





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورما ئىچىملىكىدىن باشقا ئىچىملىك يوق ئىدى» دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئاللاھ ھاراقنى چەكلەپ ئايەت نازىل قىلغان ۋاقىتتا مەدىنىدە خورمىدىن باشقا نەرسىدە ياسالغان ئىچىملىك يوق ئىكەنلىكىنى، ھاراقنىڭ چەكلىنىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەپ ھاراق ياسالغان ماددىغا قاراش ئەمەس بەلكى مەست قىلىش خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ
ئىبنى ئۆمەر (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھاراقتۇر، ھەرقانداق مەس قىلىدىغان نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، تەۋبە قىلماي، داۋاملاشتۇرغانچە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئاخىرەتنىڭ شارابىنى ئىچەلمەيدۇ»
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق تۈردىكى مەس قىلىدىغان نەرسىنى ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىگە ھارام ئىكەنلىكىدە ۋە جازا بېرىلىش جەھەتتە ھاراق ئېچكەن كىشىگە قىلىنغاندەك مۇئامىلە قىلىنىدىغان ھاراق قىلىپ بېكىتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ھاراق ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەۋبە قىلمىغان كىشىگە ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ جازالاش ئۈچۈن بولىشى مومكىن، ياكى ھاراق جەننەتنىڭ ئىچىملىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئاخىرەتتە ئىچمىسە جەننەتكە كىرەلمەيدىغان بولىشىمۇ مومكىن. بۇنداق كىشى جەننەتكە كىرىدۇ، «ھاراق جەننەتنىڭ ئېسىل ئىچىملىكلىرىدىن بولغاچقا ئۇنى دۇنيادا ئىچىپ ئاسى بولغانلار ئۇنى ئىچىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» دەپمۇ قارالغان، «جەننەتتە كۆڭۈللەر ئېنتىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە بار، بۇنداق كىشى شاراپقا بولغان ئېنتىلىشنى ئۇنتۇيدۇ» دەپمۇ قارالغان، مەھرۇم بولۇش ئاسى كىشىنىڭ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىچىلىك بەلگىلەنگەن بولىشىمۇ، ياكى ئۇ ئاخىرەتتە جەننەتكە بالدۇر كېرىدىغان نىجاتلىققا ئېرىشكەنلەر بىلەن بىللە ئىچەلمەسلىكىمۇ، ياكى تەۋبە قىلغانلارغا سىلىشتۇرغاندا ئىچكەن مىقدارى ۋە ھالىتى ئۇنچە مۇكەممەل بولماسلىقىمۇ مومكىن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"نبۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ: ماددى مۇكاپات بەلگىلەپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش تۆۋەندىكى ئىشلاردا دۇرۇس بولىدۇ. ئات، تۆگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا، يەنە ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىدا مۇكاپات بەلگىلەش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار جەڭ ۋە جىھادلارغا تەييارلىق بولىدۇ. بۇ مەيداندا مۇكاپات بەلگىلەش ئۇلارنى جىھادقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۈندەيدۇ. ئاتقا خېچىر ۋە ئىشەكلەرمۇ قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيىقى بار ھايۋانلار، گاھى بۇلارنىڭ تىز يۈگىرىشىگە ئىھتىياج چۈشىدۇ. ئىشەك خېچىرلار جەڭ مەيدانىغا قۇرال-ياراغ ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا جەڭلەردە ئاتقا ياندىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان تۈرلۈك قۇراللارمۇ تىلغا ئېلىنغان قۇراللار قاتارىغا كىرىدۇ
ئىبنى ئابباس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۈسەين (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) لارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككىدىن قوچقار سويۇپ ئەقىقە قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىندى
ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەن ۋە ھۈسەين (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) لارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئىككىدىن قوچقار سويۇپ ئەقىقە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەدىس تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئوغۇل تۇغۇلسا ئىككى قوي، قىز تۇغۇلسا بىر قوي سويۇپ ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانبۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرنى بوۋاق تۇغۇلغاندا ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئوخشاش ياشتىكى سىمىز قويدىن ئىككىنى، قىز تۇغۇلغاندا شۇنداق قويدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ئەقىقە قىلىشقا بۇيرىدى
سەمۇرە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «تۇغۇلغان بوۋاق ئۆزىنىڭ ئەقىقىسگە گۆرەگە قويۇلغان، يەتتىنچى كۈنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەقىقىسى بوغۇزلىنىدۇ، ئىسىم قويىلىدۇ ۋە چېچى ئالدۇرىلىدۇ»
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"نابۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەقىقىسى سەۋەپلىك توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقى، تۇغۇلۇپ يەتتىنجى كۈنىدە ئەقىقىسى بوغۇزلىنىدىغانلىقىنى، شۇ كۈندە ئىسىم قويۇش ۋە چېچىنى ئالدۇرۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، چېچىنى ئالدۇرۇش ئوغۇل بالىغا خاس ئىكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ
خۇرەيم بىن پاتىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدۇ. ئەمما ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا: كىمكى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى كۆڭلىدە ھېس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر يامانلىق قىلغان كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە يۈز ياخشىلىق بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار: دۇنيادا كەڭرىچىلىكتە، ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيادا قىيىنچىلىقتا بولغان ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيا -ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغانلاردىن ئىبارەتتۇر».
ئەھمەد رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەمەللەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك بولىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ تۆت تۈرلۈك بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئالتە تۈرلۈك ئەمەللەر: بېرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشىگە جەننەت ۋاجىپ بولدى. ئىككىنچى: ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشىگە دوزاختا مەڭگۈ قىلىش ۋاجىپ بولدى. ئۇ ئىككىسى ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەتتۇر. ئۈچىنچى: مەنىۋىي ياخشىلىق، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، نىيىتىدە سەمىمى بولىدىكەن ھەتتا ئۇنى قىلىشنى دىلىدا ھېس قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ نىيىتىنى بىلگۈچىدۇر، ئاندىن بەزى ئىشلار سەۋەبىدىن مەقسەت قىلغان بۇ ياخشىلىقنى قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن تولۇق بىر ياخشىلىق يىزىلىدۇ. تۆتىنچى: قىلىنغان يامانلىق، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ. بۇ ئىككىسى: زىيادە قىلىنماستىن قىلغىنىغا ئوخشاش جازا بېرىلىدىغان ئىشتۇر. بەشىنچى: ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدىغان ياخشىلىق، ئۇ: بىر كىشى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلسا ئۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يېزىلىدۇ. ئالتىنچى: ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدىغان ياخشىلىق، ئۇ: بىر كىشى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بۇ ياخشىلىق يەتتە يۈز ياخشىلىققىچە يېزىلىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى ۋە سېخىلىقىدۇر. ئەمما تۆت تۈرلۈك كىشىلەر بولسا ئۇلار: بىرىنچى: دۇنيادا رىزىقلىرى كەڭرى قىلىنغان، خالىغانچە نېمەت بېرىلگەن، لېكىن ئاخىرەتتە تار قىلىنغان ۋە ئاقىۋېتى دوزاخ بولغان كىشى بولسا ھاياتلىقىدا كۆپلەپ مال دۇنيا بېرىلگەن باي كاپىردۇر. ئىككىنچى: دۇنيادا رىزقى تار قىلىنغان لېكىن ئاخىرەتتە كەڭرى قىلىنغان ئاخىرىقى بارىدىغان جايى جەننەت بولغان كىشى ئۇ كەمبەغەل مۇئمىندۇر. ئۈچىنچى: دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان كىشى ئۇ كەمبەغەل كاپىردۇر. تۆتىنچى: دۇنيا-ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان كىشى ئۇ باي مۇئمىندۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».
ئىبنى ھىببان رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.
ئەمرۇ بىن ئامىردىن ئۇ كىشى ئەنەس بىن مالىكتىن بايان قىلغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ناماز ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا تاھارەت ئالاتتى، مەن: سىلەر قانداق قىلاتتىڭلار؟ دەپ سورىسام، ئەنەس: بىزلەرنىڭ بىرىمىزنىڭ تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا شۇ تاھارەت بىلەن ناماز قىلاتتۇق دېدى.
بۇخارى رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىيادە ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن تاھارىتى بۇزۇلمىسىمۇ ھەر پەرز ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالاتتى. ئەگەر ئىنساننىڭ تاھارىتى بۇزۇلمىغان بولسا بىر قېتىم ئالغان تاھارەت بىلەن بىر قانچە قېتىملىق پەرز نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ.