





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
فۇزالە ئىبنى ئۇبەيىد، سەلمان ئەلفارىسي ۋە ئۇقبە ئىبنى ئامىرلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدىكى مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمىلى قىيامەت كۈنىگىچە كۆپىيىدۇ ۋە قەبرە ئازابىدىن خاتىرجەم بولىدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەر بىر كىشىنىڭ ئەمىلى ئۆلۈم بىلەن ئۈزىلىپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن ئەجىر يېزىلمايدۇ، پەقەت ئاللاھ يولىدا مۇسۇلمانلارنىڭ چىگراسىنى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى ئىززەتلەپ ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۈزلۈكسىز يازىدۇ. ئۇ قەبرە پىتنىسىدىن خاتىرجەم بولىدۇ، ئىككى پەرىشتە ئۇنى سوراققا تارىتمايدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغاندا مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى كېلىپ ئۇنى تولاپ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋالدى. ئۇ ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن زىنا قىلدىم، دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈۋالدى. ھەتتاكى ئۇ ئىش تۆت قېتىم تەكرارلاندى. ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئۆزى تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى چاقىرىپ: سەندە ساراڭلىق بارمۇ؟ دېدى، ئۇ: ياق، دىدى. رەسۇلۇللاھ: سەن توي قىلغانمۇ؟ دېدى، ئۇ: ھە-ئە، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى ئاپىرىپ چالما -كېسەك ئېتىڭلار، دېدى. ئىبنى شىھاب ماڭا ئەبۇ سەلەمە ئىبنى ئابدۇرراھمان خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۇ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: مەن ئۇ ئادەمگە چالما - كېسەك ئاتقانلارنىڭ قاتارىدا بار ئىدىم، ئۇنى بىز نامازگاھتا چالما - كېسەك قىلدۇق، ئۇ ئىتىلغان تاشنىڭ ئاغرىقىدا قاچتى، بىز ئۇنى ھەررە دېگەن جايدا تۇتۇۋالدۇق ۋە چالما - كېسەك قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە تۇرغاندا، مائىز ئىبنى مالىك ئەلئەسلەمى كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قايتىپ بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىدا قويۇپ تەۋبە قىلىشىنى ئويلاپ، ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋالدى. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاچچىقى كەلگەن ۋە ئۇنى جازالاش ئارقىلىق پاكلاشقا بەل باغلاپ كەلگەچكە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يەنە يۈز ئۆرۈۋالدى. ھەتتاكى ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئۆزى تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سەندە ساراڭلىق بارمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ، ياق، دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدىمۇ؟ دەپ سوراپتى، ئۇلار ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتىشىپ ماختاشتى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭدىن توي قىلغانمۇ؟ ياكى قىلمىغانمۇ؟ دەپ سورىدى، چۈنكى توي قىلمىغان بولسا چالما - كېسەك جازاسى بېرىلمەيتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئىيتتى. ۋە ئۇ بەلكى سىلاپ قويغان ياكى سۆيۈپ قويغاندەك ئىشنى قىلىپ بۇ جازانى ۋاجىپ قىلىدىغان چوڭ ئىشنى قىلمىغان بولىشى مۇمكىن دەپ سورىسا، ئۇ ھەقىقى زىنا قىلغانلىقىنى ئوچۇق دىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇنىڭغا بۇ جازانى يۈرگۈزۈش ۋاجىپلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئۇنى ئاپىرىپ چالما- كېسەك قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلار ئۇنى جىنازا نامىزى ئوقۇيدىغان (بەقىئۇلغەرقەد) كە ئېلىپ چىقتى ۋە چالما - كېسەك قىلدى، ئۇ تاشنىڭ قاتتىق قىزىتقىنىنى ھېس قىلغاندا قۇتۇلۇشنى كۆزلەپ، ئۆلۈمدىن قىچىشنى ئويلىدى، چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى ئۇنداق ئىشنى كۆتۈرەلمەيتتى ۋە قاچتى. ئۇلار ئۇنى ھەررە دېگەن جايدا تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنى جاراھەتلەندۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھىم قىلسۇن ۋە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى يىغقاندا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر بىر خىيانەتچى ئۈچۈن بايراق تىكلەپ قويىدۇ ۋە: بۇ پالانىنىڭ بالىسى پالانىنىڭ خىيانىتى دېيىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بارلىق ئۈممەتلەرنى يىغقاندا، ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە خىيانەت قىلغان ھەر بىر خىيانەتچى كەلتۈرلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بېشىدا بىر بايراق بولىدۇ، كىشىلەر ئارسىدا رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بايراق ئايرىلمايدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانسەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ئانىسى ۋاپات بولغاندا نەزىر«ۋەدە» قىلغان روزىسىنى تۇتالماي ئۆلۈپ كەتكەن. رەسۇلۇللاھ سەئد ئىبنى ئۇبادەنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىغان
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئۆمەر رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنبىرى ئۈستىدە تۇرۇپ: ئى خالايىق مەقسەتكە كەلسەك، ھاراقنىڭ ھاراملىقى تۇغرىسىدا ئايەت نازىل بولغان، ئۇ: ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي، ئارپا قاتارلىق بەش نەرسىدىن ياسىلىدۇ. ھاراق ئەقىلنى پەردىلەيدىغان نەرسىدۇر. ئۈچ نەرسىدە رەسۇلۇللاھنىڭ بىزگە ۋەسىيەت قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم: چوڭ دادىنىڭ مىراسى، پەرزەنتى ياكى ئاتا-ئانىسى يوق كىشىنىڭ مىراسى، جازانىنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدە ۋە مۇنبىرىدە خۇتبە سۆزلەپ تۆۋەندىكىلەرنى قارار قىلغان. ئەقىلنى ياپقان ۋە توسقان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر، ھاراق بولۇش ئۈچۈن ئۈزۈمدىن ياسىلىشى شەرت ئەمەس، مەس قىلىدىغان ئىچىملىكنىڭ ھەر قاندىغى ھارامدۇر، مەيلى ئۇ خورمىدىن ياكى ھەسەل، بۇغدايدىن ياسالغان بولسۇن، ھەممىسى ھاراق. ئۆمەر بۇ خۇتبىدە يەنە مۇنداق دېگەن: چۈشىنىش قېيىن بولغان ئۈچ مەسىلە بار، كاشكى رەسۇلۇللاھ بىزگە ھۆكمىنى دەپ بەرگەن بولسا، ئۈممەت شۇنىڭ بىلەن توختىغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۇلار: چوڭ دادىنىڭ مىراسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتى يوق كىشىنىڭ مىراسى، جازانىغا ئالاقىدار بەزى ئەھكاملار، بۇنداق دېگەنلىك رەسۇلۇللاھ بۇ ئەھكاملارنى بايان قىلمىدى دېمەكچى ئەمەس، رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى، بۇرچىنى تولۇق يەتكۈزدى، بۇنىڭدىنمۇ نازۇك ئىنچىكە مەسىلىلەرنى بايان قىلغان، لېكىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا كىشىلەر تالاش-تارتىش قىلمىغۇدەك رەسۇلۇللاھتىن ئېنىق بىر ھۆكۈمنىڭ بولىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئاللاھ ئۆز يولىدا چىققان كىشىگە قارىتا: «ماڭا ئىشىنىپ ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى تەسدىقلاپ، مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ئىرىشكەن ساۋابى ۋە غەنىمەت بىلەن ئۆيىگە سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايىتىدە: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان كىشىنىڭ مىسالى - ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر - كېچىسى بىدار تۇرۇپ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ، مۇجاھىد ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە ياكى ساۋاپ بىلەن ياكى غەنىمەت بىلەن سالامەت قايتۇرۇشقا كېپىل بولدى
ھەدىسنىڭ جىمى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانبۇ ھەدىستە ئاللاھ يولىدا چىققان كىشىگە ئاللاھنىڭ كاپالىتى بارلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئۈچ ئىشتىن بىرگە ياكى ئىككىگە كىپىل بولغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن چىققان كىشى ئەگەر جەڭدە شېھىد بولسا ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزۈشكە، ھايات قالسا ساۋاپ ياكى غەنىمەت بىلەن، يەنى غەنىمەتسىز ساۋاپ ياكى ھەر ئىككىلىسى بىلەن قايتۇرۇشقا كېپىل بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئىككىنچى ھەدىسنى «ئۇمدەتۇل ئەھكام» نىڭ مۇئەللىىپى ئىمام مۇسلىمغا تۇتاشتۇرغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، بۇ ھەدىستە جىھادنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان: مەسجىدكە كىرىپ، ناماز ئوقۇش، كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشتەك ئىشلارنى ئىزچىل قىلىشقا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغانلىقى تىلغا ئىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەر بۇنى قىلالمايسىلەر» دېگەن
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە دەۋاگەرلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلارغا چىقىپ دېدى: دىققەت! مەنمۇ بىر ئادەم، ماڭا دەۋاگەرلەر كېلىدۇ. بەلكى بەزىلەر يەنە بەزىلەردىن گەپكە ئۇستىراق بولىشىڭلار مۇمكىن، ئۇ ھالدا مەن ئۇنى راستچىل دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۇنىڭغا كېسىپ بېرىشىم مۇمكىن. قانداق بىر ئادەمگە باشقا بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى كېسىپ بەرگەن بولسام، ئۇ پەقەت ئوتنىڭ بىر پارچىسىدۇر، ئۇنى يا ئۈستىگە ئالسۇن! ياكى تاشلىسۇن!
