





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئوھۇد ئۇرۇشى بولغان كۈنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچىسىدا ئىككى دانە ساۋۇت بار ئىدى، ئۇ بىر تاشقا چىقماقچى بولۇپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتى،تەلھە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئوھۇد ئۇرۇشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كاپىرلارنىڭ قىلىچ-نەيزىلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىككى دانە تۆمۈر ئۇرۇش كىيىمى كەيگەن ئىدى، تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىشقا تەمشىلىپ بېقىپ چىقالمىدى، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كىلىپ پەستە ئولتۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا دەسسەپ تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ: «تەلھە قولغا كەلتۈردى» دېدى، يەنى: تەلھەنىڭ ئوھۇد ئۇرۇشى كۈنىدە قىلغان ئەمەلى ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋاجىپ قىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان مەزكۇر ئەمىلى بىلەن جەننەتكە لايىق بولدى
ئەبۇ ئىززتۇل ھۈزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر بەندىسىنى مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ زېمىندا بىر ئېھتىياجىنى قېلىدۇ
تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد تەيالىسىي"مۇسنەد ئەبى داۋۇد تەيالىسى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بىر بەندىنى مەلۇم بىر زېمىندا ۋاپات تاپقۇزۇشنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشى ئۇ يۇرت ئەھلىدىن بولمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن شۇ زېمىندا بىر ئېھتىياجىنى قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن شۇ يەرگە بارىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى شۇ يەردە ۋاپات تاپقۇزىدۇ. ئاللاھ بەندىسىگە نېمىنى تەقدىر قىلغان بولسا، ئۇ ئىش ئاللاھ تەقدىر قىلغان بويىچە بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ۋە تەقدىرىگە ئىشىنىشتىن ئىبارەتتۇر
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنى پەتھى قىلغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ئاگاھ بولۇڭلاركى، جاھىلىيەت دەۋرىدىن قالغان ھەرقانداق قان قىساسى، داۋا قىلىنغان، دىۋىلىنغان «ئۆسۈملۈك» قەرز ۋە شەخسىيەتچىلىك قىلىش ئاياغىم ئاستىدا، پەقەت ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ئىشى، كەئبىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇنىڭدىن سىرىت. ئاندىن يەنە رەسۇلۇللاھ: ئاگاھ بولۇڭلاركى سەھۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېرىم قەستەنلىك، ئۇ بولسىمۇ قامچا ۋە ھاسا بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ دىيىتى يۈز تۆگە، ئۇنىڭدىن قىرىق تۆگە بوغاز بولۇشى كېرەك
ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - دارىمى"سۈنەن دارىمىي"نامرەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنى مۇسۇلمانلارغا شۇنى جاكارلىدى، جاھىلىيەت قالدۇقلىرىدىن پەخىرلىك، ئېسىل-پەزىلەت دەپ قارايدىغان ھەر قانداق ئىشلار ئىتىبارسىز بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بېرىلمەيدۇ. پەقەت ھاجىلارغا سۇ بىرىش ۋە ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قاتارلىق بۇ ئىككى خىزمەت شەرىئەت ئۇنىڭغا ئەجىر-ساۋاب بەلگىلەيدىغان ئىشتۇر، دېدى. ھەرەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش جاھىلىيەتتە ئابدۇددار قەبىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. ھاجىلارغا سۇ بىرىش بەنى ھاشىمنىڭ قولىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى خىزمەتنى ئۆز ئىگىلىرىدە قويدى. رەسۇلۇللاھ ئاندىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى بايان قىلىپ، ئۇ بولسا ئادەتتە، ئادەم ئۆلتۈرگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بىلەن بىر كىشىنى ئۇرسا، قامچا ياكى ھاسا دېگەندەك، شۇ سەۋەبتىن ئۇ كىشى ئۆلۈپ قالسا، قاتىل ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئېغىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. ئۇ دىيەت بولسا يۈز تۆگە، ئۇنىڭ قىرىقى بوغاز تۆگە بولىشى شەرتتۇر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بەرانىڭ قىزى ئۇممۇ رەبىيئى(ئۇ ھارىس ئىبنى سۇراقىنىڭ قىزى ئىدى)پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھارىسە توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن، ئۇ بەدىر ئۇرۇشىدا شەھېت قىلىنغان ئىدى، ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولسا سەۋىر قىلاي، ئەگەر ئۇ باشقا يەردە بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن تازا يىغلاي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى ھارىسەنىڭ ئانىسى! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرىمۇ ھەر خىل، ھەقىقەتەن سېنىڭ بالاڭ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى بولغان پىردەۋىس جەننىتىدە!» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ھارىسە ئىبنى سۇراقە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بەدىر ئۇرۇشىدا كېلىش مەنبىيى ئېنىق بولمىغان ئوق بىلەن شېھىت قىلىنغان ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئوغلىنىڭ شېھىتلەردىن بولماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سورايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوغلى ئۇرۇش مەرىكىسىگە ھازىر بولماستىن مەقسەتسىز ئېتىلغان بىر ئوقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، بۇ ۋەقەلىك ھەدىستىمۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان: ھارىسە بەدىر كۈنىدە كىمنىڭ ئاتقانلىقى ۋە قايسى تەرەپتىن ئېتىلغانلىقى ئېنىق بولمىغان بىر ئوق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىنىڭ رىۋايىتىدە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ھارىسە ئېگىز جايغا چېقىپ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتقاندا ئۇنىڭغا غايىپ ئوق تېگىپ ئۆلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئانىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئۇ جەننەتتە بولۇپ قالسا، ئۇنى يوقىتىپ قويغانغا سەبىر قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ تىلەيمەن، ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈپ شېھىتلىك بىلەن ئۇتۇق قازانغانلىقىدىن خۇرسەن بولىمەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنى باشقا جايدا بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ يىغلايمەن، چۈنكى مەن ئۇنى زىيان تارتتىم ۋە ئۇمۇ ھاياتىنى پايدىسىز زىيانغا ئۇچراتتى». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى ئۇممۇ ھارىسە! جەننەتلەرنىڭ دەرىجىلىرى تۈرلۈك بولىدۇ، بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە ئوچۇق بايان قىلىنىپ: سەن جەننەتنى بىر جەننەت دەپ ئويلامسەن؟ جەننەتلەر كۆپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئالىسى بولغان پىردەۋس جەننەتتە»دەيدۇ. پىردەۋس دېگەن جەننەتلەردىن بولغان خاس بىر جەننەت مەقسەت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «سىلەر ئاللاھدىن جەننەت سورىساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئالىسى، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشى بار، ئۇنىڭدىن باشقا جەننەتلەرگە ئۆستەڭلار ئېقىپ چىقىدۇ» دېگەن. جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسى دېگەنلىك: جەننەتلەرنىڭ ياخشىسى، ئەۋزىلى ۋە كەڭرىسى دېمەكتۇر
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇش ئالدىدا مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسچىت قىلىۋالدى. ئەگەر يۇقارقى ئىشلاردىن ئەندىشە قىلىنمىسا ساھابىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ قەۋرىسىنى ئېگىز قىلاتتى، لېكىن ئۇلار قەبرىنى مەسچىت قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلغان
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى بەندىلىرىگە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئۇ تەۋھىد ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۈممىتىنى شېرىك ئەقىدىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشلاردىن قاتتىق ئاگاھلاندۇراتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھنى ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسىلىدە باققان بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاخىرىقى تېنىقلىرىدا يېنىدا ئىدى. ئائىشە شۇنداق دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ شۇنداق كېسەل ھالىتىدە قەبرىسىنىڭ كېيىنچە مەسچىت قىلىنىپ، ئۈممىتى ئاللاھ تائالانى قويۇپ قەبرىسىگە ئىبادەت قىلشىدىن ئەنسىرىگەن، شۇ سەۋەبتىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا يەھۇدى، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىسىنى مەسچىت قىلىۋالدى. بۇ سۆز بىلەن ئۇلارغا بەد دۇئا قىلدى، ياكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا لەنەت قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ ئىش رەسۇلۇللاھنىڭ ئاخىرىقى ھاياتىدا بولغانلىقتىن ئۇنىڭ مەنسۇخ بولمىغانلىقى ئېنىق. رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى بۇ ئىشتىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار مەقسەتنى چۈشەنگەنلىكتىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك جەسىتىنى ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىغا قويغان ۋە ھېچبىر ساھابە ياكى تابىئىنلارنىڭ ئۇ قەبرىنىڭ يېنىغا كىرىپ ناماز ئوقۇغان ۋە ياكى دۇئا قىلغانلىقى نەقىل قىلىنمىدى. ھەتتا سۈننەت ئورنىغا بىدئەتنى چىقىرىۋالغان، قەبرىلەرنى ئۇلۇغلايدىغان زامانلاردىمۇ بىر بىدئەتچىنىڭ بۇ مۇبارەك قەبرە قېشىغا كېلىپ ناماز ئوقۇشى مۇمكىن بولمايدىغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنىڭ قەبىرىسىنى مۇستەھكەم ئۈچ پاسىل بىلەن ئىبادەت قىلىنىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلاپ قالغان
ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « بىزگە قارشى قورال كۆتۈرگەن كىشى بىزدىن ئەمەس».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇلارنى قورقۇتۇش ياكى مال-مۈلكىنى بۇلاش مەقسىتىدە قۇرال كۆتۈرۈشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، كىمكى ھەقسىزلىك بىلەن شۇنداق قىلىدىكەن، چوڭ گۇناھلاردىن بىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان بولدى، بۇنداق قىلغان كىشى قاتتىق ئازابقا لايىق بولىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغىلى چىققان كىشىنىڭ ناچار گەپ-سۆزلەر، شەھۋانى سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. پىسقى-پۇجۇر دىگەندىن: ئېھراملىق ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەن بولۇپ، بۇ شەكىلدە ھەج قىلغان كىشى خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك مەسۇم ھالەتتە قايتىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ».
مۇسلىم رىۋايىتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق ھازىر بولۇپ ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ كۆڭلى تاماققا مايىل بولۇپ كۆڭلى تارتىۋاتقاندا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىگەن. شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ئەزىيەتنى قىسىش بىلەن مەشغۇل بولغاندا ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن».
بىرلىككە كەلگەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە خۇتبىسىگە ھازىر بولغان كىشى ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان ئەدەپلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ: كۆڭۇل قويۇپ ئولتۇرۇپ خۇتبە تىڭشاش، ۋەز نەسىھەتلەرنى تەپەككۇر قىلىش، ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا باشقىلارغا: جىم تۇرۇڭ، خۇتبە تىڭشاڭ دېگەندەك سۆزنىمۇ قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق قىلغاندا جۇمە نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.