





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەبۇبەكرى ئۆمەرگە (ئاللاھ ئۇ ئىككىسىدىن رازى بولسۇن): «ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقلىغاندەك بېرىپ يوقلاپ كېلەيلى» دېدى، ئىككىسى ئۇممۇ ئەيمەننىڭكىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئۇ يىغلاپ كەتتى، ئىككەيلەن ئۇنىڭغا: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇممۇ ئەيمەن: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن» دەپ ئۇ ئىككىسىنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇ ئىككىسىمۇ ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن بىللە يىغلاپ كېتىشتى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشكە ھېرىس ئىدى، رەسۇلۇللاھ ھاياتلىقىدا ماڭغان، ئولتۇرغان، دەسسىگەن ئورۇنلارنى ۋە قىلغان ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنەتتى، بۇ ھەدىس شۇنى تەكىتلەيدۇ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايالنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەبۇبەكرى ئۆمەرنىڭمۇ زىيارەت قىلغاندىكى ۋەقەلىكىنى ھىكايە قىلىپ بېرىدۇ. ئىككەيلەن ئۇ ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇرغاندا ئۇ ئايال يىغلىدى، ئىككەيلەن: «نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن دۇنيادىكى نەرسىلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟» دېدى، ئۇ ئايال: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەي يىغلىمىدىم، ئاسماندىن ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىغا يىغلاۋاتىمەن». چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي ئۈزۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ۋەھىي يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسلام شەرىئىتىنى مۇكەممەل قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: {بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم}. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يىغلاشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇممۇ ئەيمەن ئۇ ئىككەيلەنگە ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان ئىشنى ئەسلەتكەن ئىدى
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: بىزگە قۇرئان-ھەدىسنى ئۈگۈتۈپ قويىدىغان ئادەملىرىڭدىن بىز بىلەن بىرگە ئەۋەتسەڭ دەپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلار دەپ ئاتالغان ئەنسارىلاردىن يەتمىش كىشىنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارام ئىسىملىك تاغاممۇ بار ئىدى.ئۇلار كېچىسى قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە ئۈگىنەتتى، كۈندۈزى مەسچىتلەرگە سۇ توشۇيتتى، ئوتۇن ئېلىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا ئاجىز يېتىملار ئۈچۈن تائام سېتىۋالاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قارىلارنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشىلەر ئۇلارنى كۆزلىگەن يەرگە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈۋەتتى، (ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر، ئۇلارنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن كىشىلەردىن باشقا مۇشرىكلار دېگەن رىۋايەتلەرمۇ بار) ئۇلار: ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىز، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولۇشقانلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ قويساڭ دەپ دۇئا قىلدى. بىر كىشى تاغام ھارامنىڭ كەينىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا نەيزە تىقىپ نەيزىنى ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ، ھارام: كەبىنىڭ پەرۋەدىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەن! شېھىتلەر دەرىجىسىگە يېتىش بىلەن غەلبە قازاندىم دەپتۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بەزى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، ساھابىلار ئۇلارنى مۇسۇلمان بولدى دەپ ئويلاپ قالدى، ئەلچىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگە قۇرئان ئۈگىتىدىغان كىشىلەرنى بىرگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلار بىلەن قارىلار دەپ ئاتىلىدىغان، قۇرئان كەرىم بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، قۇرئان ئوقۇش ئۈچۈن ھەممە ئىشتىن چەكلەنگەن يەتمىش كىشىنى بىرگە ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلار كۈندۈزلىرى مەسچىتكە سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يىمەكلىك سېتىۋېلىپ، سۇپپىدىكى كەمبەغەللەرگە ۋە پىقىرلارغا بېرەتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئۇلار كۈندۈز ۋاقىتلىرىدا مەسچىتكە تەرەت ئالىدىغانلار ۋە ئىچىدىغانلار ئۈچۈن سۇ ئەكىلەتتى، ئوتۇن تېرىپ كېلىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا يېمەك سېتىۋېلىپ پىقىرلارغا سەدىقە قىلاتتى، سۈپپە ئەھلىگىمۇ بېرەتتى، سۈپپە ئەھلى دېگەن: ھەر تەرەپتىن كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە ئورۇنلاشقان كەمبەغەللەر بولۇپ، ئۇلار مەسچىتنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈستى يېپىقلىق سۇپىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ كېچىلىرى شۇ يەردە ياتاتتى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەبنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن قارىلارنى بىرگە ئەۋەتتى، ئۇلار كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى بىئرى مەئۇنە دېگەن جايغا چۈشتى، ئۇ ئەبۇ بەرا ئىبنى مۇلائىب ئەل ئەسىننە دېگەن كىشىنىڭ تۇرىدىغان جايى ئىدى، ئۇلار ئامىر ئىبنى تۈپەيلى مەقسەت قىلىپ كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر بۆلەك ئەرلەر بار ئىدى، ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋېتىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقىنىمىزنى، سېنىڭ بىزدىن ۋە بىزنىڭ سەندىن رازى بولغانلىقىمىزنى يەتكۈزگىن دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە:بىزدىن بىزنىڭ قەۋمىمىزگە سالام يەتكۈزۈپ قويۇڭلار، بىز پەرۋەردىگارىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق، پەرۋەردىگارىمىز بىزدىن رازى بولدى، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىزدىن رازى بولدۇق دېدى. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ھەقىقەتەن ئۇلار پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچراشتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن رازى بولدى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «قېرىنداشلىرىڭلار ئۆلتۈرۈلدى، ئۇلار: ئى ئاللاھ!بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇچراشقانلىقىمىزنى، بىزنىڭ سەندىن، سېنىڭ بىزدىن رازى بولغانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويساڭ، دەپ تىلىدى»دېدى، يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىتائەتمەنلىكىدىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان ئىكرامى ۋە ياخشىلىقلىرىدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق، ئېھسان ۋە چەكسىز رەھمەت قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر
ناپىئنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن ئوغلىغا ئۈچ يېرىم مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى، ئۇنىڭغا: ئوغلۇڭمۇ مۇھاجىرلاردىنغۇ؟ ئۇنىڭ نېمىشقا ئاز بولۇپ قالدى؟دېيىلگەندە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: باشقىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىجرەت قىلغان، ئۇنى بولسا ئاتىسى ھىجرەت قىلدۇرغان، ئابدۇللاھ ئۆزى ھىجرەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا تۆتمىڭ دەرھەمدىن بەردى، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھاجىرلاردىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭغا ئۈچ مىڭ بەشيۇز دەرھەم بەردى، چۈنكى ئۇ بالاغەتكە يەتمىگەن ۋاختىدا دادىسى بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلغان ئىدى، ئۇنى بالاغەتكە يەتكەن مۇھاجىرلارنىڭ قاتارىغا قېتىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نەپىقىنى ئۆزى ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا بېرىدىغان نەپىقىدىن كەمەيتىۋەتتى، دۇنيادا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن ئۈممەتنىڭ مېلىغا كۆيۈنۈشتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش تەقۋادار بىر رەھبەر كۆرۈلمىدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلار تۇغقانلىرىنىڭ يېقىنلىقى، بايلارنىڭ بايلىقى ۋە نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدىن ئەيمىنىپ قالمىسۇن، بەلكى ھەر بىر كىشىنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلسۇن مانا بۇ تەقۋالىق ۋە ئادىللىقدۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۈستىگە بىر ئالتۇن چىكەتكە چۈشتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنى كىيىمى بىلەن ئورىغىلى تۇرىۋىدى، ئاللاھ تائالا: «ھەي ئەييۇب! مەن سېنى سەن كۆرۈپ تۇرغان بۇ نەرسىدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟» دەپ نىدا قىلدى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، لېكىن مەن سېنىڭ بەرىكىتىڭدىن بىھاجەت ئەمەسمەن» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەييۇب ئەلەيھىسسالام يالىڭاچ يۇيۇنىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە چىكەتكە شەكلىدىكى نۇرغۇن ئالتۇن چۈشتى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئېلىپ كىيىمى بىلەن ئورىغىلى تۇرىۋىدى، ئاللاھ تائالا: «ھەي ئەييۇب! مەن سېنى بۇنىڭدىن بىھاجەت قىلمىدىممۇ؟» دەپ نىدا قىلدى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، شۇنداق، لېكىن مەن ئۇنى ئاچكۆزلۈكتىن، دۇنياغا ھېرىسمەنلىكتىن ئالمىدىم، ھەقىقەتەن ئۇ سېنىڭ بەرىكىتىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئالدىم» دېدى