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدە تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان دەۋاگەرلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن چىقىپ دېدىكى: دىققەت! مەنمۇ بىر ئادەم. غەيىپنى بىلمەيمەن. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن راستچىل بىلەن يالغانچىنىڭ ئارىلىقىنى ئايرىش ئۈچۈن، ماڭا ئىشلارنىڭ يۇشۇرۇن تەرەپلىرى خەۋەر قىلىنمايدۇ. مەن ھۆكۈم قېلىپ قويۇشۇم ئۈچۈن دەۋاگەرلەر كېلىدۇ. مېنىڭ ھۆكۈمۈم، ئىككى تەرەپنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى ۋە قەسەملىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن بولىدۇ. بەلكى بەزىڭلار يەنە بەزىڭلاردىن گەپكە ئۇستىراق بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئۇ ھالدا، گەرچە ھەق ئەسلىدە قارشى تەرەپتە بولسىمۇ، مەن ئۇنى راستچىل ۋە ھەقلىق دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كېسىپ بېرىشىم مۇمكىن. شۇنى بىلىڭلاركى مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئىشلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قارىتا بولىدۇ، مەخپى تەرەپلىرىگە قارىتا ئەمەس. ئۇنداق بولغاندىكىن ئەسلىدە ھارام بولغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ ھالال قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق بىر ئادەمگە باشقا بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى كېسىپ بەرگەن بولسام، ئۇنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ گەپ قىلمىسا، ئۇنىڭغا پەقەت ئوتنىڭ بىر پارچىسىنى كېسىپ بەرگەن بولىمەن، ئەگەر خالىسا ئۇنى ئۈستىگە ئالسۇن! ياكى تاشلىسۇن! ئۇنىڭ جازاسى ئاشۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زالىملارنى دائىم كۆزىتىپ تۇرىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چارەك دىنار ئالتۇن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغىنى ئۈچۈن قول كېسىلىدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ ئەززە ۋەجەللە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئابرويى، مال- مۈلكى قاتارلىق ھەق-ھۆقۇقلىرىنى بۇزغۇنچىلارنىڭ تازاۋۇز قىلىشىدىن ساقلايدىغانلىقىنى كەپالەتگە ئىگە قىلدى. مەسىلەن: باشقىلارنىڭ مېلىنى، ساقلاپ قويغان يېرىدىن يۇشۇرۇن ھالدا ئالغان ئوغرىنىڭ جازاسىنى، ئاشۇ مالنى ئېلىشقا ئىشلەتكەن ئەزاسىنى كېسىپ تاشلاشنى قانۇنلاشتۇردى، بۇ كېسىش ئۇنىڭ گۇناھىغا كاپپارەت بولىشى، ئۇ، ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ بۇ پەسكەش يوللاردىن يېنىپ، شەرىئەت يولغا قويغان ئېسىل يوللار بىلەن پۇل تېپىشقا يۈزلىنىشى ئۈچۈندۇر. بۇنداق بولغاندا، ئىش كۆپىيىدۇ، ھەمدە ئۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ كائىنات تەرەققى قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ نەپسى قانىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمەتلىرىدىن؛ ئوغۇرلىسا قول كېسىلىدىغان مالنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارىنى، ئالتۇندىن چارەك دىينارغا تەڭ قىلىپ قويغانلىقىدۇر. بۇ مال - مۈلۈكنى قوغداش ۋە ھاياتلىقنى ئاسىراشتۇر. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەتتە تېنىچ مۇھىت بارلىققا كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ، مال - مۈلكىنى مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەبى سۇپياننىڭ ئايالى ھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەبۇ سۇپيان قاتتىق بېخىل ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدىن بىلدۈرمەي ئېلىۋالمىسام ئۇ، ماڭا ۋە بالىلىرىمغا يەتكۈدەك چىقىمىمىزنى قىلىپ بەرمەيدۇ. ئەمدى، مۇشۇنداق قىلسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇنىڭ مېلىدىن نورمال ھالدا ئۆزىڭىزگە ۋە بالىلىرىڭىزغا يەتكۈدەك ئېلىڭ! دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانھىند بىنتى ئۇتبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ، ئۇنىڭ يولدىشى، ئۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىغا يېتەرلىك چىقىمىنى بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال ئېرى ئەبى سۇپياننىڭ مال – مۈلكىدىن ئۇنىڭ خەۋىرىسىز ئالسا بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىشنىڭ ئەگەر نورمال تەرىقىدە يېتەرلىك مىقداردا يەنى ھاجىتىدىن ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماستىن ئالسا بولىدىغانلىقىغا پەتىۋا بەردى