





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈردى، كېچىنىڭ خېلى بىر قىسىمى ئۆتتى، ئۇزۇن ساقلاشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ قالدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ: ناماز ئوقۇۋالىلى، ئاياللار، بالىلار ئۇخلاپ بولدى، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇيۇنغانلىقتىن باشلىرىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقتى ۋە چۈشەندۈرۈپ دېدى: خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرۈپ ئوقۇش ئەۋزەل، ئەگەردە نامازنى ساقلاپ ئۈممىتىمگە جاپا بولمايدىغان بولسا ئىدى، خۇپتەننى كىچىكتۈرۈپ بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم، دېدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئائىشە نامازنىڭ ئالدىدا توغرىسىغا ياتقان ھالدا ئۇخلايتتى، ۋىتىر نامىزى قالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ۋىتىر قالغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ناماز ئوقۇيتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە توغرىسىغا ياتاتتى. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچە نامىزى ئوقۇۋاتقاندا، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قىبلىنىڭ ئارىسىدا خۇددى جىنازە قويۇلغاندەك توغرىسىغا ياتاتتىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەھەججۇت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئائىشەنى ئويغۇتاتتى. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ۋىتىر نامىزى قالغاندا: «ئى ئائىشە تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ» دەيتتى. ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: ھەتتا ۋىتىر ئوقۇشنى مەقسەت قىلغاندا ئائىشەنى ئويغۇتاتتى، ئائىشەمۇ ۋىتىر ئوقۇيتتى دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشەنى كېچىنىڭ دەسلىپىدە ئويغاتمايتتى، كېچىلىك نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ۋىتىر نامىزى قالغاندا، ئائىشەنى ۋىتىر نامىزى ئوقۇۋىلىش، ۋىتىرنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىككە، ئويغۇنۇپلا ۋىتىر ئوقۇش ئارقىلىق ئويقۇنىڭ ھورۇنلىقىدىن غالىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرەتتى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:مەن بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويدۇم، ئىزدەپ باقسام ئۇ رۇكۇ قىلىپ ياكى سەجدە قىلىپ:«سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە:مىنىڭ قولۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىنى تىكلەپ سەجدە قىلىپ:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىۋىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن، سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن»دىگەن دۇئانى قىلىۋىتىپتۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇپ قويۇپ ئۇنى ياتقان ئورنىدىن تاپالماي ئىزدىگەنلىكى، ئۆز گۇمانىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى باشقا ئاياللىرىنىڭكىگە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ قىلغان ياكى سەجدە قىلغان ھالەتتە مۇنۇ دۇئانى: «سېنى پاك دەيمەن، سېنى ماختايمەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى سېنى ساڭا لايىق بولمايدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن پاكلايمەن، سېنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىڭنى مەدھىيلەيمەن، سەن مۇتلەق ماختاش ۋە مەدھىيلەشكە لايىقسەن، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق دىگەن دۇئانى ئوقۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى پۇتىنىڭ ئالقىنىغا تەگدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كېچىدە ئۆينى يورۇتىدىغان چېراق يوق ئىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ قولى بىلەن سىلاشتۇرۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەجدە قىلىۋاتقان ھالەتتە تاپتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سەجدە قىلىپ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدى:«ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىپىڭدىن ساقلىنىمەن، (ھەر نەرسە ئۆزىنىڭ زىتى بىلەن ئىلاج قىلىنىدۇ) غەزەپنىڭ قارشىسى رازىلىق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى بىلەن غەزىپىدىن پاناھ تىلىنىدۇ، ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن. يەنى سەن بىلەن سەندىن پاناھلىنىمەن، چۈنكى قۇتۇلۇش ۋە پاناھلىنىش پەقەت ئاللاھدىن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە بولىدۇ. سىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ، مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سىنى ساڭا لايىق مۇكەممەل شەكىلدە مەدھىيلىيەلمەيمەن، چۈنكى ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنى مەدھىيلىگەندەك ئاللاھ تائالانى مەدھىيلىشى مۇمكىن بولمايدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن»دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا بىر كىشىنىڭ كېچىسى كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئۈچۈنمۇ ئويغانماستىن تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئىدى. ئىككىنچى رىۋايەتتە: بامداتقىمۇ ئويغانماستىن ھەتتا كۈن چىققۇچە ئۇخلايدىغانلىقى زىكىر قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن» دېدى. ھەدىسنىڭ زاھىرى مەناسى بويىچە، ھەقىقەتتە شۇنداق چۈنكى شەيتانمۇ يەيدۇ، ئېچىدۇ ۋە توي قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىيىشىدىن چەكلىنىدىغان توسالغۇ يوق، بۇ ئاشۇنداق ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى خارلىق ۋە ئاھانەت بولۇپ، شەيتان ئۇنى ئۆزىنىڭ ھاجەتخانىسى قىلىۋالغان، گەرچە ئۇيقۇ كۆزگە نىسبەت بېرىلسىمۇ لېكىن بۇ يەردە قۇلاقنى خاس قىلىش ئېغىر ئۇيقۇنى بىلدۈرىدۇ، ئاڭلاش ئەزاسى دېگەن دىققەت قىلىدىغان ۋە تىز سەگەك بولىدىغان ئورۇن، بۇ ئەزانى سىيىشكە خاس قىلىشى، بۇ ئەزانىڭ كاۋاك بولغانلىقى،تومۇرلارغا تىز تارايدىغانلىقى بۇنىڭدىن پۈتۈن بەدەندە ھورۇنلۇق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۇخلىغان چاغدا، بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە شەيتان ئۈچ تۈگۈن چېگىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى، ساڭا كېچە ئۇزۇن ئۇخلاۋەرگىن دەپ چىڭىتىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى ئويغۇنۇپ ئاللاھنى ئەسلىسە، بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا بىر تۈگۈن، ناماز ئوقۇسا يەنە بىر تۈگۈن يېشىلىپ كەيپىياتى يۇقىرى ۋە روھلۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا ھورۇن ۋە كەيپىياتسىز ھالەتتە تۇرىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: شەيتان ئۇخلىغۇچىنىڭ بېشىنىڭ كەينىگە ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ، تۈگۈن دېگەن ھەقىقەتتە سېھرىگەر سېھرى قىلىدىغان كىشىگە تۈگۈن چەككەندەك بىر يىپنى ئىلىپ ئۇنىڭغا تۈگۈننى چىگىدۇ ۋە سېھرىگە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاقىتتا سېھرى قىلىنغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىبنى ماجىنىڭ رىۋايىتىدە: كېچىدە سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بېشىنىڭ كەينى تەرىپىگە بىر شوينىدا ئۈچ تۈگۈن چىگىدۇ دېيىلگەن، ئۇنى بېشىنىڭ كەينىگە چىگىشى ئۇ يەرنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن بولغانلىقىدىندۇر، ئۇ ئورۇن شەيتانغا تىز بويسۇنىدىغان ۋە چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئورۇن بولغاچقا، شەيتان ئۇ ئورۇننى باغلىۋالسا، ئىنسان روھىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېغىر ئۇيقۇ تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەر بىر تۈگۈننى تۈگۈننىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كېچە ئۇزۇن خالىغىنىڭچە ئۇخلا، ئۇيقۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن كېيىنرەك ئويغانساڭمۇ كېچىلىك ناماز ئوقۇيدىغانغا ۋاقىت بار دەپ دەم چىڭىتىدۇ، ئويغۇنۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلسا بۇنىڭ سەۋەبى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، تاھارەت ئالسا ئۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: تاھارەت ئالسا ئىككى تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن. ئەگەر چوڭ تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن يۇيۇنسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ناماز ئوقۇسا گەرچە بىر رەكەت بولسىمۇ ئۈچىنچى تۈگۈن يېشىلىدۇ. بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە: ھەممە تۈگۈن يېشىلىدۇ دېيىلگەن، جۇشقۇن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، شەيتاننىڭ تۈگۈنى يېشىلگەن، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ ۋەدە قىلىنغان ساۋابقا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىكەت بەرگەن مۇشۇ گۈزەل تەسەررۇپ بىلەن ۋۇجۇدى پاك ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بولمىسا، ھورۇن، ۋۇجۇدى روھسىز ھالەتتە ئورنىدىن تۇرىدۇ، يەنى ياخشىلىقتىن يىراقلىشىپ، شەيتانغا خار بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھالىتى ئۆزگىرىدۇ. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستىن كېچىلىك نامازدا ۋۇجۇدىنى پاكلايدىغان بىر سىر ئاشكارا بولىدۇ، گەرچە ناماز ئوقۇغۇچى باشقا ئىشلارنى ھازىر قىلمىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاشۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئەكسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تېنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ
ئەبۇ ئەبس ئابدۇراھمان ئىبنى جەبر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنىڭ يولىدا بەندىنىڭ ئىككى پۇتى توپىغا مىلەنسە، ئۇنى دوزاخ ئوتى كۆيدۈرمەيدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان كىشىنىڭ ئىككى پۇتى ئۇ يولدا توپىغا مىلەنسە، بۇ ئۇنىڭ دوزاختىن ساقلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇخارىدا بايان قىلىنغان تېكىستتە: «كىم ئىككى پۇتىنى ئاللاھنىڭ يولىدا توپىغا مىلىسە، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ» دېيىلگەن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان ۋاقىتتا، ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئۇنىڭغا يېتىدىغان نەرسە، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: ئۆلتۈرۈلۈشتىن يەتكەن ئەلەمدىن خۇددى بىزلەرنىڭ بىرىمىز چۆمۈلە چېقىۋالغاندا ئاغرىق ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: چۆمۈلە چاققانچىلىك ھېس قىلىدۇ، دېيىلگەن، يەنى شېھىت باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش سەكراتنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئاچچىغىنى تېتىمايدۇ، بەلكى ھېس قىلىدىغان ئەڭ قاتتىق ئاغرىق چۆمۈلە چېقىۋالغانچىلىك ئاغرىق بولىدۇ، چۆمۈلىنىڭ چاققان ئاغرىقى تىزدىن يوق بولىدۇ، ئىنسان ئۇنى تۇيماي قالىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شېھىتكە قىلغان مەرھىمىتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئەرزىمەس قىلىپ تەقدىم قىلغاچقا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىل قىلدى
ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى: «قانداق بىر كىشى ئاللاھنىڭ ئۇنى قىيامەت كۈنىدە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئارزۇ قىلسا، قىيىنچىلىقى بار كىشىدىكى قەرىزنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسۇن ياكى قەرىزنى كەچۈرۋەتسۇن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: «ھەرقانداق بىر كىشىنى خۇشال قىلسا» يەنى خۇرسەن قىلسا ۋە تەئەججۇپلەندۇرسە، «ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنىنىڭ دىشۋارچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ» يەنى ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتى ۋە قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، «قىيىنچىلىقى بار كىشىنى خاتىرجەم قىلسۇن»يەنى قەرىزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، قەرىزنى تەلەپ قىلىشنى كېچىكتۈرسۇن ۋە قەرىزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە مۆھلەت بەرسۇن، «ياكى قەرىزنى بولدى قىلۋەتسۇن» يەنى ئۇ كىشىدىكى قەرىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى كەچۈرۈۋەتسۇن، ئاللاھ: «ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغىچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر» دېگەن. بەقەرە سۈرىسى 280-ئايەت
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر، ئۇ ئىككسى بىلەن مەقسەت بامدات بىلەن ئەسىر نامىزى ئىكەنلىكىگە جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كۈن چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ناماز» دېگەن سۆزى دالالەت قىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «ئەسىر ۋە بامدات نامىزى» دەپ زىيادە بايان قىلىنغان، ئاندىن جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن»، بۇ ئىككى ناماز «سوغۇقتا ئوقۇيدىغان ناماز» دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ ئىككى ناماز كۈندۈزى ھاۋا سوۋۇغان، كۈننىڭ ھارارىتى كەتكەن ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىندى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەممارە ئىبنى رۇبەيئە دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى(634)،بۇ ئىككى نامازنى خاس قىلىش بولسا: بامدات نامىزى ئۇيقۇ لەززىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بولىدۇ، ئەسىر نامىزى بولسا كۈندۈزلۈك مەشغۇلىيەت، تىجارەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىدا بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇ كىشىنىڭ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىبادەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا نامازلارنىمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ يەردە پەقەت بۇ ئىككى نامازنى بايان قىلىشتىن، باشقا نامازنى ئوقۇماي پەقەت بۇ ئىككى نامازنى ئوقۇسا پەزىلەت ھاسىل بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېكىستكە زىت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا» دېدى، بۇنىڭدىن بۇ ئىككى نامازنى بۇيرۇلغان شەكىلدە، ئەرلەر جامائەت بىلەن ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشكە تاقىتى يېتىپ تۇرۇپ، جامائەتنى تاشلىشى توغرا بولمايدۇ