





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر غازاتتا ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋپ ۋە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ئۆزلىرىنىڭ پىتلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دەرد تۆكتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككەيلەنگە يىپەك كېيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلدى، مەن ئۇلارنىڭ يىپەك كېيىم كەيگەنلىكىنى كۆردۈم
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىسلام دىنىنىڭ ئاسانلىقىدىن: رۇخسەت قىلىنىش سەۋەپلىرى تىپىلسا بەزى چەكلەنگەن نەرسىلەرنىمۇ ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇبەير ۋە ئابدۇراھمان قاتارلىق ساھابىلارغا يىپەك كىيىم كىيىشكە رۇخسەت قىلغان، چۈنكى يىپەك پىتنى يوق قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا يىپەكتە بەدەن پىتلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان شۇنداق بىر خۇسۇسىيەتنى قىلغان، شۇنىڭدەك يىپەك كىيىم قىچىشقاق بولۇپ قالغان كىشىگىمۇ ياخشى كېلىدۇ
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى دانە، (قارا- ئاق) رەڭلىك ۋە مۈڭگۈزلۈك قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بۇغۇزلىدى. بىسمىللاھنى ئوقۇدى ۋە تەكبىر ئېيتتى. ئۆزىنىڭ پۇتىنى ئۇلارنىڭ گەدىنىگە تىرەپ تۇردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانقۇربانلىق قىلىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلەنگەنلىكتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئۆزىمۇ قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ رەڭگىدە ئاقلىق ۋە قارىلىق بار ئىدى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ مۈڭگۈزى بار ئىدى. ئۇ ئىككىسىنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك قولى بىلەن بوغۇزلىدى، چۈنكى بۇ ئۇلۇغ بىر ئىبادەت بولغاچقا ئۆزى قىلدى. ئۇنى بوغۇزلايدىغان چاغدا، ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى ۋە ياخشىلىقنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن، ئاللاھتىن ياردەم سوراپ بىسمىللاھنى ئوقۇدى ۋە ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، ئىبادەتتە ئۇنى يەككە يىگانە قىلىش، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقنى ۋە بوي سۇنغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكبىر ئېيتتى. بوغۇزلىغاندا تىز سۈرەتتە بوغۇزلاش ئارقىلىق، قۇربانلىققا رەھىمدىللىك بىلەن بوغۇزلاش تەلەپ قىلىنغان بولغاچقا، بوغۇزلىغان چاغدا ئۇ مىدىرلاپ، ئۇنى بوغۇزلاش مۇددىتى ئۇزۇراپ كېتىپ ئۇنى قىيناپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ مۇبارەك پۇتىنى ئۇلارنىڭ گەدىنىگە تېرىدى. ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۆز مەخلۇقاتىغا رەھىمدىلدۇر
ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: بامدات ۋاقتىدىن كۈن قىزارغۇچىلىك ياكى زاۋال ۋاقتىدىن كۈن پاتقۇچىلىك ئارىلىقتا ئاللاھ ئۈچۈن يولغا چىقسا، قۇياش چىقىپ پاتقۇچە جەريانىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: سەھەردە ياكى كەچتە ئاللاھ يولىدا چىقىش، دۇنيادىن ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىلەردىن ياخشىدۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ئىككى ھەدىس، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ گەرچە ئەتتىگەن ياكى كەچتە دېگەندەك ئاز مىقداردا بولسىمۇ، شەكسىز ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا دۈشمەنگە قارشى سەبىر قىلىپ ئۇلارغا زەربە بېرىپ كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈش قانداق ئەۋزەل بولار-ھە! ئاللاھ يولىدا، دېگەنلىكتىن ئەسلى مەقسەت، قول بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئېلىشىشتۇر. شۇنى بىلىش كېرەككى: شەرئى بىلىملەرنى ئۆگنىش، ئاللاھ يولىدا بولغان جىھادنىڭ ئەڭ كاتتا بىر تۈرىدۇر. ھەقنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش، ئىسلام دىنىغا قارشى جەڭ قىلىدىغان ۋە ئۇنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغان دىنسىزلار، زىندىقلار ۋە غەربلىك خرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ دەلىللىرىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى قاتارلىقلار ئاللاھ يولىدا قىلىنغان جىھادنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. جىھادتىن بولغان مەقسەت: ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇنى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىشتۇر. مۇناپىقلارنى جىم تۇرغۇزۇش، ئەڭ بۈيۈك جىھادتىنتۇر. ئى ئاللاھ! مۇسۇلمانلارنى ئۆز دىنىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسىلا!. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىسىگە ئەڭ يىقىندۇر ۋە دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر
رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن غازاتتىن قايتىپ تىھامەنىڭ «زۇلھۇلەيفە» گە يېتىپ كەلگەندە كىشىلەرنىڭ قورساقلىرى ئېچىپ كەتتى، ئۇلار غازاتتا قوي ۋە تۆگىلەرنى غەنىمەت ئالغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشۇننىڭ كەينىدە ئىدى، ئالدىدا ماڭغانلار ئالدىراپ تۆگە-قويلاردىن بوغۇزلاپ قازانغا سېلىشقا باشلىدى، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئەھۋالنى كۆرگەندە قازانلارنى دۇم كۆمتۈرۋېتىشكە بۇيرىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ غەنىمەت ماللارنى ئون قوينى بىر تۆگىگە باراۋەر قىلىپ ساھابىلەرگە بۆلۈپ بەردى. شۇ ئارىدا بىر تۆگە قېچىپ كەتتى، كىشىلەر قوغلاپ ھېرىپ قالدى، بۇ چاغدا قوشۇندا ئات ئاز ئىدى، ئۇلاردىن بىر كىشى يا ئوقى بىلەن ئۇنى ئاتقان ئىدى، ئۇ تۆگىنى ئاللاھ تائالا توختاتتى. رەسۇلۇللاھ: بۇ ھايۋانلارنىڭمۇ ياۋايى ھايۋانلاردەك قاچقۇنلىرى بار، سىلەرگە بويسۇنمىغانلىرىنى مۇشۇنداق قىلىڭلار، دېدى. مەن: ئى رەسۇلۇللاھ بىز ئەتىلا دۈشمەنگە ئۆچرىشىمىز مۇمكىن، يېنىمىزدا پىچاق يوق، قومۇشلار بىلەن بوغۇزلىساق بولامدۇ، دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ قاننى ئېقىتالايدىغان نەرسىلەر بىلەن بوغۇزلانسا يەڭلار، لىكىن چىش تىرناق بىلەن بوغۇزلانسا بولمايدۇ، سىلەرگە سەۋەبىنى دەپ بەرسەم، چىش دېگەن بىر ئۇستىخان، تىرناق بولسا ھەبەشىلەرنىڭ پىچىقى، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن «زۇلھۇلەيپە» دېگەن جايغا غازاتقا چىققانلىقىنى، ئۇلار ئۇ يەردە كۆپ چارۋىلارنى غەنىمەت ئالغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ كەينىدە قالغانلىقتىن ئۇلارغا كېلىپ تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن بىر قانچە چارۋىنى بوغۇزلىغانلقىنى ۋە گۆشلەرنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇۋاتقاندا، رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇ گۆشلەرنى تۆكۈپ قازانغا توپا چېچىۋەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. شۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ: غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى يېيىش، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسىنىڭ گوشىنى يېگەنگە ئوخشاش، دېگەن. ئاندىن بىر تۆگىنى ئون قوينىڭ باراۋىرىدە قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن. ئاندىن ساھابىلەر ئۆزىگە تەگكەن نىسىۋىسىدىن بوغۇزلىغان. شۇ ۋاقىتتا تۆگىلەردىن بىرى قېچىپ كىتىپ، ئۇلاردا ئات يېتەرسىز بولغانلىقتىن تۇتالمىغان، شۇ ئارىدا بىر كىشى ئۇنى يا ئوقى بىلەن ئېتىپ يىقىتقان، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: بۇ ھايۋانلار ئوۋلىنىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش، قېچىپ كەتكەن ۋاقىتتا مۇشۇنداق قىلساڭلار بولىدۇ، دېگەن. ئاندىن ئۇلار ئوۋلانغان نەرسىلەرنى قانداق بوغۇزلاش توغۇرلۇق سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان، بوياندىن قان ئاققۇزۇلغان ھايۋاننى يېيىش دۇرۇس دېگەن. لىكىن تىرناق ئارقىلىق، مەيلى ئۇ ئىنسان قولىدا بولسۇن ياكى ئايرىم بولسۇن، ۋە يەنە چىش بىلەن ئولتۈرۈش دۇرۇس ئەمەس دېگەن. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار تىرناق ئارقىلىق ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ يەيدىغان
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئەر، (ياكى بىر ئايال، دېدى) سىنىڭ رۇخسىتىڭسىز ساڭا كۆزەتچىلىك قىلسا، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ كۆزىنى قۇيۇۋەتكەن بولساڭ، ساڭا ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ رۇخسىتىسىز، ئىشىكنىڭ ئارقىسىدىن ياكى تام تۆپىسىدىن ياكى باشقا يەرلەردىن كۆزەتچىلىك قىلسا، ئاندىن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ تەگكۈزۈپ ياكى بىرەر تۆمۈرنى تىقىپ كۆزىنى قۇيۇۋەتسە، بۇنداق قىلغان ئادەمگە گۇناھ ياكى قىساس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنداق يۇشۇرۇن قارىغۇچى بۇ قىلىقى بىلەن تاجاۋۇز قىلغان جىنايەتچى بولىدۇ
