





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىنى ئىستىمال قىلغۇدەك بولمىغۇچە، يەنى پىشمىغۇچە سېتىشتىن (ساتقۇچى ۋە ئالغۇچىنى) توستى
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى ئۇنى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانكىمكى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلماستىن ئۆزىنىڭ ھالالدىن كەسىپ قىلغان نەرسىسىدىن بىر تال خورما مىقدارىچىلىك بىر نەرسە سەدىقە قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ دېگەن سۆزنى، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقىچە ئېزاھلىماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتىگە لايىق ھالدا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك.) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئېلىپ دېگەن سۆزدىن؛ ئۇنى كۆپەيتىپ خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى تەربىيىلەپ ئات قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئى ياشلار! سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ كۆزى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، كىمكى نىكاھلىنىشقا قادىر بولالمىسا روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپاك ۋە ئىپپەتلىك بولۇش ۋاجىپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەكسى ھارامدۇر. بۇ ئىش ئىماننىڭ ئاجىزلىقى بىلەن شەھۋەتنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ياشلارنىڭ شەھۋىتى كۈچلۈك بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشلارنى ئىپپەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلاردىن توي قىلىشقا لازىم بولىدىغان، مېھرى ھەققى، كۈندۈلۈك نەپەقە ۋە تۇرالغۇ جاي قاتارلىق نەرسىلەرگە قۇربى يېتىدىغانلار توي قىلسۇن!، چۈنكى نىكاھلىنىش كۆزنى ھارامدىن، ئەۋرەتنى پاھىشىدىن ساقلايدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى ئىشلارغا قۇربى يەتمەيدىغان ئەمما توي قىلغۇسى كېلىپ قالغانلارنى روزا تۇتۇشقا ئۈندىدى. چۈنكى بۇنىڭدا بىرىنچىدىن ئەجىر - ساۋاپ، يېمەك - ئىچمەكنى تەرك ئېتىش ئارقىلىق جىما قىلىش شەھۋىتىنى توسۇش ۋە ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاپ، شەيتان ئېقىپ كىرىدىغان قان تومۇرلار تارىيىدۇ. دېمەك روزا، سېپىرما ئىشلەپ چىقىرىدىغان، شەھۋەتنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى تاشاقنىڭ تومۇرىنى سىقىپ قويغاندەكلا شەھۋەتنى كېسىدۇ
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: يات ئاياللار بار يەرگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ئەنسارىلاردىن بىر كىشى ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمىبىرىمىز: ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر، دېدى. ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: ئەبى تاھىر ئىبنى ۋەھەبدىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن، لەيسنىڭ، (ئەلھەمۇ) دېگەن سۆزنى: ئېرىنىڭ ئوغۇل قېرىنداشلىرى ۋە ئېرىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەر تۇغقانلىرى، تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق ئەركەك تۇققانلار دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاياللار بىلەن خالى يەرگە كىرىپ يالغۇز قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى قانداق بىر ئادەم بىر ئايال بىلەن يالغۇز قالىدىكەن، ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىز، گۇناھ - مەسىيەتكە بولغان قۇتراشلىرى كۈچلۈكتۇر. بەلكى ھارام ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا يامانلىقتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپچى بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن يات ئەر-ئايالنىڭ خىلۋەت جايدا يالغۇز قىلىشىنى چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنسارلاردىن بىر كىشى، ئى رەسۇلۇللاھ (ئاياللارغا نىسبەتەن) ئەرلىرىنىڭ تۇغقانلىرىچۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بولغان ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۆيىدە چاغدا، ئۇ ئۆيگە كىرىشكە مۇھتاج بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغىمۇ رۇخسەت يوقمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام: بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەركەك تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر، دېدى. چۈنكى كىشىلەر بۇنى توسىماستىن بۇ ئىشقا سەل قاراپ كۆنۈپ قالغان، شۇڭا ئۆزىگە مەھرەم بولمىغان ئەرلەر بىلەن يالغۇز قېلىۋېرىدۇ، بەزىدە ھېچكىم بىلمەستىن ھەتتا گۇمانمۇ قىلماستىن زىنا - پاھىشە يۈز بېرىدۇ ۋە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا دىنى ھالاكەت ۋە مەڭگۈلۈك ۋەيرانچىلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا رۇخسەت يوق، بەلكى ئەگەر غۇرۇرلۇق بولساڭلار ئەركەك تۇغقانلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلار بىلەن ئايرىم قىلىشىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، دېدى
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، بۇغداينى بۇغدايغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، ئارپىنى ئارپىغا ئالماشتۇرغاندا نەخمۇنەخ بولمىسا ئۆسۈم بولىدۇ، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە: ئۆسۈم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ – ساتقاندا قانداق قىلغاندا توغرا شەكىلدە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ بولسا، قانداق بىر ئادەم ئالتۇننى كۈمۈشكە ساتسا، شۇ نەخ مەيداندا ھازىر بولىشى ۋە مالنى شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم بولىدۇ. بۇ سودا پۇل ئالماشتۇرۇش تۈرىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىش شەرت قىلىندۇ. كىمكى بۇغداينى ئارپىغا ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئالماشتۇرسا، ئۇلار، ئۇ نەرسىلەرنى نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋالماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلسا، بۇ سودىنى بۇزىدىغان جازانە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. يەنى ئەگەر نەرسىلەرنىڭ تۈرى ئوخشاش بولسا، مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا ئالماشتۇرغاندەك، گەرچە ئۇنىڭ سۈپىتىدە پەرقى بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۇۋېلىشى لازىمدۇر. ئەگەر تۈرى ئوخشىمىسا جازانە ئىللەتلىرى ئوخشاش بولسىمۇ نەخ مەيداندا تاپشۇرۋېلىش لازىم. ئەمما نەخ پۇلدا، ئالتۇن – كۈمۈشكە ئوخشاش ئېغىرلىقىنىڭ باراۋەر بولىشى شەرت ئەمەس. ئەگەر جازانىدىن ئىبارەت ئىللەتتە ئوخشاش بولمىسا ياكى جازانە بولىدىغان مالنىڭ تۈرىدىن بولمىسا ھېچنېمە شەرت قىلىنمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېسى قىلىش ۋە كام - زىيادە قىلىشقا رۇخسەتتۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ئىشلاردىن چەكلىگەن: سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى، مال ئالمايدىغان تۇرۇپ قەستەن مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇشى، بىر ئادەمنىڭ قىلغان سودىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا سېتىش ياكى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىشى، بىرسىنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھلىنىش ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىدى. ئايال كىشى نەپەقەدە يەككە بولۇش ئۈچۈن ئىرىدىن ئۇنىڭ يەنە بىر ئايالىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى توغرا ئەمەس
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلام شەرىئىتى، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىككە سەۋەبچى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىشقا ھېرىسمەندۇر. بۇ تۆۋەندىكى دەلىلدە ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ: مالنى ئالمايدىغان تۇرۇپ ئۇنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ساتقۇچىغا پايدا يەتكۈزۈش ياكى مالنى قىممەت قىلىۋېتىش ئارقىلىق سېتىۋالغۇچىغا زىيان سېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى بۇنىڭدا يالغانچىلىق، خېرىدارنى ئالداش، ھىلە-مىكىر قىلىش ئارقىلىق مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بارلىققا كىلىدۇ. سەھرالىق مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىك ئارىچىنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلىدى. چۈنكى شەھەرلىك مال باھاسىنى تەپسىلى بىلگەچكە باشقا خىرىدارلارغا پەقەت پايدا يەتكۈزمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار! ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى ئارقىلىق رىزقىلاندۇرىدۇ، دەيدۇ. ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ئۆزى ساتسا خېرىدارلارغا بىرئاز پايدا چىققۇدەك كەڭچىلىك بولىدۇ. سەھرالىقنىڭ مېلىنى ئۆزى ساتماي، شەھەرلىكنىڭ سېتىپ بېرىشىنى چەكلەشتە، شەھەردە مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن بىرئاز قىينچىلىق بولىدۇ. بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزدىن يېنىشقانلىقىنى ئېنىق بىلمىگۈچە قەدەر، نىكاھلىنىش توغرىسىدا ئېغىز ئىچىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۆچ-ئاداۋەتكە ۋە باشقىلارنىڭ رىزقىنى كېسىشكە سەۋەبچى بولىدۇ. بىر ئايال يولدىشىدىن كۈندىشىنى تالاق قىلىشىنى تەلەپ قىلىشى ياكى ئىرىنىڭ ئىككىنچى ئايالى ئۈچۈن ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ئۈچۈن پىتنە سېلىشى ھارامدۇر. چۈنكى بۇ ئىشلار چوڭ يامانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن؛ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىغا ئۆچ-ئاداۋەت سېلىش، ۋە تالاق بولغان ئايالنىڭ رىزقىنى كېسىش، كۈندۈشىنىڭ ئىرى بىلەن نىكاھلىنىشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ئائىلە چىقىمى ۋە كىيىم-كىچەك، ئەر-ئاياللىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار بولغان ئىشلاردا يالغۇز بولۇشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ئىرىدىن تالىقىنى تەلەپ قىلىشى ھارامدۇر
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى،-دېدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن قولمۇ-قول بولۇشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇ بەكرە: مەن يۇقارقىدەك ئاڭلىغان،- دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە پەرقلىق قىلىپ سېتىش جازانە بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەڭ بولمىسا ئېلىپ-سېتىش چەكلەندى، ئەمما سودا مەيدانىدا نەخ ئېلىش ۋە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە پەرقلىق بولسىمۇ سېتىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا چەكلەنگەن نېسى جازانىسى بولىدۇ، چۈنكى تۈر پەرقلىق بولسا ئارتۇق-كەم قىلىپ سودا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلىم-سېتىم قىلىنغان ئالتۇن-كۇمۇشنى سودا بولغان ۋاقىتتا قولغا نەخ ئىلىش شەرت قىلىنمىغىنىدا جازانىغا ئىلىپ بارىدۇ.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش يىل بويى روزا تۇتقانغا باراۋەردۇر» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا تۇتۇشتا كەسكىنلىك يولىنى تۇتۇپ روزىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرماقچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشقا يىتەكلىدى، چۈنكى ئۇ ئەجىر-ساۋاپتا تولۇق بىر يىللىق روزىنىڭ ساۋابىغا باراۋەر كىلەتتى، بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ئەجىر بىرىلسە ئۈچ كۈن ئوتتۇز كۈنگە باراۋەر بولىدۇ، ئەگەر ھەر ئايدا ئۈچ كۈندىن روزا تۇتسا ئاشۇ: يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، دېسە، بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، بىللە قىلىڭلار. ئەگەر سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېسە، سىلەر: رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ، دەڭلار. ئەگەر سەجدە قىلسا، بىللە قىلىڭلار! ئەگەر ئۇ نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ ئىمام بولسا، سىلەر ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بولغانلارغا، ئىمامنىڭ نېمە ئۈچۈن تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ھېكمىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. نامازخانلار نامازلىرىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىشى، ناماز ئىچىدىكى ئەمەللەرنىڭ بىرەرسىدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماستىن، بەلكى ئىمامنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل رىئايە قىلىشى لازىم. ئەگەر نامازنى باشلاش ئۈچۈن ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە، سىلەرمۇ بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر"سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە" دېسە (شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ھەمدە ئېيتقۇچىلارغا جاۋاپ بەرگۈچىدۇر)، سىلەرمۇ (رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ، ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەلگەن بۇندىن باشقا رىۋايەتلەر، مەسىلەن: (رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ)، (ئاللاھۇممە رەببەنا لەكەلھەمدۇ) دەپ كەلگەن ئىبارىلەر ئارقىلىق ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىڭلار. ئەگەر ئىمام سەجدە قىلسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سەجدە قىلىڭلار. ئەگەر ئۆرە تۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەنلىك سەۋەبىدىن ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن، گەرچە سىلەر ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولساڭلارمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار