





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: كىمىكى جۈمە كۈنى مۇكەممەل غۇسلى قىلىپ بىرىنچى سائەتتە «جۈمەگە» بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئۈچىنچى سائەتتە بارسا مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، تۆرتىنچى سائەتتە بارسا بىر توخۇ قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى بەشىنچى سائەتتە بارسا بىر تال تۇخۇم سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ، ئىمام خۇتبىگە چىققاندا مالائىكىلەرمۇ كېلىپ خۇتبە ئاڭلايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش، جۈمە نامىزىغا بۇرۇن بېرىش ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سائەتنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەرگەن، قانداق بىر كىشى نامازغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇپ، دەسلەپكى بىرىنچى سائەتلەردە نامازغا بارسا، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۆگە قۇربانلىق قىلىپ سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارغان كىشى كالا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئۈچىنچى سائەتتە بارغان كىشى قوينىڭ ئەڭ ئېسىلى ۋە ياخشىسى بولغان مۈڭگۈزلۈك قوچقار قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرىشىدۇ، تورتىنچى سائەتتە بارغان كىشى توخۇ قۇربانلىق قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، بەشىنچى سائەتتە بارغان كىشى تۇخۇم سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىرشىدۇ، ئىمام خۇتبە ۋە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن چىققاندا بۇرۇن كەلگەنلەرنى يازىدىغان پەرىشتىلەر يېزىشتىن توختاپ مەسچىت ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. كېچىككەنلەر يۇقىرىدىكى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ قاتارىدا يېزىلمايدۇ
ئەبى ئۇمامە ئىياس ئىبنى سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى قەسەم بىلەن ناھەق يېۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇنى جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دېگەندە، ساھابىلەردىن بىر كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ! گەرچە ئاز نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ئاراك دەرىخىدىن بىر تال ھاسا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرغان: كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم ئىچىپ ناھەق يىۋالسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ، جەننەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ دېگەندە، بىر كىشى: ئەگەردە ئۇ نەرسە ئاز، ئاددى نەرسە بولسىمۇ شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر .ئەلەيھىسسالام: گەرچە ئاراك دەرىخىدىن بىر تال ھاسا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ، دېدى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمە نامىزىغا كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى تاھارەتنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ئەدەپلىرى بىلەن مۇكەممەل ئېلىپ ئاندىن جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە كېلىپ، تېنچ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشىسا، ئۇ كىشىنىڭ شۇ خۇتبە تىڭشىغان جۈمە نامىزىدىن باشلاپ يەنە بىر جۈمەگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن قېتىلىپ بارلىق كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى خۇتبە ئاڭلاش جەريانىدا كىچىك تاش چاغلىق نەرسىنى ئېتتىرىۋەتسە، بۇنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى ئىمام خۇتبە سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىكار ئىش قىلغان بولۇپ، جۈمەنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋەتكەن بولىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكىمكى ئەتتىگەندە ياكى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن مەسچىتكە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ياكى ئىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ياخشىلىقنىڭ يوللىرىنى بىلىش ئۈچۈن كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ھەر قېتىم مەسچىتكە كەلگەن ۋاقتىدا ئۇ كىشىگە جەننەتتە زىياپەتلەرنى تەييارلاپ قويىدۇ
تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى ھاجىتى ئۈچۈن چاقىرسا، ئۇ ئايال تونۇر بېشىدا بولسىمۇ كەلسۇن
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەگەر ئەر كىشى ئايالىدىن بىرگە بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئايالنىڭ ھەرقانچە مۇھىم ئىشى بولسىمۇ ھەتتا يىمەك تەييارلاۋاتقان ياكى تونۇرغا نان يىقىۋاتقان بولسىمۇ ئىشىنى قويۇپ دەرھال ئېرىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك
ئابدۇللاھ بىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ رەھبىرى چوڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، خىزمەتچى خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىڭلار!، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جەمئىيەتتىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەسئۇلىيەت ئىگىسى ئىكەنلىكى ۋە ھەر بىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيتى بار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. باش رەھبەر، ئىمام، يېتەكچى ئاللاھ تائالا مەسئۇل قىلغان دائىرىدە ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئاللاھنىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، قارشى چىققۇچىلاردىن ھىمايە قىلىش، دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى جىھاد قىلىش ۋە خەلقنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر بار. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدە ئۇلارنىڭ كېرەكلىك ھازىرلىقلىرىنى تەييار قىلىپ بېرىش، ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە ئۈگىتىش ۋە تۇرمۇشنى چېرايلىق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش مەسئۇلىيتى بار. ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئائىلە ئىشلىرىنى تەرتىپلىك ئىدارە قىلىش، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ. خىزمەتچى، قۇل ۋە ياللانغان كىشى خوجايىننىڭ مېلىنى ساقلاش، قولىدىكى نەرسىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش، بۇيرۇلغان خىزمەتنى تولۇق ئورۇنداش قاتارلىق ئىشلاردىن مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆز دائىرىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىن سوئال قىلىنىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى بىر غېرىچ زېمىنغا زۇلۇم قىلسا، قىيامەت كۈنى يەتتە قات زېمىننىڭ مىقدارىدا بوينىغا ئېسىپ قويىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبىر ئىنساننىڭ مىلى يەنە بىر ئىنسانغا ھارامدۇر، بىر ئادەمنىڭ يەنە بېرىنىڭ ھەققىدىن بىرەر نەرسىنى رازىلىقىسىز ئېلىشى ھالال بولمايدۇ، زېمىندا زۇلۇم قىلىش: زۇلۇم قىلىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ مۇددىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ يامان زۇلۇمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، زېمىندىن باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان كىشى قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىنى، ئىگەللىۋىلىش ئارقىلىق زېمىن ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىقىغا جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ گەردىنى قاتتىق ۋە ئۇزۇن قىلىنىپ، ئۇ بۇلىغان زېمىن ۋە ئاستىدىكى نەرسىلەر يەتتە قات زېمىنغىچە ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئومۇمنىڭ زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماستىن، ئىگەللىۋالماستىن ئىشلىتىش ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، "ئەلمۇغنى" دا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "چوڭ كوچىلاردا، يوللار ۋە بىنالارنىڭ ئارىسىدىكى بوش جايلارنى كەڭرى بولسۇن ياكى تار بولسۇن، ياكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن بىر كىشىنىڭ ئىگەللىۋىلىش ھەققى يوق، چۈنكى بۇ جايدا ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئورتاق بولىدۇ، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ جايلار ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، بىرەر مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق پەيدا قىلماستىن، قاتناشقا زېيان يەتكۈزمەستىن، ئىلىم-سېتىم ئۈچۈن كەڭ جايدا ئولتۇرۇپ پايدىلانسا بولىدۇ. بۇ زامانلاردىن بىرى ھەر قايسى شەھەر ئەھلى ئىنكار قىلماي، ئۇنى ئىتىراپ قىلىپ بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولۇپ، كىسىپ ئۆتۈشكە ئوخشاش رۇخسەت ئىش بىلەن باشقىلارغا زېيان يەتكۈزمىگەن ئاساستا پايدىلانسا چەكلەنمەيدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى، ئەگەر ئىمام سۈرە پاتىھەدىن كېيىن(ئامىن) دېسە، بىللە ئامىن دىيىشكە بۇيرىدى، چۈنكى شۇ ۋاقىت مەلائىكىلەرنىڭمۇ (ئامىن) دەيدىغان ۋاقتىدۇر، كىمنىڭكى ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مېۋە سېتىشتا سېتىۋالغۇچىغا پايدا يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىنى مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشتىن چەكلىدى، خورمىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى غورىسىنىڭ قىزارغانلىقى ياكى سارغايغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شەرىئەتنى ئەپكەلگۈچى بۇنداق ھالەتتە سودا قىلىشىشدىن چەكلىگەنلىكنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلىپ: «ئەي ساتقۇچى!، ئەگەر مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياكى بەزىسىگە ئاپەت كەلسە، سېتىۋالغان قېرىندىشىڭنىڭ پۇلى ساڭا قانداق ھالال بولىدۇ؟، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇلىنى قانداق ئالىسەن؟» دېدى