





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ بىن ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «غەيرى دىندىكى ئەمىنلىك بېرىلگەن كىشىنى ئۆلتۈرگەن كىشى گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق مۇساپىدىن پۇرىغىلى بولسىمۇ، ئۇ كىشى جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدۇ».
بۇخارى رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەمىنلىك بېرىلىپ ئىسلام دىيارىغا كىرگەن غەيرى دىندىكى ئىنساننى ئۆلتۈرگەن كىشىگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى، گەرچە جەننەتنىڭ ھېدىنى قىرىق يىللىق ئارىلىقتىن پۇرىغىلى بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ھېدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھۆكۈم ياكى سوت ئىشلىرىدا پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.
تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى، پارا ئالغۇچى ۋە ۋاستە بولغۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولىشى ۋە قوغلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. شۇنىڭدەك، قازى ۋە سوتچىنىڭ چېقىرىدىغان ھۆكۈمدە ئادالەتسىزلىك قىلىپ پارا بەرگۈچىنى ھەقسىز بولسىمۇ مەقسىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالغان نەرسىمۇ پارا ھېسابلىنىدۇ.
ئۆمەر بىن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېگەندە، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېگەندە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا كېلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن نىجاتلىققا كىلىڭلار دېگەندە، بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېگەندە، چىن دىلىدىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر دېسە، جەننەتكە كىرىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىئەزان بولسا؛ كىشىلەرگە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشتۇر، ئەزان كەلىمىلىرى ئىمان ۋە ئەقىدىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزاننى ئاڭلىغاندا نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇئەززىن دېگەنگە ئوخشاش سۆزنى دېيىشتۇر. مۇئەززىن ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، ئاڭلىغڭچىمۇ: ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، شۇنىڭدەك، مۇئەززىن نامازغا كېلىڭلار، نىجاتلىققا كىلىڭلار دېگەندە، ئەزاننى ئاڭلىغۇچى: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ دېيىشتىن ئىبارەتتۇر. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەزان كەلىمىلىرىنى چىن دىلىدىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇئەززىن بىلەن بىرگە تەكرار دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەزان كەلىمىلىرىنىڭ مەنىسى: " ئاللاھۇ ئەكبەر" يەنى ئاللاھ تائالا ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، ھەممە نەرسىدىن كاتتىدۇر، ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكتۇر. ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، يەنى: مەن دىلىم بىلەن ۋە تىلىم بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى تىلىم ۋە دىلىم بىلەن ئىقرار قىلىمەن دېمەكتۇر. مۇئەززىن نامازغا كېلىڭلار دېگەندە بۇنى ئاڭلىغۇچى: بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن بولىدۇ يەنى: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى توسۇدىغان چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ۋە ئۇنى قىلىشقا بولغان ئىرادە، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا بولغان كۈچ پەقەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بولىدۇ. "نىجاتلىققا كېلىڭلار" يەنى نىجاتلىقنىڭ سەۋەبىگە كېلىڭلار، ئۇ بولسىمۇ جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىش، دوزاختىن قۇتۇلۇشدۇر.
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق، ﴿وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾ تەرجىمىسى: «مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].
بىرلىككە كەلگەنبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: پەرز نامازنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىنىڭ، ئېسىگە كەلگەن ھامان دەرھال ئۇ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا ئالدىراش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغاننىڭ خاتالىقىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆچۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى ئېسىگە ئالغان ھامان دەرھال ئادا قىلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِمِ الصَّلاةَ لِذِكْرِي﴾ تەرجىمىسى: «ئۇنتۇلۇپ قالغان نامازنى ئېسىڭگە ئالغان ھامان ئوقۇغىن» [سۈرە تاھا 14-ئايەت].
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «رامىزاندا ئۆمرە قىلىش (پەزىلەتتە) ھەج قىلغانغا ياكى مەن بىلەن بىرگە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ» دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ ئەجىر-ساۋابى، نەپلە ھەج قىلغان ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ھەج قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا باراۋەر بولىدۇ، بۇنىڭدىن رامىزاندا ئېرىشىدىغان شان-شەرەپ، ئەجىر-ساۋاپ مەقسەت قىلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ رامىزاندا ئۆمرە قىلسا ئۇنىڭ بىلەن پەرز ھەج ئادا بولىدۇ دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئون كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى، ۋاپات تاپقان يىلى يىگىرمە كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزاندا ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئون كۈن مەسچىتتە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەدىر كېچىسىنى تىپىش ئۈچۈن رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، قەدىر كېچىسىنىڭ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغان، ۋاپات بولىدىغان يىلى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قېلىۋىلىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن ئېتىكاپ قىلغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!، جىھاد قىلىش ئەمەللەرنىڭ ئەۋزىلى ئىكەن، بىزمۇ جىھاد قىلمايلىمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر (ئاياللار) ئۈچۈن جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى گۇناھ ئارىلىشىپ قالمىغان ھەجدۇر»
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاياللار: «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ساۋابى كۆپرەكى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ، دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشۇش» دەپ قارايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇلار ھەققىدە ئۇرۇش قىلىشتىنمۇ ئەۋزەل بولغان، گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجدىن ئىبارەت بىر جىھادنى بايان قىلىپ بەردى. ھەج بەدەن قۇۋۋىتى ۋە مال-مۈلۈك سەرپ قىلىپ، نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن جىھاد دەپ ئاتالدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىققان بىر غازاتتا بىر ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ، رەسۇلۇلللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلىگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايال ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى ئەيىپلىگەنلىكى ئۇنىڭ ھاراملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، بۇ ھەقتە كەلگەن بەزى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئايال جەڭگە قاتناشمىغان تۇرسا» بۇ جۈملە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى ئۆلتۈرۈشنى توسقانلىقىنىڭ سەۋەب مۇددىئاسىنى ئۇقتۇرغان، چۈنكى بەزى ئاياللاردا باتۇرلۇق ۋە شۇجائەت بولسىمۇ كۆپۈنچە ئاياللار جەڭ ۋە ئۇرۇشلارغا قاتناشماسلىقى ئادەتتۇر. ھۆكۈم ئومۇمى ئىشلارغا باغلانغان. ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئاياللار بولسا ئۆلتۈرۈلىدۇ
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆز ئۈستىگە (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش) بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلەپ: ئۇنداق قىلىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننى ئۆز ئۈستىگە بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلىدى (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش). بۇ چەكلەشنىڭ سەۋەبىنى؛ ئۇنداق قىلىشنىڭ ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئىنسان بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا ئىختىيارلىقى بار تۇرۇقلۇق، ئۆز ئۈستىگە بىر ئىشنى يۈكلىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئادا قىلىشتا بوشاڭلىق قىلىپ قېلىش خەۋپى بار، ئەگەر ئۇ ئىشنى قىلالمىسا، ئۇ ئىنسان گۇناھكار بولىدۇ. يەنە ئۇنداق قىلىشتا: ئاللاھ تائالاغا بىرەر ئىبادەتنى قىلىش بەدىلىگە ھاجىتىنىڭ ئورۇندىلىشى ياكى بىرەر يامانلىقنى ئۇنىڭدىن كەتكۈزۈشنى نىيەت قىلىش بولۇپ قالىدۇ. بەلكى (ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىزكى) بۇ ئادەم، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىم ئۈچۈن، مېنىڭ تەلىپىمگە بىنائەن ئىش قىلدى، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېتىقادتا ساغلام بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ نەزرە قىلىشتىن چەكلىدى.چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ سېخىلىقى بەدەلسىز ۋە شەرتسىز بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھتىن دۇئا ئارقىلىق ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئۆزىگە ئۆزى ۋەزىپە قىلىشتا، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىشتىن باشقا ھېچقانداق پايدا يوق. چۈنكى، بېخىل ئادا قىلىش ۋاجىپ بولۇپ قالغان ئىشتىن باشقىنى قىلمايدۇ. ھەتتا شۇ ئىشنىمۇ مەجبۇرلانغان، ئېغىر كۆرگەن ۋە ئەمەلنىڭ ئاساسى بولغان ياخشى نىيەتتىن خالى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نېمەتلەرگە قىزىقىشلاردىن خالى بولغان ھالدا قىلىدۇ