





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىنىڭ بىر تەرىپىگە تارتىدىغان بىر پەردىسى بار ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بۇ پەردىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا مېنىڭ دېققىتىمنى چېچىۋاتىدۇ» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھوجرىسىنىڭ پەنجىرسىنى ياپىدىغان رەڭلىك، كەشتىلەنگەن نىپىز بىر يۇڭ پەردىسى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشەنى ئۇنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇپ، ئۇ پەردىنىڭ رەڭلىرى ۋە نەقىشلىرى نامازدا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ، نامازدا تولۇق كۆڭلىنى قويىشىغا، زىكىرلىرىنىڭ، تىلاۋىتىنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىغا ۋە نامازنىڭ بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش غايىلىرىغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۇنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلدى
بەرا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سەجدە قىلغان ۋاقىتتا ئىككى ئالقىنىڭنى قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرگىن»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: سەن زېمىندە سەجدە قىلغان ۋاقتىڭدا، ئىككى ئالقىنىڭنى زېمىنغا قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرۈپ، ئىككى بېقىنىڭدىن يىراق تۇتقىن، بۇ كەمتەرلىك ھالىتىگە ئوخشايدۇ، ھورۇنلۇق ھالىتى ۋە ھايۋانلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن يىراقتۇر، چۈنكى ئىككى جەينىكىنى يەرگە چاپلىۋىلىش، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاپ قالغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئىككى بىلىكىنى يەرگە چاپلىۋالغاندا ئۇ كىشىنىڭ ھالى نامازغا ھورۇنلۇق قىلغۇچىنىڭ، نامازغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ۋە قەلبى بىلەن يۈزلەنمەيدىغان كىشىنىڭ ھالىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىمام مۇسلىم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغاندا ئىككى جەينىكىنى ئىككى بېقىنىدىن يىراق قىلاتتى، ئەگەر كىچىك قوزىلار جەينىكىنىڭ ئاستىدىن ئۆتمەكچى بولسا ئۆتەلەيتتى» دېيىلگەن
ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت ۋە پېشىندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پېشىندىن ئىلگىرىكى تۆت رەكەت نامازنى تولۇق ئوقۇسا يەنى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرسا، پېشىندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشنى ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاخقا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلايدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئاللاھ ئۇنىڭ گۆشىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتى يەتمەيدۇ دېيىلگەن. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە: دوزاخ ئۇنىڭغا ھارام قىلىندى، ئوت ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە يېقىنلاشمايدۇ دېيىلگەن. ئىنسان پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكەت ۋە پەرزىدىن كېيىن تۆت رەكەت سۈننەت ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆز پەزلى بىلەن دوزاخقا كېرىشتىن ساقلاپ قالىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كېچە ۋە كۈندۈز نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نھەدىسنىڭ مەنىسى: كېچە-كۈندۈزدە ئوقۇيدىغان ناماز ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ، بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا: «كېچە نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن تېكىست بىلەن كەلگەن، بەزى راۋىلار: «كۈندۈز» دېگەن سۆزنى قېتىپ قويغان بولۇپ، بۇ ئاجىز قاراشتۇر، بۇنىڭ مەنىسى: كېچە-كۈندۈزدە نەپلە ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى ھەر ئىككى رەكەتتە بىر سالام بەرسۇن دېگەنلىك بولۇپ، بۇ مۇسلىمنىڭ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتىدە ئوچۇق بايان قىلىنغان، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: كېچە نامىزى ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ دېگەن قانداق گەپ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى جاۋاپ بېرىپ :ھەر ئىككى رەكەتتە بىر قېتىم سالام بېرىسەن دېگەن. بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كېچە نامىزى ھەققىدىكى قارىشى بولۇپ، يەنى كېچىدە ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن زىيادە نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمما ۋىتىر نامىزى بولۇپ قالسا دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ۋىتىر نامىزىنىڭ زىيادە بولىدىغانلىقىنى سۈننەت ئىسپاتلىغان، ئەمما كۈندۈزدە ئوقۇلىدىغان نەپلە نامازلارنى ئىككى رەكەتتىن ئاشۇرۇپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ياخشىسى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن ئوقۇشتۇر
ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرەھماندىن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى نامازلىرى قانداق ئىدى؟ دەپ سورىغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى، تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن، ئاندىن يەنە تۆت رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن، ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!سىلى ۋېتىر نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن ئۇخلاملا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندا بولسۇن ياكى باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن كېچىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى مەلۇم، شۇنداق بولغاچقا ئەبۇ سەلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان كېچىلىرىدىكى نامىزى: رەكەتلەرنىڭ سانى جەھەتتىن رامىزاندىن باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىغا ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىغان، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىكى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىكى نامىزىنىڭ پەرىقلەنمەيدىغانلىقىنى، يىل بويى ئون بىر رەكەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنىڭ كەيپىيىتىنى بايان قىلىپ: «تۆت رەكەت ئوقۇيتتى» دېگەن، مەقسەت: ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ، ئاندىن يەنە ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بىرەتتى،- دېگەنلىك، چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىستىكى ئىخچاملىقنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە تەپسىلى بايان قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن بامداتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن سالام بىرەتتى، ئاخىردا بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى» دېگەن، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە نامىزى ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ» دېگەن ھەدىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. «ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى سورىمىغىن»، يەنى: نامازنى قانداق شەكىلدە ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىمىغىن، چۈنكى ئۇ نامازلار ياخشىلىقىدا، قىيامدا ئۇزۇن تۇرىشىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىدە ئەڭ گۈزەل ۋە مۇكەممەل. ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كېيىنكى تۆت رەكەت نامازمۇ ئىككى رەكەت، ئىككى رەكەتتىن بولۇپ، ئۇ نامازنىڭ گۈزەللىكى، ئۇزۇن قىيامدا تۇرغانلىقى، ۋە رۇكۇ-سەجدىلىرى توغرۇلۇق سورىمىغىن. «ئاندىن ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى»، ھەدىسنىڭ ئېنىق مەنىسى: ئۈچ رەكەتنى بۆلمەي، داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرقى رەكەتتە سالام بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يەنە بىر رىۋايىتى: ئىككى رەكەتتە سالام بىرىپ، ئاندىن بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ھەدىسنىڭ تېكىستى: «ھەر ئىككى رەكەتتە سالام بىرەتتى ۋە بىر رەكەت ۋېتىر ئوقۇيتتى»، بۇ ھەدىس ئۈچ رەكەتنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلى ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاملا؟، يەنى: ۋېتىر ئوقۇشتىن ئىلگىرى قانداق ئۇخلايلا؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ» دېگەن، مەنىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى ئۇخلىغاندەك قەلبى ئۇخلىمايدۇ، ھەر نەرسىنى سېزىدۇ ۋە تۇيىدۇ. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ۋە بېكىتىش ئاشۇنىڭدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشىمۇ ۋەھيى بولغان
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز: ياق، كەلمىدى، دېدۇق. ئۇ: پالانى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: ياق، دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ناماز مۇناپىقلارغا ھەقىقەتەن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نامازلاردۇر. سىلەر بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە تىزىڭلار بىلەن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلەتتىڭلار. جامائەتنىڭ بىرىنچى سېپى پەرىشتىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاش ئۇلۇغكى، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بىلەلىگەن بولساڭلار، بىرىنچى سەپتە تۇرۇشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار. كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز: ياق، كەلمىدى، دېدۇق. ئۇ: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: ياق، دېدۇق. بۇ يەردە پالانچى ۋە پالانچىدىن مەقسەت بىر تۈركۈم مۇناپىقلاردۇر. دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە شۇنداق كەلگەن «نامازغا چىقمىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار توغۇرلۇق سورىغاندا، ئۇلارنى يوق دېگەن» شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ناماز مۇناپىقلارغا ھەقىقەتەن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نامازلاردۇر. بۇ ئىككى نامازدىن مەقسەت، خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزى. بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ ئېنىق بايان قىلىنغان. «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن بىلەن بامدات» دېگەن. ئادەتتە مۇناپىقلارغا پەرز نامازلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر كىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا خوشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ» سۈرە نىسا 142-ئايەت. بىراق بۇ ئىككى ناماز ئۇلارغا بەك ئېغىر كېلىدۇ. چۈنكى خۇپتەن نامىزى كۈندۈزدىكى ئېغىر چارچىغانلىقتىن ئارام ئالىدىغان، ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، بامدات نامىزى بولسا ئۇيقۇنىڭ ئەڭ شىرىن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بامدات ئەزىنىدا "ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى"، دېيىلىدۇ. «سىلەر بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن بولساڭلار» يەنى ئۇنىڭدىكى ئەجىر ساۋابنى، بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلغاندىكى پەزىلەتلەرنى بىلسەڭلار ئىدى، دېمەكچى. ساۋاب ۋە مۇكاپات جاپا مۇشەققەتكە قارىتا بولىدۇ. «ئەلىۋەتتە تىزىڭلار بىلەن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلەتتىڭلار» يەنى بۇ نامازلارنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە باراتتىڭلار، ھەتتا بۇ يولنى كىچىك بالىلار ئۆمىلىگەندەك ئۆمىلەپ بولسىمۇ باساتتىڭلار. بۇ ھال ئەگەردە ئۇلارنى مەسچىتكە قەدەم بېسىپ بېرىشتىن بىرەر نەرسە چەكلەپ قويسا، مەسچىتكە بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىدى. جامائەتنىڭ بىرىنچى سېپى پەرىشتىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاش ئۇلۇغ، بىرىنچى سەپ دېگەن ئىمامنىڭ كەينىدىكى سەپ. بۇ يەردىكى مەنا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمامغا يېقىن بولغان سەپتىكى كىشلەرنى ئاللاھ تائالاغا يېقىن تۇرىدىغان مالائىكىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاتقان. ئەگەر سىلەر بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلەلىگەن بولساڭلار، ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تۇرۇشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار، مۇسابىقىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ: ئەگەر كىشىلەر ئەزان ئېيتىشنىڭ ۋە ئالدىنقى سەپنىڭ ساۋابىنى بىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت چەك تاشلاش ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار چەك تاشلاپ ئىرىشكەن بولاتتى. دېگەن بۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ. بىر كىشىنىڭ يەنە بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق. يەنى يالغۇز ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىدىن كاتتا، ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇق. يەنى ئۈچ كىشى بولسا، ئىككى كىشى بولغاندىن ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ. سان كۆپ بولغانلىقتىن ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ. سان قانچىكى كۆپ بولسا ئاللاھ تائالا شۇنچە سۆيۈملۈك. بۇ بولسا جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق، ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:«قايسى بىر ئايال دادا-ئاكىلىرىنىڭ ئىزنىسىز ئەرگە تېگىدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى باتىلدۇر»دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار لايدۇ:«ئەگەر بىرگە بولغان بولسا، ئۇ ئايال بىلەن بىرگە بولغانلىقى ئۈچۈن تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئايالنىڭ ۋەلىلىرى تالاش-تارتىش قىلىشسا يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق ئايالنىڭ ۋەلىسىدۇر»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"نابۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئايالنىڭ ۋەلىسى بولۇشىنى شەرت قىلدى، ئايال ۋەلىسىنىڭ خەۋىرى يوق ياكى رۇخسىتىسىز ئەرگە تەككەن بولسا، ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نىكاھى توغرا بولمايدۇ، مۇشۇنداق نىكاھ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، ئايالغا تويلۇق مېھرى بېرىلىدۇ، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئارىسى ئايرىۋىتىلىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنىمۇ ئوچۇق بايان قىلىپ: ئايالنىڭ ئىگىلىرى ئايالنى ياتلىق قىلىش ئىشىدا تالاش-تارتىش قىلىشىپ قالغان بولسا ياكى ئۇ ئايال ۋەلىلىرى بىلەن ئىخىتىلاپلىشىپ قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئىشى يۇرتنىڭ چوڭىغا تاپشۇرىلىدۇ، يۇرتنىڭ چوڭى ۋەلىسى يوق كىشىنىڭ ۋەلىسىنىڭ ئورنىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەم لەنەت قىلىنغۇچىدۇر»
نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەمگە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنداق ناچار ئىشنى قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قېلىنىدۇ، مانا بۇ ئۇنداق قىلىشنىڭ چوڭ گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە: ئەر كىشى ئايالىنى جىنسى ئالاقىغە چاقىرسا ئايالىنىڭ بۇ تەلەپكە بويسۇنىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا پەرىشتىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنغان، لېكىن بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە قارىغاندا بۇ پەقەت ئەر غەزەپلەنگەن شارائىتقا قارىتىلغان بولۇپ، ئەر رازى بولۇپ يېتىپ قالسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئايال كېسەل بولسا ياكى تۆشەككە كىلىشتىن چەكلەيدىغان ئۆزرىسى بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئەرنىڭ تەلىپىگە بويسۇنۇپ تۆشەككە كىلىشى كېرەك. بۇ ئەرنىڭ ئايال ئۈستىدىكى ھەققى بولغىنىدەك، ئايال كىشى ئىرىدىن يۇقارقىلارنى ئارزۇ قىلغاندا ئەر بولغۇچىمۇ ئايالىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىشى لازىم، چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن