





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە خۇتبە ئوقۇپ ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد بىلەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلەر ئىچىدىكى پەزىلىتى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل-ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىۋىدى، بىر كىشى قوپۇپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرىلەمدۇ؟ بۇ توغرىلىق ماڭا خەۋەر بەرگىن! دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ»دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قانداق دېدىڭ»دېدى، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ گۇناھلىرىم كەچۈرۈلۈپ كېتەمدۇ؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:««ھەئە، سەن بەرداشلىق بەرگەن، ساۋاپ ئۈمىد قىلغان، چېكىنمەي ئىلگىرلىگەن ھالىتىڭدە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەڭ قەرزدىن باشقا گۇناھلىرىڭ ئەپۇ قىلىنىدۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ھازىرلا بۇ توغرىلىق دەپ بەردى»دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا خۇتبە سۆزلەپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھغا ئىشىنىشنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى، بىر كىشى قوپۇپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئەگەر مەن ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئالى قىلىش ئۈچۈن جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلسەم مېنىڭ ھەممە گۇناھىم كەچۈرۈلۈپ كىرەمدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ھەئە، لېكىن سەن يەتكەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋىر قىلىپ، ئاللاھ تەرەپكە يۈزلىنىپ، جىھاد مەيدانىدىن چېكىنمەستىن ئۇرۇش قىلساڭ» دېدى، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ شېھىت بولۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا كاپارەت بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق سورىغان: ئى رەسۇلۇللاھ مېنىڭ ئىككى خوشنام بار بولۇپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە ھەدىيە قىلماقچى بولسام قايسىسىغا قىلسام توغرا بولىدۇ، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: قايسىسىنىڭ ئىشىكى يېقىن بولسا شۇنىڭغا قىلغىن، دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇنداق سورىغان: ئومۇمىيۈزلۈك خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇلغان، مېنىڭ ئىككى خوشنام بار، ئىككىلىسىگە تەڭ بىر نەرسە ھەدىيە قىلىشقا قادىر بولالمايمەن، ئەگەردە بىرىگە ھەدىيە قىلىش بىلەن خوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرمەك ئۈچۈن قايسىسغا بىر نەرسە ھەدىيە قىلسام بولىدۇ، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئىشىگى سىزگە ئەڭ يېقىنىغا ھەدىيە قىلىڭ، دېدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: نەسەبتە ھارام قىلىنغان ئىش ئېمىلداشلىقتىمۇ ھارام قىلىنىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاياللاردىن نەسەب جەھەتتىن ھارام بولغان؛ ئانا ۋە ئاچا-سىڭىللارغا ئوخشاشلارنىڭ ئۆز ئەينى، ئېمىتىش سەۋەپلىك ھارام بولىدۇ. مەسىلەن: ئېمىتكەن ئانا، ئېمىلداش ئاچا- سڭىلغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر ھەدىستە: (نەسەب سەۋەپلىك ھارام بولغان ئىش، ئېمىلداشلىق سەۋەپلىكمۇ ھارام بولىدۇ) دەپ كەلدى. بۇ مەيلى ئايال تەرەپتىن بولسۇن، ياكى ئەر تەرەپتىن بولسۇن. بىر ئىنسانغا ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن توي قىلىش ھارام بولغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاچا-سىڭىل ۋە ئانا تەرەپتىن ۋە دادا تەرەپتىن بولغان ھاممىلىرىغا ئوخشاشلارنىڭ تۇغقانلىقى ئېمىلداشلىقتىن بولغان بولسا، ئۇلارنى نىكاھىغا ئېلىش ھارامدۇر. بۇ يەردىكى ھاراملىقنىڭ تۈرى: نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىدۇر. ئېمىتىلگەن بالا بىلەن ئۇنىڭ ئېنىك ئانىسىنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ ئۇلارغا قاراش، ئۇلار بىلەن ئايرىم تۇرۇش، بىللە سەپەر قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا ئەھكاملاردا ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: مىراس ئىشلىرىدا، نەپىقە قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقىغا ئوخشاش ئىشلاردا ئۆزىنىڭ تۇغقىنىنىڭ ھۆكۈمىدە بولمايدۇ. يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئېمىتكۈچى ئانىغا قاراشتىكى ھاراملىققا كەلسەك، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئەمگۈچىنىڭمۇ تۇغقانلىرى بولىدۇ. ئەمما ئەمگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن باشقىلارنىڭ ئېمىتكۈچى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇلارغا تۇغقانچىلىق ئالاقىسىدىن ھېچقانداق ھۆكۈم ئىسپاتلانمايدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يۈزىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئاللاھنىڭ يولىدىكى جىھاد جەريانىدا ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ بىر كۈن روزا تۇتسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ يۈزىنى دوزاختىن 70 يىللىق مۇساپە يىراقلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ جىھادتىكى مۇشەققەت بىلەن روزا مۇشەققىتىنى تەڭ تارىتتى. ئۇ كىشىنى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇش جەننەتكە يېقىنلاشتۇرۇشنى بىلدۇرىدۇ، ئاخىرەتتە پەقەت ئىككى يوللا با يا جەننەت يادوزاخ
سەھل ئىبنى سەئد ئەسسائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە خەبەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار ئىپتار قىلىشقا ئالدىرايدىكەن، ئۇلار دائىم ياخشىلىقتا بولىدۇ، ئىپتارنى بۇرۇن قىلىش بولسا سۇننەتكە ئەمەل قىلغانلىق. ئەگەر ئىپتارنى كىچىكتۈرسە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بۇلىدۇ، ئۇلار رەسۇلۇللاھ چىڭ ئېسىلىشنى تەۋسىيە قىلغان بۇ سۈننەتلەرنى تەرىك قىلىش سەۋەبلىك ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالدى
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى كۈندىلىك يىمەكلىكىمىزدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، قۇرۇتتىن بىر سا، ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بېرەتتۇق. مۇئاۋىيەنىڭ زامانىدا شامنىڭ بۇغدايلىرى كىلىۋېدى، ئۇ: بۇنىڭدىن بىر ئۇۋۇچى ئۇنىڭ ئىككى ئۇۋۇچىغا تەڭ كىلىدۇ، دەپ قارايمەن، دېدى. ئەبۇ سەئىد، ئەمما مەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا قانداق بەرگەن بولسام ئاشۇنداق داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ: كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا پىترە سەدىقىسىنى يىمەكلىكتىن بىر سا بىرىدىكەن، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇپ مەدىنىگە كەلگەندە، مەن شام بۇغدىيىدىن يېرىم سا مىقدارىنىڭ باشقا نەرسىلەردىن بىر ساغا تەڭ كىلىدۇ دەپ قارايمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ گىپىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى ئەلا بىلىش، ۋە بۇ سەدىقە بىلەن كۆزلەنگەن بىھاجەتلىك ھاسىل بولىشى ئۈچۈن، بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بەرگەندەكلام ھەرقانداق يىمەكلىكتىن بىر سا بېرىشنى چىڭ تۇتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتھى كۈنى مۇنداق دېگەن: مەككە پەتھىدىن كېيىن ھىجرەت يوق، لېكىن جىھاد ۋە ئۇنىڭغا نىيەت قىلىش مەجۇت، ئەگەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار. شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ: بۇ شەھەرنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئاسمان زېمىننى ياراتقان چاغدا ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلغان، ئۇنداقتا بۇ شەھەر ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىشى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ھارام بولدى. شەكسىزكى بۇنىڭدا ئۇرۇش قىلىش مەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ھالال بولمىغان، ماڭىمۇ بۈگۈن بىرقانچە سائەتلام ھالال قىلىندى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىشى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ھارامدۇر. ھەرەم چىگراسى ئىچىدە ھەتتا تىكەنمۇ كېسىلمەيدۇ، ھايۋانلىرى ئۆكۈتۈلمەيدۇ، ئۇنىڭدا تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئالمىسا ئۇنى ئېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ئوت-چۆپلەرمۇ ئورالمايدۇ، دىۋېدى. ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەغەزگۇلدىن باشقىسى شۇنداق بولسا، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك ئىشلىرى ۋە ئۆيلىرىگە لازىم بولىدۇ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قەغەزگۈلدىن باشقىسى شۇنداق بولسۇن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھى بولغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: مەككىدىن ھىجرەت قىلىش يوق، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىيارى بولدى، ئەمما جىھاد داۋملىشىدۇ ۋە جىھادقا چىقىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەمىرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم. ئاندىن مەككىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلىنغان شەھەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ھالال قىلىنمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە ھەرگىز ھالال بولمايدىغانلىقى، ھەتتا پەيغەمبىرىمىزگىمۇ شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىن ھاراملىقىغا قايتۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن مەككىنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ: ھەرەم دائىرىسىدە ھەتتا تىكەنمۇ كېسىلمەسلىكى، ھايۋانلىرى ئۆكۈتۈلمەسلىكى، ئۇنىڭدا تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئالمىسا ئېلىشقا رۇخسەت يوقلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭمۇ ئورالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن قەغەزگۈل مەككە ئەھلىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇستەسنا قىلىندى. تەيسىيرىل ئەللام 384- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 515- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم351- بەت
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئېتىكاپتا تۇراتتى، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كېلەتتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەدىر كېچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ كېچىنى ئىزدەپ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇرغانلىقىنى، بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئەمەسلىكىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىنىڭمۇ ئېتىكاپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا، پەرەۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىش يۈزىسىدىن ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەلۇم بىر ئىبادەتكە ۋاقىت ئاجرىتىش، ئىنسانلاردىن ئالاقىلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ بولمايدۇ. تەيسىيرىل ئەللام (351- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم، 476- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 296- بەت)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام روزا تۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن سوھۇرلۇق (يەنى تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدىكى يىيىش ۋە ئىچىش) يىيىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىلاھى ھىكمىتىنى بايان قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ھىكمەت بەرەكەتنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. بۇ بەرەكەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوھۇرلۇقنىڭ بەرىكىتىدىن: كۈندۈزى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئوزۇقلۇنۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالامغا ئەگىشىشتىن ھاسىل بولىدىغان ساۋاپ ۋە ئەھلى كىتاپقا ئوخشاپ قالماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. يەنە بۇنىڭ بەرىكىتىدىن: كىشى سوھۇرلۇققا تۇرسا، بەلكى نەپلە ناماز ئۇقۇشى، ياكى ئۆزى بىلىدىغان بىرەر ھاجەتمەنگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن، بەلكى قورئان ئوقۇشى مۇمكىن. يەنە بۇ سوھۇرلۇقنىڭ بەرەكەتلىرىدىن: ئەگەر بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالامغا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا بۇ ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ شەرىئىتى نۇرغۇنلىغان ھىكمەت ۋە سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. يەنە بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ پايدىلاردىن بىرى: بامدات نامىزىغا ئويغۇنۇش، شۇڭا سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئۇخلاپ قېلپ بامدات نامىزى قازا بولماسلىقى ئۈچۈن، سوھۇرلۇقنى كىچىكتۈرۈپ يىيىشكە بۇيرۇدى، بۇ سوھۇرلۇق يىمىگەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشتۇر. سوھۇرلۇق سەۋەبىدىن، باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامىزان ئېىيىدا بامدات نامىزىدىكى جامائەتلەر كۆپ بولىدۇ. تەيسىيرىل ئەللام 317- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 417- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم217- بەت