





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام باشنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن. چەكلىمە چوڭلار، كېچىكلەر، ئوغۇللار ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئايال بېشىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامازدا ئىنسان جىسمىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئەزالار: بىرىنچى: پېشانىسى، ئۇ: بۇرنى ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭلىك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بۇرنىغا ئىشارەت قىلىپ پىشانە بىلەن بۇرۇننىڭ يەتتە ئەزادىن بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەجدە قىلغۇچىنىڭ بۇرنىنىڭ زېمىنغا تېگىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قول. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەزا بولسا: ئىككى تىز. ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرى. بىز زېمىنغا سەجدە قىلغاندا چاچلىرىمىز بىلەن كىيىمىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چاچلىرىمىزنى چېگىۋالماسلىق، كىيىملىرىمىزنى بىر-بىرىگە چېگىۋالماسلىققا، بەلكى زېمىنغا تەككىدەك قويىۋېتىشكە بۇيرۇلدۇق. كىيىملىرىمىز ئەزالار بىلەن بىرگە سەجدە قىلىدۇ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىزىدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا بەش تۈرلۈك دۇئانى قىلاتتى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، گۇناھىنىڭ يوشۇرلىشى، ئەپۇ قىلىنىشى، رەھمەتنىڭ كەڭرى بولىشى، تۈرلۈك زاھىرى ۋە باتىنى كېسەللەر، شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت بولىشى، ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قىلىشنى سورىشى، پاكىزە ھالال مال، ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئىماننى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىشىدىن ئىبارەتتۇر.
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەرز نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئىستىغپار ئېيتاتتى، ۋە: « ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن» دەيتتى. ۋەلىيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىيدىن: ئىستىغپارنى قانداق ئېيتىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئەۋزائىي: ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، دەيسەن دېدى.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ!، ئەستەغپىرۇللاھ! دەپ ئۈچ قېتىم دەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن رەببىنى ئۇلۇغلاپ مۇنداق دەيتتى:« ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن»، تولۇق سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىدۇر، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ يامانلىقىدىن سالامەت قىلىش ئاللاھ تائالادىن تەلەپ قىلىنىدۇ، ئىككى دۇنيادا ئاللاھنىڭ ياخشىلىقى كۆپ بولىدۇ، ئاللاھ كاتتا ياخشىلىق ئىگىسىدۇر.
ئىمران بىن ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەۋاسىر كېسىلىم بار ئىدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نامازنى قانداق ئوقۇش توغرىسىدا سورىسام ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئۆرە تۈرۈپ ئوقىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن».
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسلىدە نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىغاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئولتۇرۇشقىمۇ قادىر بولالمىسا يىنىچە يېتىپ ئوقۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا (كۆزى كۆرمەيدىغان) ئەما كىشى كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى يوق، قانداق قىلىمەن دەپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆيىدە ناماز ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: « نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا (كۆزى كۆرمەيدىغان) ئەما كىشى كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ يېنىمدا ماڭا ياردەم قىلىپ، بەش ۋاقىت نامازغا مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى يوق دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جامائەتنى تەرك قىلىپ نامازنى ئۆيىدە ئادا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئۇ كىشى كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ:«نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كېلىپ ناماز ئوقۇغىن دېدى».
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بېرىڭلار نامازغا كەلگەندە ئىمام قانداق ھالەتتە بولسا ئىمامنىڭ قىلغىنىنى قىلسۇن» دېگەن
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانسىلەرنىڭ بېرىڭلار نامازغا كەلگەندە ئىمام قىيامدىن ياكى رۇكۇدىن، سەجدىدىن ياكى تەشەھۇتتا ئولتۇرۇشتىن ئىبارەت قانداق ھالەتتە بولسا، بەزى كىشىلەردەك ئىمامنىڭ تۇرۇشىنى كۈتمەستىن ھەتتا ئىمام قىيامدىن ياكى رۇكۇدىن ياكى قايسى ھالەتتە بولسۇن ئىمامغا ئەگىشىپ، ئىمامنىڭ قىلغىنىنى قىلسۇن
ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەردى: «بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھدىن ياردەم سورايمىز، خاتالىقلىرىمىزغا كەچۈرۈم سورايمىز، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھليق تېلەيمىز، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچ كىم ئازدۇرىۋېتەلمەيدۇ، ئاللاھ توغرا يولغا باشلىمىغان كىشىنى ھېچ كىم توغرا يولغا باشلىيالمايدۇ، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن». ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ والأرحام إن الله كان عليكم رقيبا﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر». [سۈرە نىسا 1-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار.» [سۈرە ئال ئىمران 102-ئايەت]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا ، يُصْلِحْ لَكُمْ أَعْمَالَكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ فَازَ فَوْزًا عَظِيمًا﴾تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ)، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.» [سۈرە ئەھزاب 70-71-ئايەتلەر].
رواه أبو داود والترمذي والنسائي وابن ماجه وأحمدئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە ھاجەت خۇتبىسىنى تەلىم بەرگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ، ھاجەت خۇتبىسىدىكى ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى سۆزنى باشلىغاندا ئېيتىدىغان سۆزلەردىن ئىبارەتتۇر، بۇ نىكاھ خۇتبىسى ۋە جۇمە خۇتبىسى قاتارلىق خۇتبىلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ خۇتبە مەدھىيەنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە ئاللاھنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، گۇناھلارنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئەپۇ قېلىۋېتىشنى سوراش، نەپسىنىڭ يامانلىقى ئۇنىڭ غەيرىدىكى تۈرلۈك يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىدايەتنىڭ ئاللاھنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچ كىم ئازدۇرالمايدىغانلىقىنى، ئاللاھ ھىدايەت قىلمىغان كىشىنى ھېچ كىشىنىڭ توغرا يولغا باشلىيالمايدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەۋھىد كەلىمىسىنى زىكىر قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئەلچىلىك شاھادىتى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. بۇ خۇتبىنى مۇشۇ ئۈچ ئايەت بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، بۇ ئۈچ ئايەت ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ بۇيرىقىنى ئادا قىلىش، چەكلىمىسىدىن يېنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى توغرىلاپ ياخشى ئىش قىلغان كىشىنىڭ خاتالىقى ئەپۇ قىلىنىدۇ، گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دۇنيادا ئېسىل ھاياتتا ياشايدۇ، قىيامەت كۈنىدە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىدۇ.
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نىكاھ پەقەت ۋەلىي بىلەن بولىدۇ». (ۋەلىيسىز نىكاھ باتىلدۇر).
ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايالنىڭ تويىنى قىلغاندا نىكاھ ئىشىغا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئىگە بولمىسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.