





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەمىر بىن سۇلەيىم ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەبۇ سەئىيد: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: «ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولغان مۇسۇلمانلاردىن بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن چېشىنى تازىلايدۇ. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئادەم ئەۋلادلىرى قۇرئان كەرىمدە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان سەجدە ئايەتلىرىدىن بىرنى ئوقۇغان ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بۇيرىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، شەيتان قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئادەم ئەۋلادلىرى ئېرىشكەن ئىززەتكە ھەسەد قىلىپ، ئۆزى گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن يوقۇتۇپ قويغان ھۆرمەتكە، ئۇچرىغان خارلىق، مالامەتكە ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىم، يەنى ۋاي ئىسىت! ئاللاھ ئادەم ئەۋلادلىرىنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ سەجدە قىلىپ جەننەتكە ئېرىشتى، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، مەن گەردەنكەشلىك قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلماي دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، -ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئون ئىككى قېتىم جەڭگە چىققان- ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تۆت تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىغان ئېدىم ئۇ سۆزلەر مېنى ھەيران قالدۇردى دەپ، مۇنداق دېدى: «ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن، ھېچ كىشى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتمىسۇن، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ شامنىڭ ۋاقتى كىرمىگۈچە باشقا نەپلە ناماز ئوقۇمىسۇن، ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەرگە يۈك-تاقا كۆتۈرۈپ سەپەر قىلىپ بارمىسۇن: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىم يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيىھسسالام تۆت تۈرلۈك ئىشتىن چەكلىدى: بىرىنچى: ئايالنى ئىككى كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىنى ئېرىمۇ يوق ۋە باشقا ئۆزىگە مەھرەم بولىدىغان ئوغلى، دادىسى، قىرىندىشىنىڭ ئوغلى، ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى، تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى قاتارلىق ئۆزى بىلەن توي قىلىشى ئەبەدى ھارام بولغان مەھرەملىرىمۇ يوق يالغۇز ھالەتتە سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى، ئىككىنچى: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى، ئۇ نەزىر قىلغان روزا بولسۇن ياكى كاپارەت روزىسى بولسۇن ياكى ھەر قانداق نەپلە روزا بولسۇن ئۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش چەكلىنىدۇ. ئۈچىنچى: ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇتلەق نەپلە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى. تۆتىنچى: ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىت ۋە ئورۇنلارغا ئۇ يەردە ئىبادەت قىلسا ئەجىر-ساۋاپ زىيادە بولىدۇ، پەزىلەتلىك بولىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن بېرىپ ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۈچ مەسچىتتىن باشقا ئورۇنلاردا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ ۋە نامازنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولمايدۇ. ئۇلار: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىن ئىبارەتتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئايالنىڭ رومالسىز (يەنى: بېشى ۋە بوينى ئوچۇق) ناماز ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ناماز ئوقۇسا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن «ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى بىكار بولىدۇ، قوبۇل بولماسلىق بۇ يەردە توغرا ئەمەس، يىتەرلىك ئەمەس،- دېگەن مەنىدە. ھەدىستىكى ھەيىزدار دېگەن سۆزدىن: قورامىغا يەتكەنلىك ئالامەتلىرىدىن بىرى ئارقىلىق ھەيىز يېشىغا يەتكەن ئايال مەقسەت قىلىنغان. بالاغەتكە يېتىش ئالامەتلىرى: ھەيىز كۆرۈش، مەنى چىقىش، جىنسى يولغا تۈك ئۈنۈش، 15 ياشقا تولۇش قاتارلىقلار. ئاياللارغا خاس ئىش بولغانلىقى، ئاياللارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى كۆپىنچە ھەيىز كۆرۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەيىز دەپ ئىپادىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەيىز كۆرۈۋاتقان ئايال مەقسەت قىلىنمىغان، چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ھەيىز ۋاقتىدا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، بۇ ئېنىق ھەدىس كەلگەن ۋە ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن مەسىلە
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەر ئۈستىدە بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشمەيلا نامازنى ئوقىۋىرەتتى، ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان ھەدىس بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، بۇ ھەدىسىنى بۇخارى مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ، تۆگىسى مەيلى قىبلە تەرەپكە ۋە ياكى باشقا تەرەپكە يۈزلەنسۇن، نامىزىنى ئوقىۋىرەتتى. ئەگەر پەرز ناماز، يەنى بەش ۋاق نامازنىڭ بىرى بولسا ئۇلاغدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى. ئىبنى ئۆمەر رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ پەرز نامازنى ئۇلاغ ئۈستىدە ئوقۇمىغان» دەپ كەلگەن، بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر. پەرز نامازنى زېمىن ئۈستىدە تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك، پەقەت يامغۇر ياكى دۈشمەن قورقۇنچىسىدەك شەرئى ئۆزرىلەردە، بولۇپمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەندە ئۇلاغ ئۈستىدە، كېسەللىكتە كارۋات ئۈستىدە ئوقۇسا بولىدۇ، بۇنى شەرىئەتنىڭ ئاسانلاشتۇرۇش، يېنىكلىتىش، بۇ ئۈممەتتىن جاپانى كۆتۈرۋېتىشكە ئالاقىدار دەلىللەرنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ: «مەن سىلەرنى بىر ئىشقا بۇيرۇسام كۈچۈڭلەرنىڭ يېتىشىچە قىلىڭلار» دېگەن سۆزلەر ئۇنىڭ دەلىللىرىدۇر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دىدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلغاندا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا تۆگىسىنى قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ نامازنى باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇۋېرەتتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس»
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەرلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاياللار چاۋاك چالىدۇ، مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «نامازدا» دەپ بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ مەنىسى: نامازدا ئىمامدا كۆرۈلگەن خاتالىققا ئاگاھلاندۇرۇش، ياكى ئەما كىشىنىڭ بىر يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىش، ياكى كىرگۈچىنىڭ رۇخسەت سورىشى، ياكى ناماز ئوقۇغۇچى باشقىلارغا بىرەر ئىشنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشى قاتارلىق باشقىلارغا ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرسە، مۇشۇنداق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللاردا ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان ئىشنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن "سۇبھانەللاھ" دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەر ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما ئايال كىشىگە نامىزىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا چاۋاك چالىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى: قايسى شەكىلدە بولسۇن، بىر قولىنى يەنە بىر قولىغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. مۇشۇنىڭ ھەممىسى نامازدا دېيىلمەيدىغان سۆزلەرنى نامازدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ناماز ئاللاھ تائالا بىلەن سىردىشىدىغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، نامازدا سۆزلەشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، نامازدا دېيىلىدىغان سۆزلەرنى قېلىش يولغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ تەسبىھ ئېيتىشتۇر
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇكىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر. يەنە بىر رىۋايەتتە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئالدىدىن بىرەر كىشىنى ئۆتكىلى قويمىسۇن، ئەگەر ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن شەيتان بىرگىدۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغاننامازخان نامازغا تۇرغاندا كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نامىزىنىڭ ساۋابىنىڭ كەمىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسا، كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشنى مەقسەت قىلسا مۇلايىملىق بىلەن ئۇ كىشىنى ئېتىرىۋىتىپ ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسۇن، ئەگەر ئۇ ئۇنىماستىن ئۆتۈشكە تەمشەلسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتىنى يوقىتىپ، ھەددىدىن ئاشقۇچى بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى قول بىلەن قاتتىق ئېتىرىپ توسۇش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلىرىنى بۇزۇشنى، ئۇلارنىڭ نامازلىرىنى ئارىلاشتۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان شەيتاننىڭ ئىشىدۇر
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغۇچى كىشىنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن