





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئۇقبە ئىبنى ئامىردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى قورال ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ بولۇپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى بىزنىڭ قاتارىمىزدىن ھېسابلانمايدۇ ياكى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىر كىشى ئوقيا ئېتىشنى ياكى ھازىرقى زاماندىكى ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشتا ئېشلىتىلىنىدىغان ئىلغار قوراللارنى ئېتىشنى ئۈگۈنۈپ ئاندىن داۋاملىق مەشىق قىلماي تاشلىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۆزىنى ھالاكەتكە ئىتتىرگەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يېراق بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇ كىشى كاپىر بولۇپ كەتتى دېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىم غازات قىلماي ۋە غازاتنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي ئۆلسە مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانغازات قىلالايدىغان تۇرۇپ، ھاياتى ئاخىرلاشقىچە غازات قىلمىغان ۋە غازات قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرمىگەن، يەنى: جىھاد قىلىش ئىرادىسىگە كەلمىگەن كىشىدە مۇناپىقلىق ئالامىتى بولىدۇ. جىھادنىڭ سىرىتقى ئالامەتلىرىدىن بىرى غازات قۇرالىنى تەييارلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى» [سۈرە تەۋبە: 46-ئايەت]. «مۇناپىقلىقدىن بىر سۈپەتتە ئۆلىدۇ» يەنى: مۇناپىقلىق تۈرلىرىنىڭ بىرىدە ئۆلىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۆلگەن كىشى جىھادتىن قالىدىغانلارغا ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشايدۇ، كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق مۆمىننىڭ جىھاد قىلىشنى نىيەت قىلىشى زۆرۈر. جىھاد قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولسا جىھاد قىلىدۇ، تولۇق بولمىسا تولۇقلانغىچە جىھاد نىيىتى بىلەن تەييار تۇرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: « ئاللاھ بەندىنى دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىنمۇ شەرەپلىكراق كۈن يوق. ئاللاھ بەندىلىرىگە يېقىنلاشقاندىن كىيىن، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ: ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇپ، چىقىرىۋىتىغان كۈنلەر ئىچىدە ئەرەپات كۈنىدىن ئەۋزەلراق كۈن يوق. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھەج قېلىۋاتقان بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلەرگە پەخىر قىلىپ، پەرىشتىلەرگە ھاجىلارنىڭ پەزىلىتىنى ۋە شەرىپىنى ئاشكارا قېلىدۇ. "ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە": ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىغا لايىق رەۋىشتە ھەقىقى يېقىنلىشىدۇ، ئۇ ئەرىشنىڭ ئۈستىدە ئورۇنلاشقان، خەلقىدىن ئايرىم،- دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەقىقى يېقىنلىشىپ ۋە يېقىن بولۇپ: «ئۇلار نېمىنى مەقسەت قىلدى؟» دەيدۇ، يەنى: ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنى، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ، پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىپ، بەدەنلىرىنى چارچىتىپ، قايسى نەرسىنى مەقسەت قىلدى؟، يەنى: ئۇلار پەقەت مەغپىرەت، رازىلىق، يېقىنلىق ۋە ئۇچرىشىشنى مەقسەت قىلدى، ئۇلارنىڭ مۇراد-مەقسەتلىرى ھاسىل بولىدۇ، دەرىجىلىرى نىيەتلىرىنىڭ مىقدارىچە بولىدۇ
جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ماڭا ئۆمەر بىن خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر قىلدى: بىر كىشى تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇننى چالا قويدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ ئۇ كىشىگە:« قايتىپ تاھارەتنى چېرايلىق، تولۇق ئالغىن»دېدى، ئۇ كىشى قايتا تاھارەت ئىلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلدى.
مۇسلىم رىۋايىتىئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ : بىر كىشىنىڭ تاھارەت ئىلىپ پۇتىنىڭ تاپىنىدىن تىرناقچىلىك ئورۇنغا سۇ تەگمىگەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە پۇتىنىڭ سۇ تەگمىگەن ئورۇننى ئىشارەت قىلىپ: قايتىپ تاھارەتنى تولۇق ئىلىپ، ھەممە ئەزاغا سۇدىن ھەققنى بەرگىن دەيدۇ. ئۇ كىشى قايتىپ تاھارەتنى كامىل ئېلىپ ئاندىن نامازنى ئادا قىلىدۇ.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بۇ سۆزنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ ئۆتۈكىنى تاھارەتلىك كەيگەن بولسا ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن، جۇنۇب بولمىغان ئەھۋالدا ئۆتۈكىنى سېلىش ھاجەتسىز
دارى قۇتنىي "سۈنەن دارى قۇتنىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانمۇسۇلمان تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆتۈكنى كىيگەن بولسا، ئاندىن تاھارىتى سۇنۇپ كېتىپ باشقىدىن تەرەت ئالماقچى بولسا، ئۆتۈكنى سېلىۋېتىمەن دەپ جاپا تارتماستىن ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ، بۇمۇ ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئۈممەتكە ئىبادەت ئىشلىرىنى ئاسان قېلىپ بېرىشىدۇر، لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشى يۇيۇنماقچى بولسا گەرچە مەسھى قىلىشنىڭ ۋاقتى بولسىمۇ، ئۆتۈكنى سىلىۋېتىپ يۇيۇنىدۇ، ئۆتۈككە مەسھى قىلىش پەقەت تاھارەت ئالغاندا بولىدۇ
تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا سەھرالىقتەك بىر كىشى كىلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىر كىشى تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئەۋرىتىنى تۇتىشىغا قانداق قارايلا؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ پەقەت سەندىن بىر پارچە گۆشتۇر» ياكى بەدىنىڭدىن بىر پارچە گۆش» دېدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەندىن: بىر كىشى تەرەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىنى تۇتقان بولسا ئۇ كىشىگە نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە:«بىر كىشى نامازدا ئەۋرىتىنى تۇتسا تەرەت ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟» دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ سەندىن بولغان بىر پارچە» دېدى. ئۇ پەقەت سەندىن بىر پارچە گۆشتۇر» ياكى بەدىنىڭدىن بىر پارچە گۆش» دېگەندىن: ئەۋرەتمۇ بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش بولۇپ، تەرەت ئالغۇچى ئۆزىنىڭ قولى ياكى پۇتى ياكى بۇرنى ياكى بېشىنى سىلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ تەرىتى سۇنمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەۋرىتىنى تۇتسىمۇ تەرىتى بۇزۇلمايدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى بۇ ھەدىس ئەۋرەتنى كىيىمنىڭ سىرتىدىن تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئەمما باشقا ھەدىسلەرگە كۆرە، ئەۋرىتىنى بىۋاستە قولى بىلەن تۇتقان بولسا ئۇ ۋاقىتتا تەرىتى سۇنىدۇ
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ»
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانكىمكى قەسەم قىلىپ: مەن ئىسلام دىنىدا ئەمەس (يەنى مەن مۇسۇلمان ئەمەس) ياكى مەن يەھۇدىي ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن كاپىر ياكى مەن دىنسىز دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى بۇ ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ئۇ كىشى قىلغان قەسىمىدە يالغانچى بولسا، مەسىلەن: ئەگەر ئىش مۇنداق-مۇنداق بولسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلىپ، ئۆزى خەۋەر قىلغان ئىشتا يالغانچى بولسا، يەنى بۈگۈن پالانى سەپەردىن قايتىپ كەلدى دەپ يالغان قەسەم قىلىپ، ئەگەر كەلمىگەن بولسا مەن مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن مۇشرىك دەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشتا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى دېگىنىدەك بولىدۇ يەنى ئۇ كىشى ئىسلامدىن چىقىدۇ (مۇسۇلمان بولمايدۇ) ياكى يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولۇپ كىتىدۇ. ئىككىنچى ھالەت: ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىدە راستچىل بولسا، يەنى ئەگەر پالانى بۈگۈن سەپەردىن كەلمىسە ياكى مۇنداق ئىشنى قىلمىسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان دېسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان قەسىمىدە راستچىل بولسا، ئۇ كىشى بۇنداق ھالەتتە ئىسلامغا سالامەت قايتمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقانغا ئوخشاش ئۇ كىشىدىن سادىر بولغان مۇشۇنداق ناچار، قەبىھ سۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىسلامغا مۇكەممەل ھالەتتە قايتمايدۇ، بەلكى ئىمانى ناقىس ھالەتتە قايتىدۇ
ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان ئېدى، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىنكى دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق»
رواه أبو داود بهذا اللفظ ورواه البخاري بدون زيادة (بعد الطهر)ئۇلۇغ ساھابە ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئاياللار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن ئەۋرىتىدىن چىققان دۇغ ۋە سېرىقلىقنى ھەيز دەپ ئېتىبارغا ئالمايدىغانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلمايدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن كېلىدىغان قان سەۋەبىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سىز ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلىرىڭىزدە ناماز ۋە روزىنى تەرك قىلىسىز، ئۇ كۈنلەردىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرىسىز»، ئۇ ئايال ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇناتتى.
مۇسلىم رىۋايىتىساھابە ئاياللاردىن بىرى ئۆزىدىن كېلىدىغان قان توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى بۇ ھادىسە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ھەر ئايدا ئادەت كۆرىدىغان كۈنلەرنىڭ ھېساۋى بويىنچە ناماز-روزىنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ ساھابە ئايال ھەر ناماز ئۈچۈن قوشۇمچە يۇيۇناتتى.