





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە، ھەتتا كەينىگە يەھۇدىي يوشۇرۇنىۋالغان تاش: ئى مۇسۇلمان! مېنىڭ ئارقامغا يەھۇدىي يوشۇرنىۋالدى، ئۇنى ئۆلتۈرگىن دىمىگۇچە قىيامەت بولمايدۇ،»
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت بولمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى. ھەتتا يەھۇدىي مۇسۇلمانلاردىن يوشۇرنۇش ئۈچۈن تاشنىڭ كەينىگە يوشۇرنىۋالسا، ئاللاھ تائالا تاشنى سۆزلىتىدۇ، تاش مۇسۇلماننى چاقىرىپ: مېنىڭ كەينىمدە يەھۇدىي بار دەيدۇ، مۇسۇلمان كىلىپ ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! يېقىندا سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا ئىسا بىن مەريەم چۈشۈپ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، كېرست بەلگىسىنى سۇندۇرىدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باجنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەتتا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىيسا ئەلەيھىسسامنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بىلەن ئادىل ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چۈشىدىغان ۋاقتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام خىرىستىيانلار ئۇلۇغلايدىغان كېرست بەلگىسىنى سۈندۇرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام باجنى بىكار قىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلام دىنىغا كېرىشكە يۈزلەندۈرىدۇ. مال-دۇنيا بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ قولىدىكى بايلىق بىلەن بىھاجەت بولۇپ، بەرەكەتلەر چۈشۈپ، ياخشىلىق بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقاچقا زاكاتنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « زامانلار يېقىن بولمىغۈچە، بىر يىل بىر ئايغا ئوخشاش، بىر ئاي بىر ھەپتىگە ئوخشاش، بىر ھەپتە بىر كۈنگە ئوخشاش، بىر كۈن بىر سائەتكە ئوخشاش، بىر سائەت خورمىنىڭ ياپرىقى كۆيگەن مۇددەتكە ئوخشاش قىسقا بولمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ».
ئەھمەد رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زامانلارنىڭ يىقىن بولىشىنىڭ قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. بىر يىل خۇددى بىر ئايدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر ئاي خۇددى بىر ھەپتىدەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر ھەپتە بىر كۈندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ بىر كۈن خۇددى بىر سائەتتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر سائەتنىڭ ئۆتۈشى بەك تىز بولغانلىقىدىن، خۇددى خورمىنىڭ ياپرىقى كۆيگەنچىلىك مۇددەتتە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ تائالا زېمىننى چاڭگاللايدۇ، ئاسماننى ئوڭ قولى بىلەن قاتلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدۇ.
بىرلىككە كەلگەنبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام؛ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە زېمىننىڭ ھەممىسىنى چاڭگاللايدىغانلىقى، ئاسماننىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە ئوراپ ئوڭ قولى بىلەن قاتلاپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقى ئۇنىڭدىن كېيىن:«مانا مەن پادىشاھ! زېمىننىڭ پادىشاھلىرى قىنە؟!» دەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ كۆلۈمنىڭ دائىرسى بىر ئايلىق مۇساپىدۇر، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىن ئاق، پۇرىقى مىسكىنىڭ پۇرىقىدىن خۇشپۇراقتۇر، ئۇنىڭ قاچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك كۆپتۇر، ئۇنىڭ سۈيىنى ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆل بولىدىغانلىقى، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا بىر ئايلىق مۇساپە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر. ئۇ سۇنىڭ پۇرىقى مىسكە-ئەنبەرنىڭ پۇرىقىدىنمۇ بەك خۇشبۇيدۇر. ئۇنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزنىڭ سانىدەك كۆپتۇر. شۇ قەدەھلەر بىلەن كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ.
ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن كول بويىدا تۇرۇپ سىلەردىن مېنىڭ يېنىمغا كېلىدىغانلارغا قارايمەن، كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كىلىشتىن بۇرۇن تۇتىلىدۇ، مەن: ئى رەببىم! ئۇلار مەندىن ۋە مېنىڭ ئۇممىتىم! دەيمەن، ماڭا: ئۇلارنىڭ سېنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تۇيدۇڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم دىندىن يېنىۋالغانلار، دېيىلىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۇممىتىدىن كۆلگە سۇ ئېچكىلى كىلىدىغانلارغا قاراش ئۈچۈن كۆلنىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. كىشىلەر كۆلگە كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېقىن كەلگىلى تۇرغاندا ئۇلار تۇتىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنىڭ يېقىنلىرىم، ئۇلار مېنىڭ ئۇممىتىم دەيدۇ. ئۇلارنىڭ سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلدىڭمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم! ئۇلار دائىم كەينىگە قايتىپ، دىندىن يېنىۋالدى، ئۇلار سېنىڭ يېقىنلىرىڭمۇ ئەمەس ۋە سېنىڭ ئۇممىتىڭدىنمۇ ئەمەس دېيىلىدۇ.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كۆلنىڭ قاچىلىرى قانچىلىك؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جېنى قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! كۆلنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپتۇر، ھاۋا ئوچۇق بولغان قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپتۇر، جەننەتنىڭ قاچىلىرىدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ، بۇ كۆلگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ ئاق ۋە ھەسەلدىن شىرىندۇر».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىيامەت كۈنى ئۆزىنىڭ كۆلىنىڭ قاچىلىرىنىڭ سانىنىڭ ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانىدىن كۆپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى. ئاشۇنداق بولىشى: ھاۋا ئوچۇق ئاي چىقمىغان قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلار شۇنداق ئوچۇق پارلايدۇ، چۈنكى ئاي چىققان كېچىدە ئاينىڭ نۇرى بولغانلىقى ئۈچۈن يۇلتۇزلار ئوچۇق پارلىيالمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇلۇتلۇق كېچىدىمۇ بۇلۇتلار يۇلتۇزلارنىڭ پارلىشىنى توسۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ قاچىلىرى جەننەتنىڭ قاچىلىرىدۇر، بۇ قاچا بىلەن بۇ كۆلدىن سۇ ئېچكەن كىشى ئەبەدى ئۇسسىمايدۇ. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇسسۇغان بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىگە جەننەتتىن ئىككى نوكەشتىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ، ئۇ كۆلنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاشتۇر. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپى بارابەردۇر، كۆلنىڭ ئۇزۇنلۇقى شامنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇممان بىلەن ئەيلە ئارىسىدىكى مۇساپىدەك كىلىدۇ. ئۇ كۆلنىڭ سۈيى سۈتتىنمۇ بەك ئاقتۇر، تەمى ھەسەلدىنمۇ بەك تاتلىقتۇر.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ ئوتىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. ئاخىرەتنىڭ ئوتىنىڭ كۆيدۈرىشى ۋە ھارارىتىنىڭ كۈچلۈك بولىشىدا دۇنيانىڭ ئوتىدىن ئاتمىش توققۇز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ كۆيدۈرىشىنىڭ كۈچلۈكلىكى دۇنيانىڭ ئوتىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ دوزاختىكىلەرنى ئازابلاشقا كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەھەننەمنىڭ ئوتى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى كۈچلۈكلۈكتە دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ھالبۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام راست سۆزلۈگۈچى ۋە سۆزى تەستىقلانغۇچىدۇر:«ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قېرىق كېچە-كۈندۈز مەنىيلىك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە ئۇيۇل قان ھالىتىدە بولىدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئوخشاش مۇددەتتە چاينالغان گۆشتەك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ، تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنىڭ رىزقى، ئەجەلى، ئەمەلى، بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشى يېزىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈدىلىنىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن دوزاخقا كېرىپ كېتىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىر غۇلاچ ئارىلىق قالغاندا، ئۇ كىشىگە تەقدىردە يېزىلغان كىتاپ ئىلگىرى بولۇپ، جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كېرىپ كېتىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس سۆزلەپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزدە راستچىل ۋە سۆزىنى ئاللاھ تەستىقلىغانلىقى ئۈچۈن تەستىقلانغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى جۇغلىنىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئەر كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولغاندا ئىككەيلەننىڭ ئايرىم بولغان مەنىيلىرى ئايالنىڭ رەھمىدە قىرىق كۈن ئىسپىرما ھالىتىدە جۇغلىنىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ مەنىي ئىسپىرمىسى ئۇيۇل قانغا ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن يەنە قىرىق كۈندە ئۇ ئۇيۇل قان چاينالغان بىر چېشلەم گۆشكە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ چاينالغان گۆشكە بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىدۇ، پەرىشتە ئۈچىنچى قېتىملىق قىرىق كۈن ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا روھنى پۈدەيدۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ، يەيدىغان رىزقى، ئۇ بولسىمۇ؛ دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە ئېرىشىدىغان نېئمەتنىڭ مىقدارىدۇر. ياشايدىغان مۇددىتى يەنى ئەجىلى، ئۇ كىشىنىڭ دۇنيادا ياشايدىغان مۇددىتى. ئەمىلى، نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بەخىتسىزمۇ ياكى بەختلىكمۇ؟. ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: بىر كىشى ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى كىشىگە ياخشى ئىشتەك كۆرىنىدۇ، ئۇ كىشى ئىشىنى شۇ بويىنچە داۋاملاشتۇرىدۇ ھەتتا ئۇ كىشى بىلەن جەننەتكە يېتىشنىڭ ئارىسى پەقەت يېقىن قالغاندا، زېمىندىن ھېسابلىغاندا بىر غۇلاچ قالغاندا ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەمىلى ئاخىرلىشىپ دوزاخقا كېرىدۇ. چۈنكى ئەمەلنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ شەرتى: شۇ ئىشنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكدۇر، كىشىلەردىن يەنە بىرى دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا دوزاخقا كېرىشكە يېقىنلاشقاندا، گوياكى ئۇ كىشى بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسى بىر غۇلاچتەك قالغاندا، ئۇ كىشىگە ئىلگىرى يېزىلغان ۋە تەقدىر قىلىنغان نامە ئەمىلى غالىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىپ جەننەتكە كېرىدۇ.