





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن، ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن، ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن. ئۇنىڭ قېشىغا لوۋىي ۋە كۆكتات سېلىنغان بىر قازان يېمەكلىك كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنىڭ نېمىنىڭ پۇرىقى ئىكەنلىكىنى سورىدى، ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى بەزى ساھابىلىرىمغا يېقىن قويۇڭلار، دېدى ۋە ئۇنى كۆرگەندە ئۇنى يېيىشنى ياقتۇرمىدى. ۋە دېدىكى: سەن يېگىن! مەن، سەن سۆزلەشمەيدىغان زات بىلەن سۆزلىشىمەن. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى سامساق، پىياز ۋە كۈدە يىسە، بىزنىڭ مەسجىدىمىزگە يىقىن كەلمىسۇن، چۈنكى پەرىشتىلەر ئادەم بالىلىرى ئەزىيەت چىكىدىغان نەرسىلەردىن ئەزىيەت يەيدۇ
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانناماز ئوقۇغۇچى، بولۇپمۇ نامازنى جامائەت توپلاشقان جايدا ئوقۇماقچى بولسا، ئەڭ خۇشپۇراق ھالدا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خام سامساق ياكى پىياز يىگەن كىشىلەرنى، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلار ۋە پەرىشتىلەر ئەزىيەت يەيدىغان سېسىق پۇرىقى يوقىغۇچە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا ۋە نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشقا بۇيرىدى. ئۇنىڭ قېشىغا دانلىق نەرسىلەر ۋە كۆكتاتلار سېلىنغان بىر قازان يېمەكلىك كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنى رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى شۇ سورۇنغا ھازىر بولغان ساھابىلارغا يېقىن قويۇشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ياقتۇرمىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ھارام قىلىنغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى-دە، ئۇنى يىيىشتىن ئىككىلىنىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇ نەرسىنىڭ ھاراملىقى ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى يىيىشكە بۇيرىدى، ۋە ئۆزىنى يىيىشتىن توسقان ئىش؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقى ۋە ھىچكىم قىلالمايدىغان شەكىلدە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالى پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشقاندا ئەڭ گۈزەل ھالەتتە بولىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇئمىنلەردىن ئەزىيەتنى يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمنىڭ پايدىسىنى كۆزلەش، جامائەتكە ئۇ ھالدا كىلىشتىن ئىبارەت شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەشتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئۇ جامائەتكە كىلەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆزىدۇر
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىچە ئىبادەت قىلاتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ھېممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىنى تۈرلۈك ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىن بەكرەك ئىبادەتتە چىڭ تۇراتتى، ھەم ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە بولمايتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك-تاقىسىغا قارايدىغان كىركىرە ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قازا قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ دوزاختا، دېدى. باشقىلار بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىر تونغا خىيانەت قىلغانلىقىنى بايقىدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۈك-تاقىسىغا قارايدىغان كىركىرە ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قازا قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەھيىسسالام ئۇنىڭ گۇناھىغا ئاساسەن دوزاختا ئازاب قىلىنىدىغانلىقىنى ياكى ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلمىسا ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى، ساھابىلار بېرىپ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ غەنىمەتتىن بىر توننى ئوغرىلىغانلىقىنى بايقىدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، ئۇلار: ياق، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىردىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ»دېدى.
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق ۋە كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولۇپ ئۇنى يوق قىلىدىغان، بىر كېچە-كۈندۈزدە ئادا قىلىدىغان بەش ۋاقىت نامازنى ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ھەر كۈندە بەش قېتىم يۇيۇنسا بەدىنىدىن بارلىق كىرلارنى يۇيۇپ تازىلايدىغان ئۆستەڭگە ئوخشاتتى.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ((ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن...)) دېگەن ئايەت (يەنى سۈرە نەسر) نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، قايسى نامازنى ئوقۇسا، ئۇنىڭدا: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن دېگەن دۇئانى تەكرارلايتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى كۆپ قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستە بايان قىلىپ: ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۈرە نەسرنى نازىل قىلغاندا، پەيغەمبىرىمىز بۇ سۈرىدە كەلگەن ئىشارەتلەرنى، يەنى: باشقا غەلبىلەرنى ۋە مەككىنى پەتھى قىلىشنى كۆرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشقا ئالدىرىدى. شۇڭا (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) دېگەن دۇئانى بەك كۆپ تەكرارلايتتى. بۇ دۇئا؛ ئاللاھ تائالانى پۈتۈن كەمچىللىكتىن پاكلاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە ئەيىپ نۇقساندىن پاك ئاللاھتىن گۇناھىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەيلى پەرز ياكى نەپلە بولسۇن ھەرقانداق بىر ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە مەزكۇر دۇئانى قىلاتتى. بۇ سۈرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولغان ئىدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىتىر نامازنى قانداق ۋاقىتلاردا ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋىتىر نامىزىنى كېچىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتلىرىغا خاس قىلىۋالماي قايسى بىر ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى، گاھىدا ئاللاھ تائالا نېسىپ قىلسا خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا، گاھىدا كېچىنىڭ ئۈچتەن بىرى ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ۋاقىتلاردا، گاھىدا بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىدا ئۈچتەن ئىككىسى ئۆتكەن ۋاقىتلاردا ئوقۇيتتى
ئەمرۇ بىن شۇئەيىپ ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار».
ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىلارغا قىز-ئوغۇل ئەۋلادلىرىنى يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇشنى ۋە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلار ئون ياشقا يەتكەندە بۇيرۇق تېخىمۇ كۈچلەندى، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىم قىلىش، نامازنى ئادا قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ئەدەپلەش.
ئابدۇراھمان بىن ئەبۇ لەيلا مۇنداق دەيدۇ: ماڭا كەئەپ بىن ئۇجرە ئۇچراپ: ساڭا بىر نەرسە ھەدىيە قىلايمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، رەھمەت سالام يوللىغىن. سەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن ماختالغۇچى ۋە ئۇلۇغ» دەڭلار دېدى.
بىرلىككە كەلگەنساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تەشەھھۇتتە «ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن» دەپ سالام بېرىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق شەكىلدە دۇرۇت يۇللاش كېرەكلىكىنى سورىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت ئېيتىش كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلدۈردى: «ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن». يەنى: ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دىندا ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن بولغان مۇئمىنلەرنى ھوزۇرۇڭدا گۈزەل ئەسلىمىلەر بىلەن ماختىغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت سالام يوللىغاندەك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى پەزىلەتلىك قىلغاندەك، ئۇلار: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىدۇر، بۇ پەزلىڭنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ قېتىۋەتكىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەلەنگۈچى ۋە ئۇلۇغ. يەنى: سەن زاتىڭدا، سۈپەتلىرىڭدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىڭدە، چەكسىز كاتتىلىقىڭدا، ھۆكۈمرانلىقىڭدا ۋە ئاتا-ئېھسانلىرىڭدا ماختالغۇچىدۇرسەن. ئەي ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن» يەنى ياخشىلىق، ئىززەت-ئىكرامنىڭ كاتتىسىنى زىيادىسى بىلەن بەرگىن، ئۇنى داۋاملاشتۇرغىن.
ئۇبادەتە بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەستۇر»
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىسا نامازنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بولسا نامازنىڭ ئاساسلىرىدىندۇر.