





























Hadeeth Cards
Da'wa cards that highlight great meanings from the noble prophetic hadiths in a simple style and attractive display that helps the Muslim to have a deeper understanding of his religion in an easy way
All
ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ ئەبىل ئاس ئىبنى رەبىئ ئىبنى ئابدۇشەمسدىن بولغان قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى، سەجدە قىلغاندا ئۇنى قويۇپ تۇرۇپ، تۇرغاندا كۆتۈرۈۋالاتتى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەۋرىسى ئۇمامە بىنتى زەينەپنى كۆيۈنگەن ۋە ياخشى كۆرگەنلىكتىن نامازدا كۆتۈرۋالاتتى، قىيامدا تۇرغاندا مۇرىسىدە قوياتتى، رۇكۇ، سەجدە قىلغاندا يەردە قويۇپ قوياتتى
ئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇممۇ ئەتىييە ئەلئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلۇغ ساھابىلەردىن بىرى، ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللمنىڭ ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈرىكى ئاجىز ۋە ھېسسىياتچان، ئەرلەردەك كۆتۈرەشلىك ۋە سەبىرچان ئەمەس، ئاياللار جىنازىغا ئەگىشىپ چىققاندا مېيىتنى كۆتىرەپ مېڭىش ۋە قەبرىسىدە قويۇپ قايتىش ئىشلىرى بۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كىلىدۇ دە ئۇلار نال-پەرياد قىلىپ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. بىراق ئۇممۇ ئەتىييە ئومۇمى ئەھۋالدىن، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ چەكلىمىسى قەتئى ۋە كەسكىن بولمىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭ جىنازىغا ئەگىشىشى ھارام ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن. توغرا كۆز قاراشتا بۇ ئىش چەكلەنگەن. ئىبنى دەقىق ئەلئىيد: ئاياللارنى جىنازىغا ئەگىشىشتىن كەسكىن توسقان مەنىدە كۆپ ھەدىسلەر كەلدى، دېگەن
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر كىشى كەلتۈرۈلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنى ئۇرۇڭلار» دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە مۇنداق دېدى: بىز ئۇنى قولىمىز بىلەن، ئاياقلىرىمىز بىلەن ۋە كىيىملىرىمىز بىلەن ئۇردۇق، ئۇ كىشى قايتىۋاتقاندا بەزى كىشىلەر: ئاللاھ سېنى خار قىلسۇن! دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭغا قارشى شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانھەدىسنىڭ مەنىسى: ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھاراق ئىچكەن بىر كىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇرۇشقا بۇيرىدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنى ئۇردى، بەزىلەر ھېچ قانداق نەرسە ئىشلەتمەستىن پەقەت قولى بىلەن ئۇردى، بەزىلەر ئاياغلىرى بىلەن ئۇردى، بۇمۇ بىر جازادۇر، بەزىلەر كىيىمى بىلەن ئۇردى، ئۇلار ئۇرۇشتا قامچا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن يىگىرمە كىشىنى بۇيرىدى، ھەر بىر كىشى خورما شېخى ۋە ئاياغلىرى بىلەن ئىككىدىن ئۇردى» دېيىلگەن، بۇ ئۇنىڭ جازاسىنىڭ قىرىق قامچا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرغىنى ئەدەپلەش بولۇپ، بۇ ئىمامنىڭ قارىشى بىلەن بولىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇپ بولغاندا بەزىلەر ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سېنى خار قىلسۇن! دەپ خار بولىشىغا دۇئا قىلغان، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا، خار بولۇپ، ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭ قارشىسىدا شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار» دېدى، چۈنكى ئۇلار ئۇ كىشىگە خارلىق تىلەپ دۇئا قىلسا بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ قىلىپ، شەيتان ئۆزىنىڭ كۈتكەن ئارزۇسى، مەقسىتى ۋە تەلىپىگە يەتكەن بولىدۇ. ئاسىيلىق قىلغۇچى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە قاچمايدۇ
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈپ: ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئىش قىلىشنى نىيەت قىلسا، ئۇ ئالدى بىلەن ئىككى رەكەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن! ، ئاندىن دۇئا قىلىپ: ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ ئىلمىڭ بىلەن بۇ ئىشىمنىڭ ياخشى بولىشىنى تىلەيمەن، ماڭا ياخشىلىقنى تەقدىر قىلغىن، ماڭا ياخشى نېمەتلىرىڭنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن، سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمەن، سەن غەيىپنى بىلگۈچىسەن، ئى ئاللاھ! ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلماقچى بولغان ئىشىم دىنىمغا، دۇنيالىق ئىشىمغا ۋە كەلگۈسىگە پايدىلىق بولسا، بۇ ئىشىمدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمغا ئاسانلىق، ئىشلىرىمغا خوشاللىق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىمغا، دۇنيالىق تۇرمۇشۇمغا ۋە كەلگۈسۈمگە ھىچ پايدىسىز بولسا، ئۇ ئىشنى مەندىن يىراق قىلغىن، مېنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلغىن، ياخشى ئىش نەدە بولسا، ئۇ ئىشنى قىلىشقا مېنى نىسىپ قىلغىن، ئاندىن شۇ ئىش بىلەن مېنى رازى قىلغىن» دېسۇن، دەيتتى «ھاجىتىنى دەيدۇ» دېدى
