Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way






























Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرىنىڭ ئىمانىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەخلاقى گۈزەل دېگەنلىك: خۇش چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. مۇئمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا قىزلىرىغا، ھەمشىرىلىرىگە، يېقىن ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ مەلۇم ۋاقىت مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇنىڭدىن كېيىن يوق بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى مەنپەئەتنىڭ؛ ئېرى قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىسا ئىتائەت قىلىدىغان، ئېرى يوق ۋاقىتتا ئۆزىنى، ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سالىھ ئايال ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ: «ئى ئادەم بالىسى! زۆرۈر بولغان ۋە زۆرۈر بولمىغان خەيرى-ئېھسانلارنى ئادا قىلغىن، ساڭا كەڭىرچىلىك قىلىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىمەن، ساڭا بەرىكەت بېرىمەن دەيدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ۋاپا قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغان شەرتلەرنى بايان قىلىپ، ئۇ، ئايالدىن مەنپەئەتلىنىشنى ھالال قىلىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە دېدى، ئۇ بولسىمۇ، ئايال نىكاھ قىلىدىغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلغان يوللۇق شەرتلەردىن ئىبارەتتۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن مۇشۇ ئۇلۇغ زىكىرلەرنى ئېيتاتتى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوق. ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، يەنى: ئاللاھقا ئىلاھلىقتا ، پەرۋەردىگارلىقتا ۋە ئىسىم -سۈپەتلەردە ھېچ شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. مۇلكىيەت ۋە پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مۇتلەق ئىگىدارچلىقى ھەممە تەرەپتىن ئاللاھقا خاستۇر. بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاللاھ مۇكەممەل مۇتلەق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر. خۇرسەنلىك ۋە خاپىلىق ھەر قانداق ھالەتتە ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشى كۆرۈشتە مۇكەممەل ماختالغۇچىدۇر. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، يەنى: ئاللاھنىڭ قۇدرىتى مۇكەممەلدۇر، ھەممە تەرەپتىن تولۇقتۇر، ھېچ قانداق نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئاللاھ بۇيرىغان ئىشتىن ھېچ قانداق بىر ئىش باشتارتىلمايدۇ بەلكى شەرتسىز ئىجرا قىلىنىدۇ. بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە يۆتكۈلۈش پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر. يەنى: بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش، ئاسىيلىقتىن ئىتائەتكە يۆتكىلىش ۋە كۇچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر، ئاللاھ بۇنىڭغا ياردەم بەرگۈچىدۇر، بۇنىڭدا ئاللاھ تايانچىدۇر. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، يەنى: بۇ ئىلاھلىقنىڭ مەنىسىنى كۇچلاندۇرۇش ۋە شېرىكنى رەت قىلىشتۇر، ئاللاھدىن باشقا ھېچ بىرى ئىبادەتكە لايىق ئەمەستۇر. بارلىق نېئمەتلەر ۋە پەزىلەت ئاللاھ ئۈچۈندۇر، يەنى: ئاللاھ نېئمەتلەرنى پەيدا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىدۇر، بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ئۆز پەزلىدىن نېئمەت ئاتا قىلىدۇ. گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا زاتىدا، سۈپەتلىرىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، نېمەتلىرىدە ھەرقانداق ھالەتتە ماختاشقا سازاۋەردۇر. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، دىننى ئاللاھقا خالىس قىلىمىز گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: ئاللاھنى يەككە يېگانە دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا رىيا قىلمايدۇ ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلمايدۇ. «گەرچە بۇنى كاپىرلار ياقتۇرمىسىمۇ»، يەنى: گەرچە كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنى يېگانە بىلىشتە ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەۋرەنمەيدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى ئون كۈنىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى، يىلنىڭ باشقا كۈنلىرىدە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: بۇ ئون كۈندىن باشقا ۋاقىتتا ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئەۋزەلمۇ ياكى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر ساۋابى ئەۋزەلمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ھەممە ئەمەللەردىن ئەۋزەل دېگەن ئۇقۇم ئورۇنلاشقان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابى بۇ ئون كۈننىڭ غەيرىدە قىلىنغان جىھادتىنمۇ ئەۋزەل بولىدىغانلىقى، لېكىن بىر كىشى ئاللاھ يولىدا مېلى بىلەن ئۆزىنى خەتەرگە تەييارلاپ جىھادقا چېقىپ، مېلىنى چېقىم قىلىپ ئۆزى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن بولسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇشۇنداق قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى مۇشۇ ئون كۈندە قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىن كاتتا بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھېچ قانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالغان كىشى تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى، ئەدەپلىرىگە رىئايە قىلىپ مۇكەممەل ئالسا، بۇ ناچارلىق ۋە خاتالىقلارنىڭ ئۆچۈرلىشى ۋە يوق بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، ھەتتا قولى ۋە پۇتىنىڭ تىرنىقىنىڭ ئاستىدىكى خاتالىقلارمۇ چېقىپ كېتىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: ئەر كىشى ئائىلىسىگە ۋە ئۆزى نەپىقە قىلىش كېرەك بولغان كىشىلەرگە يەنى ئايالى، ئاتا-ئانىسى، بالىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ غەيرىدىكى كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ۋە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ نەپىقە قىلسا ئۇ كىشىگە سەدىقە قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ.