





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ھەمزە ئىبنى ئەمرى ئەلئەسلەمىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: سەپەردە روزا تۇتىمەنمۇ؟ دەپ سورىۋېدى، (ئۇ كۆپ روزا تۇتىدىغان ئادەم ئىدى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭ تۇتقىن، خالىمىساڭ تۇتمىغىن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بەرگەن ھەدىستە، ھەمزە ئىبنى ئەمرىۋ ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە روزا تۇتىدىغانلىقىنى دېگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇنىڭغا روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىق ئىختىيارلىقىنى بېرىپ: ئەگەر خالىساڭ روزا تۇتقىن، خالىساڭ تۇتمىغىن! دېدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ يەردىكى روزىدىن بولغان مەقسىتى پەرز روزا ئىدى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ، ئاللاھ تائالادىن بولغان رۇخسەت، دېدى. بۇ گەپ، ئۇ ساھابىنىڭ پەرز روزا ھەققىدە سورىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام ئەبۇ داۋۇد كەلتۈرگەن يەنە بىر ھەدىستە، ئۇ ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئۇلۇغۇم بار شۇنىڭغا مېنىپ سەپەر قىلىمەن ۋە كىراغا سالىمەن، بەلكى رامىزان ئېيىدىمۇ مېنىڭ روزا تۇتۇشقا كۈچۈم يىتىدىغان ھالەتتە ئاشۇنداق ئۇدۇل كىلىشى مۇمكىن، دېدى. بۇنىڭدىن سەپەر ھالىتىدە روزا تۇتماسلىق ئاللاھ تائالادىن بېرىلگەن رۇخسەت ئىكەنلىكى، كىمكى بۇ رۇخسەتنى ئالسا توغرا، كىمكى روزا تۇتسا ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت ۋە تۇتقان روزىسى پەرز روزىغا ھېساب بولىدۇ. تەيسىيرىل ئەللام (325- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم، 429- بەت)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 237- بەت)
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: رامزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار! ئەمما نورمالدا مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشى روزا تۇتسا بولىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ بېشىغا بىر ياكى ئىككى كۈننى ئۇلاپ تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىنى، ئەمما نورمالدا دۈشەنبە كۈنى دېگەندەك مەلۇم كۈنلەردە روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلغان كىشىنىڭ روزىسى رامىزاننىڭ بىرەر ئىككى كۈن ئالدىغا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، بۇنداق ھالدا ھېچقىسى يوق، چۈنكى ئىبادەتتىن ئەمەس ئىشنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت چەكلەنگەن ئىش يۈز بەرمىگەن بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بىرىدۇ. تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم،413- بەت)، تەيسىيرىل ئەللام (313- بەت)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 210- بەت)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن«رامىزاندا دېگەندەك رىۋايەتمۇ بار» بەزى ساھابىلەر ئارپا، خورمىنىڭ ئورنىغا يېرىم سا بۇغداي بەرگەن، مەيلى كىچىك بالا بولسۇن مەيلى چوڭ كىشى بولسۇن ئوخشاش. يەنە بىر ئىبارەتتە ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش كېرەك دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق مۇسۇلمانلار سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلدى. شۇ كۈندە يەتكۈدىك ئۇزۇق-تۈلۈكى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە پەرىز قىلدى،چوڭ-كىچىك ئەر- ئايال، ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خورما ياكى ئارپىدىن بىر سا سەدىقە پىتىر بېرىشنى پەرىز قىلىپ بىكىتكەن. مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ ئۈستىگە كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەدىقە پىتىرنى ۋاجىپ قىلدى. بۇ مەسئۇلىيەت ئائىلە ئىگىسى ۋە باشلىقىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇ كىشى ئايال بالا-چاقىلار ۋە قۇللارنىڭ سەدىقە پىترىسىنى بىرىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كىچە-كۈندۈزلۈك يىراقلىققا سەپەر قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: مەھرەمسىز بىر كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاياللار بولسا شەھۋەت ۋە ئىنتىلىش ئوبېكتى بولۇپ، ئۇلار ئاجىز بولغانلىقتىن، ئەقلى كەمتۈك بولغانلىقتىن ئۆزىنى قوغداشقا قادىر بولالمايدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئايال كىشى سەپەرگە چىققاندا، شەرىئەت ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھرەم بىرگە چىقىشى زورۇر دەپ قارىدى، مەھرەم بولغۇچى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى قوغدايدۇ ۋە تاجاۋۇزچىلىقتىن ساقلايدۇ. شەرىئەت يۇقىرىدىكى مەقسەتلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن مەھرەمنىڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولىشىنى شەرت قىلىدۇ. شەرىئەت ئۇ ئايالنىڭ ئىمانىنى شەرت قىلىپ، ئەگەردە ئۇ ئايال شۇ ئىمان بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئىماننىڭ تەلىپى بويىچە ماڭىدىغان بولسا، مەھرەمسىز سەپەر قىلماسلىقنى تەقەززا قىلدى
ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلىپ ئۇلار مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان كېچىلىرى بامدات ۋاقتىغىچە ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالار شۇنداق بايان قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قىلىپ بامدات نامىزىغىچە يۇيۇنماي تۇراتتى، روزا تۇتماقچى بولسا نىيەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يۇيۇناتتى. بۇ ئائىشە ۋە ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ مەرۋان ئىبنى ھەكەم جۇنۇپ ھالدا روزىنى باشلاش توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ ئادەم ئەۋەتكەندە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى. بۇ ھۆكۈم رامىزان ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئوخشاش
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: قانداق بىر روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بەرگەنلىكىدۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلام شەرىئىتى ئاسانلىق ۋە قۇلايليق ئۈستىگە قۇرۇلغان، تەكلىپلەر ئىنسان تاقىتىگە قارىتا بولىدۇ، كۈچى يەتمىگەن ئىشلاردىن ئىنسان سورالمايدۇ. شۇنىڭ جۈملىسىدىن كىمىكى رامىزان ئېيىدا ۋە ياكى باشقا ئايلاردا يەپ-ئىچىپ قېلىپ ياكى روزىنى بوزىدىغان بىر ئىشنى سەھۋەنلىكتىن قىلىپ قالسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، روزىسى ساغلام بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان ئەمەس. بىر كىشىنىڭ مەقسەتسىز ئۇنۇتقان ھالدا قىلغان ئىشى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا يېمەك ۋە ئۇسسۇزلۇق بېرىلگەندۇر
ئىبنى ئەزھەرنىڭ ئازاتگەردىسى ئەبى ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىر ھېيىت نامىزىنى بىللە ئوقۇدۇم، ئۇ خۇتبىدە مۇنداق دېدى: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كۈندە روزا تۇتشتىن توسقان، رامىزان روزىسىدىن ئېغىز ئاچقان كۈندە، يەنە بىر كۈن بولسا، قۇربانلىق قىلغان گۆشنى يەيدىغان كۈندە
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇلۇغ ئاللاھ تائالا ئىككى كۈننى مۇسۇلمانلارغا ھېيىت قىلىپ بېكىتىپ بەردى، ئۇنىڭ ھەر بىرى دىنى ئەھكاملار بىلەن باغلانغان بولۇپ، روزا ھېيىت بولسا، رامىزان روزىسىنىڭ تۈگىشىگە باغلانغان. بۇ كۈندە مۇسۇلمان روزىنى تولۇق تۇتۇش نېمىتىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا رەھمەت ئېيتىپ، ئېغىز ئېچىپ تەبرىكلەيدۇ ۋە روزىدىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئېغىز ئېچىش نېمىتىنى نامايەن قىلىدۇ. «ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغان ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلىشىڭلارنى ۋە نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ» زارىيات سۇرىسى17-ئايەت. ئىككىنجى كۈن بولسا ئۇ قۇربان ھېيىت كۈنى، قۇربانلىق قىلىش ھەجگە ھەدىيە ئېلىپ كېلىش ئىشلىرىغا باغلانغان. كىشىلەر بۇ كۈندە ھەجگە ھەدىيە ھەيدەپ كېلىدۇ، قۇربانلىق قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەھكاملىرىنىى قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېيىش ئارقىلىق نامايەن قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ ئىككى كۈندە مۇسۇلمان كىشىگە ئېغىز ئېچىش ۋاجىپ، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارامدۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدىكى تەلبىيەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، بارلىق ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭىلا خاستۇر، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوقتۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۇقىرىدىكى تەلبىيەگە تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەرنى قېتىپ دېيتتى: مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەمرىڭگە تەييارمەن، ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ئۈمىد ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەر پەقەت سەن ئۈچۈندۇر. ئىخلاس ۋە ساۋاب جەھتىدىن ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ قارارگاھى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج ۋە ئۆمرىدىكى تەلبىيەسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرمەن ئى ئاللاھ مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق.بۇ تەلبىيە ئاللاھ تائالانىڭ ھەجگە چاقىرغان چاقىرقىغا ئاۋاز قوشقانلىقنىڭ بەلگىسى ۋە قايتا-قايتا ئاۋاز قوشۇش ۋە ئىخلاس قىلىش ۋە يۈزلىنىش، ئۇنىڭغىلا ھەمدۇ سانا ئوقۇش، جىمى نېمەت ئۇنىڭدىنلا دەپ ئىتراپ قىلىش، ئۇ ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر.ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر يۇقىرىدىكى تەلبىيەگە تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەرنى قېتىپ دېيتتى: مەن ھازىرمەن، مەن ھازىرمەن، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەمرىڭگە تەييارمەن، ياخشىلىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر ئۈمىد ۋە ئەمەل-ئىبادەتلەر پەقەت سەن ئۈچۈندۇر. ئىخلاس ۋە ساۋاب جەھتىدىن ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ قارارگاھى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ سىرداش دوستۇم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ھەر كۈنى ئىككى رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتىر نامىزى ئوقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى ۋەسىيەت قىلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىس شەرىپ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈچ ئالى يوليۇرىقىنى ئۆزئىچىگە ئالغان بىرىنچى: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا قىزىقتۇرۇش، چۈنكى ياخشىلىقنىڭ ساۋابى10ھەسسە بولىدۇ، ئۈچ كۈن روزا تۇتقانلىق ئوتتۇز كۈنگە باراۋەردۇر. ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك ئاينىڭ13-14-15 كۈنلىرىدە تۇتۇلغان روزا ياخشىدۇر. ئىككىنچى: چاشگاھ نامىزى ئوقۇش. خۇسۇسەن كىچىدىكى نامازنى ئوقۇياممايدىغانلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ ئەڭ ئېزى ئىككى رەكىئەتتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرەگە ئوخشاش، ئۇ كىشى كىچىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. چاشكا نامىزىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل ۋاقتى كۈن نۇرى يەرنى قىزىتقان ۋاقتىدۇر. ئۈچىنجى: كېچىسى تۇرۇپ ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ۋىتىر ئوقۇپ يېتىشى كېرەك