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئالدىغا بىر يەھۇدىي ياكى بىر خىرىستىئاننى ئېلىپ كېلىپ: مانا بۇ سېنىڭ دوزاختىكى ئورنۇڭغا ئالماشتۇرۇلغان كىشىدۇر دەيدۇ». يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى مۇسۇلمانلاردىن بولغان كىشىلەر تاغدەك گۇناھلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۋېتىدۇ»دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە كەلگەن مەزمۇن شۇ: «ھەر بىر ئىنساننىڭ جەننەتتە ۋە دوزاختا ئورنى بولىدۇ، مۆمىن جەننەتكە كىرگەندە ، كاپىر دوزاختا ئۇنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھغا كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا لايىق بولدى» ۋە «سېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچۇڭ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: سەن دوزاخقا كىرىش ئۈچۈن تەڭلەنگەن ئىدىڭ، بۇ سېنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچۇڭ بولدى، چۈنكى ئاللاھ تائالا تائالا دوزاخ ئۈچۈن ئۇنى توشقۇزغۇدەك ساننى تەييار قىلدى، كاپىرلار كۇپىرلىقى ۋە گۇناھى سەۋەبلىك دوزاخقا كىرگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورنىغا دوزاخقا كىرگەن بولدى، ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازادگەردىسى بولغان ئەبۇ يۇنۇس سۇلەيم ئىبنى جۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئايەتنى ئوقۇپ ئىككى بارمىقىنى قويغانلىقىنى كۆردۈم، دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇ ئايەتنى ئوقۇپ، باش بارمىقىنى قۇلىقىغا، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆزىگە قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كۆرۈش ۋە ئاڭلاش دېگەن ئىككى سۈپەتنى ئىسپاتلاشنى تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق ئايەتنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلايدىغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ، بۇنىڭدا مەخلۇقاتقا ئوخشىتىش يوق، چۈنكى ئاللاھ تائالا: {ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر} دېگەن، يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش شۇنى تەلەپ قىلىدۇ
ئەبۇ مەسئۇد بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن بىر خىزمەتكارىمنى قامچا بىلەن ئۇرۇۋاتقان ئىدىم، كەينى تەرىپىمدىن: «بىلىپ قوي ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! » دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم، مەن ئاچچىقتىن ئۇنىڭ نېمە ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، گەپ قىلغۇچى يېقىنلاشقاندا قارىسام ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەن، ئۇ: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دەۋىتىپتۇ، مەن: «بۇندىن كېيىن ھەرگىز قۇل ئۇرمايمەن» دەۋەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن قولۇمدىن قامچا چۈشۈپ كەتتى» دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ قۇلنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازات قىلىۋەتتىم» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر شۇنداق قىلمىغان بولساڭ، سېنى ئوت كۆيدۈرگەن بولاتتى ياكى تۇتاتتى» دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىزمەتچىسىنى قامچا بىلەن ئۇرىۋاتقاندا كەينى تەرىپىدىن ئۇنى ئۇرۇشتىن چەكلىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى، بىراق سۆز قىلغۇچىنىڭ ئاۋازىنى ئايرىيالمىدى، يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بىلگىن ئەي ئەبۇ مەسئۇد ! ئاللاھ ساڭا سەن بۇ قۇلغا قادىر بولغىنىڭدىنمۇ بەكرەك قادىردۇر» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئەسلەتتى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاجىزلارنى بۆزەك قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيبىتىدىن ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىسى چۈشۈپ كەتتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇنىڭدىن كېيىن قۇل ئۇرماسلىق توغرسىدا ۋەدە بەردى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى ۋە چەكلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇرغاننىڭ كاپارىتىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلىۋەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سەن ئۇنى ئازاد قىلىۋەتمىگەن بولساڭ ئۇنىڭغا قىلغان ناچار مۇئامىلەڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئوت ئازابىغا قالغان بولاتتىڭ» دېگەن
ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا جەئفەرنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى كېلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دەپ ئاندىن: «ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، بىز خۇددى بىچارە باچكىلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەئفەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇتە ئۇرىشىدا شەھىد بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈۋىتىش ئۈچۈن، تىنىچلىنىۋىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن مۆھلەت بەردى، ئاندىن ئۇلارغا: «بۈگۈندىن كېيىن قېرىندىشىمغا يىغلىماڭلار» دېدى، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇلارنى يىغلاشتىن چەكلىدى، چۈنكى مۇسىبەتكە دۇچ كېلىش ۋە قايغۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ ۋە داۋاملاشمايدۇ، بۇ يەردىكى چەكلىمە ھارام ئەمەس، بەلكى يەڭگىل چەكلىمە ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمىسە ئۈچ كۈندىن كېيىنمۇ يىغلىسا بولىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ماڭا قېرىندىشىمنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بېرىڭلار»دېدى، ئۇلار جەپەرنىڭ ئابدۇللاھ، مۇھەممەد ۋە ئەۋىپ قاتارلىق بالىلىرى ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز خۇددى بىچارە باچكۇلاردەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدۇق، يەنى ئۇلار دادىسىنى يوقۇتۇپ قويۇش بىلەن يەتكەن قايغۇ-ئەلەم بىلەن شۇنداق ھالغا كىلىپ قالغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ماڭا ساتىراچ چاقىرىپ بېرىڭلار» دەپ ساتىراچقا بۇيرۇپ، بىزنىڭ چاچلىرىمىزنى چۈشۈرگۈزىۋەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدىشى ئاللاھ يولىدا شەھىت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مۇسىبەتتە ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چاچلىرىنىڭ كىرلىشىپ، پىتلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان، ئۇلارنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش ئۇلارغا پايدىلىق بولدى، شۇنداقلا مۇسىبەت ئىشى بىلەن ئۇلارنىڭ چېچىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەن ئاپىسىغىمۇ ئاراملىق بولدى، ئاگاھلاندۇرۇش: ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، مۇسىبەت يەتكەن ۋاقىتتا چاچنى ئالدۇرۇش توغرا بولمايدۇ.سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مۇسىبەت يەتكەندە چېچىنى ئالدۇرىۋەتكەن، كىيىمىنى يىرتقان ۋە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىغانلارغا لەنەت قىلغان»، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بالىلىرىنىڭ چېچىنى ئالدۇرىۋىتىش بولسا ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، ئۇ بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇلارنىڭ چاچلىرىغا كۆيۈنۈپ تاراپ قىلىدىغان ئىشلارغا ۋاقىت چىقىرالماي قالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ باشلىرىنىڭ پىتلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنى ئالدۇرېۋىتىشكە بۇيرىغان، چاچ ئالدۇرۇشنىڭ مۇسىبەتكە تەسىرى بولمايدۇ
نۇئمان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇشىدىن كەتكەندە ئۇنىڭ ھەمشىرىسى يىغلاشقا باشلاپ: ۋاي مېنىڭ تېغىم، ۋاي مېنىڭ تايانچىم دېگىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە: ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز سىزمۇ شۇ، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغاننۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالدى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىقىدىن ھۇشىدىن كېتەتتى، ئۇنىڭ ھەمشىرىسى شۇ ھالىتىنى كۆرگەندە، ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دەپ گۇمان قىلىپ يىغلىدى ۋە نال-پەرياد قىلىپ: ۋاي تايانچىم، ۋاي مېنىڭ تېغىم، دېدى. يەنى ئابدۇللاھ ئۇ ئايال ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان تاغ كەبى، بارلىق ئىشلىرىدا تايىنىدىغان تايانچ بولغانلىقى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلدى. ئۇنىڭ ياخشى، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى جاھىيلىيەت ئادىتى بويىچە تىلغا ئالدى. ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھە ھۇشىغا كەلگەندە جەرياندىن خەۋەر تاپتى. ئۇنىڭغا بىھۇش ياتقىنىدا پەرىشتىلەر: سەن ئۇلار تايىنىدىغان تاغمۇ؟ سەن مۇنداقمۇ؟ سەن ئۇلار سۈپەتلىگەندەكمۇ؟ دېدى. ھەمشىرىسى تىلغا ئالغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ بىھۇش ياتقىنىدا مەسخىرە قىلىش ۋە تەھدىت شەكلىدە دېيىلدى. يەنە بىر ھەدىستە ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇرۇق-تۇققانلىرى نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىمىغان. بۇ ھەدىستىن دەرس ئالغان، دېيىلگەن