





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «بىر ئىشقا» قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىشنى خەيرلىك دەپ قارىسام، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان شۇ ئىشنى قىلىمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ھەققىدە بايان قىلىپ، ئۇ زات كىلەچەكتىكى بىر نەرسە ئۈچۈن قەسەم ئىچكەن بولسا، كېيىن باشقا ئىشنىڭ خەيىرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇ ئىشنى قويۇپ، قەسىمىگە كاپپارەت بېرىپ، خەيىرلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى
ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشنىڭ ئۆزىنىڭ جۈرئىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ قوۋمىگە ياكى يۇرتىغا تەئەسسۇپلۇق قىلىش ئۈچۈن ۋە يەنە بىرسىنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقانلىقى، يەنى ئۇلارنىڭ قايسى بىرسى ئاللاھ يولىدا بولىدۇ؟ دەپ سورىلىۋېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: بىر كىشى كاپىر بىلەن ئۇرۇشقان بولسا، ئەمما ئۇنى ئۇرۇشقا ئۈندىگەن سەۋەب؛ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ شۇجائىتىنى ۋە ياۋنىڭ ئالدىغا چىقالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆز قوۋمىنى ياكى ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش بولسا، يەنە بىرسى ئۇرۇپشۇپتۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى: ئۆزىنى ماختاشقا ۋە ئۇلۇغلاشقا لايىق بولغان، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارنىڭ قاتارىدىن بولغانلىقىنى باشقىلارغا نامايەندە قىلىش بولسا، يۇقىرىدىكى ئۈچ تۈرلۈك جەڭچىلەرنىڭ قايسى بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغان بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا ئەڭ قىسقا ۋە چوڭقۇر مانالىق بىر ئىبارە بىلەن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشسا، شۇ ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، ئۇندىن باشقىسى ئاللاھ يولىدا ئەمەس. چۈنكى ئۇ باشقا بىر مەقسەتتە ئۇرۇش قىلدى. ئەمەل-ئىبادەتلەر نىيەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىغا باغلىق. بۇ قائىدە، پۈتۈن ئەمەل-ئىبادەتلەرگە ئومۇمدۇر، دېمەك ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنىڭ نەتىجىسى نىيەتكە باغلىقتۇر. بۇھەقتە ئىنتايىن كۆپ دەلىللەر مەۋجۇت
ئەبۇ سەئىيد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقىتتا مۇئەززىنگە ئىجابەت قىلىشقا ۋە مۇئەززىننىڭ دىگىنىگە ئوخشاش سۆزنى جۈملىمۇ-جۈملە دېيىشكە رىغبەتلەندۈردى. مۇئەززىن تەكبىر ئېيتقاندا ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىمىز، ئىككى شاھادەت كەلمىسىنى كەلتۈرگەندە ئۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرىمىز. (حي على الصلاة، حي على الفلاح) دېگەن بۇ ئىككى سۆزدە مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دېمەستىن، ئۇنىڭدىن كېيىن: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىلىدۇ.
مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر سەپەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆتۈكىنى سالدۇرۇشقا تەمشەلسەم، رەسۇلۇللاھ:«قويۇپ قويغىن، مەن ئۇ ئىككىسىنى تاھارەت بىلەن كىيگەن ئىدىم دەپ، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلدى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرلىرىنىڭ بىرىدە تاھارەت ئالدى، ئىككى پۇتىنى يۇيىدىغان ۋاقىتتا مۇغىيرە بىن شۆبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پۇتىنى يۇيىۋالسۇن دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىدىكى ئايىغىنى سالدۇرماقچى بولدى!. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قويغىن، ئۇنى سالدۇرمىغىن، مەن ئىككى پۇتۇمنى يۇيۇپ تاھارەت بىلەن كىيگەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى يۇغاننىڭ ئورنىغا پۇتىدىكى ئايىغىغا مەسىھ قىلدى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پاتىمە بىنتى ھۇبەيش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق سورىغان: مەن خۇن كېسىلى پاك بولمايمەن، ناماز ئوقۇمىسام بولامدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« ياق، بولمايدۇ، بۇ دېگەن تومۇردىن بولغان كېسەللىك، لېكىن سىز ھەر ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلىرىڭىزنىڭ مىقدارىدا ناماز ئوقۇمايسىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ قالغان كۈنلەردە ناماز ئوقۇيسىز»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپاتىمە بىنتى ھۇبەيش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوئال سوراپ مۇنداق دېدى : مەندىن قان ئۈزۈلمەيدۇ، ھەتتا ھەيز كۆرمەيدىغان كۈنلەردىمۇ قان كېلىدۇ، بۇ قانمۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىدە بولامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نامازنى تەرك قىلىمەنمۇ؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بۇ خۇن كېسىلىدىن كەلگەن قان، ئۇ بالياتقۇدىكى تومۇر ئۈزۈلگەنلىكتىن پەيدا بولغان بۇزۇق قان، ھەيزنىڭ قىنى ئەمەس، ئايلىق ئادىتىڭ بويىنچە خۇن كېسىلى بولۇشتىن ئىلگىرىكى ھەيز كۆرۈدىغان كۈنلەر كەلگەندە، نامازنى، روزىنى ۋە ھەيزدار ئايال ھەيزلىك ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلغىن. ئايلىق ھەيز كۆرىدىغان ۋاقتىڭ ئاخىرلاشقاندا، ھەيزدىن پاك بولغان بولىسەن، ھەيز كەلگەندە قاننىڭ ئورنىنى يۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ تەھارەتسىزلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن تولۇق يۇيۇنۇپ پۈتۈن بەدىنىڭنى يۇغىن، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئوقۇغىن.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممىتىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارغا پايدىلىق نەرسىلەرگە يىتەكلەيدۇ، بۇ يەردە بولسا نامازدا قىبلىگە تولۇق يۈزلۈنۈش ئۈچۈن سەپلەرنى رۇسلاشقا، شەيتان ئۇلارنىڭ نامىزىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن، سەپ ئارىلىقىنى ئېتىشكە بۇيرىغان، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپلەرنى رۇسلاش ئارقىلىق ئېرشىدىغان بەزى پايدا-مەنپەئەتلەرنى كۆرسەتكەن. سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى، ئەكسىچە سەپنىڭ ئەگرى بولىشى نامازدا نۇقسانلىقنىڭ بەلگىسى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئالغاندا، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ ئېچىگە تارتىپ بۇرنىنى تازىلاپ سىرتقا چىقىرۋەتسۇن، ئىستىنجا قىلغان كىشى تاق قىلسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا سىلىشتىن بۇرۇن قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەرلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ». مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا، قولىنى ئۈچ قېتىم يۇماستىن تاھارەت ئالىدىغان سۇ بار قاچىغا كىرگۈزمىسۇن، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە قەيەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېيىلگەن.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەتكە ئالاقىدار بەزى ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ھۆكۈملەردىن: بىرىنچى: تاھارەت ئالغان كىشى نەپەس بىلەن بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈپ ئاندىن بۇرنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سۇنى يەنە نەپەس بىلەن چېقىرىۋېتىدۇ. ئىككىنچى: ئۆزىدىن چىققان ئەزىيەتلەرنى سۇدىن باشقا تاش، چالما قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن تازىلىماقچى بولغان كىشى ئۇ ئورۇننى تاق شەكىلدە يەنى ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ قېتىم تازىلىشى كېرەك، يەنى نىجاسەت چىققان ئورۇن پاكىز بولغانغا قەدەر تازىلايدۇ. ئۈچىنچى: كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغانغان كىشى تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئىككى قولىنى سۇ بار قاچىغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى قاچىنىڭ سىرتىدا سۇ قۇيۇپ ئۈچ قېتىم يۇيىۋېتىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشى قولىنىڭ كېچىدە نەلەردە بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، قولىنىڭ پاكىزلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايدۇ، بەزى ۋاقىتتا شەيتان ئۇ كىشىنىڭ قولىنى ئوينايدۇ، قولىدا ئىنسانغا زىيانلىق ياكى سۇنى بۇزىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالىدۇ.
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ تېتىشتا تاتلىق، كۆرۈنۈشتە يېشىل، گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا چۆمۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى ئاساسلىق غايىسى قىلىدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمىزمۇ ياكى ئاسىيلىقمۇ؟، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن بەزىلىرىمىزنى بەزىلىرىمىزگە ئىز باسار قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ نازۇ- نېمەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقلارنى تەرك قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار دېدى». دۇنيا پىتنىلىرى ئېچىدە ئىنسان ئەڭ ھەزەر قىلىشى كېرەك بولغىنى: ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر، بۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ تۈنجى يۈزبەرگەن پىتنىدۇر.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم:پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيگە كىرمەيدىغان بىر ۋاقىتتا ھەمشىرەم ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ماڭا ھەدىس سۆزلەپ بېرىپ: مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ تاڭ يورىغاندا بامداتنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇيتتى. يەنە بىر لەپزىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيتتى دەپ كەلگەن.
بۇنىڭ ھەممە رىۋايەتلىرىگە بىرلىككە كەلگەنئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئېسىدە تۇتىۋالغان ئون رەكەت نەپلە نامازنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، بۇ پەرز نامازلارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەتلەر دەپ ئاتىلىدۇ. پېشىننىڭ پەرىزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئۆيدە ئىككى رەكەت، بامداتتىن ئىلگىرى ئۆيدە ئىككى رەكەت. بۇنىڭ بىلەن ئون رەكەت تامام بولدى. جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.