





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ھۇزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىلىك ئۇيقۇسىدن تۇرغىنىدا مىسۋاك بىلەن ئاغزىنى چوتكىلايتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھنىڭ پاكىزلىقنى سۆيۈشى ۋە بەدبۇي پۇراقنى ئۆچ كۆرگەنلىكىدىن كېچىلىرى ئۇيقىسىدىن ئويغانغاندا مىسۋاك بىلەن چىشىنى چوتكىلايتتى، ئۇزۇن كېچىنىڭ ئۇيقىلىرى ئېغىز پۇرىقىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، مىسۋاك ئۇ پۇراقلارنى يوقۇتۇپ، ئۇيقۇنى ئېچىپ، كېچە نامىزىغا تېتىك بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى مىسۋاكنىڭ ئۇيقىنى ئېچىش ۋە رۇھلاندۇرۇش خۇسۇسىيتى بار
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم ئەلمازىني رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك خىيال قىلىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدىكى: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق چىقمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ بايان قىلغاندەك، بۇ ھەدىس ئىسلام دىنىنىڭ نۇرغۇن چوڭ - چوڭ ئەھكاملىرى ئېلىنىدىغان ئاساسى قائىدىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: «ھۆكمى ئېنىق بولغان ئىشلارنىڭ ھۆكمى ئۆز جايىدا تۇرىۋىرىدۇ. پەقەت بىرەر گۇمان ياكى شەك – شۈبھە تۈپەيلىدى (مەيلى بۇ شەكلەر كۈچلۈك بولسۇن ياكى ئاجىز بولسۇن، ئىشەنچىلىك ئېنىق ھۆكۈم بولمىسا ياكى شۇنىڭغا يېقىن دەرىجىگە يەتمىسە)، ئەسلى ھۆكۈم ئۆزگەرتىلمەيدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى كۆپتۇر. بىلىنمەي قالمايدۇ. بۇ ھەدىسمۇ شۇنىڭ قاتارىدىندۇر. دېمەك ئىنسان تاھارىتى بارلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارىتى سۇنغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ تاھارىتى بارلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئەكسىچە، كىمكى تاھارىتىنىڭ يوقلىقىغا چىن پۈكسە، ئاندىن تاھارەت ئالغان - ئالمىغانلىقىدا گۇمانلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم تاھارىتى يوقلىقىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. بۇنىڭ قاتارىدىن: كىيىم – كىچەك ۋە ماكانلاردا، نىجاسەت بولغىنى ئېنىق بولمىسا، ئەسلى پاك دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك نامازنىڭ رەكئەتلىرىدا، مەسىلەن: بىر ئادەم ئۈچ رەكئەت ئوقۇغىنىغا چىن پۈكسە، ئەمما تۆتىنچىسىنى ئوقۇغان – ئوقۇمىغانلىقىغا گۇمان قىلىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ ئوقۇلمىغانلىقىدۇر، ئۇ ئادەم تۆتىنچى رەكئەتنى ئوقۇشى لازىم بولىدۇ. يەنە بۇنىڭ قاتارىدىن: كىمكى ئايالىنى تالاق قىلغان – قىلمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، ئەسلى ھۆكۈم ئۇنىڭ نىكاھىنىڭ داۋم قىلغانلىقىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر كىشىگە مەخپى قالمايدۇ
ئائىشە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەنەس ئىبنى مالىكتىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋال يىمەك يەڭلار
ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاننامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك-ئېچمەك تەييار بولغان بولسا، يىمەكلىككە ھاجەت بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىھاسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يىمەك-ئېچمەككە ئېغىز تىگىپ زېھنىنى يىمەكلىككە چاچماستىن نامازغا يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭرىچىلىك، ئاسانلىق بىلەن نەپسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ
ھۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر يەردە ئىدىم، ئۇ يەردە ھاجىتىنى سۇندۇردى، ئاندىن تاھارەت ئالدى ۋە ئۆتىكىگە مەسھى قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مەدىنىدە بىرگە ئىكەنلىكى، رەسۇلۇللاھ كىچىك تەرەت قىلماقچى بولۇپ، بىر تامنىڭ كەينىدىكى بوشلۇق يەردە ھاجىتىنى سۇندۇرغانلىقى ۋە تاھارەت ئېلىپ ئۆتىكىگە مەسھى قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ ئادەتتە ئىستىنجانى تاش بىلەن ياكى سۇ بىلەن قىلاتتى
ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەر ھاجەتخانىغا كىرسەڭلا، قىبلە تەرەپكە ئالدىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، كەينىڭلارنىمۇ قىلماڭلار، بەلكى شەرىق ۋە غەرىپ تەرەپكە قاراڭلار. ئەبۇ ئەييۇب مۇنداق دەيدۇ: بىز شامغا كەلسەك، ھاجەتخانىلار قىبلىگە قارتىلىپ سېلىنغان ئىكەن، بىز ئىستىغپار ئېيتىپ ھاجەتخانىدا يانچە ئولتۇردۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھاجەتخانىغا كىرگەندىكى قائىدىلەرنى ئۈگۈتۈپ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، تەرەت قىلغاندا قىبلىگە يەنى ئۇلۇغ كەئبە شىرىپقا ئالدىمىزنى قىلماسلىق ھەم كەينىمىزنىمۇ قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ نامازدا ئالدىمىزنى قىلىدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان جايدۇر. ئەگەردە ھاجەتخانا قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بولسا شەرىق ۋە ياكى غەرىپ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ئولتۇرۇش كېرەك. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ياشايدىغان كىشىلەرگە قارىتا، ساھابىلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى تىز ئىجرا قىلىدىغان بولغاچقا «مۇسۇلمان شۇنداق بولىشى كېرەك» ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارى دېدىكى: ساھابىلار شامنى پەتھى قىلغاندا ھاجەتخانىلارنىڭ قىبلە تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغانلىقىنى كۆردى، ئۇلار ھاجەتخانىدا ئولتۇرغاندا قىيپاش ئولتۇرۇپ، بۇ قىلمىش ئۈچۈن ئىھتىيات يۈزسىدىن ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيىتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مېنىڭ يېنىمدا ئۆمەر باشلىق راستچىللىق ۋە دىيأتيت النبي -صلى الله عليه وسلم- وهو في قبة له حمراء من أدم، فخرج بلال بوضوء فمن ناضح ونائلانەتتە كامىل بىر توپ كىشىلەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇشتىن توسقانلىقىغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەبى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇلمايدۇ، دېگەن
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى ھەدىستە بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن چىقىپ، تىكلەنگەن نەيزە بويىغا قەدەر ئۆرلىمىگۈچىلىك ناماز ئوقۇشتىن توسقان، بۇ كۈن چىققان ۋاقىتتىن 5-تىن15مىنۇتقۇچە دەپ بەلگىلىگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر ناماز ئوقۇشتىن توسقان يەنى شام نامىزىغا ئەزان ئوقۇشتىن بىر قانچە مىنۇت ئىلگىرى ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، چۈنكى كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان ۋاقىتلاردا مۇشرىكلار ئىبادەت قىلاتتى بۇ ۋاقىتلاردا ناماز ئوقۇش ئۇلارغا ئوخشىغانلىق بولۇپ قالىدۇ، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئىبادەتتە باشقا دىندىكىلەرگە ئوخشىۋېلىشتىن توسقان، كىمىكى بىر قەۋىمگە ئوخشىۋالسا ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمامدىن بۇرۇن بېشىنى كۆتۈرگەن كىشىنىڭ بىشىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئېشەكنىڭ بىشىغا ئوخشاش ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدىغانلىقىدىن ئىبارەت قاتتىق ئازابنى بايان قىلىپ بەردى.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز باشلىغاندا قولىنى مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن يانغاندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى ھەم «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتتى. سەجدىدە ئۇنداق قىلمايتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانناماز كاتتا ئىبادەت بولۇپ، تەندىكى ھەر بىر ئەزانىڭ خاس بىر ئبادىتى بولۇپ، مىسالغا ئالساق ئىككى قول، ئۇنىڭ ئۆتەيدىغان ۋەزىپىلىرى، تەكبىرەتۇل ئىھرام «نامازنى باشلىغاندىكى تەكبىر»دە قولنى كۆتۈرىدۇ، تەكبىر دېمەك؛ ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئۈستۈنلۈك ۋە سەلتەنەت ئۈستۈنلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاللاھۇ ئەكبەر» بولسا؛ ھۆرمەت ئۈستۈنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككى قولنى كۆتۈرۈش مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە بولىدۇ، بارلىق رۇكۇلاردا شۇنداق كۆتۈرلىدۇ، يەنە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ قوپىدۇ، ھەممە رەكئەتتە شۇنداق بولىدۇ. مانا بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدىدە قول كۆتۈرمەيدىغان باشقا ۋاقىتلاردا كۆتۈرىدىغانلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى:«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلاَمُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلاَمُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ». بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا تىنچلىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا: التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ وَالصَّلَوَاتُ وَالطَّيِّبَاتُ السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللهِ الصَّالِحِينَ» دېسە، بۇ سۆز ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھەر بىر سالىھ بەندىگە يېتىدۇ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ» دەپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئا-تېلەكلەرنى دېسە بولىدۇ.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا نامازدا دېيىلىدىغان تەشەھھۇتنى تەلىم بەردى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ، تەشەھھۇتنى خۇددى قۇرئان كەرىم سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك ئۈگۈتىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تەشەھھۇتنىڭ لەپزى ۋە مەنىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ھۆرمەت، ئۇلۇغلاش ئاللاھ ئۈچۈندۇر»: ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر. نامازلار: ئۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئاللاھ ئۈچۈن ئادا قىلىنىدىغان پەرز ۋە نەپلە نامازلاردۇر. پاكلىقلار: ئۇ: سۆزلەردىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەتلەردىن بولسۇن، مۇكەممەللىكنى بىلدۈرىدىغان پاك سۈپەتلەر بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا ھەقلىقتۇر. «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈچۈن بارلىق بالايى-ئاپەت ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن سالامەتلىك تىلەپ، ياخشىلىقنىڭ كۆپ ۋە زىيادە بولىشىنى تېلەپ دۇئا قىلىشتۇر. «بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالامەتلىك بولسۇن»: ناماز ئادا قىلغۇچى ۋە ئاسمان-زېمىندىكى بارلىق ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن سالامەتلىك تېلەپ دۇئا قىلىش. «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن»: كەسكىن جەزىم قىلىپ ئىقرار قىلىمەنكى، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر. «ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر»: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنى ئۆزى خالىغان دۇئالارنى تاللاپ قىلىشقا قىزىقتۇردى.