





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چوكان ئوچۇق گەپ بىلەن ماقۇلغا كەلمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. قىز رۇخسەت بەرمىگۈچە نىكاھى قىلىنمايدۇ. ساھابىلار: ئى رەسۇلۇللاھ! قىزنىڭ رۇخسىتى قانداق بولىدۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ سۇكۇتتا تۇرغىنى ماقۇل دېگىنىدۇر، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغاننىكاھ ئەھدىسى ئەڭ خەتەرلىك ئەھدىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن ئەر كىشى، ئايال كىشى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلىۋاتقان نەرسىنى ئۆزىگە ھالال قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئايالنىڭ ئەۋرىتى. بۇ ئەھدى بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئىلكىگە باغلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئادىل، ناھايىتى رەھىمدىل ۋە ئەڭ ھېكمەتلىك پەيغەمبىرىمىز ئۇ ئايالغا ئۆزىنىڭ ھاياتلىق جۈپتىنى تاللاش ھوقۇقىنى، ئۇنىڭغا ئۆزى ئويلىنىپ تاللاش ئىختىيارلىقىنى بەردى. چۈنكى ئۇ ئەر بىلەن ئۆي تۇتىدىغان كىشى ئۇ ئايال بولغاچقا، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ رىغبىتىنى ۋە قىزىقىشلىرىنى ئۆزى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوكاننىڭ ئوچۇق بۇيرۇقىنى ئالمىغۇچە نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك، قىزنىمۇ بۇ ئىشتا رۇخسىتىنى ئالماستىن نىكاھلاپ قويۇشتىن چەكلىدى. چۈنكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھايا قىلىش غالىپ كېلىپ، ئوچۇق دىيەلمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇيرۇشتىن يەڭگىلراق بولغان سۇكۇت بىلەن كۇپايىلەندى، چۈنكى قىزنىڭ سۇكۇت قىلىشى ئۇنىڭ رازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى زات ئىدى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا جىبرىئىل بىلەن كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سېخى بولۇپ كېتەتتى، جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى، شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشى ئىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى ئىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخى كىشى ئىدى»، يەنى: رەسۇلۇللاھ ئىقتىسادى، جىسمى، ئىلمى، دەۋىتى، ۋەز-نەسىھىتى ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەتى يېتىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردا سېخى ئىدى. «رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ سېخىلىق قىلاتتى» چۈنكى رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەزلى-مەرھەمەت قىلىدىغان، تەۋپىق بېرىلگەن بەندىلەرمۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياخشىلىق قىلىدىغان سېخىلىق ئېيىدۇر. «جىبرىئىل ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەندە»، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا. «جىبرىئىل رەسۇلۇللاھ بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە كۆرۈشۈپ قۇرئان ئۈگىتەتتى»، يەنى: جىبرىئىل رەسۇلۇللاھنىڭ دەرىس ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىشى ۋە قەلبىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن رامىزاندا ھەر كىچىسى قۇرئان ئۈگەتكىلى چۈشەتتى. رەسۇلۇللاھ جىبرىئىل ئۆزى بىلەن ئۇچرۇشۇپ، قۇرئان تەلىم بەرگەندە خەيرى-ساخاۋەت قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى، يەنى: ياخشىلىققا ئالدىراپ، بىر نەرسە بېرىشتە شامالدىن تىز ئىدى. «الريح المرسلة» يەنى: ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن سۈرىتى تىز، بوران كەبى شامال. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان ئايلىرىدا كىشىلەرگە ساخاۋەت قىلىشتا بۇ شامالدىنمۇ بەك تىز ئىدى
ئەبۇ زۇھەير ئەممارە ئىبنى رۇئەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:«كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى (يەنى ئەسىر نامىزى بىلەن بامداتنى) ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ». جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تولۇن ئايغا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىلەر كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى ئۆتكۈزمەي ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار، سىلەر ئاللاھنى خۇددى مۇشۇ ئاينى بىمالال كۆرگەندەك كۆرىسىلەر»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئون تۆتىنجى كېچىدىكى تولۇن ئايغا قارىدى» دېيىلگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەممارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنىڭ مەنىسى: كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى يەنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان ۋە ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشى مەڭگۈ قىلىش ياكى ئازابلىنىش ئۈچۈن دوزاخقا كىرمەيدۇ، چۈنكى بامدات ۋاقتى، ئۇيقۇدىن لەززەت ئالىدىغان ۋاقىت، ئەسىر ۋاقتى بولسا، كەچلىك يېمەك تەييارلاش، تىجارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە كۈندۈزنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان ۋاقىت، بۇ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن ۋە دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبادەتكە يەتكۈزۈشنىڭ دەلىلىدۇر. بۇنىڭدىن يەنە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش لازىم كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى چوڭ-كىچىك گۇناھلارغا يېقىنلاشمايدۇ، ئەگەر يېقىنلىشىپ قالسا دەرھال ئاللاھقا تەۋبە قىلىدۇ ياكى ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان كىچىك گۇناھلار بولۇپ قالسا، نامازنى ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغانلىقنىڭ ساۋابى بىلەن كىچىك گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەبەدىيلىك دوزاخقا كىرمەيدۇ ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ: «سىلەر مۇشۇ تولۇن ئاينى كۆرگەندەك پەرۋەردىگارىڭلارنى كۆرىسىلەر» دېدى، يەنى مۆمىنلار قىيامەت كۈنى جەننەتتە بەدىر كېچىسىدىكى تولۇن ئاينى كۆرگەنگە ئوخشاش ئاللاھ تائالانى كۆرىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا ئايغا ئوخشاش دېگەنلىك ئەمەس، ئاللاھ تائالا ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ بەلكى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغ ۋە كاتتىدۇر، لېكىن ھەدىسنىڭ مەنىسى كۆرۈشنى كۆرۈشكە ئوخشىتىشتۇر، خۇددى بىز ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئاينى كۆزىمىز بىلەن غۇۋاسىز ئوچۇق كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانىمۇ قىيامەت كۈنى كۆزىمىز بىلەن ئوچۇق كۆرىمىز. شۇنى بىلىش كېرەككى، جەننەت ئەھلىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ لەززەتلىك، ئېسىل بولغان ئەڭ ئالى نېمەت ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك جامالىغا قاراشتۇر، بۇنىڭغا ھېچ نەرسە باراۋەر كەلمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە تولۇن ئاينى كۆرگەندەك ئاللاھ تائالانى ئوچۇق كۆرىدىغانلىقىمىزنى زىكىر قىلغان ۋاقتىدا: «قادىر بولالىساڭلار كۈن چىقىشتىن ئىلگىرىكى ناماز بىلەن كۈن پېتىشتىن ئىلگىرىكى ناماز سىلەرگە غالىپ كەلمىسۇن، ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار» دېدى. يەنى بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، بۇ ھەدىس بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشاپ قالسام، يەنى: كىلەركى مۇھەررەم ئېيىغىچە ياشاپ قالسام. مۇھەررەمنىڭ توققۇزىدا روزا تۇتىمەن، يەنى: يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق ئۈچۈن مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتىمەن. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كىيىنكى مۇھەررەم ئېيى كېلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولدى. رەسۇلۇللاھ بۇ روزىنى تۇتمىغان بولسىمۇ، ئۇ كۈنى روزا تۇتۇش سۈننەت، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئىرادە قىلغان ئىشلار سۈننەت بولىدۇ. ئونىنچى كۈنى بىلەن بىرگە توققۇزىنچى كۈنىمۇ روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبى ئونىنچى كۈنىلا روزا تۇتىدىغان يەھۇدىلارغا ئوخشىماسلىق. ئونىنچى كۈنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىھتىيات قىلىش ئۈچۈن،- دېيىلگەن قاراشمۇ بار، بىرىنچى كۆز قاراش كۈچلۈك، چۈنكى بۇ ھەقتە دەلىل كەلگەن. ئاللاھ تائالا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى پۈتۈن دىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن، خۇشۇ بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىنى دىلىدا ھازىر قىلىپ، نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇ كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىلا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا داۋاملىشىدۇ.
كەئەپ بىن ئۈجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈرلۈك زىكىرلەردىن خەۋەر بېرىپ، بۇ زىكىرنى دېگۈچىلەر زىيان تارتمايدۇ، پۇشايمان قىلمايدۇ، بەلكى مۇشۇ سۆزلەرنى دېگەنلىكىگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئەگىشىپ كېلىدۇ، ھەر پەرز نامازلاردىن كېيىن دېيىلىدۇ، ئۇلار: ئوتتۇز ئۈچ قېتىم سۇبھانەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر دېيىش. ئوتتۇز ئۈچ قېتىم گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر دېيىش. بۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە كاتتىلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەشتۇر. ئوتتۇز تۆت قېتىم ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىلەردىن بۈيۈكتۇر، كاتتىدۇر، ھەممە نەرسىلەردىن ئىززەتلىك، غالىپتۇر.
زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"ناملىق ئبۇھەدىستە روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغاننىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭغا ئىنتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش، روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجىردىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، بۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى-ئېھسانىدۇر، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا ياخشىلىق، تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىش، مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەمكارلىك پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان، سىرىتقى كۆرۈنىشىدىن بىر ئىنسان ئەگەر روزا تۇتقۇچىنى بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈنمۇ روزا تۇتقان كىشىگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرۇشقا كۈچىنىڭ يىتىشچە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، بولۇپمۇ پىقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا ھاجىتى بولغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىپتارلىق تەييارلاپ بېرىدىغان كىشى تاپالماي، ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا بۇنىڭغا بەك ھېرىسمەن بولۇش كېرەك
سەئەد بىن ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالاغا رەب جەھەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامغا دىن جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇز، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن، ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلارنىڭ ھەممىسى باتىل دېسە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى يەنى: ئۇ ئىبادەت قىلىنمايدىغان بەندە، يالغان سۆز قىلمايدىغان ئەلچىدۇر. ئاللاھ تائالاغا پەرۋەردىگارلىق جەھەتتە رازى بولدۇم يەنى: ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقى، ئىلاھلىقى، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىگە رازى بولدۇم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزگە يەتكۈزگەنلىكىگە، ئەلچىلىك ۋەزىپىىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىغا رازى بولدۇم. ئىسلامغا ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە ئېتىقاد قىلىپ ۋە بويسۇنۇپ دىن دەپ رازى بولدۇم دېسە ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
يەزىد ئىبىنى شەرىك ئىبنى تارىقتىن رىۋايەت قىلىنىشچە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ خۇتبىسىدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىزدە قۇرئان كەرىم ۋە بۇ ۋاراقتىكى نەرسىدىن باشقا ئوقۇيدىغان كىتاب يوق دەپ ئۇنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ۋاراقچىدا: تۆگىنىڭ ياشلىرى، يارىلاندۇرۇشقا ئالاقىدار دىيەتلەر بار ئىكەن. شۇنداقلا يەنە رەسۇلۇللاھ: «مەدىنە ئېيىر تېغىدىن سەۋىر تېغىغا قەدەر ھارام قىلىندى، كىم بۇ يەردە شەرىئەتتە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلسا ياكى بىر بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقى بىردۇر، ئۇنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مۇسۇلمانمۇ قىلالايدۇ. كىم قايسى بىر مۇسۇلمان بەرگەن ۋەدىنى بۇزۇۋەتسە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى پەرز ياكى نەپلە ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىم ئۆز دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ دەۋا قىلسا ياكى ئازات قىلىۋەتكەن ئىگىسىدىن باشقا بەر ئادەمگە نىسبەت بەرسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. شۇنداقلا ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى پەرز ياكى نەپلە ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدە ئوقۇيدىغان قۇرئان كەرىم ۋە بۇ ۋاراقچىدىن باشقا نەرسە يوق دەپ ئۇنى ئېچىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا تۆگىنىڭ دىيەتلىرى، يارىلاندۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملىرى بار ئىكەن. يەنە ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىنى ئېيىر تېغىدىن سەۋىر تېغىغىچە مەككىگە ئوخشاش ھارام قىلغانلىقى، كىم ئۇ يەردە دىندا يوق بىدئەتلەرنى پەيدا قىلسا ياكى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بېرىشكە سەۋەب بولغان بولسا ياكى دىندا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلغان بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتىنىڭ بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە ئۇنىڭدا: مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا بەرگەن ئامانلىقى تونۇشلۇق شەرتلىرى بىلەن بولسا ھىمايە قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇ كاپىرغا مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە چېقىلىشنىڭ ھاراملىقى كۆرسىتىلگەن. كىم مۇسۇلماننىڭ ئامانلىقىنى بۇزۇپ، كاپىرغا چېقىلسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىم دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئازات قىلىپ قويغان ئادەمدىن باشقىسىنى خوجايىنىم مۇشۇ دەپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئازات قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، مىراسخۇرلۇق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىنى زايا قىلىۋەتكەن