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۈگۈتۈشكە ھېرىس بولغاندەك ئىستىخار نامىزىنىڭ ئوقۇلىشىنى تەلىم بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسەتمە بېرىپ: بىرەر كىشى نەپلە نامازدىن ئىككى رەكەت ئوقۇپ، سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى ئىش ياكى بىر قانچە ئىشتىن بىرىنى تاللاشتا ئاللاھدىن قەلبىنى ئوچۇق قىلىشىنى تىلەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر،چۈنكى ئىككى ياكى ئىشلارنىڭ ياخشىلىقىنى پەقەت شۇ ئىشنى بىلگۈچى زات قورشاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككى ئىشنىڭ ياخشىراقىنى تەقدىر قىلىشنى ئاللاھدىن سورايدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ئالاقىدار بولىشى مۇمكىن بولغان، ئىنسان قادىر بولالمايدىغان ھەرقانداق ئىشنى تەقدىر قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا چوڭ - كىچىك ھەرقانداق ئىشنى بىلىدۇ، بۇنى پەقەت شۇ ئىشلارنى بىلگۈچى زاتلا بىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن زەررە مىقدارى نەرسە غايىپ بولمايدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالادىن ئىنسان ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە ياخشى بولىدىغانلىقى، دىن ۋە دۇنيالىق تەرەپتىن زىيىنى بولمايدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىگە تەقدىر قىلىشنى ۋە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا زىيىنى بولىدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئۆزىدىن يىراق قىلىشنى ۋە ئۆزىنىمۇ ئۇ ئىشتىن يىراق قىلىشنى، ياخشى ئىش نەدە بولسا شۇنى تەقدىر قىلىشنى ئاندىن شۇ ئىش بىلەن ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە، ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇشنى سورايدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرنىڭ بېشىدا يىغلاۋاتقان بىر ئايالنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ، ئۇ ئايالغا: «ئاللاھدىن قورقۇڭ، سەۋرى قىلىڭ» دېدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇماي: مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ماڭا كەلگەن مۇسىبەت سىزگە كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئۇ ئايالغا: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىدى،- دېيىلگەندىن كىيىن ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېشىكى ئالدىغا كەلدى، ئۇ يەردە قاراۋۇللارنى ئۇچراتماي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېرىپ: مەن سىلىنى تونىماپتىمەن،- دەپ ئۆزرى ئېيتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەۋرى قىلىش، مۇسىبەتكە تۈنجى ئۇچرىغاندا بولىدۇ» دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇ ئايال كېچىك بالىسىغا يىغلاۋاتقان ئىدى،- دېيىلگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈپ قالغان كىچىك بالىسىنىڭ قەبرىسى بېشىدىكى بىر ئايالنىڭ يېنىدىن ئۆتتى، ئايال بالىسىنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن، ئۆزىنى تۇتالماي بالىسىنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىغا يىغلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرگەندە ئاللاھدىن قورقۇشقا ۋە سەۋر قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ: مەندىن يىراق بولۇڭ، سىزگە ماڭا ئوخشاش مۇسىبەت كەلمىدى،- دېدى، كېيىن ئايالغا: ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى،- دېيىلگەندە، ئۇ پۇشايمان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىكنىڭ يېنىدا كىشىلەرنى ئۆيگە كېرىشتىن توسىدىغان ئىشىك باقارلارمۇ يوق ئىدى، ئۇ ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەھۋالنى ئېيتىپ: مەن سىلىنى تونۇماپتىمەن،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئىنسان ساۋاپقا ئېرىشىدىغان سەۋىرچانلىق مۇسىبەتنىڭ بېشىدا قىلغان سەۋرىسىدۇر» دېدى
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە: بىلال ئەزاننى جۇپ، تەكبىرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىلدى، دېگەن
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانبۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەزاننى ئىككى قېتىمدىن ئوقۇشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ ئەزان يىراقتىكىلەرگە ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپتىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دىن باشقا ئىبارىلىرى ئىككى قېتىمدىن دىيىلىدۇ، باشتىكى تەكبىر « ئاللاھۇ ئەكبەر»نى تۆرت قېتىم، تەۋھىد سۆزىنى بىر قېتىم دېيىش سەھىھ ھەدىستە كەلگەن، يەنە بىلالنى ناماز ئالدىدىكى تەكبىرلەرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇ يېنىدا بار كىشىلەرگە قارىتىلغان، تەكبىردە «ئاللاھۇ ئەكبەر، قەد قامەتىسسالا» ئىبارىسى ئىككى قېتىمدىن دېيىلىدۇ
ئەنەس رەزىيەللاھ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مۇلەيكە تاماق تەييارلاپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىرغان، رەسۇلۇللاھ تاماقنى يەپ بولۇپ: تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي، دېدى. ئەنەس مۇنداق دەيدۇ: ئۇزۇن ئىشلەتكەنلىكتىن قارىداپ كەتكەن بىر بورىمىز بار ئىدى. مەن ئۇ بورىغا سۇ سېپىۋىتىپ كەلتۈردۈم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇردى، مەن يەنە بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا سەپ بولۇپ تۇردۇق، مۇماي بىزنىڭ كەينىمىزدە تۇردى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ بىزگە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى، ئاندىن قايتىپ كەتتى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنەس ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن، ئەنەس: رەسۇلۇللاھ مېنى ئوڭ يېنىدا، ئۇ ئايالنى ئارقىمىزدا تۇرغۇزدى، دېگەن
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانمۇلەيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تاماق قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىردى، ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بۈيۈك ئەخلاق ۋە ئىسىل تەبىئەتلىك ياراتقان، جۈملىدىن ئۇ رەسۇلۇللاھ تولىمۇ كەمتەر ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئورنىنىڭ چوڭلۇقى ۋە شەرەپلىكىگە قارىماي چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، باي-كەمبەغەللەرنىڭ چاقىرغان يېرىگە باراتتى، رەسۇلۇللاھ بۇنىڭ بىلەن ئاجىز-بىچارىلەرنىڭ قەلبىگە ئۈمىت بېغىشلاش، يوقسۇللارغا كەمتەر بولۇش، نادانلارغا تەلىم-تەربىيە بىرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتلەرنى ۋە يۈكسەك نىشانلارنى ئارزۇ قىلىپ ئۇ ئايالنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشتى ۋە ئۆيىگە كېلىپ تامىقىدىن يېدى. ئاندىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چوڭلار سورۇنىغا باراممايدىغان بۇ ئاجىزلارغا ناماز ھەققىدە تەلىم بىرىشنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىدىن ئوگۈنۈۋېلىشى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ بەرمەكچى بولغاندا، ئەنەس ئۇزۇن تۇرغانلىق ۋە ئىشلەتكەنلىكتىن كونىراپ قارىداپ كەتكەن بىر تال بورىنى يۇيۇپ ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇ بورىنىڭ ئۈستىدە تۇردى، ئەنەس بىلەن بىر يىتىم بالا رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىدا سەپ بولۇپ تۇردى، زىياپەت ئىگىسى بولغان بۇ ئايال ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئۇ ئىككى بالىنىڭ كەينىدە سەپ بولۇپ تۇردى، رەسۇلۇللاھ ئىمام بولۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەئۋەت ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ رەسۇلۇللاھقا رەھمەتلىرىنى ياغدۇرسۇن ۋە بىزلەرنى ئۇنىڭ ئىش-ھەركەت ۋە ئەخلاقىغا ئەگىشىپ مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن!
ئەبدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە «ئاللاھنىڭ چۆرىلىرىنى مەسچىتلىرىدىن چەكلىمەڭلار» دېگەن
ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: بىرىڭلارنىڭ ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسا ئۇنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسمىسۇن، مەسچىتتكى جامائەت ساۋابىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، دېگەن. بۇ ھەدىستە ئاياللارنىڭ نامازنى مەسچىتتە ئوقۇشى دۇرۇس ئىكەنلىكى چىقىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىلىرىدىن بىرى بۇ ھەدىس بايان قىلىنغان سورۇندا بار بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدىكىن ھازىرقى زاماندىكى ئاياللارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇلارنى توسۇش كېرەك دەپ قارىغان ئىدى، شەرىئەتكە ئىتراز بىلدۈرۈش نوقتىسىدىن ئەمەس بەلكى ئاياللارغا بولغان كۈندەشلىك ئۇنى «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ئۇلارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز» دېيىشكە ئېلىپ باردى، دادىسى ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالمنىڭ ھەدىسىگە قارشى تۇرغانلىق دەپ چۈشەندى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قوغداش ئۈچۈن بالىسىنى ئېغىر تىللار بىلەن تىللىدى ۋە مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى دېسەم، سەن يەنە توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەبى تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيىم رەسۇلۇللەھنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق سورىدى: ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دېۋىدى رەسۇلۇللاھ: ئەگەر مەنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ، دېدى
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغانئۇممۇ سۇلەيم ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن بىر مەسىلىنى سوراش ئۈچۈن كەلدى، سوئالى ئادەتتە ھايا قىلنىدىغان، ئەۋرەتكە چېتىشلىق بولغاچقا ۋە سورۇندىكىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا يېنىك بولسۇن ئۈچۈن سوئالىدىن ئىلگىرى بىر-ئىككى جۇملىنى مۇقەددىمە قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەق بولغان ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پايدىلىق ئىشلاردا ھايا قىلغانلىقتىن ھەقىقەت مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، ئۇممۇ سۇلەيىم سوئالىنى سىيلىقلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل سوئالىنى باشلىدى ۋە دېدى: ئايال كىشى چۈشىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ چۇشىسە ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، ئويغانغاندا شەھۋەت بىلەن كەلگەن مەنىنى كۆرسە غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، دېدى