





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
سالىم بىن ئەبى جەئدى مۇنداق دەيدۇ، بىر كىشى: كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەن ئېدى، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن.
ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتىساھابىلاردىن بىر كىشى كاشكى ناماز ئادا قىلىپ راھەتلەنگەن بولسام دېگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەيىپلەش نەزىرى بىلەن قارىدى، ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى بىلال! نامازغا ئەزان توۋلاپ، تەكبىر ئېيتقىن ناماز بىلەن راھەتلىنەيلى» دېگەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنداق بولىشى نامازدا ئىنسان ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىدۇ، دىلى ۋە روھى راھەتلىنىدۇ.
ئەبى ھازىم بىن دىيناردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر قانچە كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا خۇتبە سۆزلەيدىغان مۇنبىرىنىڭ قانداق ياغاچتىن ياسالغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ ئاخىرىدا سەھلە بىن سەئەد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن مۇنبەرنىڭ قانداق ياغاچتىن ياسالغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن، مەن بۇ مۇنبەرنىڭ تۇنجى قېتىم قويۇلغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بولغان سەھلە دەپ ئاتىلىدىغان پالانى ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ: «سېنىڭ ياغاچچى خىزمەتچىڭنى بۇيرىغىن، ماڭا كىشىلەرگە سۆز قىلغاندا ئولتۇرىدىغان پەشتاقلىق مۇنبەر ياساپ بەرسۇن» دېدى. ئۇ ئايال خىزمەتچىسىنى بۇيرىدى، ئۇنى جاڭگالدىكى چىلان دەرىخىدىن ياساپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئايال مۇنبەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرنى بۇ يەرگە قويۇشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ناماز باشلىغانلىقىنى، تەكبىر ئېيتقانلىقىنى، مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ رۇكۇ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن كەينىچە مۇنبەردىن چۈشۈپ زېمىنغا سەجدە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىققانلىقىنى كۆردۈم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.
بىرلىككە كەلگەنبىر قانچە كىشى ساھابىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلار بۇ توغرىدا تالاش-تارتىش قىلغان ئېدى، ساھابى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارىلاردىن خىزمەتچىسى ياغاچچىلىقنى بىلىدىغان بىر ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «خىزمەتچىڭىزنى بۇيرۇڭ ماڭا بىر مۇنبەر ياساپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلاي دېدى»، ئايال ماقۇل دەپ خىزمەتچىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىلان دەرىخىدىن بىر مۇنبەر ياساپ بېرىشكە بۇيرىدى، خىزمەتچى ياساپ ئەكەلگەندە، ئايال ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى مەسچىتتىكى ھەزىرقى ئورنىدا قويۇشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ناماز باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكبىر ئېيتتى، ئۇنىڭدىن مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ رۇكۇ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى قىبلىدىن بۇرىماستىن كەينىچە مۇنبەردىن چۈشۈپ زېمىنغا سەجدە قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندا كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.
ھەتتان بىن رەققاشى مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر قېتىم ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا جامائەت ئارىسىدىن بىر كىشى: "ناماز ياخشىلىق ۋە زاكات بىلەن بىرگە كەلدى" دېدى، ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جامائەتكە قاراپ: بۇ سۆزنى قايسىڭلار دېدىڭلار؟دېدى، ھېچ كىم جاۋاپ بەرمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن جامائەتكە قاراپ: بۇ سۆزنى قايسىڭلار دېدىڭلار؟دېدى، ھېچ كىم جاۋاپ بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ مۇسا: ئى ھەتتان سەن دىگەن ئوخشىمامسەن؟دېدى، مەن ئەبۇ مۇسانىڭ ماڭا كايىشىدىن ئەنسىرەپ گەپ قىلمىدىم، جامائەت ئارىسىدىن بىر كىشى: ئۇ سۆزنى مەن دېگەن، مەن پەقەت ياخشىلىقنى مەخسەت قىلىپ دېگەن ئېدىم دېدى، ئەبۇ مۇسا مۇنداق دېدى: "سىلەر نامىزىڭلاردا نېمە دەيدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە خۇتبە سۆزلەپ نامازنى قانداق ئادا قىلىشىمىزنى تەلىم بەردى ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ناماز ئادا قىلماقچى بولساڭلار، سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار ئىمام بولسۇن، ئۇ تەكبىر ئېيتقاندا، تەكبىر ئېيتىڭلار، «غەيرىل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين» دېسە، ئامىين دەڭلار، ئاللاھ تائالا دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ. ئىمام تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلسا، سىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئىمام سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇ قىلىپ سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇدىن تۇرىدۇ»، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇنداق قىلىشى ئىمام سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇغا بارغانلىقى ئۈچۈن سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇدىن تۇرىدۇ» دېدى. ئىمام سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دېسە، سىلەر: ئاللاھۇممە رەببەنالەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر) دەڭلار. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ سۆزۇڭلارنى ئاڭلايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تېلىغا ئاساسەن مۇنداق دېدى: «ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى»، ئىمام تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلسا، تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئىمام سىلەردىن بۇرۇن سەجدىگە بارىدۇ ۋە سىلەردىن بۇرۇن سەجدىدىن تۇرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق قىلىشى ئىمام سىلەردىن بۇرۇن سەجدە قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋە سىلەردىن بۇرۇن سەجدىدىن تۇرىدۇ» دېدى، تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تۇنجى دەيدىغان سۆزى :ھۆرمەت، گۈزەل سۆز، دۇئا-تېلەكلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە، بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى، رەھمىتى، بەرىكىتى، سالامى بولسۇن. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن».
مۇسلىم رىۋايىتىھۆرمەتلىك ساھابى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم نامازدا تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ناماز ئادا قىلىۋاتقانلاردىن بىرى: ناماز قۇرئان كەرىمدە ياخشىلىق ۋە زاكات بىلەن بىرگە كەلتۈرۈلدى دېدى، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن جامائەتكە يۈزلىنىپ ئۇلاردىن: ناماز قۇرئان كەرىمدە ياخشىلىق ۋە زاكات بىلەن بىرگە كەلتۈرۈلدى دېگەن سۆزنى قايسىڭلار دېدىڭلار؟ دەپ سورىدى، جامائەت جىم تۇردى، ھېچ كىم جاۋاپ بەرمىدى، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سوئالنى يەنە بىر قېتىم تەكرار سورىدى، ئۇنىڭغا ھېچ كىشى جاۋاپ بەرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ھەتتان سەن دىگەن ئوخشىمامسەن؟دېدى، بۇنداق دېيىشى: ھەتتاننىڭ جاسارەتلىك بولغانلىقى، ئۆزىگە يېقىن بولغانلىقى ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋېتى بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلمايدىغانلىقى پەقەت بۇ سۆزنى دېگەن كىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چېقىشى ئۈچۈن ئىدى. ھەتتان ئۆزىنىڭ دېمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەبۇ مۇسا: سەن مېنىڭ ئەيىپلىشىمدىن ئەنسىرەپ مەن دېمىدىم دېدىڭمۇ؟ دېدى، شۇ ۋاقىتتا جامائەتنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشى: مەن دېدىم، ئۇ سۆزنى دېيىش بىلەن پەقەت ياخشىلىقنى مەخسەت قىلغان دېدى. ئەبۇ مۇسا ئۇ كىشىگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: سىلەر نامازدا نېمە دەيدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟! دېدى، بۇ، ئۇ كىشىنىڭ نامازدا سۆز قىلغانلىقىغا ئىنكار قىلىش ئېدى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەبۇ مۇسا بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇتبە سۆزلەپ ئۇلارغا شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بەرگەنلىكى، نامازنى قانداق ئادا قىلىشنى تەلىم بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناماز ئادا قىلماقچى بولساڭلار، سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار ئىمام بولسۇن، ئۇ تەكبىر ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش تەكبىر ئېيتىڭلار، «غەيرىل مەغدۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين» دېسە، ئامىين دەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ تائالا دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدۇ، ئىمام تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلسا، سىلەرمۇ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئىمام سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇ قىلىپ سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇدىن تۇرىدۇ، ئىمامغا ئىلگىرى بولىۋالماڭلار، ئىمامنىڭ سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇغا بېرىشى ۋە سىلەردىن بۇرۇن رۇكۇدىن تۇرىشى سىلەرنىڭ ئىمامدىن كېيىن رۇكۇغا بارغان ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ، ئىمامنىڭ بۇرۇن تۇرغان ۋاقتى سىلەرنىڭ كىيىن تۇرغان ۋاقتىڭلار بىلەن باراۋەر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ رۇكۇ قىلىش ۋاقتىڭلار ئىمامنىڭ رۇكۇ قىلغان ۋاقتىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ، ئىمام سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دېسە، سىلەر: ئاللاھۇممە رەببەنالەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر) دەڭلار، ناماز ئادا قىلغۇچى شۇنداق دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ۋە سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تېلى ئارقىلىق مۇنداق دېدى:«ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى»، ئىمام تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلسا، ناماز ئادا قىلغۇچىلارمۇ تەكبىر ئېيتىپ سەجدە قىلىدۇ، ھەقىقەتەن ئىمام ئۇلاردىن بۇرۇن سەجدىگە بارىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇرۇن سەجدىدىن بىشىنى كۆتۈرىدۇ. ئىمامنىڭ بۇرۇن تۇرغان ۋاقتى ئۇلارنىڭ كىيىن تۇرغان ۋاقتى بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رۇكۇ قىلىش ۋاقتى ئىمامنىڭ رۇكۇ قىلغان ۋاقتىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ. تەشەھھۇتتا ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ تۇنجى دەيدىغان سۆزى: ھۆرمەت، گۈزەل سۆز، دۇئا-تېلەكلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، مۈلكىيەت، ئىگىدارچىلىق، ئەبەدىيلىك، كاتتىلىق بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر، شۇنىڭدەك بەش ۋاقىت نامازمۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلىگە، بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى، رەھمىتى، بەرىكىتى، سالامى بولسۇن، ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسان، ئاپەت، مۇسىبەت، بۇزۇقچىلىقتىن سالامەت بولۇشنى تېلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، سالامنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خاس قىلىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىزگە سالامەتلىك تېلەيمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە ۋاجىپ بولغان ئاللاھنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە بەندىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىۋاتقان ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە سالامەتلىك تېلەيمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز».
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ناماز ئوقۇغان كىشى ھەر بىر پەرز ۋە نەپلە نامازلاردا، رامىزاندا ۋە رامىزاننىڭ غەيرىدە ناماز باشلايدىغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكۇ قىلىدىغاندا تەكبىر ئېيىتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئىمام سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەجدە قىلىشتىن بۇرۇن: رەببەنا لەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىگە بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدىغان ۋاقىتتىمۇ تەكبىر ئېيتىدۇ، نامازنى ئادا قىلىپ بولغۇچە ھەر بىر رەكەتتە شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئوقۇپ بولۇپ جامائەتكە بۇرۇلۇپ :«مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى».
بىرلىككە كەلگەنئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئادا قىلىش سۈپەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى (تەكبىرەتۇل ئېھرام) ئېيتاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكۇغا، سەجدىگە بارغاندا، رۇكۇدىن ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا، ئىككىنچى سەجدىگە بارغاندا ۋە ئۇنىڭدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئۈچ رەكەتلىك ياكى تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ بولۇپ بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئاخىرلاشقۇچە ھەممە رەكەتتە بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە تۇرغان ھالەتتە: رەببەنا لەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر)دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ جامائەتكە قاراپ: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى».
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى.
ئىبنى ھىببان رىۋايىتىبۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئېكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ مېلىنى ئوغۇرلىغان كىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدۇ، ئەمما نامىزىنى ئوغۇرلىغان كىشى بولسا، ئۆزىنىڭ ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋاپتىن بولغان ھەققىنى ئوغۇرلىغان بولىدۇ. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسان ئۆزىنىڭ نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى مۇكەممەل تولۇق ئادا قىلمايدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىنى ئالدىراپ قىلىپ، مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلمايدۇ»دېدى.
ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)، رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر)دەيدۇ.
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە:«سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)،دەيتتى، يەنى: كىمكى ئاللاھنى مەدھىيلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، مەدھىيسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيلەيدۇ: رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇلارنىڭ ئارىسى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر).
مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاتىپى ۋەرراد مۇنداق دەيدۇ: مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇغا ئەۋەتىدىغان خەتنى ماڭا يازدۇردى: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:«لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ»تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سىلە بىر نەرسە ئاتا قىلسىلا ئۇنى چەكلىگۈچى يوق، سىلە چەكلىسىلە ئۇنى ئاتا قىلغۇچى يوقتۇر، سىلىنىڭ كاتتىلىقلىرى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ».
بىرلىككە كەلگەن«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن:«لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ» تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سىلە بىر نەرسە ئاتا قىلسىلا ئۇنى چەكلىگۈچى يوق، سىلە چەكلىسىلە ئۇنى ئاتا قىلغۇچى يوق، سىلىنىڭ كاتتىلىقلىرى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقىنىڭ ياكى بايلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ»دەيتتى. يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن. ھەقىقى ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىسپاتلايمەن ۋە ئاللاھدىن باشقا باتىللاردىن چەكلەيمەن. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ھەقىقى تولۇق مۇلكىيەت -ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىمەن. ئاسمانلار ۋە زېمىنلەردىكى بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان-بېكىتكەن ئاتا-ئېھساننى چەكلىگۈچى ۋە رەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقى ياكى بايلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىغىنى ياخشى ئەمەلدۇر.
ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا: «رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دەيتتى.
ئەبۇ داۋۇد، نىسائى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندا: «رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دېگەن سۆزنى تەكرارلايتتى. رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بەندىنىڭ رەببىدىن ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئۆچۈرۈشىنى، ئەيىبىنى يوشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتۇر.
ئۇممۇ ئەتىييە ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى«ئۇممۇ گۈلسۈم» ۋاپات بولغاندا قېشىمىزغا كىرىپ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى «ئۇممۇ گۈلسۈم» ۋاپات بولغاندا قېشىمىزغا كىرىپ: ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قېتىم (ئەگەر ئېھتىياج تۈيساڭلار) يۇيۇڭلار. سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئاخىرىقى قېتىمدا كافۇر ياكى كافۇرغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇڭلار. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، دېدى. بىز ئىشىمىزنى تۈگىتىپ رەسۇلۇللاھقا خەۋەر بەردۇق. بىزگە ئىزارىنى بېرىپ: بۇنى بەدىنىگە يۆگەڭلار! يەنى ئىچ كېپەنلىك قىلىڭلار دېدى. يەنە بىر ھەدىستە: يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، ئوڭ تەرەپتىن ۋە تاھارەت ئالىدىغان جايلاردىن باشلاڭلار، دېدى. ئۇممۇ ئەتىييە: ئۇممۇ كۇلسۇمنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىدۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى زەينەپ ۋاپات بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى يۇيۇۋاتقانلارنىڭ قېشىغا كىردى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە بار ئىدى، زەينەپ بۇ دۇنيادىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا پاكىز بېرىش ئۈچۈن ئۇلارغا يۇيۇش قائىدىلىرىنى ئۆگەتتى. يۇيۇشنىڭ قېتىم سانى تاق بولۇش ئۈچۈن: ئۇنى ئۈچ قېتىم ياكى بەش قېتىم يۇيۇڭلار دېدى. ئەگەر بەشتىن كۆپرەك يۇيۇشقا ئېھتىياج بولسا، يەنىلا تاق قىلىشقا بۇيرىدى. مېيىتنىڭ بەدىنى پاكىز ۋە چىڭ بولۇش ئۈچۈن سۇغا سىدىر ئارلاشتۇرۇڭلار، ئاخىرىقى يۇيۇشتا كاپۇرنى ئارلاشتۇرۇڭلار، يەنە كاپۇر مېيىتنىڭ جىسمىنى چىڭىتىدۇ، ھاشارەتلەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شەرەپلىك ئەزالاردىن باشلاپ يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلدى، ئوڭ تەرەپتىن ۋە تاھارەت ئالىدىغان ئەزالاردىن باشلاشقا بۇيرىدى. يۇيۇپ بولغاندا خەۋەر قىلىڭلار دېدى. ئۇلار خەۋەر قىلدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ مۇبارەك بەدىنى تەگكەن ئىزارىنى زەينەپكە قەبرىدە بەرىكەت ۋە بەلگە بولسۇن ئۈچۈن كېپەن قىلىشقا بەردى.مېيىت يۇغۇچى ئاياللار زەينەپنىڭ چېچىنى ئۈچ ئۆرۈم قىلىپ ئۆرىدى، ئۈستى تەرەپنى بىر ئىككى يان تەرەپنى ئىككى ئۆرۈم قىلدى، چاچلىرىنى ئارقا تەرىپىدە قويدى