يىل ئىلگىرى پۈتۈۋەتكەن ئىشقا، قانداقمۇ تاپا - تەنە قىلىسەن؟، «شۇنىڭ بىلەن ئادەم مۇسانى مۇنازىرىدە يېڭىۋالدى»، يەنى: ئۇنى دەلىل بىلەن يېڭىۋالدى. بۇ يەردە ئادەمنىڭ دەلىلىنىڭ مۇسانىڭكىدىن كۈچلۈك بولىشى: ئاللاھ سۈبھانەھۇ ۋە تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پات - يېقىندا جەننەتتىن چىقىپ، زېمىنغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئۇنداقتا قانداقمۇ ئاللاھنىڭ بۇ سابىق ئىلمىدىكى ئىشنى قايتۇرغىلى بولسۇن!، دېمەك ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەلىلىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئاشكارا بولدى، چۈنكى بىرەر نەرسىگە بىرەر ئىش تەقدىر قىلىنسا، ئۇنى ئۆزگەرتىش ياكى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بەلكى ئۇ ھەممىنى بىلگۈچى ھەممىگە قادىر زاتنىڭ تەقدىرىدۇر. ئۇ يۈز بەرسە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش ياكى ئۇنى مەخلۇقنىڭ بېشىدىن كۆتۈرۈۋېتىش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىدا قوبۇل قىلىشتىن باشقا يول يوق. شۇنداقتىمۇ، تەقدىر دېگەن: تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارغا ھۆججەت (باھانە) بولالمايدۇ، چۈنكى ئىنسان تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ۋە گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىگە نېمە تەقدىر قىلىنغانلىقىنى شۇ ئىش يۈز بەرمىگۈچە بىلمەيدۇ، ئەگەر ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەرسە ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرالمىسا، شۇ چاغدا تەقدىرنى قوبۇل قىلىپ: «ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلىپ، ئۆزى خالىغاننى قىلدى» دەيدۇ، گۇناھ سادىر بولغان بولسا، مەغپىرەت تىلەيدۇ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋبە قىلىدۇ. دېمەك، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەلەيھىسسالامنى «ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ مۇسىبەتكە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان» دەپ مالامەت قىلاي دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام: بۇ دېگەن تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىش، ئۇ يۈز بەرمەي ئامال يوق، بۇنداق ئىشلاردا بەندىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان مۇسىبەتلەر بولسۇن، ياكى باشقا ئىشلار بولسۇن ئوخشاش، بۇنداق ئەھۋالدا بەندىنىڭ ۋەزىپىسى: «سەبىر قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش» دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دەلىلدە كۈچلۈك كەلدى. بۇنى باھانە قىلىپ جىنايەتچىنى ئەيىپلەش ۋە ئۇنى جازالاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ
ئۇسەيد ئىبنى ئەبۇ ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئاياللارنىڭ بىرىدىن رىۋايەت قىلىدۇ: ئۇ ئايال مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىلاپلىق قىلماسلىقىمىزغا ئالغان بەيئەتدىكى ياخشى ئىشلار ئىچىدە: يۈزلىرىمىزنى تاتىلىماسلىقىمىز، ئۈن سېلىپ يىغلىماسلىقىمىز، ياقا يېرتماسلىقىمىز، چاچنى يۇلماسلىقىمىز بارئىدى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال ساھابىلار بەيئەت قىلغاندا بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلماسلىققا ۋەدە ئالاتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە: ئايال كىشىنىڭ مۇسىبەت يەتكەندە يۈزىنى تاتىلىماسلىق، ئۆزىنى كاچاتلىماسلىق، مەڭزىگە ئۇرماسلىق، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چەكلەنگەن يىغا بىلەن يېغلىماسلىق، كىيىملىرىنى يېرىتماسلىق قاتارلىقلار بار ئىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىغان ئىدى، دۈمبىسىدىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چۈشتى، ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەمگە كۆرسەتتى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: بۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئاخىرقى ئۈممەتلەر ئىچىدە كېلىدىغان داۋۇد ئىسىملىك كىشى بولىدۇ،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ: 60 يىل،-دېدى، ئادەم: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەمنىڭ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ، ئۆلۈم پەرىشتىسى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟-دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن تىنىۋالدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندا دۈمبىسىنى سىيلىۋىدى، ئۇنىڭدىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاكى قىيامەتكىچە يارىتىدىغان پۈتۈن نەسلىنىڭ روھلىرى چىقتى، بۇ ئىبارىدىكى سىيلاش ۋە چىقىش ھەقىقى مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئەھلى سۈننەت چۈشەنچىسىدۇر، ئۇنى ئاشكارا مەنىسىدىن باشقا مەنىلەرگە قارىتىش توغرا ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنىڭ دۈمبىسىدىن چىقارغاندا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئارىلىقىغا پارقىراپ تۇرىدىغان نۇرنى قىلىپ، ئاندىن ئۇلارنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار كىملەر؟ دەپ سورىۋىدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلار سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر كىشىنى كۆردى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئارىسىدىكى پارقىراق نۇر ئۇنى قىزىقتۇردى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ كىم؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: بۇ داۋۇد،-دېدى، ئۇ: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭ ئۆمرىنى قانچىلىك قىلدىڭ؟ دەپ سورىدى، ئاللاھ تائالا: 60 يىل،-دېدى، ئادەم ئەلەيھىسسالام: ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇنىڭغا ئۆمرۈمدىن 40 يىل قېتىپ بەرگىن،-دېدى. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى توشۇپ، پەقەت 40 يىل قالغاندا، ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۇنى ۋاپات تاپقۇزۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى، ئۇ: مېنىڭ ئۆمرۈمدىن يەنە 40 يىل قالمىدىمۇ؟ دەپ سورىدى، پەرىشتە: سەن ئۇنى پەرزەنتىڭ داۋۇتقا بېرىۋەتمىدىڭمۇ؟ دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا تىنىۋالدى، چۈنكى ئۇ ئاتوم ئالەمىدە يۈز بەرگەن بولغاچقا، ئۇنى ئۆلۈم پەرىشتىسى كەلگەندە ئەسلىيەلمىدى، شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئەۋلادىمۇ تاندى، ئادەم ئۇنۇتقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ ئۇنۇتتى، ئادەم دەرەختىن يېيىش ئارقىلىق خاتالاشقان ئىدى، ئەۋلادىمۇ خاتالاشتى، چۈنكى بالا دادىسىغا ئوخشايدۇ. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېزىلغان ئۆمرى 60 يىل بولۇپ، ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىگە 40 يىل قوشۇپ بەردى، ئاللاھ تائالا ئىلگىرى بولغان، كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى، يۈز بەرمىگەن ۋە يۈز بەرسە قانداق شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بەلگىلەپ بەرگەن ۋە قوشۇپ بېرىدىغان ئۆمۈرنى بىلىدۇ، پەرىشتىلەر بولسا پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننى بىلىدۇ، ئاللاھ ئىشلارنى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە يۈز بەرگەندىن كېيىن بىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار: ئۆمۈردىن ئېلىۋېتىش ۋە قوشۇش ئىشلىرى پەرىشتىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بولىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى بىلمىگەن نەرسە ئاشكار بولىدىغان ئىش يوق، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆچۈرۈش ۋە بېكىتىش مەۋجۇت ئەمەس،- دېگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر، راھمان تائالانىڭ نەفىسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن، ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلبى قاتتىقلىق ئۆچكە ۋە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغانلاردا
