





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى:«ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن». مۇسلىمنىڭ لەپزىدە:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرقى تەشەھھۇتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلىسۇن: جەھەننەم ئازابىدىن، قەبىر ئازابىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ يامانلىقىدىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەپ كەلگەن.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئاخىرقى تەشەھھۇتتىن كېيىن سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ تۆت تۈرلۈك ئىشتىن پاناھلىق تېلەيتتى. بىرىنچىسى: قەبىر ئازابى. ئىككىنچىسى: قىيامەت كۈنى بولىدىغان دوزاخ ئازابى. ئۈچىنچىسى: ھاياتلىقنىڭ پىتنىسى، دۇنيانىڭ ھارام بولغان شەھۋەتلىرى، ئازدۇرغۇچى شۈبھاتلىرى، ئۆلگەندىن كېيىنكى پىتنىلەر: سەكراتقا چۈشكەندە ئىسلامدىن تېيىلىپ كېتىش، سۈننەتنى تەرك ئېتىش، ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئال سورىغىنىغا ئوخشاش قەبرىنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيتتى. تۆتىنچى: ئاخىر زاماندا چىقىدىغان مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى سىنايدۇ، ئۇنى ئايرىم زىكىر قىلىشى، ئۇنىڭ پىتنىسىنىڭ كاتتا بولغانلىقى ۋە ئازدۇرىشىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇش ئارىلىقىدا بىر ئاز جىم تۇراتتى، مەن: ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇيغىن، دەيمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا تەكبىر ئىھرام قىلغاندىن كېيىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى جىم تۇراتتى. ساھابىلەر: رەسۇلۇللاھ بۇ ۋاقىتتا بىر نەرسە ئوقۇيدۇ، دەپ ئويلىدى، چۈنكى نامازنىڭ ھەممىسى زىكىر ياكى زىكىرنى ئوقۇش بىلەن ياكى ئاڭلاش بىلەن بولىدۇ، نامازدا جىم تۇرۇش يوق. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمگە ۋە سوئال سوراشقا بەك ھىرىسمەن بولغانلىقىدىن، ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن! بۇ ئارىلىقتىكى جىم تۇرۇشلىرىدا نىمە ئوقۇيلا؟ دېدى. رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى گۇناھلىرىمدىن خۇددى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغاندەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى. بۇ دۇئا نامازدىكى بۇ ئۇرۇنغا ناھايىتى مۇناسىپ، چۈنكى ناماز ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدىغان ئىبادەت، ناماز ئوقۇغۇچى ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشىنى ۋە ئۇ گۇناھ بىلەن قەتئى ئۇچرىشىپ قالمايدىغان شەكىلدە يىراق قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، خۇددىى شەرىق بىلەن غەرىپ ئۇچراشمىغاندەك، ئاق كىيىمدىن كىرنى پاكىزلىغاندەك گۇناھلاردىن ئۇ كىشىنى پاك قىلىۋېتىشنى، خاتالىقلىرىنى يۇيۇپ، گۇناھ ھېرىسمەنلىكىنى بۇ ماددىلار بىلەن پەسەيتىشنى سورايدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئۇيغۇن بىر ئوخشۇتۇش بار. بۇ دۇئا ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىدىن پاك بولغان ھالدا ۋە مۇكەممەل بىر شەكىلدە تۇرىدۇ. ناماز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى ھەر خىل باشلاش دۇئالىرىنى ئوقۇپ ناماز باشلىشى كېرەك. ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ھەدىسى سەھىھرەك بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارمۇ كەلگەن. ئاللاھ توغرىسىنى بىلگۈچى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: سەجدىدە راۋۇرۇس بولۇڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىككى بىلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدە راۋرۇس بولۇشقا بۇيرىدى. بۇنى ناماز ئوقۇغۇچى سەجدىدە؛ ئىككى ئالقىنىنى يەرگە قويۇش، ئىككى بىلىكىنى يەردىن كۆتۈرۈش ۋە ئۇنى بېقىنىدىن يىراقراق تۇتۇش ئارقىلىق چىرايلىق بىر شەكىلدە تۇرۇشقا بۇيرىدى. چۈنكى بۇنداق تۇرۇش، نامازدا تەلەپ قىلىنغان ھەركەتچانلىق ۋە قىزغىنلىقنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بۇ شەكىل، سەجدە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى، ئۆزىنىڭ ئىبادەتتىكى نېسىۋىسىنى ئېلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. سەجدىدە ئىككى بىلەكنى يېيىپ تۇرۇش چەكلىنىلدى، چۈنكى بۇنداق قىلىش، ھورۇنلۇق ۋە زىرىككەنلىكنىڭ نىشانىدۇر. يەنە بۇنىڭدا ئىتقا ئوخشاپ قېلىش بولۇپ، بۇ ئوخشاشلىق نامازخانغا نا لايىقتۇر
