





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدىر كېچىسىنى ئىزدەشكە ئۇنىڭدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، كېچىدە تەھەججۈد نامىزى ئوقۇشقا يول كۆرسىتىپ دېدىكى: قەدىر كېچىسىنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بەزى كىشىلەر قەدىر كېچىسىنى چۈشىدە ئاخىرقى يەتتە كۈندە كۆردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانقەدىر كېچىسى شەرەپلىك، ئۇلۇغ كېچە، ئۇ كېچىدە ياخشىلىق ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلۇپ، خاتالىقلار كەچۈرۈم قېلىنىدۇ، ئىشلار بەلگىلىنىدۇ. ساھابىلار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئورنىنىڭ كاتتىلىغىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئۇ كېچىنىڭ ۋاختىنى بىلىشنى ياخشى كۆردى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خەلقىگە قىلغان رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەدر كىچىسىنى ھەممە كېچىلەردە ئېزدەپ، ئۆزلىرىگە پايدىسى بولىدىغان ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ئۇلاردىن ئۇ كېچىنى مەخپى قىلدى. ساھابىلار ئۇ كېچىنى چۈشىدە كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ چۈشى رامىزاننىڭ ئاخىرقى يەتتە كۈنىگە توغرا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن» دېدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاخىرقى ئون كۈندە، بولۇپمۇ ئاشۇ ئون كۈننىڭ تاق كىچىلىرىدە،- دەپ كەلدى، قەدىر كىچىسىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈندە ئىكەنلىكى ئېنىق، مۇسۇلمان رامىزاندا ۋە رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە كۆپرەك، رامىزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىدە بەكرەك ھېرىسمەن بولسۇن»
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: بەش ئۇقىيەگە يەتمىگەن كۈمۈشكە «بەش ئۇقىيە ھازىرقى 595 گىرامغا تەڭ» زاكات كەلمەيدۇ. بەش تۆگىدىن ئاز چارۋىغا زاكات كەلمەيدۇ. بەش ۋەسەقكە يەتمىگەن ئاشلىققا ئۆشرەچىقىرىلمايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانزاكات بايلاردىن كەمبەغەللەرگە غەمخورلۇق قىلىش ھىسابلنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پۇل-مېلى ئاز بولۇپ باي سانالمايدىغان كىشىدىن زاكات ئېلىنمايدۇ. شەرئەت نازىل قىلغۇچى زاكات بەرگۈچىنىڭ ئىقتىسادىغا تۆۋەن چەك بەلگىلەپ بەردى. بۇنىڭدىن ئاز ئىقتىسادى بار كىشىگە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ، ئۇ كەمبەغەل ھىسابلىنىدۇ. كۆمۈش ساقلىغان كىشى 595 گىرامدىن تۆۋەن كۆمۈشكە ئىگە بولسا ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ تاكى 595 گىرامدىن ئاشمىغۇچە. چارۋا باققۇچىنىڭ مېلى 5 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولمىغۇچە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ. مىۋە، ئاشلىقتىن ھوسۇل ئالغۇچىنىڭ ھوسۇلى بەش ۋەسەققە يەتمىسە « بىر ۋەسەق 122.5 كىلو گىرام، ئومۇمىسى 612،5 كىلو گىرام» ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ ھەتتاكى ئۇنىڭ ھوسۇلى 612 كىلوگىرام ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقۇچىلىك.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ: ئى رەسۇلۇللاھ مەن جاھىلىيەتتە ھەرەم مەسچىتىدە بىر كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشنى ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم، قانداق قىلىمەن، دەپ سورىغاندا. رەسۇلۇللاھ: ۋەدەڭگە ۋاپا قىلغىن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەرەم مەسچىتىدە بىر كۈن ئىتىكاپتا ئولتۇرۇشنى جاھىلىيەتتە ئۆزىگە ۋەدە قىلغان، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن بۇ جاھىلىيەتتە قىلغان ۋەدىسىنىڭ ھۆكمى ھەققىدە رەسۇلۇللاھتىن سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى. تەيسىيرۇل ئەللام 353-بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3-توم 480-بەت
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانتىم دەيدۇ: ئەگەر ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار روزا تۇتۇڭلار، ئەگەر كېيىنكى ھىلال ئاينى كۆرسەڭلار ئېغىز ئېچىڭلار. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ قالسا، مولچەرلەپ ئىش قىلىڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۈيۈك شەرىئەت ئەھكاملىرى قائىدە پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك، كەسكىن بىر ئەھۋال بولمىسا ئۇ قائىدىلەرنى تاشلاشقا بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى قائىدىنىڭ جۈملىسىدىن، رامىزان ئېيى كىرىشتىن ئىلگىرى شەئبان ئېيىنىڭ بارلىقى ئېنىق بىر ئىش، بۇ ئاينىڭ تۈگىكەنلىكىگە دەلىل يېڭى ئاينىڭ چىقىشى، يېڭى ئاي چىقمىغانكەن شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقى بىر ھەقىقەت. يەنە مۇسۇلماننىڭ زىممىسى رامىزان روزىسىنىڭ پەرز بولىشىدىن بىكار بولىدۇ، ما دامىكى رامىزان ئېيى كىرمىگەنلا بولسا، شۇ سەۋەبتىن رامىزىن روزىسىنى تۇتۇش ئۈچۈن شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز قىلىش ياكى رامىزاننىڭ ئېنىق كىرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھىلال ئېيىنى كۆرۈش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھىلال ئاينى كۆرۈشنى شەرت قىلىپ بىكتتى. ئەگەر ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاي كۆرۈش مۇمكىن بولمىسا، شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز قىلىپ 31- كۈنى رامىزان روزىسىنى باشلاپ تۇتسا بولىدۇ، مەۋجۇت بىر شەيئىنىڭ يوقالغانلىقىغا دەلىل كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ نەرسە ئىزچىل بار دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تەيسىىرۇل ئەللام 314-بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 414-بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3-توم 212-بەت
ھەسەن ئىبنى ئەلي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: سېنى شەكتە قويغان ئىشنى تاشلاپ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان ئىشنى قىلغىن
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۆئمىن كىشى بىلمەي ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن جەھەتتىن ھالاللىقىدا شۈبھىلەنگەن نەرسىنىمۇ قىلماسلىقى كېرەك. بەلكى بىر ئاز شۈبھى بار نەرسىلەرنى تاشلاپ تامامەن ھالاللىقىغا ئىشەنگەن قەلبى، كۆڭۈل-كۆكسى خاتىرجەم بولغان ئىشلارغا يۈزلىنىشى، ھارام ۋە شۈبھىلىك سەۋەبىدىن ئىككىلىنىش بولغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىشى لازىم
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولىشى: ئۇلاردىن بىرى تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشى پەقەت جامائەت بىلەن ناماز ئادا قىلىشنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە كېلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر خاتالىق ئۆچۈرلىدۇ، ھەتتا مەسچىتكە كېرگۈچە شۇنداق بولىدۇ. مەسچىتكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرسا نامازدا تۇرغاندەك بولىدۇ. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا بىرسىگە ئەزىيەت يەتكۈزمەستىن ۋە تاھارىتى بۇزۇلماستىن تۇرغان مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۈ كىشى ئۈچۈن :«ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلىدۇ.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بىرىدۇكى، مۇسۇلمان كىشى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلسا، ئۇ ناماز ئۇنىڭ ئۆيىدە، ياكى بازاردا، دۇكاندا يالغۇز ئادا قىلغان نامازدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئاندىن بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلدى: بۇ تاھارەتنى مۇكەممەل، تولۇق ئالسا، ئاندىن پەقەت نامازنى مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە چىقسا، ئۇ كىشىنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن بىر دەرىجە كۆتۈرىلىدۇ، بىر خاتالىق ئۆچۈرىلىدۇ. مەسچىتكە كىرگەندە نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇ كىشى نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغاندا نامازدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ناماز ئادا قىلغان ئورنىدا ئولتۇرغان مۇددەتتە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا». بۇ شەرەپكە تاھارىتى بۇزۇلمىغان، ئىنسانلار ياكى پەرىشتىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلمىغان ھالەتتە ئېرىشەلەيدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت نىكاھلانغاندىن كېيىن زىنا قىلغان كىشى، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى ۋە دىنىنى تاشلاپ، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال ئەمەس، پەقەت ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال. بىرىنچى: دۇرۇس بولغان نىكاھتىن كېيىن ئايالى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يات بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغان كىشى، مۇسۇلمان بىر كىشىنى ناھەق قەستەن ئۆلتۈرگەن كىشى، مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ۋە ئىسلامنى تاشلاپ جامائەتنىڭ بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان كىشى، ياكى شۇلارغا ئوخشاشلار. بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھارامدۇر. ئۇنىڭغا ئوخشاشلىرى دېگىنىمىز، ئوخشاش جىنسىلىقلارنىڭ قىلمىشى زىناخورلارنىڭ قىلمىشىغا كىرىپ كىتىدۇ، مەھرەملىرى بىلەن زىنا قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلتۈرىلىدۇ. سىھرگەرلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنجى تۈرگە كىرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەردە كىشىلەرنىڭ داۋاسىغا ئاساسەن دېگىنى بىرىلىدىغان بولسا ئىدى، مەلۇم كىشىلەر بىراۋلارنىڭ ئۈستىدە پۇل-مال ۋە قان داۋالىرىنىڭ بارلىقىنى داۋا قىلىشاتتى، لېكىن داۋا قىلغان كىشىنىڭ دەلىل-پاكىت كۆرسىتىشى، ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ قەسەم ئىچىشى كىرەك
بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىس دەلىل-ئىسپاتسىز قىلىنغان داۋالارنى قۇبۇل قىلماسلىق، ئىنكار قىلغۇچىغا قەسەم ئىچكۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم بىر قائىدىنى بايان قىلىدۇ. بۇ بولسىمۇ ئادالەتنى ياقىلاش، ھەقىقەتنى تۇرغۇزۇش، مال ۋە جاننى قوغداش ئۈچۈندۇر. قانداق بىر كىشى دەلىل-ئىسپاتسىز بىر ئىشنى داۋا قىلسا مەيلى ئۇ كشىلىك ھوقۇق، ياكى ئىقتىسادى مۇئامىلە ئىشلىرى بولسۇن، ئىمان ۋە ئىلىم مەسىلىرى بولسۇن ئوخشاشلا ئۇنىڭ داۋاسى رەت قىلىنىدۇ