





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتىم ئۇلار ھەممە ئىش تەقدىر بىلەن بولىدۇ دەيدۇ، ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « ھەممە نەرسە تەقدىر بىلەن بولىدۇ، ھەتتا ئىشلارغا سەل قاراپ ھورۇنلۇق قىلىش ۋە ئىشلارغا ماھىر بولۇپ جۇشقۇنلۇق بىلەن ئادا قىلىشمۇ تەقدىر بىلەن بولىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممە ئىشنىڭ تەقدىر بىلەن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ھەتتا ئاجىزلىق يەنى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلماسلىق، سەل قاراش، ھورۇنلۇق قىلىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىش قاتارلىقلار. ھەتتا روھلۇق جۇشقۇنلۇق؛ دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئاكتىپ بولۇش كېرەك ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاجىزلىق، جۇشقۇنلۇقنى ۋە ھەممە ئىشلارنى بېكىتتى ۋە تەقدىر قىلدى، دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ بۇرۇندىن بىلگەن ۋە خالىغان ئىشلاردۇر.
مەتەر بىن ئۇكامىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارىدىغان بىر ھاجەتنى پەيدا قىلىدۇ».
تىرمىزى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر بەندە ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات بولۇشنى تەقدىر قىلسا، ئۇ بەندە ئۇ زېمىندا بولمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ جايغا بارىدىغان بىر ھاجەتنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەرگە كېلىدۇ، ئاندىن شۇ جايدا ئۇ كىشىنىڭ روھى قەبزە قېلىنىدۇ.
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا، تۆگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، تۆگىسىنى مەسچىتتە چوكلاندۇرۇپ ئاندىن باغلاپ قويۇپ، ئۇلتۇرغانلارغا قاراپ: سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى، بىز: يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان بۇ ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق، ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئوغلى دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ساڭا جاۋاپ بەردىم» دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كۆڭلىڭگە كەلگەننى سورا» دېدى، ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى بارلىق ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە» دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: مەن سەن ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندىم، مەن قەبىلەمنىڭ ئەلچىسى، مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى.
بىرلىككە كەلگەنئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: ساھابىلار مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ئولتۇرغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز تۆگىگە مىنگەن بىر كىشى مەسچىتكە كېردى، تۆگىسىدىن چۈشتى ۋە ئۇنى باغلىدى، ئاندىن ئۇلاردىن : سىلەرنىڭ قايسىڭلار مۇھەممەد؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا يۆلۈنۈپ ئولتۇراتتى، بىز: بۇ يۆلۈنۈپ ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك كىشى دېدۇق. ئۇ ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئابدۇلمۇتەللەبنىڭ ئوغلى دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ساڭا ئاڭلاتتىم، سورىغىن جاۋاپ بېرىلىسەن». ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن سەندىن بىر قانچە سوئال سورايمەن، سوئالنى قوپالراق سورايمەن، كۆڭلىڭدە ماڭا ئاچچىقلانما؟دېدى. يەنى: ماڭا ئاچچىقلانما، ئېچىڭ سىقىلمىسۇن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭنى سورىغىن»دېدى. ئۇ كىشى: سېنىڭ ۋە سەندىن ئىلگىركىلەرنىڭ رەببى بىلەن سورايمەن: ئاللاھ تائالا سېنى ئىنسانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتىمۇ؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دەپ ئۆزىنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى ۋە بىزنى بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى پەرز نامازلار). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنى يىلدا بىر ئاي روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشقا بۇيرىدىمۇ؟ دېدى، يەنى رامىزان روزىسىنى تۇتۇش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، ئۇ كىشى: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن! ئاللاھ تائالا سېنى بىزلەرنىڭ بايلىرىمىزدىن سەدىقە ئىلىپ كەمبەغەللەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىشكە بۇيرىدىمۇ؟ دېدى. (يەنى زاكات). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەئە»دېدى، زىمام مۇسۇلمان بولدى، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئۆزىنىڭ قايتىپ بېرىپ قەۋمىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئاندىن ئۆزىنى تونۇتتى، ئۇ بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى زىمام بىن سەئلەبە ئېدى.
زىياد بىن لەبىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر نەرسىنى زىكىر قىلدى، ئاندىن: «ئاشۇ ئىش ئىلىم كېتىپ قالغان ۋاقىتتا بولىدۇ»دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىلىم قانداق كېتىپ قالىدۇ؟ بىز قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ تۇرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈگۈتىمىز، ئۇلارمۇ قىيامەتكىچە ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ،؟، دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن زىياد! مەن سېنى مەدىنىدە دىننى چۈشىنىدىغان كىشىلەردىن دەپ قارايتتىم، مۇشۇ يەھۇدى ۋە ناسارالارمۇ تەۋرات ۋە ئىنجىلارنى ئوقۇيدۇ ئەمما ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلمايدۇ ئەمەسمۇ؟» دېدى.
ئىبنى ماجە رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ: «مۇشۇ ۋاقىت كىشىلەردىن ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ ۋە تارتىۋېلىنىدىغان ۋاقىتتۇر»دېدى. زىياد بىن لەبىيد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزدىن ھەيران قىلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىدى، ئىلىم بىزدىن قانداق كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ، قانداق زايە بولۇپ كېتىدۇ؟ بىز قۇرئاننى ئوقۇدۇق، ياد قىلدۇق، ئاللاھ بىلەن قەسەم! بىز ئەلۋەتتە قۇرئاننى ئوقۇيمىز، ئاياللىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئوقۇتىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئەۋلادلىرىغا ئۈگىتىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەئەججۈپلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئى زىياد! ئاناڭ ساڭا يىغلاپ قالسۇن، مەن سېنى مەدىنە ئەھلىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن دەپ ھېسابلايتتىم». ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىپ بەردى: ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى قۇرئاننىڭ يوقۇلىشى ئەمەس، لېكىن ئىلىمنىڭ يوقۇلىشى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنىڭ يوق بولىشىدۇر يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ يېنىدا تەۋرات بىلەن ئىنجىل بولماقلىقى بىلەن ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، ئۇلار ئىنجىل، تەۋراتنىڭ ئەسلى مەقسىدىدىن پايدىلىنالمىدى، ئۇ بولسىمۇ بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىشتۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھيى قىلىندى، مەككىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى، ئاندىن ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، مەدىنىگە ھىجرەت قىلدى، مەدىنىدە ئون يىل تۇردى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولدى.
بىرلىككە كەلگەنئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەپ خەۋەر بېرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا كىرگەندە ۋەھى نازىل قىلىندى، پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى، پەيغەمبەرلىك ۋەھىي قىلىنغاندىن كېيىن مەككىدە ئون ئۈچ يىل تۇردى، ئاندىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلدى، مەدىنىدە ئون يىل تۇردى، ئاندىن ئاتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپتقۇزۇلدى.
قەتادا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىر ئادەم مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى يۈزىچە قانداق جۇغلايدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟» دېدى، قەتادە: رەببىمىزنىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە قادىر دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قىيامەت كۈنىدە كاپىرلار يۈزىچەككە قانداق جۇغلىنىدۇ؟ دەپ سورالغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر» دېدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسىغا مۇنداق دېدى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگىن، مەن بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنى ساڭا گۇۋالىق بېرىمەن» تاغىسى: قۇرەيشنىڭ مېنى ئەيىپلىشىدىن قورۇقمىسام دەيتتىم، ئۇلار: ئەبۇ تالىپ ئۆلۈمدىن قورقۇپ دېدى دېمەيدىغان بولسا ئېدى، مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىلاتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:«إِنَّكَ لا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ وَلَكِنَّ اللهَ يَهْدِي مَنْ يَشَاءُ» تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادىمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ» [سۈرە قەسەس 56-ئايەت].
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپ سەكراتتا ياتقاندا ئۇنىڭدىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاق يوق دېگەن سۆزنى دېسە، بۇ سۆز بىلەن قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان ئېدى، تاغىسى ئەبۇ تالىپ قۇرەيشلەرنىڭ ئۆزىنى تىللىشىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ئەبۇ تالىپ ئاجىزلىشىپ، ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئىمان ئېيتتى دېيىشىدىن قورقۇپ شاھادەت كەلىمىسىنى دېيىشتىن باش تارتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: شۇ ئىش بولمىسا ۋە شۇنىڭدىن ئەنسىرىمىسەم شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش ئارقىلىق سېنىڭ كۆڭلۈڭگە خۇرسەنلىك كېرگۈزەتتىم، سېنى رازى بولىدىغان ئارزۇيىڭغا يەتكۈزەتتىم دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشقا ئېگە بولالمايدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىنى ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئايەت نازىل قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىش، ھەقكە يېتەكلەش، ھەقنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قانچە كۈن كۆرمىگەندىن كېيىن سۈرۈشتە قىلدى، بىر كىشى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن سىلىگە ئۇنىڭ خەۋېرىنى ئۇقۇشۇپ كېلەي دەپ سابىتنىڭ ئۆيىگە كەلسە، سابىت ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ كىشى سابىتتىن: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىغاندا، سابىت: بەك يامان بولدى، سابىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنىڭ ئۈستىدە ئۈنلۈك سۆز قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتتى، ئۇ دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتتى دېدى، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەن ئۇنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: سەن دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس، بەلكى سەن جەننەت ئەھلىدىن» دېگىن دېگەن كاتتا بىشارەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە سابىتنىڭ ئۆيىگە باردى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سابىت بىن قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەت ئارىسىدا كۆرمىگەندىن كېيىن ئۇنى سۈرۈشتۈردى، ساھابىلاردىن بىرى: مەن سىلىگە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن جامائەتكە كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ كېلەي دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئېدى، ئۇ ئۆيىدە بېشىنى ساڭگىلىتىپ بەك غەمكىن ھالەتتە ئوتۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۇ كىشى: ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىدى. سابىت ئۆزىدىكى بىر يامان ئىشتىن خەۋەر بەردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدىن ئۈنلۈك چىقاتتى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەردىن ئۈنلۈك سۆز قىلغانلارغا ئازابنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ۋە دوزاخ ئەھلىدىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلغان. ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى قايتىدىن سابىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئۇنىڭ دوزاخ ئەھلىدىن ئەمەس بەلكى جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا خۇش بىشارەت يەتكۈزۈشكە بۇيرىدى. ئۇنداق بولىشى، ئۇنىڭ ئاۋازى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۈنلۈك ۋە يۇقىرى ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەنسارىيلارنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى ئېدى.
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىىنلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىگە ئون رەھمەت يازىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن بىر ۋاستىنى سوراڭلار، ئۇ جەننەتتىكى ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەن بولۇشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. كىمكى مەن ئۈچۈن ئۇ ئورۇننى سورىسا، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم ھالال بولىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئەزاننى ئاڭلىغان كىشىنى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ -نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار- دېگەن سۆزدىن باشقا سۆزلەرنى تەڭ تەكرارلاپ دېيىشكە، نامازغا كىلىڭلار ۋە نىجاتلىققا كېلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىشكە، ئەزان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا كۆرسەتمە بەردى. چۈنكى كىمكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بىر قېتىم دۇرۇت-سالام يوللىسا، ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئون رەھمەت يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئۇ بەندىسىنى پەرىشتىلەرگە مەدھىيەلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن ئۆزى ئۈچۈن ئۈستۈنلۈككە يېتىدىغان ۋاستىنى سوراشقا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتىكى ئەڭ ئالى مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ ئالى ئورۇنغا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدىن پەقەت بىرلا كىشى لايىق بولىدۇ ۋە ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كەمتەرلىك قىلىپ شۇ ئورۇنغا ئېرىشىدىغان كىشىنىڭ مەن بولۇشۇمنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن. بۇ ئالى مەرتىۋە پەقەت بىر كىشى ئۈچۈنلا بولىدىكەن، ئۇ بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقىسى ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى ئۈچۈن ئالى مەرتىۋىنى تىلەپ دۇئا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.