مەسلەمە سەئىد ئىبنى يەزىد مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە، دەپ جاۋاپ بەردى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانشەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى بولسا، ئەھلى كىتابقا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى يوق قىلىشتۇر، سەئىد ئىبنى يەزىد بولسا ئىشەنچىلىك تابىئىنلاردىن بولۇپ، ئۇ كىشى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، (چۈنكى ئۇ كىشى: ئاياغ دېگەن كۆپ ۋاقىتلاردا پاكىزە بولمىغان، مەينەت نەرسىلەر يۇقۇپ قالىدىغان بولغاچقا ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشنى توغرا ئەمەسمىكى دەپ قارىغان ئىدى). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ھە-ئە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ مەلۇم زېمىن ياكى مەلۇم ۋاقىتقا خاس بولمايدۇ دېدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلاردىن ئىت بىر نەرسە ئىچىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: بىرىنچىسىنى توپا بىلەن، دېگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، سەككىزىنجى قېتىم توپا بىلەن يۇيۇڭلار، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىت نىجاسەت يەيدىغان مىكرۇب ۋە كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدىغان، يىرگىنىشلىك ھايۋان بولغانلىقتىن شەرىئەت بايان قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ، ئۇ چېپىلىپ قويغان نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭدىكى مىكرۇب ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىملىقنى توپا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇيۇشقا بۇيرىغان
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ تەرەت بولسۇن ياكى كېچىك تەرەت بولسۇن ھاجىتىنى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا كېرىشنى مەقسەت قىلغاندا، ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيتتى، ئەركەك-چېشى شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاشنى تېلەپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلاتتى. بەزى ئالىملار:«خۇبسى ۋە خەبائىس»نى يامانلىق ۋە نىجاسەت دەپ ئىزاھلىغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر مەككىدىن قايتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن بۇ يەڭگىللىتىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ شەرەپلىك بەيتۇللاھنىڭ ئۆزىگە لايىق ھەق - ھۆرمىتى باردۇر. ئۇ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا باش ئېگىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ تۇرۇشنىڭ بىر سىمۋۇلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يۈرەكلەردە بىر ھەيۋىتى، قەلبلەردە ئۇلۇغلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلىش ۋە مۇھەببەت قىلىش مەۋجۇتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلغۇچىنى، مەككىدىن يۇرتىغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىشقا بۇيرىدى. بۇ ئاخىرىقى تاۋاپ بولۇپ، ئۇ تاۋاپۇل ۋىدا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ھەيزدار ئايالدىن ۋىدا تاۋىپىنىڭ ساقىت بولۇشىدىكى سەۋەپ؛ مەسچىتنىڭ پاكىزلىقى ۋە ھۆرمىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن بۇ تاۋاپ پىديەسىز ساقىت بولدى. بۇ ھەج توغرۇلۇق كەلگەن دەلىلدۇر، ئۆمرە ھەجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. تەيسىيرۇل ئەللام تەنبىھۇل ئەفھام تەئسىسۇل ئەھكام
مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە غۇسلى قىلىش ئۈچۈن«بىر قاچا»سۇنى يېنىغا قويدۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا قۇيۇپ، ئىككى«ياكى ئۈچ» قېتىم يۇدى. ئاندىن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى زېمىنغا «ياكى تامغا» ئىككى «ئۈچ» قېتىم سۈركىدى. ئاندىن ئاغزى- بۇرنىنى چايقىدى، ئاندىن يۈزىنى، ئىككى بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيدى. ئاندىن پۈتۈن بەدىنىگە سۇ قۇيدى، ئاندىن جايىدىن يۆتكىلىپ پۇتلىرىنى يۇيدى، يۈزىنى سۈرتۈش ئۈچۈن بىر رەخنى كەلتۈرسەم ئۇنى خالىمىدى، سۇنى قولى بىلەن سىرىۋەتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە مەيمۇنە بىنتۇل ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جۇنۇبلىقتىن قانداق يۇيۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھقا يۇيۇنۇش ئۈچۈن بىر ئورۇنغا سۇ قويۇپ قويغان، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قۇيۇپ ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم يۇيدى، ئاندىن جۇنۇبلىقتىن مەنى يۇققان ئورۇنلارنى تازىلاش ئۈچۈن ئەۋرىتىنى يۇيدى، ئاندىن قولىنى تامغا ياكى يەرگە ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم سۇركىدى، ئاندىن ئېغىز بۇرنىنى چايقىدى ۋە يۈز قوللىرىنى يۇيدى، ئاندىن بېشىدىن سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيدى، ئاندىن چەتكىرەك چىقىپ ئىلگىرى يۇمىغان ئىككى پۇتىنى يۇدى، بۇ ۋاقىتتا مەيمۇنە رەسۇلۇللاھقا يۈزنى سۇرتۇش ئۈچۈن بىر رەخ كەلتۈرگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنى خالىماستىن، قولى بىلەن بەدىنىدىكى سۇنى سىرىۋەتكەن
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايتتى، چېچىنىڭ ئاستىغا سۇ تىگىپ تېرە سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بەدىنىنى يۇيىتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى يۇياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ قۇياتتى، ئاندىن كېيىن چېچىنى قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئارىلاپ چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتتى، باشنىڭ تېرىسى سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا، بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇپ يۇياتتى، ئاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇياتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.