





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنادىكى چوڭ تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ، شەيتانغا تاش ئاتقانلىقى، ئاندىن مىنادىكى تۇرالغۇسىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلغانلىقى، ئاندىن ساتىراچقا: «چېچىمنى چۈشۈرۈپ قويغىن» دەپ، ئاۋۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، ئاندىن سول تەرىپىنى كۆرسەتكەنلىكى، ئاندىن چېچىنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەيتانغا تاش ئاتتى، قۇربانلىق قىلدى ۋە چېچىنى چۈشۈرگەندە ساتىراچقا بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى تۇتۇپ بەردى، ساتىراچ چۈشۈرگەندىن كىيىن ئەبۇ تەلھە ئەنسارىنى چاقىرىپ، چۈشۈرۈلگەن چېچىنى ئۇنىڭغا بەردى.، ئاندىن سول تەرىپىنى تۇتۇپ بېرىپ: «چۈشۈرگىن» دېدى، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئەبۇ تەلھەگە بېرىپ: «بۇنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگىن» دېدى
مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئىككى ئىسنادتا رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ھېيت كۈنى مىناغا كەلگەندە، شەيتانغا تاش ئاتتى، ئاندىن مىنادىكى چېدىرىغا قايتىپ قۇربانلىق قىلدى، ئاندىن ساتىراچنى چاقىرىپ چېچىنى ئالدۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتىراچقا چاچنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاپ ئېلىشقا بۇيرىدى، ئاندىن ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئوڭ تەرەپتىن ئالدۇرغان چاچلارنىڭ ھەممىنى بەردى، ئاندىن چېچىنىڭ قالغىنىنى ئالدۇردى، يەنە ئەبۇ تەلھەنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئۇ چاچلارنى بېرىپ: «بۇنى كىشىلەرگە تارقىتىپ بەرگىن» دېدى. ئەبۇ تەلھە ئۇنى كىشىلەرگە بۆلۈپ بەردى، بەزى كىشىلەرگە بىر تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئىككى تال چاچ، يەنە بەزىلەرگە ئالالىغىنىچە كۆپرەك تەگدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك چاچلىرىنى كىشىلەر تەۋەرۈك بىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىز-ئەسەرلىرى بولسا توغرا بولىدۇ، ھەمدە بۇ پەقەت رەسۇلۇللاھقىلا خاس بولىدۇ
ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مېنى قۇربانلىق تۆگىنىڭ يىنىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ گۆش-تېرىلىرىنى ۋە توقۇملىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىپ، قاسساپقا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋىدالىشىش ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبمۇ يەمەندىن قۇربانلىق چارۋا ئېلىپ كەلدى، ئۇ كەمبەغەل-مىسكەنلەرگە سەدىقە قىلىنىدىغان بولغاچقا ھەدىيە قىلغۇچىنىڭ بۇ چارۋىلار ياكى ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەر بىلەن ئالماشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى يوق ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلىنى قۇربانلىقنىڭ گۆش-تېرىلىرىدىن قاسساپقا ئىش ھەققى سۈپىتىدە بىر نەرسە بېرىشتىن توستى، ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى گۆش، تىرە ۋە توقۇملىرىدىن باشقا بىر نەرسىدىن بەردى
ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئاڭلىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەينى ۋاقىتتا سەمۇد قەۋمىدىن ئەڭ بەدبەخت ئادىمى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى»، يەنى: ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە نوپۇزلۇق، كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەم ئەسكى ئادەم ئالدىرىغان ئىدى،- دېدى. ئاندىن ئاياللارنى تىلغا ئالدى، ئۇلار ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ: بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ بولۇپ، كېچىسى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇپ قېلىشى مومكىن،- دېدى. بىراۋ ئوسۇرۇپ سالسا كۈلمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىمۇ قىلىپ سالىدىغان ئىشلارغا كۈلمىسۇن، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن خۇتبىنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەمئە ئاڭلىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ خۇتبىسىدە سالىھ ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزە قىلىپ بېرىلگەن تۆگىنى ۋە ئۇ تۆگىنى ئۆلتۈرۋەتكەن كىشىنى تىلغا ئالدى، ئۇ قەۋمنىڭ ئەڭ بەدبەخىت ئادىمى بولۇپ، ئىسمى قۇدار ئىدى. ئۇ: ئوخشىشى كەم تىپىلىدىغان، ئىنتايىن بۇزغۇنچى، قەۋمى ئىچىدە نوپۇزلۇق كىشى ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام خۇتبىسىدە: «بىرىڭلار ئايالىنى قۇلنى قامچىلىغاندەك قامچىلاپ»، دېدى. بۇ ئەدەبلەش يۈزىسىدىن قۇلنى قاتتىق ئۇرۇشنىڭ، ئاياللارنى يىنىك ئۇرۇشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ ھەدىستە: ئايالىنى قاتتىق ئۇرۇپ، ئايالىنى ئۇرغان كېچىسى ياكى كۈندۈزىدە بىرگە بولۇشتەك ئىككى ئىشنىڭ ئەقىللىق كىشىدىن يۈز بېرىشىنى يىراق سانىغان. چۈنكى تۇرمۇشتا ئايال بىلەن بىرگە بولۇش ياكى بىللە يىتىش كۆڭلى تارتىپ، قىزىققاندىلا ياخشى بولىدۇ. قامچىلانغۇچى كۆپىنچە قامچىلىغان ئادەمدىن نەپرەتلىنىدۇ. شۇڭا بۇنىڭ ئەيىپلىنىدىغانلىقى ئىشارە قىلىنغان.ئۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا يىرگىنىش، ئۇرۇشتا ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئەدەپلەشكە سەل قاراش ئىشلىرى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن يىنىك ئەدەپلەش كېرەك. «ئاندىن يەنە ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى»، يەنى يەل قويۇپ بېرىشنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتىن ئاگاھلاندۇردى. چۈنكى بۇ ھۆرمەت دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئادىمىگەرچىلىككە زىت ئىش. رەسۇلۇللاھ بۇنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېگەن: بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزى قىلىدىغان ئىشتىن كۈلىدۇ؟ دېدى. چۈنكى كۈلۈش پەقەت ئەجەبلىنەرلىك، ئالاھىدە ئىشلارغا بولىدۇ، كۈلكىنىڭ تەسىرى ئادەم چىھرىدە نامايەن بولسا تەبەسسۇم بولىدۇ، كۈشلۈك، ئاۋازلىق چىققاندا كۈلكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولسا قاقاھلاپ كۈلۈش بولىدۇ، يەل قويۇپ بېرىش ھەر بىر ئىنساندىن يۈز بېرىدىغان نۇرمال ئىش تۇرۇغلۇق، بۇ ئىش بىرەر كىشىدىن سادىر بولغاندا نېمە ئۈچۈن كۈلىدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىدىكى بىر يولدا ئەبۇ ھۇرەيرە بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئەبۇ ھۇرەيرە: «مەن ئۆزۈمنى نىجىس ساناپ» رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۈچرىشىشتىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم ۋە بېرىپ يۈيۈنۇپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ قەيەردە بولدۇڭ دەپ سورىدى. مەن: جۇنۇب ھالەتتە سىلى بىلەن ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: سۇبھانەللاھ! مۆمىن كىشى نىجىس بولمايدۇ
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن مەدىنىدىكى بىر يولدا ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۇرەيرە جۇنۇبلۇق ھالەتتە ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھنى بەك ھۆرمەتلىگەنلىكتىن بۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ۋە بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنى توغرا كورمىدى. چاندۇرماستىن ئۆيىگە بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن قەيەرگە بارغانلىقىنى سورغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەر بەردى، ناپاك ھالدا رەسۇلۇللاھ بىلەن سورۇنداش بولۇشنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى ناپاك دەپ ئويلىۋالغانلىقىدىن، بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدى، ۋە: مۆمىن كىشى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن ناپاك، نىجىس بولمايدۇ، دېدى
نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ سەپلىرمىزنى تۈزلەيتى، خۇددى يا ئوقىنى تۈزلىگەندەك، سەپنىڭ تۈز بولىشىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەندە بولدى قىلاتتى. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ نامازغا چىقتى ئىچىمىزدىن بىرىمىزنىڭ بىر ئاز ئالدىغا چىقىپ قالغىنىنى كۆردى، شۇ ئان مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانرەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلمىسا، سېپى تۈز بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىللىرىنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋېتىدغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاللاھنىڭ جازاسى نامازدا سەپلەرنى تۈز قىلماي، ئارىلىق قوياپ ناماز ئوقۇغاندىن كىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈگىتەتتى، سەپلەرنى تۈزەشنىڭ مۇھىملىقىنى ساھابىلەر بىلگەنگە قەدەر ھەتتا قولى بىلەن ئۈگىتەتتى. قايسى بىر نامازدا بىر ساھابىنىڭ سەپ ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەندى ۋە دېدى: ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى، ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن بىرىنچى تەشەھھۇدقا ئولتۇرماي تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا جامائەتمۇ ئەگىشىپ قىيامدا تۇردى. پەيغەمبىرىمىز ئىككىنچى ئىككى رەكئەتنى تۈگىتىپ، ئاخىرقى تەشەھھۇدقا ئولتۇرۇپ ئۇنى تۈگىتىۋىدى، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرسا، ئولتۇرغان پېتى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ، خۇددى نامازنىڭ ئىچىدىكى سەجدىدەك ئىككى قېتىم سەجدىگە باردى، ئاندىن سالام بەردى. ئۇ سەجدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاشلىغان تەشەھھۇدنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەھۋەنلىك سەجدىسى ئىدى