تەبرانىي"مۆجەم كۇبرا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ «ئىيمان، ھىكمەت يەمەندىدۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدە ئالىملار ئوخشىمىغان كۆز قاراشلاردا بولغان، بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككىگە مەككىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، دېگەن، چۈنكى يەمەن مەككىدىن باشلىنىدۇ ۋە مەككە مەدىنىگە نىسبەتەن يەمەن تەرەپتە. يەنە بەزىلەر: بۇ ئىيماننى مەككە ۋە مەدىنىگە مەنسۇپ قىلغانلىق، چۈنكى مەككە، مەدىنە شامغا نىسبەتەن يەمەن تەرەپكە جايلاشقان، دېگەن. دەرۋەقە بۇ ھەدىسنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەبۇك غازىتىدا بايان قىلغان. يەنە بەزىلەر: بۇ ھەدىستىن مەقسەت ئەنسارىلار دېگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەسلى يەمەندىن، ئىماننى ئۇلارغا نىسبەت بېرىشى ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كۆپ ياردەم بەرگەن، دېگەن. يەنە بەزىلەر مۇنداق دېگەن: ھەدىسنى ئەسلى مەنىسىدە چۈشىنىشكە ھېچبىر چەكلىمە يوق، ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى باشقا كىشىلەردىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن شەرىقلىقلار ۋە باشقىلار قارشىلاشقاندەك قارشىلاشمايلا تىز ئىيمان ئېيىتقانلىقىدۇر. كىم بىر سۈپەتتە ئارتۇق بولسا، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ مۇكەممەللىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، گەرچە باشقىلاردا شۇ سۈپەت تېپىلسىمۇ شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ، بۇ باشقىلاردا ئىيمان يوق دىگەنلىك ئەمەس. بۇ ھەدىس يەمەن خەلقىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان، ھەر زاماندىكى ھەممە يەمەنلىككە ئەمەس، چۈنكى ھەدىس ئىبارىلىرىدىن شۇ مەنىلەر چىقىدۇ. ھىكمەتتىن ئاللاھنى تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىم كۆزدە تۇتۇلغان. «راھمان تائالانىڭ نەپەسىنى يەمەن تەرەپتىن پۇرايمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: مەن مەككە ئەھلىدىن ئېغىر قېيىنچىلىقتا قالغان كۈنلەردە ئەنسارىلار ئارقىلىق ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم بەرگەن، يەنى رەسۇلۇللاھ يەمەنلىك بولغان ئەنسارىلار ئارقىلىق ئېغىرچىلىقتىن قۇتۇلغان، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ئەمەس. «ئاگاھ بولۇڭلاركى كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، قەلىبنىڭ قاتتىقلىقى ئۆچكە يۇڭ ئىگىلىرى بولغان، ئاۋازى يۇقىرى چىقىدىغان كىشىلەردە، كۇپۇرلۇق، پاسىقلىق، باغرى تاشلىق تۆگىلەرنى كۆپ باقىدىغان، ئىتىزلىرىدا ۋە پادىلىرىنى بېقىشتا يۇقىرى ئاۋاز چىقىرىدىغان، توڭ، قوپال، چوڭچى كىشىلەرنى دېمەكچى. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا «ئۆچكە» ئەمەس بەلكى ئات ۋە تۆگە ئىگىلىرىدا، تەمكىنلىك قوي باقىدىغان پادىىچىلاردا دەپ كەلگەن، بۇ ئىبارە قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگىنى ئەڭ توغرا
مەسرۇق مۇنداق دېدى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىنىڭ تىمىغا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا: «ئەي ئائىشەنىڭ دادىسى! (مەسرۇقنىڭ كۈنىيىتى ئەبۇ ئائىشە ئىدى) ئۈچ ئىش بار، كىم ئۇنىڭدىن بىرنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ» دېدى، مەن: «ئۇ ئۈچ ئىش قايسى؟» دېدىم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «كىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆردى دەپ قارىسا ئاللاھقا زور بۆھتاب قىلغان بولدى» دېدى، مەن تامغا يۆلەنمەي تىك ئولتۇرۇپ: «ئەي مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى!، تۇرۇپ تۇرسىلا، ئالدىرىمىسىلا، ئاللاھ قۇرئاندا: «ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى» ۋە «ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى» دېمىدىمۇ؟» دېسەم، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ سوئالنى تۇنجى سورىغان كىشى مەن بولىمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، مەن ئۇنى ئەسلى سۈرىتىدە پەقەت ئىككى قېتىم كۆردۈم، بىرى گەۋدىسىنىڭ چوڭلىقى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توسۇپ ئاسماندىن چۈشىۋاتقاندا كۆردۈم» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سەن ئاللاھنىڭ: «كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» ۋە: «ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى يوشۇردى دەپ قارىسا، ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[67]». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەتە بولىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ كىشى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ[65].»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانتابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم مەسرۇق مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: «ئۈچ ئىش بار، كىم بۇنىڭ بىرىنى سۆزلىسە ئاللاھقا زور يالغاننى دېگەن بولىدۇ» دېدى، مەسرۇق: «ئۇ قايسى ئىشلار؟» دەپ سورىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: بىرىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆردى دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، مەسرۇق يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى، تۈز ئولتۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «قانداقمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز پەرۋەردىگارىنى كۆرمىدى دەيلا؟، ئاللاھ: { ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى} ۋە { ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم كۆردى} دېگەن تۇرسا» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى ئايەت توغرۇلۇق سۇئال سورىغان تۈنجى كىشى ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە جىبرىئىلنى ئاللاھ ياراتقان ئەسلى شەكلىدە پەقەت ئىككىلا قېتىم كۆرگەنلىكىنى، بىر قېتىم كۈن چىقىش تەرەپتىكى زېمىندا، نەرسىلەر ئوچۇق كۆرىنىدىغان يەردە، يەنە بىر قېتىم جەننەتنىڭ ئۈستىدە، شەكلىنىڭ چوڭلىقى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توسۇپ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقاندا كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرمىگەنلىكىگە دەلىل قىلىپ بۇ ئايەتنى كەلتۈردى: {كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر } ۋە { ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر }. ئىككىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر نەرسىنى يوشۇردى دەپ قارىسا ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن. ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ}. ئۈچىنچىسى: «كىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋەھىي بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا ئەتە بولىدىغان ئىشتىن خەۋەر بېرىدۇ دەپ قارايدىكەن ئاللاھقا زور بۆھتان قىلغان بولىدۇ»، بۇ توغرىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: {ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ كىشى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ}
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: بۇ ئادەم ئۈچۈن ئەرش تەۋرىگەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغان ۋە ئۇنىڭغا 70 مىڭ پەرىشتە ھازىر بولغان تۇرۇقلۇق، قەبرىدە شۇنداق قاتتىق بىر سىقىلىپ، ئاندىن قويۇپ بېرىلدى
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئۇلۇغ ساھابە سەئد ئىبنى مۇئازنى ماختاپ مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىغا خۇشال بولغانلىقى ئۈچۈن راھمان تائالانىڭ ئەرشى ھەرىكەتلەنگەن ئىدى، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ۋە پەرىشتىلەرنىڭ چۈشىشى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ كېلىشىگە روھىنىڭ ئۆرلىشىگە زىننەتلەش ئۈچۈن ئېچىلغانىدى، چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ روھلىرىنىڭ ماكانى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىكى جەننەتتە بولىدۇ. يەنە بۇ ئۇلۇغ ساھابىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ قاتارىدىن، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنازىسىغا يەتمىش مىڭ پەرىشتە قاتناشقان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئد ئىبنى مۇئازنىڭ ئاشۇنداق پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا ھۆزۈرىدىكى ئالى ماقامىنى بايان قىلىپ تۇرۇپ، قەبرىنىڭ ئۇنى قاتتىق بىر سىققانلىقى، ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بوشاتقانلىقىنى بايان قىلدى. دېمەك بۇ سىقىشتىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ، ئەگەر بىرەركىم قۇتۇلغان بولسا ئەلۋەتتە سەئد ئىبنى مۇئاز قۇتۇلغان بولاتتى، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلەپ بەردى