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە دەيدىكى: ئاللاھ تائالا يولىدا يارىلانغان ھەر قانداق كىشى، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ يارىسىدىن قان ئاققان ھالدا كېلىدۇ. ئۇ قاننىڭ رەڭگى قان رەڭ، ئەمما پۇرىقى ئەنبەر پۇرايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە جىھاد قىلغان كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان ياخشى مۇكاپاتىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ يولىدا يارىلانغان كىشى مەيلى ئۇنىڭدا شېھىت بولسۇن ياكى ساقايسۇن، قىيامەت كۈنى پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا جىھاد مېدالى بىلەن كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يارىسى ھۆل رەڭگى قان رەڭ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەنبەر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھالدا كېلىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى ئوۋ ئىتى ياكى پادا باقىدىغان ئىتتىن باشقا ئىت باقسا، ھەر كۈنلۈك ساۋابىدىن ئىككى قىرات كەملەپ كېتىدۇ. سالىم ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىنى بايان قىلىپ: (ياكى ئېتىزلىققا قارايدىغان ئىت، دەيتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقى بار ئىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىت دېگەن، پەسكەش نىجىس ھايۋانلارنىڭ قاتارىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پاك شەرەپلىك شەرىئەت ئۇنىڭدىكى زىيان-زەخمەت تۈپەيلىدىن بېقىشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، كەرەملىك پاك پەرىشتىلەر ئىت بار ئۆيدىن يىراق بولىدۇ. يەنە باشقىلارنى قورقۇتۇش ۋە نىجىسلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن، ئۇنى بېقىش ئەقىلسىزلىققا دالالەت قىلىدۇ. ھەممىدىن يامىنى ئۇنى باققان كىشىنىڭ ساۋابىدىن ھەر كۈنى نۇرغۇن ساۋاپ كەملەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ مىقدارىنى ئىككى قىرات دەپ يېقىنلاشتۇرۇپ بەردىيۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەقىقى ھەجمىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئادەم ئۇنى بېقىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئاسىلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىت بىقىشقا بىرەر ھاجەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەھۋال ئاستىدا دۇرۇس بولىدۇ: بىرىنچىسى: بۆرىدىن ۋە ئوغرىلاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىدىغان قويلارنى ھىمايە قىلىش. ئىككىنچىسى: ئېتىزلىقنى قوغداش. ئۈچىنچىسى: ئۇ ئىت بىلەن ئوۋچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىش. بۇ مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن، ئۇنى بېقىش دۇرۇس بولىدۇ، ۋە ئىگىسىدىن مالامەت كۆتۈرۈلىدۇ
ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يىگەن ئىدۇق، دېگەن. يەنە بىر ئىبارىدە «بىز مەدىنىدىكى ۋاقىتتا» دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە ئەسما بىنتى ئەبى بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنىڭ زامانىدا ئات ئۆلتۈرۈپ يېگەنلىكىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. بۇ ئات گوشىنىڭ ھالال ئىكەنىكىگە دەلىل ئىسپات بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئوقۇغان بىر كىشى سۈرە نەھىل 8-ئايەتتىكى: «ئاللاھ تائالا ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مېنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ تائالا يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ» ئاتنىڭ ئېشەك ۋە خېچىر بىلەن بىر يەردە كېلىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ھاراملىقىنى چۈشۈنىۋالماسلىقى كېرەك
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى تۈرلۈك بولغاچقا بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرھاللىقنى يولغا قويغان، ئىبادەتنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە قېيىن بولمايدىغان ئشلارنى يولغا قويدى. بۇ ھەدىستە، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەيتۇللاھقا يالاڭ-ئاياغ مېڭىپ بېرىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ كىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايالنىڭ مەلۇم مۇساپىگىچە پىيادە يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مېڭىشقا ئىمكانىيىتى بولسا مېڭىشقا، ئەگەر چارچاپ قىلىپ مېڭىپ بولالمىسا ئۇلاغقا مېنىشكە بۇيرىدى