





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ھەر قانداق ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنى تۇتىدۇ، بالا شەيتاننىڭ تۇتىشىدىن قاتتىق يىغلايدۇ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ سىرتىدا» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەرقانداق بالا تۇغۇلغاندا شەيتان ئۇنىڭ بىقىنىغا نوقۇيدۇ، بالا تۇغۇلۇپلا شەيتاننىڭ ئاشۇ نوقىشىدىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىراپ يىغلايدۇ، پەقەت مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، مەريەمنىڭ ئانىسى ئۆز ۋاقتىدا: {مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ساڭا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاندىن پاناھ تىلەيمەن} دېگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ ئىككىسىنى شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالغان، ئاللاھ تائالا مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، مەريەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسانى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ نوقىشىدىن ساقلاپ قالدى. مەريەمنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەرزەنتى بولمىغان ئىدى. شەيتاننىڭ بۇ تۇتىشى ياكى نوقىشى ھەقىقى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى بەزى مۇئتەزىلىلەر دېگەندەك ئىنساننى ئازدۇرۇش تەمەسىدە بولۇش ئەمەس، بەلكى بۇنىڭغا ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە رېئاللىقتىكى نوقۇش مەنىسىدە ئىشىنىش ۋاجىپ بولىدۇ
زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئى ئاللاھ ئەنسارلارغا، ئەنسارلارنىڭ باللىرىغا ۋە ئەنسارلارنىڭ نەۋرىلىرىگە مەغپىرەت قىلسىلا
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالادىن ئەنسارىلارنىڭ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلىگەن، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن مەدىنىنىڭ بازارلىرىدىن بىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتقاندا بىرگە قايتتىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ قېتىم: «نەۋرەم قېنى؟، ھەسەن ئىبنى ئەلىنى چاقىرغىن» دېدى، ھەسەن ئىبنى ئەلى بوينىغا بويۇنچۇق ئاسقان ھالەتتە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غۇلىچىنى ئاچتى، ھەسەن ئىبنى ئەلىمۇ غۇلىچىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىنىڭ بازىرىدا بىللە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردىن قايتقاندا بىرگە قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سوراپ: «نەۋرەم قېنى؟ ئۇنى ماڭا چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېڭىپ كەلدى، ئۇنىڭ بوينىغا بويۇنچۇق ئېسىقلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈن غۇلىچىنى يايدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىنى سۇندى، ئىككەيلەن قۇچاقلاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېيت قەبرىگە قويۇلغاندا قەبرىگە كۆك كۆز قارىماتاق ئىككى پەرىشتە كىرىدۇ، ئۇنىڭ بىرى مۇنكەر يەنە بىرى نەكىر دېيىلىدۇ، ئۇلار مېيىتتىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىپ: بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ دەپ سورايدۇ، مۇسۇلمان دۇنيادا دېگەندەك: ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، ئۇ ئىككى پەرىشتە: سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى ھەر تەرەپكە يەتمىش گەزدىن كېڭەيتىلىدۇ، قەبرىنىڭ ئېچى نۇرغا توشۇپ يوپ-يورۇق بولىدۇ. ئۇ كىشىگە: ئارام ئىلىپ ئۇخلا دېيىلىدۇ، ئۇ كىشى: مەن دۇنياغا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەرگە ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر قىلاي، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ مېنىڭ ئەھۋالىمدىن قايغۇرمىسۇن دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئۆز مەشۇقىدىن باشقا كىشى ئويغاتمايدىغان يېڭى ئۆيلەنگەن يىگىتتەك ئارام ئىلىپ ئۇخلا دەيدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قەبرىدىن قوزغىغانغا قەدەر شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلايدۇ. ئەگەر قەبرىگە قويۇلغان مېيت مۇناپىق بولسا: بىلمەيمەن، مەن كىشىلەرنىڭ شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، مەنمۇ شۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ئوخشىشىنى دېگەن ئىدىم، دەيدۇ، ئىككى پەرىشتە: بىز سېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، زېمىنغا: ئۇنى سىققىن دېيىلىدۇ، زېمىن ئۇنى چىڭ سىقىپ قوۋۇرغىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۆتەشتۈرىۋىتىدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى شۇ جايدىن قوزغىغانغا قەدەر، شۇ ئازاب بىلەن ئازابلىنىدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمېيت قەبرىگە قويۇلغاندا قەبرىگە كۆك كۆز قارىماتاق ئىككى پەرىشتە كىرىدۇ، ئۇنىڭ بىرى مۇنكەر يەنە بىرى نەكىر دېيىلىدۇ، ئۇلار مېيىتتىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىپ: بۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟ دەپ سورايدۇ، مۇسۇلمان دۇنيادا دېگەندەك: ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى، ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتكە ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوق، مۇھەممەدئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەيدۇ، ئۇ ئىككى پەرىشتە: سېنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى ھەر تەرەپكە يەتمىش گەزدىن كېڭەيتىلىدۇ، قەبرىنىڭ ئېچى نۇرغا توشۇپ يوپ-يورۇق بولىدۇ. ئۇ كىشىگە: ئارام ئىلىپ ئۇخلا دېيىلىدۇ، ئۇ كىشى: مەن دۇنياغا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەرگە ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر قىلاي، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ مېنىڭ ئەھۋالىمدىن قايغۇرمىسۇن دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭغا: ئۆز مەشۇقىدىن باشقا كىشى ئويغاتمايدىغان يېڭى ئۆيلەنگەن يىگىتتەك ئارام ئىلىپ ئۇخلا دەيدۇ، ئۇ كىشى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قەبرىدىن قوزغىغانغا قەدەر شېرىن ئۇيقۇدا ئۇخلايدۇ. ئەگەر قەبرىگە قويۇلغان مېيت مۇناپىق بولسا: مەن كىشىلەرنىڭ ئۇ مۇھەممەدئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان، مەنمۇ ئاشۇنداق دەيمەن، ئۇ ھەق پەيغەمبەرمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ بۇنى بىلمەيمەن دەيدۇ. ئىككى پەرىشتە: بىز سېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق دەيدۇ، زېمىنغا: ئۇنى ناھايىتى چىڭ سىققىن، قىستىغىن دېيىلىدۇ، زېمىن ئۇنى بەك چىڭ سىقىپ ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۆتەشتۈرىۋىتىدۇ، زېمىننىڭ بەك چىڭ سىقىشى بىلەن قوۋۇرغىلىرى بىر-بىرىگە كىرىشىپ، بەدەنلىرى ئۇۋۇلۇپ، بىر بىقىنى يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى شۇ جايدىن قوزغىغانغا قەدەر ئاشۇ ئازاب بىلەن ئازابلىنىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئوت ھىجاز زېمىنىدىن كۆتىرىلىپ، بۇسرادىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يورۇيدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرمىگۈچىلىك قىيامەت بولمايدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمەككە، مەدىنە ۋە ئەتراپلىرىدىن بىر ئوت كۆتۈرۈلۈپ، شامنىڭ بۇسرا شەھىرىدىكى تۆگىلەرنىڭ بويۇنلىرى يۇرۇيدىغان بىر ۋەقە يۈز بەرمىگۈچىلىك قىيامەت بولمايدۇ. ھەقىقەتتە ھىجرىيە 654-يىلى مەدىنىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ھەررە دېگەن جايدىن بىر زور ئوت كۆتۈرۈلگەن، بۇ ۋەقەلىك پۈتكۈل شام ئەھلىگە ۋە باشقا شەھەردىكىلەرگە مەشھۇر بولغان، ئۇنى كىيىنكى ئەسىردىكى نەۋەۋى، قۇرتۇبى ۋە ئەبى شامە قاتارلىقلار ئۆز كىتاپلىرىدا تىلغا ئالغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «سىلەر كۆزلىرى كىچىك، قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، سىلەر ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان قەۋم بىلەن ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇسۇلمانلار تۈرۈكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى: كۆزلىرى كىچىك، بەدەنلىرىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىكتىن، يۈزلىرى قىزىلغا مايىل ئاق، بۇرۇنلىرى قىسقا ۋە پاناق، يۈزلىرى خۇددى قالقانغا ئوخشاش كەڭ ۋە يۇمۇلاق، گۆشىنىڭ كۆپ ۋە قىلىنلىقىدىن تېرە قاپلانغان نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ. مۇسۇلمانلار تېرە ئاياقلارنى كىيىدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ، بۇلارمۇ تۈرۈكلەر بولۇپ، ئۇلارنى باشقا بىر سۈپەت بىلەن بايان قىلغان
