





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولىدۇ، مېنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتىن كاشىلا بولىدۇ، ئوقۇغان تىلاۋېتىمنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدا ماڭا شەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋە تاپقان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاننى قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ تۇغقىنى توسقانغا قارىماي كىچىك شېغىل تاش ئاتتى، ئابدۇللاھ ئۇنىڭغا : پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى، دېگەندە ئۇ يەنە ئاتقان ئىدى. ئابدۇللاھ: مەن ساڭا رەسۇلۇللاھنىڭ چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلساممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن ساڭا ھەرگىز گەپ قىلمايمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. والحذف: ئۆلىمالار ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان. كىچىك تاشنى ئوڭ قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن سول بېگىز بارمىقى ئارلىقىدا قويۇپ ئېتىش، ياكى باش بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئارلىقىدا قويۇپ، بېگىز بارماق بىلەن ئېتىش، ياكى بېگىز بارماققا قويۇپ باش بارماق بىلەن ئېتىش، دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوۋغا شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقان. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ تاش ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيىۋېتىدۇ، چىشىنى سۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تورى بولمىغانلىقتىن ئوۋنىمۇ ئوۋلىيالمايدۇ، دۈشمەننىمۇ زەخمىلەندۈرەلمەيدۇ، يەنى دۈشمەننى قورقىتالمايدۇ. چۈنكى دۈشمەن دېگەن بۇ كىچىك تاشتىن ئەمەس بەلكى يا ئوقىدىن قورقىدۇ. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ بىر تۇغقىنى كىچىك بىر تاشنى ئېلىپ چىقتى، ئابدۇللاھ ئۇ تاشنى ئېتىشتىن توستى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭ يەنە شېغىل تاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇ ئان ئۇنىڭغا: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ توسقانلىقىنى دېسەممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن سەن بىلەن ھەرگىز سۆزلەشمەيمەن، دەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بايقۇت قىلدى
بىر يەھۇدى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد! ئاللاھ تائالا ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، زىمىنلارنى بىر بارماقتا، دەرەخلەرنى بىر بارماقتا، سۇنى بىر بارماقتا، نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا تۇتۇپ، پادىشاھ مەندۇرمەن، دەيدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدىنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈنگىدەك كۈلدى، ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زىمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئىبارىدە: تاغلار ۋە دەرەخلەرنى بىر بارماقتا تۇتۇپ ئاندىن ئۇلارنى سىلكىپ تۇرۇپ دەيدۇ: مەن پادىشاھدۇرمەن مەن ئاللاھ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاسمانلارنى بىر بارماقتا، سۇ بىلەن نەم تۇپراقنى بىر بارماقتا باشقا مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بارماقتا تۇتىدۇ، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىزگە بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: يەھۇدى ئالىملىرىدىن بىرى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، تەۋراتتا ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن ئاسمانلارنى بىر بارمىقىدا، زىمىنلارنى بىر بارمىقىدا دەرەخلەرنى بىر بارمىقىدا نەم تۇپراقنى بىر بارمىقىدا، يەنە بىر ئىبارىدە سۇنى بىر بارمىقىدا بارلىق مەخلۇقلارنى بارماقلىرىدىن بىر بارمىقىدا تۇتىدىغانلىقى توغۇرلۇق سۆز بارلىقىنى بايان قىلغان، سەھىھ كەلگەن رىۋايەتلاردە بەش بارماق دەپ كەلگەن، ئەمام ئاللاھنىڭ بارماقلىرى ئىنسانلارنىڭ بارماقلىرىدەك بولماستىن بەلكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇدرەت-كامالىنى نامايەن قىلىپ يۇقىرىدىكى بارلىق مەخلۇقلىرىنى قاتتىق سىلكىيدۇ، ئۆزىنىىڭ ھەقىقى پادىشاھ ئىكەنلىكىنى ۋە مۇتلەق سەلتەنەتى، بەرھەق ئىلاھ ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ، دېگەندە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەھۇدى ئالىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ يان چىشلىرى كۆرۈلگۈدەك كۈلدى. ئاندىن بۇ ئايەتنى ئوقۇدى «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقى قەدرىگە لايىق ئۇلۇغلاشمىدى، ھالبۇكى قىيامەت كۈنى زېمىن ئۇنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ»سۈرە زۇمەر 67-ئايەت
ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ياكى ئەرلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمېيىت جىنازىغا قويۇلۇپ كىشىلەر ئۇنى مۇرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندا، ئۇ كىشى ئەگەر سالىھ بەندە بولسا: ئۇ جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ مېنى تىز ئېلىپ بېرڭلار، دەيدۇ. ئەگەر شەقى بەندە بولسا: دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ ھالىمغا ۋاي مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭدىڭلار، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنساندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ، ئەگەر ئىنسان ئاڭلىسا ئىدى، قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتەتتى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان چاغدا: ئاۋۇ ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام بەرگىن، ئاندىن ساڭا قايتۇرغان سالىمىغا قۇلاق سالغىن، بۇ سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ سالىمىدۇر، دېدى» ئادەم ئاتىمىز: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەردى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋە رەھمەتۇللاھ دەپ، ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قوشۇپ سالام قايتۇردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقان ۋاقتىدا، ئولتۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشقا ۋە ئۇلارنىڭ قايتۇرغان جاۋابىغا قۇلاق سېلىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر-بىرىگە قىلىنغان سالاملار، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەن ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەر ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان ھۆرمەتلەش بولىدۇ. ئادەم ئاتىمىز پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى، پەرىشتىلەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ ۋەرەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قېتىپ جاۋاپ قايتۇردى، بۇ سۆز باشقىلارغا سالام قىلغاندا ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندا قوللىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى. يەنە بىر ھەدىستە: سالام بەرگەندىمۇ ۋە سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىمۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش يولغا قويۇلغان دەپ رىۋايەت قىلىنغان
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر ئۈممەتكە رەھمەت قىلماقچى بولسا، ئۈممەتنى كۈتۈپ تۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۇلاردىن ئىلگىرى پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ پەيغەمبىرى ھايات تۇرۇقلۇق ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلار پەيغەمبىرىگە تېنىپ ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ئاسىيلىق قىلغان چاغدا، ئۇ قەۋىمنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبەرنى خاتىرجەم قىلىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۈممەتلەردىن بىرەر ئۈممەتكە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، پەيغەمبەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈممىتى قىلىپ قالىدۇ، پەيغەمبەر جەننەتتە ئۇلاردىن ئىلگىرى بولىدۇ ۋە ئۈممىتى ئۈچۈن شاپائەتچى بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرنى ئۇسسۇزلۇققا قاندۇرۇش ئۈچۈن كۆلگە ئىلگىرى بارىمەن»، ئاللاھ بىرەر ئۈممەتنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، پەيغەمبىرى ھايات ھالەتتە ئۇ ئۈممەتنى ئازابلايدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ، خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىنى ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئازابلاپ ھالاك قىلغانغا ئوخشاش. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە قىلغان رەھمىتىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلۇللاھنى بۇ ئۈممەتكە تەييارلىغان ھەدىيەسى ۋە رەھمىتىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق»ئەنبىيا سۈرىسى 107-ئايەت. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات تۇرۇپ بۇ ئۈممەتنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. بۇ ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە ياخشىلىقىنى زىيادە قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا (سېنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن) ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ، ئۇلار ئىستىغپار ئېيتىپ تۇرغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب قىلمايدۇ» ئەنپال سۈرىسى 33-ئايەت
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقاندا ئۇنىڭغا ناماز توغرۇلۇق سۆز قىلىندى، ئۇ: «ئەبۇ بەكرىنى بۇيرۇڭلار! كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى دىلى يۇمشاق كىشى، قۇرئان ئوقۇسا يىغا تۇتۇپ كېتىدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى بۇيرۇڭلار، نامازنى ئوقۇپ بەرسۇن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئەبۇ بەكرى سىلىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرسا ئۇنى يىغا تۇتۇپ كېتىپ، كىشىلەرگە قىرائەت قىلالمايدۇ،-دېدىم دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندە، جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە قادىر بولالمىغانلىقتىن، رەسۇلۇللاھ ئەبۇ بەكرىنى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇشنى بۇيرۇق قىلدى، ئەبۇ بەكرى بولسا دىلى يۇمشاق كىشى بولۇپ، قۇرئان ئوقۇسىلا تەسىرلىنىپ يىغلاپ كېتەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھقا بۇ ھەقتە ئۆزۈر ئېيتتى. ئائىشە بۇ ھەدىستە ئەبۇ بەكرىنىڭ قۇرئان ئوقۇغاندا يىغلاپ كېتىشىنى ئاساسىي مەقسەت قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى، كىشىلەر دادىسىدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە يوشۇرغاننىڭ قارشىسىنى ئىپادىلىگەن. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ چىققان كىشىدىن كىشىلەر يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم قايتىلاپ: باشقا بىرىنى بۇيرۇسىلا، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا چىڭ تۇرۇپ: «ئەبۇ بەكرى ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرسۇن! ھەقىقەتەن سىلەر يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ئىكەنسىلەر»دېدى. «يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرى» دىن مەقسەت ئۇلار قەلبىدىكىنى يوشۇرۇپ، تىلىدا باشقىنى ئىپادىلەشتە يۈسۈپنىڭ ھەمراھلىرىغا ئوخشاش دېگەننى مەقسەت قىلغان. بۇ يەردە سۆز كۆپلۈك ئىبارىسى بىلەن دېيىلگەن بولسىمۇ، مەقسەت قىلىنغان كىشى پەقەتلا ئائىشە ئىدى. شۇنىڭدەك يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھلىرىدىن مەقسەت پەقەتلا زۇلەيخا بولۇپ، ھاپىز ئۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىردىكى بىر ۋەزىرنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېدى. بۇ ئىككى ۋەقەلىكنىڭ ئارىسىدكى ئوخشاشلىق نۇقتىسى زۇلەيخا ئۆيىگە ئاياللارنى زىياپەتكە چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قىلغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنى مېھمان قىلىش مەقسەت بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ جامالىنى كۆرسىتىشنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئائىشە بۇ ھەدىستە دادىسىدىن ئىمامەتچىلىكنى بۇرىۋەتمەكچى بولىشىنىڭ سەۋەبىنى كىشىلەر ئۇنىڭ قىرائەت قىلغىنىنى ئاڭلىيالماسلىقنى دېگەن، ئەمما كۆڭلىدە ئەبۇ بەكرى ئىمام بولسا كىشىلەر ئۇنىڭدىن يامان پال ئېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ھەدىسنىڭ بىر قىسىم يوللىرىدا بۇنى ئېنىق بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا تۈرتكە بولغىنى كىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرغان كىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكىدىن ئەنسىرىدىم، دېگەن
ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەنسارى بەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قېلىنىدۇ: سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت چۈشكەندە بىز ھامماللىق قىلىپ جېنىمىزنى باقاتتۇق، بىر كۈنى بىر كىشى كېلىپ نۇرغۇن نەرسىنى سەدىقە قىلدى، كىشىلەر : «رىياخۇر» دېيىشتى، يەنە بىر كىشى كېلىپ بىر سا نەرسە سەدىقە قىلدى، كىشىلەر: «ئاللاھ ئۇنىڭ بىر سا نەرسىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى، شۇ ۋاقىتتا:{ (مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ } دېگەن ئايەت نازىل بولدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا، يەنى: سەدىقە قېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايەت. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ: { (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن} دېگەن ئايەتكە ئىشارەت قېلىدۇ دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى 103- ئايەت). ساھابىلار ئۆزلىرىنىڭ سەدىقىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالدىراپ ئەكىلىپ بېرىشكە باشلىدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشچە قىلغان سەدىقىلىرىنى ئېلىپ كىلىشتى، بەزىلەر سەدىقىدىن كۆپ نەرسە ئېلىپ كەلدى، يەنە بەزىلەر سەدىقىدىن ئاز بىر نەرسە ئېلىپ كەلدى، مۇناپىقلار كۆپ سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «بۇ رىياخۇرلۇق قىلدى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلمىدى» دېيىشتى، ئاز سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «ئاللاھ ئۇنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى. بىر كىشى بىر «سا» نەرسىنى ئېلىپ كېلىۋىدى، مۇناپىقلار: «ئاللاھ سېنىڭ مۇشۇ بىر «سا» نەرسەڭدىن بىھاجەت» دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: «(مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، يەنى: مۇناپىقلار مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاز سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىمۇ ۋە بۇلارنىمۇ مەسخىرە قىلىدۇ، (ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، ئۇلار مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالىدى، ئاللاھ ساقلىسۇن
ئۇممۇ سابىت كەبشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەپتۇ، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە تەۋەررۇك ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكەبشە بىنتى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇ ئۆرە تۇرۇپ ئېسىقلىق تۇرغان تۇلۇمنىڭ ئاغزىدىن سۇ ئىچتى، ئۇ جايدا ئۆرە تۇرۇپ ئېچىشتىن باشقا ئىمكان بولمىغاچ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغان، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ ئىچكەن تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى كېسىۋالدىم ۋە تەۋەررۇك ئۈچۈن ۋە ئېتىبارسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ساقلاپ قويدۇم