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن بالاغەتكە يېتىپ قالغان ۋاقىتلاردا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن، سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتكەندىن كېيىن ئىشەكتىن چۈشۈپ ئۇنى يايلاش ئۈچۈن قويىۋەتتىم ۋە سەپكە قېتىلىپ ناماز ئوقۇدۇم، مېنى ھېچبىرى ئەيىپلىمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە شۇنداق خەۋەر بەرگەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەججى قىلغان يىلى مىنادا تۇرغاندا، ئۇ بىر چىشى ئېشەككە مېنىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تام ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش توسالغۇ يوق ئىدى، ئىبنى ئابباس ئېشەككە مىنگەن ھالدا سەپنىڭ ئالدىدىن بىر ئاز ئۆتۈپ توختىدى، ئاندىن ئېشەكنى قويىۋېتىپ نامازغا ئىقتىدا قىلدى. ئۇ، بۇ ۋاقىتتا بالاغەتكە يېتىپ قالغان ئىدى. يەنى بىرەر شەرىئەتكە زىت ئىش سادىر قىلسا ئەيىپلىنىدىغان، نامازخانلارنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزىدىغان ياشتا ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەردىن بىرەرسى كايىمىدى ۋە ئۇنى ئەيپلىمىدى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى، ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ «رەببەنا لەكەلھەمدۇ» دەيتى. سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئىككىنچى سەجدىگە چۈشكەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن پۈتۈن نامىزى تۈگىگەنگە قەدەر شۇنداق قىلاتتى. ئىككىنچى رەكئەتتە ئولتۇرۇپ قوپقاندىمۇ تەكبىر ئېيتاتتى. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە: مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نامىزى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسللەمنىڭ نامىزىغا ئەڭ ئوخشايدىغان كىشى، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانناماز دېمەك سۆز ۋە ھەركەتلىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش، بۇ ھەدىستە نامازنىڭ شۇئارىنى بايان قىلغان، ئۇ بولسىمۇ بۈيۈكلۈك، كاتتىلىقنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش. شۇئارى ۋە تەبىئىتى بۇ بولغان بىر ئىبادەت پەقەتلا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەتلەش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ. باشلاشتىلا تەكبىر بىلەن تىك ۋە رۇس تۇرغان ھالدا باشلايدۇ، سۇرە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەكبىر بىلەن رۇكۇغا چۈشىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن شۇ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدۇ، سەجدە قىلغاندا يەنە تەكبىر بىلەن قىلىدۇ، سەجدىدىن تۇرغاندىمۇ تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، نامىزىنىڭ قالغىنىدا تۈگكەنگە قەدەر شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ، ئىككى تەشەھھۇدلۇق نامازدا بىرىنچى تەشەھھۇدتىن تۇرغاندا تەكبىر بىلەن تۇرىدۇ، شەرىئەت رۇكۇدىن تۇرۇشتىن باشقا ۋاقىتتىكى ھەر بىر ھەركەتتە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرىدى
ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: جىنازىنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار! چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، سىلەر ئۇنى ئۇ ياخشىلىقىغا يەتكۈزۈپ قويغىنىڭلار تۈزۈك. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، گەدىنىڭلاردىن يامانلىقنى چۈشۈرۈۋېتىسىلەر
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانشەرىئەتنى بېكىتكەن ھېكمەتلىك زات, مېيىتنى دەپنە قىلىشتا ئالدىراشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئېھتىمال؛ بۇ يەردىكى ئالدىراشتىن بولغان مەقسەت، مېيىتنى تەييارلاشتا ئالدىراشتۇر، مەسىلەن: ئۇنى يۇيۇش، نامىزىنى چۈشۈرۈش، كۆتۈرۈپ مېڭىش ۋە دەپنە قىلىش ئىشلىرىدا ئالدىراش. چۈنكى ئۇ مېيىت ئەگەر ياخشى بولغان بولسا، ئۇ ياخشىلىققا ۋە ئۇتۇق قازىنىشقا بارىدۇ. ئۇ، مىنى ئاپىرىڭلار! دەپ تەكرار دەۋاتقان تۇرسا، ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇش لايىق ئەمەستۇر. ئەگەر باشقىچە بولغان بولسا، ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ناچار نەرسىدۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىشىڭلار، ئۇنىڭ جاپاسىدىن ۋە ئۇنى كۆرۈشتىن ئارام ئېلىشىڭلار كېرەك. شۇڭا ئۇنى يەرلىككە قويۇش بىلەن يەڭگىللەڭلار