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر قىزىل يۈزلۈك، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى تېرە قاپلانغان قالقانلاردەك، ئاياقلىرى يۇڭدىن ياسالغان خوزا ۋە كەرمان ئەجەملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلمىغىچە قىيامەت بولمايدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇسۇلمانلار ئەجەم شەھەرلىرىدىن خوزا ۋە كەرمانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سۈپەتلىرى: بەدەنلىرىنى سوغۇق ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، يۈزلىرى قىزىلغا مايىل ئاق، بۇرۇنلىرى پاناق، كۆزلىرى كىچىك، يۈزلىرى كەڭ ۋە يۇمىلاقلىقتا قالقانغا، گۆشلىرىنىڭ كۆپ ۋە قېلىن بولغانلىقى ئۈچۈن تېرە قاپلانغان نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ، يۇڭدىن ياسالغان ئاياقلاردا مىڭىشىدۇ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنى ئۆيۈڭلاردىن چېقىرۋىتىڭلار!» دېگەن دېدى، ئۇ يەنە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پالانىنى چېقىرۋەتكەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پالانىنى چېقىرۋەتكەن، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان توغرا تەبىئەتنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن لەنەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلغانلىقىنى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن يىراق قىلىش، ئۆيلەرنىڭ پاكىزلىقى ۋە پاكلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇرالغۇلاردىن ۋە شەھەردىن چېقىرۋىتىشكە بۇيرىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ
خالىد ئىبنى ئۇرفەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئى خالىد مەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇش، پىتنە ۋە تەپرىقىچىلىقلار بولىدۇ. ئەگەردە سەن ئۇ پىتنىلەردە ئاللاھنىڭ قاتىل بەندىسى ئەمەس، بەلكى ئۆلگۈچى بەندىسى بولالىساڭ، بولغىن، دېگەن
ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالىد ئىبنى ئەرفەتەگە تەپرىقىچىلىق، ئۇرۇش، پىتنىلەردىن ئىبارەت كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. يەنە مۇسۇلمانلارنى باشلاپ ماڭىدىغان رەھبەرنىڭ بولماسلىقىدەك ياكى بولغاندىمۇ ھەر رايۇندا بىردىن ھاكىم بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا پىتنە-ئۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن. رەسۇلۇللاھ خالىدنى بۇ پىتنىلەردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۆزىنى تارتىشقا ۋە ئۇنىڭغا قاتناشماسلىققا، ئولتۇرىۋېلىشقا بۇيرۇغان. مەزلۇم ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈشتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ ئىش ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۋېلىش بىلەن ۋە ياكى پىتنە بار شۇ يۇرۇتتىن چىقىپ كېتىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ بىرەر تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا ئۆزىنى، مال-مۈلىكىنى ۋە ئائىلىسىنى قوغداپ چوڭ بىر پىتنە بولمىغان ئاساستا ئۆلتۈرسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە ئۇنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزى بىر رەھبەر ئاستىدا ئىتىپاق بولسا، «مەيلى ئۇ رەھبەر ئادىل بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن» شۇ ۋاقىتتا ئۇ رەھبەرگە بىرى قارشى چىقسا، ئۇنىڭ قوللۇغۇچىللىرى بولۇپ، بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنى بۇزماقچى بولسا، ئۇنى توسۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئەمىر بولغان كىشى ئۇلارغا خەت-چەك يوللاپ توغرا، ھەق يولنى كۆرسىتىشى ۋاجىب بولىدۇ. ھەق يولنى كۆرسەتكەندىن كېيىنمۇ مۇسۇلمانلار رەھبىرىگە بويسۇنمىسا ۋە ئۇلارنى قورقاتسا مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىش ۋاجىب بولىدۇ. مەيلى خاۋارىج بولسۇن مەيلى باغىلار بولسۇن ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمىگە قايتىپ مۇسۇلمانلار ئەمىرىگە بويسۇنمۇغۇچىلىك ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش ۋاجىب بولىدۇ، ھەمدە خەلىق ئاممىسىمۇ بۇ ۋاقىتتا ئەمىر بىلەن بىر تۇرىشى لازىم