





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئى ئابدۇرراھمان! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ. ئەگەر سەن سورىماستىن ساڭا بىرىلسە، ئاللاھ تائالاھ ساڭا ياردەم. ئەگەر بىر نەرسىگە قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنىڭدىن غەيرىدە ياخشىلىق بولسا، قەسىمىڭگە كاپپارەت بىرىپ، ياخشىلىق بار ئىشنى قىلغىن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەنسەپنى سوراپ ئېلىشتىن توسقان، چۈنكى ئۇنى سوراپ ئالغان كىشى دۇنياغا ھىرىسمەنلىكىدىن ۋە دۇنيانى ئاخرەتتىن ئەلا بىلگەنلىكتىن يارىدەمسىز تاشلىنىدۇ، خورلىنىدۇ. ئەمما مەنسەپنى سورىماستىن ئۇ كىشىگە بېرىلسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يارىدەم بېرىدۇ. بىر ئىشقا قەسەم قىلىش ياخشىلىقتىن توساپ قالماسلىقى كېرەك، قەسەم قىلغان كىشى ياخشىلىقنى قەسەمنى بۇزۇشتا كۆرسە ئۇنى بۇزۇپ كەپپارەت بېرىپ ياخشى ئىشنى قىلشى كېرەك
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھدىن: «بىلال كېچىدە ئەزان ئېيتىدۇ، سىلەر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى مۇئەززىنى بار بولۇپ، ئۇلار بىلال ئىبنى رەباھ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەما كىشى ئىدى. بىلال بامدات نامىزىغا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتاتتى، چۈنكى بامدات نامىزى كىشىلەر ئۇيقىدىكى ۋاقىتتا ئادا قىلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋېلىشقا ئىھتىياجلىق ئىدى. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى بىلالنىڭ كېچىدە ئەزان ئېيتىدىغانلىقىغا ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى تاڭ يورۇپ، ئىككىنچى مۇئەززىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىشكە بۇيرىدى. چۈنكى ئۇ ئىككىنچى تاڭ يورۇغاندا ئەزان ئېيتاتتى. بۇ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا يىمەك-ئىچمەكتىن توختايدۇ ۋە ناماز ۋاقتى كېرىدۇ، بۇ ئەزان نامازغا خاس. ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا نامازنىڭ ۋاقتى كىرىشتىن ئىلگىرى ئەزان ئېيتىش توغرا ئەمەس. بېرىنچى ئەزان بامدات نامىزى ئۈچۈن كۇپايىمۇ ياكى ناماز ۋاقتى كىرگەندە ئىككىنچى ئەزاننى ئېيتىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىندى، كۆپچىلىك ئالىملار بىرىنچى ئەزان يوللۇق، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىنمايدۇ، - دېگەن قاراشتا
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: مەن بىر كۈنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۆگزىسىگە چىققان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شامغا قاراپ، كەبىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. يەنە بىر رىۋايەتتە: بەيتۇلمەقدىسكە (يەنى؛ ئەقسا مەسچىتىگە) قاراپ، دەپ كەلدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ قىز قېرىندىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسەنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئاندىن ئۇنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئۈستىگە چىققان ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شام تەرەپكە قاراپ قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ھاجەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ گەپنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھاجەت قىلغاندا بەيتۇلمۇقەددەسكە قارىسا بولمايدۇ، دېگەنلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇئەللىپ ئىككىنچى رىۋايەتنى كەلتۈردى، ئۇ: بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ، دېگەن ئىبارەتتۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىدىن يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىغىنىنى كۆرمىدىم» دېدى.
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ھەجەرۇل ئەسۋەد بۇلۇڭى ۋە يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭدىن باشقىنى سىيلىمىغان، كەئبىنىڭ تۆت بۇلۇڭى بولۇپ، شەرىق تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ ئىككى پەزىلىتى بار: 1- ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. 2- ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇ بۇلۇڭدا ئىكەنلىكى. يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنىڭ بىر پەزىلىتى بار، ئۇمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇل ئۈستىدە ئىكەنلىكى. شام ۋە ئىراق تەرەپتىكى بۇلۇڭلارنىڭ بۇنداق پەزىلىتى يوق، بۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قويغان ئۇلدىن چىقىپ كېتىپ، ئۇ ئىككى تەرەپتىن «ھەتىم» كەئبىدىن ئاجرىتىۋېتىلگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سىيلاش ۋە سۆيۈش يولغا قويۇلۇپ، يەمەن تەرەپتىكى بۇلۇڭنى سۆيمەي، سىيلاش يولغا قويۇلغان، قالغان ئىككى بۇلۇڭ ھەققىدە سىيلاش ياكى سۆيۈش يولغا قويۇلمىغان، شەرىئەتنىڭ قۇرۇلمىسى بۇيرىغاننى قىلىپ، يېڭى ئىش ۋە بىدئەت پەيدا قىلماسلىق. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە نۇرغۇن ھېكمەت ۋە سىرلار بار
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبەدەۋى ئەرەبلەرنىڭ قوپاللىق، جاھىللق ئادەتلىرى بار بولۇپ، سەۋەب ئۇلار ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىنى ئۈگىنىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى مەسجىدىدە ساھابىلەر بىلەن ئولتۇرغاندا بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى، ئۇ، بۇ يەرنى سايلىققا ئوخشىتىپ قالغان ئىدى، مەسچىتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا قارىماي ئۇنىڭ قىلغان بۇ قىلىقى ساھابىلەرگە ناھايىتى ئېغىر كەلدى، ئۇلار ئۇنى تەرەت قىلىۋاتقان شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە توسماقچى بولدى، لىكىن بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى بولغان، خوش-بىشارەت ۋە ئاسايىشلىق بىلەن ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى توسماسلىقنى دېدى، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەئرابىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەتتى ۋە مەسچىتنىڭ كۆپ يەرلىرىنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى قويىۋەتكەن، يەنە ئۇنى توسىۋالغان ئەھۋالدا سۈيدۈكىنى توختۇتۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا زىيان يەتمەسلىكنى مەقسەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن نەسىھەت قىلسا ۋە تەلىم بەرسە ياخشى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغان. ساھابىلەرنى نىجاسەت ئورنىنى سۈ بىلەن تازىلىۋىتىشكە بۇيرۇغان ئىدى
ئەنەس ئىبنى سىرىين رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە بىز ئۇنى ئەينى تەمىر دېگەن جايدا كۈتىۋالدۇق، مەن ئۇنىڭ قىبلىنى سول تەرىپىدە قويۇپ ئېشەك ئۈستىدە ناماز ئوقۇغىنىنى كۆرۈپ: قىبلىگە قارىماي ناماز ئوقۇغانلىقىڭنى كۆردۈم، دېدىم، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ماڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەنەس ئىبنى مالىك شامغا كەلگەندە، ئۇنىڭ پەزىلەت ئىگىسى ۋە ئالىم بولغانلىقىدىن كىشىلەر ئۇنى ئالقىشلاپ كۈتىۋالدى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «شامغا كەلگەندە» دەپ كەلگەن، لىكىن بۇ يەردە: شامغا كېلىپ قايتار چاغدا ئۇنى كىشىلەر كۈتىۋالدى، دېگەن مەنىدە. «قايتقاندا» دېگەن سۆز ئېنىق بولغانلىقتىن قىسقارتىلغان، چۈنكى ئۇلار ئەنەس ئىبنى مالىكنى شامدىن كەلگەندە ئۇلار بەسرىدىن ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالغان. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى (ئۇ كۈتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى) ئەنەسنى ئېشەك ئۈستىدە قىبلىنى سول تەرىپىدە قىلىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سورىغاندا، ئەنەس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنىنى كۆرمىگەن بولسا ئۆزىنىڭمۇ قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن، ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتقان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇممۇ ھەبىبە ھەيىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ توغۇرلۇق سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى غۇسلى قىلىشقا بۇيرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن بىر قېتىم غۇسلى قىلىدىغان بولدى. ئۇ يەتتە يىل ھەيىز كېسىلى تارتتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: بىرىڭلار تۇرغۇن سۇغا كىچىك تەرەت قىلمىسۇن، ئاندىن ئۇنىڭدا يۇيۇنمىسۇن. يەنە بىر ھەدىستە: بىرىڭلار جۇنۇب ھالدا تۇرغۇن سۇدا يۇيۇنمىسۇن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاقمايدىغان، توختاق سۇغا كىچىك تەرەت قىلىشتىن توستى، چۈنكى سۈيدۈكتىكى مىكرۇپلار سۇنى بۇلغاپ، ئۇنى ئىشلەتكەن كىشىگە زىيان يېتىدۇ. بەلكى كىچىك تەرەت قىلغۇچى ئۆزى ئىشلىتىپ يۇيۇنىشى مۈمكىن. كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بۇ سۇغا قانداقمۇ كىچىك تەرەت قىلسۇن. يەنى بەدەندىكى كىرلەر بۇ سۇنى بۇلغايدىغانلىقى سەۋەبتىن، رەسۇلۇللاھ توختاق سۇدا يۇيۇنىشتىن چەكلىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، ھەقىقەتەن ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىلارنىڭ ئەڭ ئەگرىسى ئەڭ ئۈستىدىكىدسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن ۋە ئەگەر ئۇنى تاشلاپ قويساڭ ئاشۇنداق ئەگرى تۇرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار. يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئايال كىشى دېگەن قوۋۇرغىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر رۇسلايمەن دىسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانساڭ، شۇ ئەگرىلىكى بىلەن تۇرۇقلۇق پايدىلىنالايسەن». يەنە بىر رىۋايەتتە: « ئايال كىشى دېگەن قوۋۇرغىدىن يارىتىلدى، ئۇ ھەرگىزمۇ بىرخىل يولدا راۋۇرۇس بولالمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانساڭ، شۇ ئەگرىلىكى بىلەن تۇرۇقلۇق پايدىلىنالايسەن، ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئۇنىڭ سۇنغىنى تالاق قىلىنغىنىدۇر
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرۇلۇق خەۋەر بېرپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مېنىڭ سىلەرگە قىلغان بۇ ۋەسىيتىمگە قۇلاق سېلىڭلار!، ئۇ بولسىمۇ: سىلەر ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلار كېرەك». چۈنكى ئاياللار ئەقىل پاراسەتتە، دىندا، تەپەككۇر قىلىشتا ۋە پۈتۈن ئىشلىرىدا كەمچىللىكتىن خالى بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان. ئۇنداق بولىشى ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاتا-ئانىدىن ياراتماستىن، بەلكى ئۇنى توپىدىن ياساپ، ئۇنىڭغا «بول» دېگەن بۇيرۇقنى قىلىپ، ئۇنى پەيدا قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن بۇ مەخلۇقاتنى ئاۋۇتۇشنى ئىرادە قىلغاندا، جۈپتىنى ئۇنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن ياراتتى. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىناي دېسەڭ، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنىسەن، ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، ئۇنى سۇندۇرۇپ قويىسەن. بۇ ئايال كىشىمۇ ئەگەر كىشى پايدىلىناي دەپ قالسا، ئۇنىڭ شۇ ئەگرىلىكى بىلەن پايدىلىنالايدۇ، يەنى ئۇنىڭ قولىدىن كەلگىنىگە رازى بولۇپ ياشايدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دەپ قالسا، ئۇ ھەرگىزمۇ راۋۇرۇس رۇسلانمايدۇ، ئۇ ئادەممۇ ئۇنى ھەرگىز ئۇنداق رۇسلىيالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال گەرچە دىنىدا راۋۇرۇس بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ تەبىئىتىدىكى بەزى تەرەپلىرى رۇسلانمايدۇ، ھەممە ئىشتا يولدىشى خالىغاندەك بولمايدۇ. بەلكى قارشىلىشىش ۋە باشقا يىتەرسىزلىك چوقۇم سادىر بولىدۇ، ئۇنى رۇسلاي دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئۇنىڭ سۇنغىنى تالاق قىلىنغانلىقىدۇر، يەنى، ئەگەر سەن خالىغىنىڭدەك رۇسلىنىشىغا تىرىشساڭ مومكىن بولماي، شۇنىڭ بىلەن زېرىكىپ تالاق قىلىسەن