





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ»، بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە:«تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن» دېگەن.
بىرلىككە كەلگەنبۇ ھەدىستە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن مەزىينىڭ كۆپ چىقىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ. مەزىي دېگەن: ئىنساندا شەھۋەت قوزغالغاندا ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشتىن ئىلگىرى جىنسى ئەزاسىدىن چىقىدىغان شىلىمشىق، سۇيۇق ئاق سۇدىن ئىبارەت. مەزى چىققاندا قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراي دىسە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئايالى بولغانلىقى ئۈچۈن سوراشتىن ھايا قىلىدۇ. مىقداد بىن ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەۋرىتىنى يۇيىۋېتىپ تاھارەت ئالسۇن دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن:قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى، ماڭا ئۇلارنى سۆزلەپ بەردى، ئەگەر يەنە سورىغان بولسام ماڭا يەنە دەپ بېرەتتى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:« شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئوقۇلغان پەرز ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە ئۇلارنى قاقشاتماسلىق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئالى قىلىش، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى مۇداپىئە قىلىپ، ئىسلامنىڭ شۇئارلىرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن جېنىنى ۋە مېلىنى سەرپ قىلىپ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇشۇ ئىشلاردىن خەۋەر بەردى، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دەپ سوراۋەرگەن بولسام، ماڭا تېخىمۇ كۆپ جاۋاپ بېرەتتى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ: «كىشلەر ھەر كۈنى تاڭ ئاتقۇزغاندا ئىككى پەرىشتە زېمىنغا چۈشۈپ، بىرى: ئى ئاللاھ، چىقىم قىلغۇچىغا ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، چىڭ سىقىۋالغۇچىغا ۋەيرانچىلىق بەرگىن! دەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكىشىلەرگە ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: ئى ئاللاھ، پۇل-مېلىنى تائەت-ئىبادەتكە ئوخشاش ياخشىلىققا، ئائىلىسىگە ۋە مېھمانلىرىغا چىقىم قىلغان كىشىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تولدۇرۇپ بەرگىن! دېسە؛ يەنە بىرى: ئى ئاللاھ، سەن ۋاجىپ قىلغان پۇل-مال سەرىپ قىلىشدىن ئۆزىنى تارتقان بېخىلنى ۋە مېلىنى ھالاك قىلغىن، دەيدۇ
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەتە بايراقنى چوقۇم، ئاللاھ تائالانى ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ياخشى كۆرىدىغان بىر كىشىگە بېرىمەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قولى بىلەن پەتھىنى نېسىپ قىلىدۇ دېۋىدى، كىشىلەر شۇ كېچىسى، ئۇ بايراق كىمگە بېرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش - تارتىش قىلىشىپ چىقىشتى. تاڭ ئېتىۋىدى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بايراقنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ قېنى؟، دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قاپتۇ، دېيىلدى. ئۇلار ئۇنى ئەكىلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ چاقىرتىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئىككى كۆزىگە تۈكۈرۈپ دۇئا قىلىۋىدى، خۇددى ئاغرىپ باقمىغاندەك ساقىيىپ كەتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا بايراقنى بېرىپ دېدىكى: ئالدىڭغا ئالدىرىماي مېڭىپ ئۇلارنىڭ مەيدانىغىچە بارغىن! ئاندىن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغىن! ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدە ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى ئېيتقىن. ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى! سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بىر ئادەمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالسا، ئۇ ساڭا قىزىل تۆگىدىنمۇ ياخشىراقتۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە ئەتىسى ناھايىتى كاتتا پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىگە بولغان بىر كىشىنىڭ قولى بىلەن، يەھۇدىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقلىرى بىلەن خۇش بىشارەت بەردى. ساھابىلەر ياخشىلىققا بەك ھېرىسمەنلىكىدىن ھەممىسى ئۇ ئىشقا ئىشتىياق باغلاپ شۇ ۋاقىتنى كۈتتى. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يىنىغا باردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىزدىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ كېلەلمەسلىكى بۇ ئىشقا ئۇدۇل كىلىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرتىپ، ئۆزىنىڭ مۇبارەك تۈكۈرۈكى بىلەن تۈپلىدى، ئۇ ھېس قىلىۋاتقان ئاغرىق تولۇق توختىدى ۋە ئۇنىڭغا ئەسكەرى قوماندانلىقنى تاپشۇردى. ئۇنى ئالدىرىماستىن دۈشمەن تەرەپكە مېڭىپ، ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشكە چاقىرىشقا بۇيرىدى. ئەگەر قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە پەرز بولغان ئەمەللەرنى بايان قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا، ئاللاھ تائالاغا دەۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە دەۋەتچىنىڭ قولىدا بىرەر كىشى ھىدايەت تېپىپ قالسا، بۇنداق بولغىنى مۇشۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق ماللىرىدىنمۇ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەرنىڭ ھىدايىتى ھاسىل بولسا قانداق بولۇپ كىتەر- ھە!؟
زەيد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى جابدۇپ قويسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ. كىمكى غازات قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش ۋە ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قالسا، ئۇ كىشى غازات قىلغۇچىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىنسان ئاللاھ يولىدا غازات قىلغۇچىنى ئات-ئۇلاغ، يۈك-تاقا ۋە قورال-ياراق بىلەن جابدۇپ قويسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ياخشىلىققا ياردەم بەردى. ئەگەر مۇجاھىد ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى مەقسەت قىلسىمۇ لېكىن ئۇ كىشى ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنى چاقىرىپ: ئائىلەمدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ قويساڭ دېگەن بولسا، مۇجاھىتنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىغا ياردەم بەردى. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن: ھەر قانداق كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشتا باشقا كىشىگە ياردەم بېرىدىكەن، ئۇ كىشىگىمۇ ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ. دىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىتاپ سېتىۋېلىش ياكى تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ بېرىش، ئۇلارغا نەپىقە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم قىلسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئىشلىرىغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئەجىر-ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ
يەھيا بىن ئەمارەتە مازىنىي مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەمىر بىن ئەبى ھەسەننىڭ ئابدۇللاھ بىن زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقىنى سورىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، ئابدۇللاھ بىن زەيىدكە بىر قاچىدا سۇ كەلتۈردى، ئۇ كىشى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاھارەت ئالغىنىدەك تاھارەت ئىلىپ كۆرسەتتى، قاچىدىن سۇ قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ، ئۈچ قېتىمدىن ئېغىزىغا سۇ ئېلىپ چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ سۇ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئىككى قولىنى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئىككى قېتىمدىن يۇدى، ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ بېشىغا مەسىھ قىلدى، بېشىنىڭ ئالدىدىن باشلاپ كەينىگىچە بىر قېتىم مەسىھ قىلدى، ئاندىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇدى»
بىرلىككە كەلگەنئابدۇللاھ بىن زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەمەلى ھەرىكىتى ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كېچىك قاچىدا سۇ كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، دەسلەپتە ئىككى ئالقىنىنى يۇيۇشتىن باشلىدى، ئاندىن قاچىنى يانتۇ قىلىپ سۇنى قويۇپ ئىككى قولىنى قاچىنىڭ سىرتىدا ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ ئۇنىڭدىن ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ ئېلىپ ھەر بىر ئۇۋۇچ سۇ بىلەن بىر قېتىم ئېغىزىغا سۇ ئىلىپ چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلىدى. ئاندىن سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئېلىپ يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئۇۋۇچلاپ سۇ ئىلىپ ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئىككى قېتىمدىن يۇدى. ئاندىن قولىنى قاچىغا كىرگۈزۈپ ئىككى قولى بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلدى، بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن باشلاپ گەردىنىگىچە يەتكۈزدى ئاندىن كەينىگە قايتۇرۇپ بېشىدىن مەسىھنى باشلىغان ئورۇنغا يەتكۈزدى. ئاندىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇدى.
ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەممار ئىبنى ياسىر بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى بىر ئىشقا ئەۋەتكەندە مەن جۇنۇب بولۇپ قالدىم، ئۇ جايدا سۇ تاپالماي، ئۇلاغ توپىدا دۇمىلىغاندەك دۇمىلاندىم، ئاندىن ناماز ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلگەندە بۇنى سۆزلەپ بەرسەم رەسۇلۇللاھ: «سەن مۇنداق قىلساڭلا كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟ دەپ ئالقىنىنى يەرگە بىر ئۇرۇپ ئوڭ ئالقىنى ئارقىلىق سول قولىغا، سول ئالقىنى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى، يەنى قولىنىڭ دۇمبىسى ۋە يۈزىنى سىلىدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بېر قېتىم سەپەر جەريانىدا ئەممار بىن ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بەزى ئېھيتىياجلار ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى كېچىدە جۇنابەت بولۇپ قالدى، يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تاپالماي قالدى. جۇنابەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلمەيتتى، پەقەت كېچىك تاھارەت ئېلىشنىڭ ھۆكمىنى بىلەتتى. ئۇ كىشى ئۆز تېرىشچانلىقى بىلەن ئويلاپ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ بەزىسىگە توپا سۈركىدى، پۈتۈن بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇشقا ئاساسەن بەدىنىنى توپىغا مېلىش دەپ سۇغا قىياس قىلىپ توپىدە ئېشەك ئىغىنىغاندەك ئىغىنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئادا قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ توغرا ياكى خاتا قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بولغان ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا كېچىك تاھارەتتىن ۋە جۇنابەتكە ئوخشاش چوڭ تاھارەتتىن قانداق پاكىزلىنىشنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم ئۇرۇپ ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى ئىككى ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاشتۇر.
جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ئىشلارغا بەيئەت قىلدىم.
بىرلىككە كەلگەنساھابىلاردىن جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: تەۋھىدتە چىڭ تۇرۇش، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىش پەرز بولغان بەش ۋاقىت نامازنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەپلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىش، مالىيە ئىبادەتتىن ئىبارەت بولغان بايلاردىن ئېلىپ ھەقلىق بولغان كەمبەغەللەرگە ۋە باشقا تۈردىكىلەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىش، بارلىق مۇسۇلمانلارغا سەمىيمى بولۇش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولۇش، ئاغزاكى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىقنى توسۇش قاتارلىقلار ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: تاھارەتتە يۇيۇلمىغان پۇتلار دوزاخ ئازابىدا ھالاك بولىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى تاھارەت ئېلىشتا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇردى، تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشقا بۇيرىدى. پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى كۆپۇنچە سۇ تەگمەي قالىدىغانلىقتىن، مۇشۇ ھەقتە نۇقسان ۋە يىتەرسىزلىك بولۇپ قالسا نامازغىمۇ تەسىرى بولىدىغان، تاھارەت ئالغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى